خەير دەپ...............
خەيىر-خوش مەن كەتتىم قىرغاق ياقىلاپ،
ئامان بول سەن قالدىڭ شاۋقۇنغا چۆكۈپ.
مىھرىمىز دېڭىزغا تاشلاندى تۈگەل،
كۆزۈڭدە زىمىستان كەلمەكتە مۈكۈپ.
ئۇپقۇنلۇق دېڭىزنىڭ چەكسىز ساھىلى ،
خۇرسىنىپ ئارقامدىن باقماقتا خىرە.
يەلكەمگە ئۇرۇلغان سوغۇق شامالدىن ،
يۈرۈگۈم يارلىنىپ بولماقتا زېدە.
يامغۇرمۇ ،كۆزۈمدىن چۈشكەن ياشمۇ-ئۇ؟
ئاستىمدا چىغىر يول قالدى ھارغىنىپ
قەدىمىم ئىز سالغان گۈلگۈن تەبىئەت،
رەڭگىمدىن رەڭ ئېلىپ كەتتى سارغىيىپ.
ئاق ئەتىر بەرگىدىن ئاققاندا شەبنەم ،
سۈبھىگە خيالچان سالىمەن نەزەر.
كېپەنلىك ئىبەرتىپ يۈرۈپسەن رەھمەت،
سەن كۆركەم زىبا قىز رەزىل نەقەدەر.
تەئەججۈپ ئىلكىدە تىڭىرقىغان ئوي،
خىلۋەتلىك كۆلبەمدە كۆتەردى قىقاس.
پىشانەم ئوڭدىنكەن كۈنلىرىم تەكرار،
ياشاۋەر سېنىڭدىن ئالمايمەن قىساس.
ئۆرىككەك گۈزىلىم ئۆلۈك ھىسياتتا،
قۇچاقلاپ سۆيمەككە ئەمدى يوق پۇرسەت.
لېۋىڭنى تامشىتىپ قالارسەن تاڭدا،
قەلبىڭنى ئەزگەندە ناتونۇش ھەسرەت.
ئاھ-!مەنمۇ بىر يۇلتۇز تۇندە ساقىغان،
قەلبىمنى خورلانغان ھىسلار ئوراقلىق.
سەن بىر كۈز مەن ئۈچۈن جۇدۇن ئۆرلىگەن،
ئوپۇقى قىزارماس تېڭى تۇمانلىق.
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن
(كونا خاتىرىلەردىن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-9 04:07 PM