|
|
|
|
يىگىت:ماڭا ياتلىق بولامسىز؟
قىز:ئۆيىڭىز بارمۇ؟
يىگىت:ئىجارە ئالغان ئۆي....
قىز:ماشنىڭىز بارمۇ؟
يىگىت:ۋېلىسپىتىم بار....
قىز:قانچىلىك مائاش ئالىسىز؟
يىگىت:يىلدا 20 نەچچە مىڭ سوم....
قىز:ۋاي بىچارە ...مۇشۇ ھالىڭىزغا ماڭا توي تەكلىپى قۇيۋاتامسىز؟
يىگىت:مەن سىزگە ئاشىق....
قىز :سىز ماڭا قانچىلىك ئاشىق ،ئاشىقلىقىڭىز قانچىلىك؟
يىگىت:نىمانداق گەپ قىلىسىز؟ سىزنى ياخشى كۆرگەچكە شۇنداق قىلدىم.....
قىز:ياخشى كۆرۈشنى تاماق ئورنىدا يېگىلى بولامدۇ؟
يىگىت بوينىغىچە قىزارغان ھالدا گەپمۇ قىلماي كېتىپ قاپتۇ،ئەمما ئۇ شۇ قىز بىلەن توي قىلىش ئىرادىسىدىن قەتئىي بوشاشماي ،ئىككى يىل تىرىشىپ مىليونېرغا ئايلىنىپتۇ ھەمدە قىزنى ئىزدەپ كەپتۇ.
يىگىت: سىزنى ئالاي....
قىز:ئۆيىڭىز بارمۇ؟
يىگىت:بار ،دېڭىز بويىدىكى داچا شۇ.
قىز : ماشنىڭىز بارمۇ؟
يىگىت : بار.
قىز: قانچىلىك مائاش ئالىسىز؟
يىگىت:مەن مائاش ئالمايمەن،بەلكى باشقىلارغا مائاش تارقىتىمەن .
قىز : ئۇنداقتا سىزگە ياتلىق بۇلاي.....
شۇنداق قىلىپ ئىككىسى توي قىپتۇ،بىراق قىز توي قىلىپ 10 يىلغىچە ئېرىنىڭ ‹‹سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزنى سۆيىمەن›› دېگەنلىكىنى ئەسلىيەلمەپتۇ .بىر كۈنى ئويلىمىغان بىر ئىش بوپتۇ.
ئەر:ئاجىرىشايلى؟
ئايال:نىمە دەيسىز؟
ئەر:ئاجىرشايلى ،باشقا بىرسىنى تاپتىم،سەن ئۇنىڭدەك ياخشى ئەمەس ھەم ئۇنچىلىكمۇ چىرايلىق ئەمەس.
ئايال:نىمىلا بولمىسۇن ، مەن سىزنىڭ ئايالىڭىزغۇ.
ئەر:ئۇنداق ئەمەس، سەن پۇلۇمنىڭ،ماشنامنىڭ،داچامنىڭ ئايالى!مەندە مۇشۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭا ياتلىق بولغىنىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟
ئايال:مېنى ياخشى كۆرسىزغۇ!تويدىن بۇرۇن ماڭا شۇنداق دېگەن.
ئەر:شۇنداق.سېنى بۇرۇن ھەقىقەتەن ياخشى كۆرەتتىم ،لېكىن ئۇ چاغدا سەن ماڭا ياتلىق بۇلۇشقا قۇشۇلمىغان ،سەن ماڭا ياتلىق بۇلۇشقا قۇشۇلغاندا ،ساڭا ئۇنداق دېمىگەن.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
|
|
|
|
|
|
|