كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان گۆشلەر ۋە ئۇلارنىڭ رولىنى بىلەمسىز؟
توخۇ گۆشى
تەبئىتى:مىكىياننىڭ گۆشى ئىسسىققا مايىل مۆتىدىل،خورازنىڭ قۇرۇق ئىسسىق. خورازنىڭ گۆشىگە قارىغاندا مېكىياننىڭ ياخشىراق
تەركىبى:ھەر 100 گرام توخو گۆشى تەركىبىدە 74 گىرام سۇ، 23.3 گرام ئاقسىل،1.2 گرام ياغ، 11 مىللىگرام كالتسىي،190 مىللىگىرام فوسفۇر، 1.5 مىللىگىرام تۆمۈر، 0.03 مىللىگىرام مېتامىن ب بىر، 0.09مىللىگىرام ۋىيامىن ب ئىككى، 8 مىللىگىرام ۋېتامىنPP قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ۋىتامىن A،C،E لار ۋە نۇرغۇن مىكرو ئېلىمېنىتلار بار، توخۇ گۆشىدە قەنت تەركىبى يوق.100 گىرام توخو گۆشىدىن 104 كىلوكالورىيە ئېنىرگىيە(قۇۋەت) ھاسىل بولىدۇ.
خۇسۇسىيتى:ئۇمۇمەن توخۇ گۆشى يەڭگىل، سىڭىشلىق بۇلۇپ، ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى . يېڭى قان پەيدا قىلىش، قۇۋۋەت بۇلۇش، يۈرەك،مىڭە، ئاشقازان، جىگەر قاتارلىق رەئىس ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، بەدەننىڭ ئىممونىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، باھنى قۇۋەتلەش،چىرايىنى، ئاۋازنى ياخشىلاش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. توخو گۆشى قان بېسىمى يۇقۇرى ۋە قاندا ماي ماددىسى يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ.
قوي گوشى
تەبئىتى: ئەركەك قوينىڭ ھۆل ئىسسىق، ساغلىقنىڭ قۇرۇق ئىسسىق، قوچقارنىڭ قۇرۇق ئىسسىق.
تەركىبى:قوينىڭ سورتى، يېشى، جىنسى، بېقىلىش ئەھۋالى يەنى يەم-خەشىكى، بېقىلىدىغان رايۇننىڭ شارائىتى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ تەركىبىدىكى ئاساسلىق ماددىلار مىقدارىدا پەرىقلەر بولىدۇ. شۇنداقلا ، قوينىڭ ھەر قايسى قىسمىدىكى گۆشنىڭ تەركىبىدىمۇ پەرقلەر بولىدۇ.ئۇمۇملاشتۇرۇلغاندا،ھەر 100 گرام قوي گۆشىدە(قارا گۆشتە) 68.9 گرام سۇ، 18.5 گرام ئاقسىل، 4.8 گرام ماي، 2 گرام كاربون سۇ بىرىكمىلىرى،173 مىللىگىرام خولېستېرىن، 15 مىللىگرام كالتسىي، 168 مىللىگرام فوسفور ،9 مىللىگرام ماگنىي، 3 مىللىگرام تۆمۈر، 108 مىللىگىرام كالىي، 2.14 مىللىگىرام سىنىك ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋىتامىن ، ۋە ۋىتامىن قاتارلىقلار بار .
خۇسۇسىيىتى:قوي گۆشىنىڭ مۇسكۇل تالالىرى ئىنچىكە ھەم يۇمران بۇلۇپ، ئوڭاي ھەزىم بۇلىدۇ. ياخشى قان ھاسىل قىلىپ، بەدەننى سەمرىتىدۇ. تەبئىي ھارارەتنى ئاشۇرىدۇ، باھنى قۇۋەتلەيدۇ. قوي گۆشى ئادەمنىڭ بەدەن سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: قان بېسىمى يۇقىرى، قاندا مېيى ئارتىپ كەتكەن كىىشلەر سېمىز قوي گۆشىدىن پەرھىز قىلغىنى ياخشى.
كالا گۆشى
تەبئىتى: قۇرۇق سوغوق (موزاي گۆشى مۆتىدىل)
تەركىبى:كالىنىڭ سورتى، يېشى، جىنسى، بېقىش ئەھۋالى يەنى يەمـخەشىكى، بېقىلغان رايۇننىڭ شارائىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تەركىبىدىكى ئاساسلىق ماددىلار مىقدارىدا پەرق بولىدۇ. شۇنداقلا كالىنىڭ ھەر قايسى قىسىمدىكى گۆشلەرنىڭ تەركىبىدىمۇ پەرق بولىدۇ. ئۇمۇملاشتۇرغاندا، ھەر 100 گرام كالا گۆشىدە(قارا گۆشتە)74.9 گرام سۇ،20.9 گرام ئاقسىل، 2 گرام ماي، 74 مىللىگرام خولېستېرىن،5 مىللىگىرام كالتسي، 210 مىللىگىرام فوسفور، 21 مىللىگىرام ماگنىي، 3.3 مىللىگىرام تۆمۈر، 197 مىللىگىرام كالىي قاتارلىقلار بار
خۇسۇسىيىتى:كالا گۆشى ئىستىمال قىلىنىدىغان گۆشلەر ئىچىدە قۇۋۋىتى ھەممىدىن كۈچلۈك گۆش بۇلۇپ، خەلقئارادا ئاساسلىق ئىستىمال قىلىنىدىغان گۆش ھېسابلىنىدۇ. كالا گۆشى بەدەننى كۈچۈيتىدۇ، مەيدىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.كالا گۆشىنىڭ مۇسكۇل تالالىرى يرىك بۇلۇپ، ئوڭاي ھەزىم بولمايدۇ. شۇڭا ياشانغانلارنىڭ، ئاشقازىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. قېرى كالا، بۇلۇپمۇ قېرى ئىنەك گۆشى يەل پەيدا قىلىدۇ. بۇ خىل گۆشنى پىشۇرغاندا مەلۇم مىقداردا زەنجىۋىل، شاكال بەدىيان، زەنجىۋىل قاتارلىق دورا-دەرمەكلەرنى سېلىۋەتسە يۇمساق ھەم تەملىك پىشىدۇ، يەل پەيدا قىلىش تەسىرى كېسىلىدۇ،كالا سۇيۇلۇپ ئالتە سائەتتىن كېيىن پىشۇرسا گۆشى يۇمشاق پىشىدۇ.
مەنبە: توردىن ساقلىغان