دورامچىلىق
(نەسىر)
ۋاڭ گوجېن
دورامچىلىق ئىجادىيەتنىڭ دەسلەپكى قەدىمى، شۇنداقلا بىر قەدەر ئاسان باسقۇچىدۇر. ئەمما مۇشۇ باسقۇچتىن ھەقىقى بۆسۈپ ئۆتۈش-ئۆتەلمەسلىك ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن كارامەت ئىگىلىرىنىڭ چەك-چېگرىسى ھېسابلىنىدۇ .
دورامچىلىقنى ياقتۇرۇش- ئانچە پىشىپ يېتىلمىگەنلىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، پىشىپ يېتىلگەنلىكنى دوراش ئەكسىچە كىشىنى تېخىمۇ گۆدەكلىككە باشلاپ بارىدۇ.
ئادەتتىكى كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارنى دوراپ ياشايدۇ، كارامەت ئىگىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆرنەك قىلىنىدۇ. شەكلەن دوراش يالغاننى راست قىلىۋېتەلەيدۇ. ئىلگىرى چارلىز چاپلىننى دوراش مۇسابىقىسى دېيىلىدىغان بىر خىل مۇسابىقە بار ئىدى، نەتىجىدە، ھەقىقى چاپلىنمۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ ئىشتىراكچىسى بولالمىغىلى تاسلا قالغان. ھالبۇكى ئىدىيەنى دورىغىلى بولمايدۇ، خۇددى ئىمپېرا
تور پېتىر ئېيتقاندەك: «ۋولتېرنىڭ ئۆزىدىن باشقىلار ئۇنى دورىيالمايدۇ».
باشقىلارنىڭ دېگىنىنى دېيىشمۇ بىر خىل دوراش، ئەمما ئەھمىيەتسىز دوراشتۇر. سىز بىر كىشىنىڭ سۆز ھەرىكىتىنى دورىيالىشىڭىز مۇمكىنكى ، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ خۇلق-خاراكتېرىنى دورىيالمايسىز. سىز بىرسىنىڭ قىياپىتىنى دورىيالىشىڭىز مۇمكىن ، ئەمما ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىنى دورىيالمايسىز. سىز باشقىلاردەك ياسىنىپ تارانغاندەك قىلسىڭىزمۇ، لېكىن ئۇلاردەك سالاپەتكە ئېرىشەلمەيسىز.
دوراش ئادەمدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلالايدۇ، ئەمما كىشىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىۋېتەلمەيدۇ، ئادەمنىڭ تەلتۆكۈس ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە زامانغا باغلىق بولىدۇ.
دورامچىلىق ھەمىشە مۇۋەپپەقىيەتكە ئۇلىشىدىغان ئاسان يول بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى: سىز جەزمەن دورامچىلىقنىڭ پاتقىقىدىن يامىشىپ چىقالىشىڭىز كېرەك.
ئادەتتىكى كىشىلەر مۇنەۋۋەر شەخسلەرنى دورايدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلار ناھايىتى ئازادە ۋە راھەت ياشايدۇ. مۇنەۋۋەر كىشىلەر باشقىلارنى دوراشقا ئامالسىز قالىدۇ-دە، ئۇلار ياشاشتا ناھايىتى ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. يېڭىدىن يول ئېچىش بىلەن ئاللىقاچان ئېچىلغان يولدا مېڭىشتىن كېلىدىغان تەسىرات ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمايدۇ.
تۇرمۇش جەريانىدا ھەممىلا كىشىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى ياكى ھەرقانداق چاغدا يېڭىلىق يارىتىشى مۇمكىن بولمىغان ئىكەن، ئۇنداقتا دوراشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ، مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، دوراش بىزگە يۈكسەكلىك ۋە ئىچكى باياشاتلىق ئاتا قىلالايدۇ، تېخىمۇ رەڭدار تۇرمۇش بەرپا قىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.
«يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ 2011-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.