ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار:
ئاللاھ ھەربىر ئىلىم ئىزدىگۈچىلەرگە ھىدايەت بەرسۇن!
مىنىڭ بۇ يازمام دۆلىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئالىي بىلىم يۇرىتلىرىدا ھاياتلىق ئىلمى (生命科学) بويىچە دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتى ھەققىدە بولۇپ، ئەگەر قىززىقسىزىڭىز ئاخىرغىچە ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
بۇ ئوقۇش پۇرسىتىنى چىڭخۇا ئۈنۋىرسىتىتى (清华大学)، بېيجىڭ ئۈنۋېىرسىتىتى (北京大学) ۋە بېيجىڭ ھاياتلىق پەنلىرى تەتقىقات ئورنى(北京生命科学研究所) تەمىنلىگەن. مەن مۇشۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. بۇ ئوقۇش پۇرسىتىنى مۇشۇ ئۈچ ئورۇننىڭ ئىنگىلىزچە نامىنىڭ باش ھەرىپىنى ئېلىپ قىسقىچە PTN(PT دەيدىغان يەنە بىر پىروگىراممىمۇ بار) دەپ ئاتايدۇ.
ئالدى بىلەن مۇشۇ ئۈچ ئورۇننى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. چڭىخۇا ئۈنۋېرسىتىتى ۋە بېيجىڭ ئۈنۋېرسىتىتىنى زور كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىلىدۇ. شۇڭا مەن بۇ يەردە ئارتۇقچە سۆزلىمەي.
بېيجىڭ ھاياتلىق پەنلىرى تەتقىقات ئورنى 2000 يىللارنىڭ بېشىدا قۇرۇلغان بولۇپ دۆلىتىمىزدىكى ھاياتلىق ساھەسىدىكى ئەڭ يادىرولۇق تەتقىقات ئورنى ھىسابلىنىدۇ. بۇ ئورۇن جوڭگۇ پەنلەر ئاكادىمىيسىگە تەۋە بولمىغان، مۇستەقىل، دۆلەت پەن-تېخنىكا مىنىستىرلقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىۋاستە باشقۇرىدىغان ئورۇن. بۇ ئورۇنغا دۆلەت مۇستەقىل تەتقىقات قىلىش ۋە ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن ئىمتىيازلارنى بەرگەن. تەتقىقات سەۋىيسى چەتئەللەردىكى نۇرغۇن ئالىي تەتقىقات ئورنى بىلەن تەڭ دىگۈدەك كىلىدۇ. بۇ يەردە ئامىرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ ئاكادىمىكىدىن بىرى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئامىرىكىنىڭ داڭلىق ئۈنۋېرسىتلىرىدا دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن تەتقىقاتچىلار بار.
2010 – يىلى بۇ ئۈچ ئورۇن بىرلىكتە بۇ ئوقۇش پۇرسىتىنى تەمىن ئىتىشكە باشلىغان. تەپسىلى ئۇچۇرلارنى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ:
http://www.nibs.ac.cn/?act=view&id=2437
ھازىرغا قەدەر ئۈچ تۈركۈم ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىپ بولدى. مەن ئۈچۈنچى تۈركۈمدە قۇبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچى.
كۆپچىلىك ھەقىچان قانداق شەرىتى بار ئىكەنلىكىگە ئالدىراپ كەتتى. بۇ پىروگىرامما سىزىدىن پەقەت تۆۋەندىكى شەرىتلەرنى ھازىرلىغان بولىشڭىزىنى تەلەپ قىلىدۇ.
1. ھاياتلىق كەسپگە دائىر كەسىپلەردە (مەسلەن؛ بىئولگىيە تۈردىكىلەر، مىدىتسىنا تۈردىكىلەر دىگەندەك) تولۇق كۇرۇس ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغان (ئاخرىقى يىلى)، تولۇق كۇرۇس ئوقۇشىنى تاماملىغان، ماگىستىر ئاسپىرانىتلىق ئوقۇشنى پۈتتۈرۈشكە بىر يىل قالغان ، ماگىىستىر ئاسپىرانىت ئوقۇشنى پۈتتۈرگەنلەر بولىشى.
2. تىنى ساغلام، يېشى 45 ياشتىن ئېشىپ كەتمىگەن بولىشى.
3. ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بارلىق سالاھىيىتىنى (مەسلەن؛ ئوقۇش تارىخى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىسى، ئۈنۋانى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ) دۆلەت مائارىپ مىنىستىرلىكى ئىتراپ قىلىشى.
تەپسىلى ئۇچۇرلانى تۆۋەندىكى ئادىرىستىن كۆرۈڭ.
http://www.nibs.ac.cn/?act=view&id=2622
يۇقارقى شەرىتلەرگە چۈشىدىغانلار بەك كۆپ بولىشى تۇرغان گەپ. بەزىلەر بەلكىم تولۇق كۇرۇستىن بىۋاستە دوكتۇرلۇققا كىرىش مۇمكىنمۇ دىيىشىمۇ مۇمكىن. بىراق دۆلىتىمىزنىڭ بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلىرىدە خېلى بۇرۇنلا بۇ مۇمكىن بولۇپ بولغان. سىز ئەگەر بۇ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشسىڭىز ماگىستىرلىق باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتۈشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئەمدى مەن ئۆزۈم ھىس قىلغانلىرىمنى قالدۇرۇپ قوياي.
سىز يۇقارقى شەرتىلەرنى ھازىرلىغان بولسىڭىز باشقىلارمۇ شۇنداق بولىش مۇمكىن. شۇڭا رىقابەت بىر ئاز كەسكىن. شۇڭا سىز ئاۋال تۆۋەندىكىدەك شەرىتلەرنى ھازىرلىدىڭىزمۇ قاراپ بېقىڭ.
1. "ئالىي مەكتەپ ئىنگىلىز تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى" دىن 6- دەرىجدىن ئۆتكەن بولۇش(ئەگەر خەلىقئارالىق ئىمتىھانلاردىن نەتىجە ئالغان بولسا تېخى ياخشى)
2. ھەرقايسى يىلدىكى نەتىجىڭىز سىنىپتا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان بولىشى ۋە يىللىقلار بويىچە تىزغاندىمۇ شۇنداق بولىشى
3. كۈچلۈك تەتقىقات ئىرادىسى بولىشى ۋە بەلگىلىك دەرىجىدە تەتقىقات قىلىش ئارقا كۆرۈنىشى بولىشى (ئەگەر ماقالىڭىز بولسا تېخىمۇ ياخشى)
4. تەپەككۇرى ئۇچۇق ۋە ئۆزگىچە بولغان بولىشى، مەسلە بىر تەرەپ قىلىش ۋە ھەمكارلىشىش ئىقتىدارى بولىشى
بۇ پىروگىراممىنىڭ نىمە ئالاھىدىلىكى بار؟
1. سىز ئوقۇشقا كىرىشتىن بىر يىل بۇرۇن ئىلتىماس قىلىسىز (خۇددى چەتئەلنىڭ مەكتەپلىرىگە ئوخشاش). بىراقPT دەيدىغان يەنە بىر پىروگىراممىغا شۇ يىلى ئىلتىماس قىلىسىز.
2. ئەگەر ئىلتىماس قۇبۇل قىلىنسا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ يۈز تۇرانە ئىمتىھانغا قاتناشسىڭىزلا بولىدۇ. يىزىقچە ئىمتىھان تەلەپ قىلمايدۇ. (ئادەتتە يۈز تۇرانە ئىمتىھاندا ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەپ ئىلتىماس قىلغۇچى شاللىنىدۇ). بېرىپ كىلىش يول كىراسى، تاماق ۋە تۇرالغۇنى مۇشۇ ئۈچ ئورۇن ئورتاق ئۈستىگە ئالغان.
3. ئوقۇش تەۋەلىكىنى پەقەت چىڭىخۇا ئۈنۋېرسىتىتى ۋە بېيجىڭ ئۈنۋېرسىتىتى باشقۇرىدۇ. سىز خالىغان بىر مەكتەپنى تاللىسىڭىز بولىدى.(بۇنداق دىگىنى سىز قايسى مەكتەپنىڭ ئۇنۋانىغا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز شۇنى تاللايسىز دىگەن گەپ، لىكىن ئوخشاش دوكتۇرلۇق ئۈنۋانى ئالىسىز. بەلكىم ئىككى مەكتەپنىڭ بەزى باشقۇرۇش قائىدىسى پەرىقلىق بولىشى مۇمكىن)
4. ئوقۇشقا كىرىپ يىېرىم يىل ئىچىدە يۇقارقى ئۈچ ئورۇندىكى 180 گە يېقىن تەجىىربىخانىدىن خالىغان ئۈچ (تۆت بولسىمۇ بولىدۇ) دە ئىككى ئايدىن تۇرۇپ چۈشىنىش ھاسل قىلىسز.
5. يېرىم يىل توشقاندىن كىين سىز قايسى تەجىرىبىخانىنى ياقتۇرغان بولسىڭىز شۇنى تاللايسىز. ئەلۋەتتە تەجىرىبىخانىمۇ سىزنى تاللايدۇ.
6. ئالدىنقى بىر يىل ئىچىدە سىز تەجرىبىخانلاردا ئايلانغان بىر قىسىم دەرىسلەرنى ئوقۇيسىز. قانچىلىق ئوقۇش، قايسىسىنى ئوقۇش سىزنىڭ ئىختىيارىڭىزدىكى ئىش. ئەلۋەتتە ئىمتىھانىسىىمۇ بار. (لىكىن تەس ئەمەس، دەرىسلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئىنگىلىزچە )
7. ئىككىنچى يىلى تەتقىقات لاھىيسى تاپشۇرىسىز. لاھىيە باھالىغۇچىلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە سىز تەتقىقاتقا رەسمى كىرىشىسىز بولمىسا لاياقەتلىك بولغۇچە تۈزىتىسىز.
8. ئوقۇش مۇددىتى 4 يىلىدن 7 يىلغىچە بولىدۇ. لىكىن %90 ئوقۇغۇچى %5 يىلدا ئاندىن تاماملىيالايدۇ.
9. ئوقۇش پۈتۈنلەي ھەقسىز. ئايلانما مەزگىلىدە ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 2000 دىن تارتىپ 3000 غىچە خەلىق پۇلى تولۇقلىما بىرىلدۇ. ئەگەر سىزنىڭ تەتقىقات لاھىيىڭىز لاياقەتلىك بولسا تولۇقلىما پۇلى 3000 خەلىق پۇلى بولىدۇ. بۇنڭىدىن سىرىت سىز يەنە يىتەكچىڭىز بەرگەن يارىدەم پۇلى (ئادەتتە 800 دىن 1500 غىچە بولىدۇ) ۋە يارىدەمچى ئوقۇتقۇچى تولۇقلىمىسى (1800) غا ئىرىشەلەيسىز. يۇقارقىلارغا ئوقۇش نەتىجىسى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئاساسەن ھەممە ئوقۇغۇچى ئىرىلشەلەيدۇ. ئۇنڭىدىن سىرىت يەنە نۇرغۇنلىغان ئوقۇش مۇكاپات تۈرلىرى بار.
ئەسكەرتىش: بۇ بىر ياخشى پۇرسەت. مەن نۇرغۇن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتىنى ئىنگىلىزچە ئۈگنىش ۋە ئىمتىھان بىرىپ چەتكە چىقىش بىلەن ئىسراپ قىلغانلىقىنى كۆرگەن. لىكىن چەتئەلدىكى سىز ئىرىشكەن مەكتەپلەرنىڭ تەتقىقات سەۋيىسى قانچىلىك دۆلىتىمىزدىكى يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ قانچىلىك؟ سىېلىشتۇرۇپ باقسىڭىزلا بىلەلەيسىز. (ئەگەر چەتكە چىقىشتىكى مەخسىتىڭىز باشقىچە بولسا بۇ باشقا گەپ).
بۇ نىڭىدىن باشقا سىز يەنە تۆۋەندىكى پىروگىراممىىنى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.
http://www.cls.edu.cn/
http://www.cls.edu.cn/EducationTraining/education/index1104.shtml
ئالدىراش بولغاچقا مۇشۇنداق چۇۋالچاق چىقىپ قالدى. مەن تەمىنلىگەن تور ئادرىسلىرىغا كىرىپ تەپسىلى ئوقۇپ بېقىشىڭلارنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمەن.
يەنە چۈشەنمىگەن بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
Buhram2000@gmail.com