*
تاققا - تۇققا ئىلمىي خىياللار
ئاپتورى : قەلەمىي
(1)
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلاپ ئۆتمەكتە . كۈن چىقتى دەپ تۇرساق بىردەمدە كەچ بولغان ، دۈشەنبە دەپ تۇرساق بىردەمدە جۈمە بولغان ،تۇرمۇش رېتىمىنىڭ تىزلىكىدىنمۇ ،ياكى كۈنلەرنىڭ بەركىتى قالمايۋاتامدۇ ،ئەيتاۋۇر ،تىز-تىز ئۆتۈۋاتقان كۈنلەر ئايلارنىمۇ ،يىللارنىمۇ تىز -تىز يېڭلاپ ماڭماقتا . ھاياتلىق مۇساپىمىزنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكى بىر سىر بولسىمۇ ،ئەھمىيەتلىك ئىزلارنى قالدۇرۇپ مەنە گۈللىرى بىلەن پۈركەش ھەر بىرەيلەننىڭ ئالىي مەقسىتى ،يۈكسەك مەسئۇليىتى ئىدى . ئەمما مۇشۇ مەسئۇليەتنى ئارىمىزدىكى قانچەيلەن تونۇپ يېتۋاتقاندىمىز ؟
(2)
ئادەم تەبئىتى شەخسىيەتچىلىكمۇ ؟ ئەلۋەتتە شەخشىيەتچىلىك دەپ جاۋاب بېرشىڭىز مۇمكىن . جاۋابىڭىز كۆز قارچۇقىدىڭىزدىكى مەنپەئەت نۇقتىسدىن توغرىدەك قىلسىمۇ ،تۈپ ماھىيتىدىن ئېيتقاندا ئادەم تەبئىتى ئۆزى ھەم باشقىلار ئۈچۈن ياشاش . ئاتا -ئانىڭىزنىڭ سىز ئۈچۈن ياشاپ جۈدىشى ،ھەتتا ئالەمدىن كتېشى دەل بۇنىڭ ئاددىي مىسالى . سىز ھەرقانچە ئۆزۈم ئۈچۈم ياشايمەن دەپ چۇقان سالسىڭىزمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەبئىيلا باشقىلار ئۈچۈن
ياشاپ قالىسىز . بىر مەندىن ئېيتقاندا باشقىلار ئۈچۈن ياشاشمۇ جۈملىدىن باشقىلار ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرىشمۇ ھايات مەنالىرىنىڭ بىر ئىپادىسى . بۇنى بىلمىگەن ،ئۆزۈم ئۈچۈنلا دەپ جار سالغان ئادەم يىگەن ئىچكىنى چىرايىغا چىقماي ، ئىچ- ئىچىدىن چوۋۇلۇپ تىزلا يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكۈسى .
(3)
ئاۋات رەستىلەرنىڭ دوقمۇشلىرىدا نىملەرنىدۇر دەپ ئۆزىنىڭ بىچارە ھالتىنى نامايان قىلۋاتقان جاھان ساھىللىرىنى
كۆرگىنىڭىزدە ئەڭ ئەرزان بىر قاپ تاماكىڭىزنىڭ مەرىدىن كېچىپ ئۈچ -تۆت يۈەن بولسىمۇ غەلۋىرىگە تاشلاپ قويۇڭ . ھېچ بولمىسا ئاغزىڭىزنى ئاۋارە قىلىپ چايناۋاتقان پوپوتارىڭىزنىڭ پۇلنى بولسىمۇ بېرۋېتىڭ . نەزىرىڭىزدە
ئۇلار مەيلى راسىت بىچارە ياكى بولمىسۇن قەھرىتان سوغۇقتا ،تومۇز ئىسسىقتا ،غۇر-غۇر شامالدا ،بوران -يامغۇردا ،
ياۋۇز شىۋىرغاندا ،جاپا تارتىپ ئۆز رىسقىنى تىلەۋاتقانلاردۇ ر. بەلكىم بىر نەچچە كوي ،ياكى بىر نەچچە موچەن
بېرىۋەتكەنگە ئۈچەيلىرىڭىزدىن تۈتۈن ،ئۆپكىڭىزدىن قان چىقماس . (چۈشۈپ قالسىمۇ ئەلەكموللا دەيتىڭىزغۇ )
ئەمما بالا -قازا كۆتۈرلۈپ كېتە دەپ ئۇلاغا ئاپەت تىلمەڭ ، ئاللاھىم ،ساۋابىنى بەرگىن . مۇشۇ مۇئمىنلەرنىڭ ھالىغا يەتكىن دەڭ .
(4)
يات جىنىسلار نىڭ ئۆز ئارا تەلپۈنشى ،ئىنتىلشى - بالاغەتكە يەتكەنلەر ئارىسدا تەبئىي بولۇپ تۇرىدىغان ئومۇميەت خاراكتىرلىك ئىش .
قىزلارنىڭ جەلىپكارلىقىغا ، ئوماقلىقىغا ،تاتلىق ئاۋازىغا ،كۈلكىسىگە جور بولىۋاتقان ئەخلاق ھەم ھايادىن
ئۇرغۇۋاتقان لاتاپەت ۋە نازاكىتى بىر قارشىدىنلا يىگىتلەرنىڭ ھارغىنلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ سۇمبۇل چاچلىرى ئارىسدا
ساياھەت قىلدۇرسا ،يىگىتلەرنىڭ كېلىشكەن قەددىي قامىتى ئەڭ مۇھىمى مەسئۇليەتچانلىقى ،ئۆتكۈر ۋە سەزگۈرلۈكى
قىزلارنىڭمۇ ئىختىيارسىز ئۈچەي باغرىنى كاۋاپ قىلۋېىتىدۇ .
قىز - يىگىتلەرنىڭ كۆزلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغاندا ئۆز ئارا تەلپۈنۈش شەكىللەنسە ھەر ئىككىلى تەرەپ خىيالەن تەبئىي بىرىكىپ كېتىدۇ . ئۆز ئارا بىر-بىرىنىڭ قۇچاقلىرىغا ئۆزلىرىنى ئاتماقچى ،قېنىپ -قېنىپ سۆيۈشمەكچى بولدىيۇ ،ئەخلاق ھەم ھايانىڭ ئىسكەنجىسدە ئۆزلىرىنى كونتىرول قىلۋالىدۇ . ئەخلاق ھايانى چەتكە قايرىۋەتكەنلەرنىڭ ئېڭىزلىقتىكى ئېشەكتىن پەرقى يوق
مەسئۇليەت ،ئەخلاق ھايانىڭ كۈچى ئۇنتۇلغاندا مۇھەببەتلىشۋاتقان قىز -يىگىتلەرنىڭ قىلىقلىرى ھايۋان خۇيىنى
ئالغان بولىدۇ .ئۇلاردا نۇمۇس دىگەندىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ .
بىزنىڭ سۆزىمىزچە توي قىلمىغان قىزلار ھەقىقىي ئەخلاقلىق - نازاكەتلىك بولسا يىگىتلەرنىڭ ئۆزى تۇرماق سايىسغىمۇ تىكلىپ قاراشتىن ئەيمىنىدۇ . بىراق قىسمەن قىزلىرىمىز ھازىر تىكلىپ قاراشتىن ئەيمىنىش تۈگۈل كۆزىدىن كىرىپ يۈرىكىدە ئوت قالايدىغان ،ھەتتا يىگىتلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ بۇرنىدىن يېتلەيدىغان بولۇپ كەتتى .
ئاڭلىسام ھازىر بەزى قىزلار تاقەت قىلالماي يىگىتلەرگە تەلەپ قويارمىش .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-9 07:30 AM