مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7709|ئىنكاس: 80

مىنى كەچۈرەلەمسەن؟(ھىكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 11:35:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                               psb.jpg

                                                             مېنى كەچۈرەلەمسەن ؟
                                                               (ھېكايە)
-قىزىم ناشتىلىقىڭىزنى يەپ ئاندىن مېڭىڭ !!!
-بولدى ئاپا ،كېچىكىپ قالىمەن ...
-بالدۇراق تۇرسىڭىز مۇشۇ ئىش يوق ،،قىز بالا بۇنداق ۋاقچە قوپسا بولمايدۇ ...بەخىتسىز بولۇپ قالىدۇ،،،
ئاپامنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرنى ئاڭلىمايلا ماشىنىنى قوزغىتىپ كېتىپ قالدىم ،،
-ئۇھ !!ھەنېم بولسا دادام يوق ،،بولمىسا كۆزى بىلەنلا بىر تەرەپ قىلۋېتەتتى مېنى ،،،ئاللاغا چەكسىز شۈكرى ،،،خەپ بۈگۈندىن باشلاپ بالدۇر ئۇخلىمايدىغان بولسام ،،يا رامزان تۇتالمىدىم ،،مەنمۇ ئادەممۇ ئەمدى ...
شۇ خىياللار بىلەن دۇكانغا قانداق كېلىپ قالغىنىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن ،،قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىغىمۇ پەرۋا قىلماي ماللارنى ساناپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم ..ئاندىن دۇكاندىكى قىزغا رەتلەپ ئېسۋېتىشنى تاپشۇرۇپ قويۇپ بىر نەرسە يېۋىلىش ئۈچۈن سىرىتقا ماڭدىم ..تۇيۇقسىز كاللامغا ‹روزا ›دېگەن ئۇقۇم كەلدىدە قەدىمىمنى توختاتتىم
-رامزان تۇتماڭ بىر ،،يەنە قانداق خىجىل بولماي سىرىتتا نەرسە يەيمەن ،،تويە مانا ،،ھۇرۇنلۇق قىلغانغا يۈر ئەمدى مۇشۇنداق يا روزا ئەمەس يا كوزا ئەمەس ،،،،
شۇنداق جاپا مۇشەققەتتە كەچ قىلدىم ..كەچلىك تاماقنى قىزارماي ئولتۇرۇپ يېدىمدە ئاپامنى خاتىرجەم قىلىپ ماشىننى توختىتىش ئورنىغا ئەكىرۋېتىپ كومپىيوتىر ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
نېمە قىلشىمنى بىلمەي كوت كوتۇمنى ئېچىپ ئۇنى بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرسام .تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ قوشىۋېلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرى كەلدى ..
ئىسمىنى غەلىتە ھەرىپلەر بىلەن يېزۋالغان بۇ كىشىنىڭ ئارخىپىنى كۆرسەم نەلىكلىكىنىمۇ يازماپتۇ
‹بوپتۇلا قاچىلاپ قوياي ،قارغاندا ماڭا ئوخشاش زېركىپ ئولتۇرغان بىرسى ئوخشايدۇ ~~› ئۇنى قاچىلدىمدە چىشلىرنى چىقىرىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسىدىن بىرنى ئەۋەتتىم ..
-سەن كىمۇ ؟  سالام-سائەتسىز ھەم قوپال قايىتقان بۇ جاۋاپتىن بەك ھەيران قالدىم ھەم ئاچچىقىم كەلدى ..
-سەن كىمۇ ؟ئۆزۈڭ مېنى قاچىلاپتىكەنسەن ؟يەنە كىمۇ دەيسەنغۇ ؟ئادەممۇ سەن نېمە ؟
بۇنداق يەرلەردە ھەرگىز بوش كەلمەيتىم
---ئۇنىڭدىن ھىچقانداق جاۋاپ قايىتمىدى ..
‹ھالىنى بۇنىڭ ...نېمە نېرۋامغا تېگىدۇ ،ساراڭ ..،› ئۇنى يۇيۇپ چىقىرۋەتمەكچى بولدۇم ،،لېكىن تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالغان توك مېنى ئۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزمىدى ..
ئامالسىز يېتىشقا مەجبۇر بولدۇم ..
كۈنلىرىمنىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئۇ كۈنكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ..يەنە زېركلىشلىك مېنۇتلىرىم باشلاندى ..كوت-كوتۇمنى ئاچتىم ..تۇيۇقسىز ئەۋەتىلگەن بىر تال قىزىل گۈل دېققىتىمنى تارىتتى ..قارسام ئۆتكەنكى توڭ .مۇز ساراڭكەن ..
-كىمۇ سەن ؟  ئەلۋەتتە ئېسىمدە ئۆتكەنكى تاپشۇرۇپ ئالغان ئېچىنىشلىق جاۋابىم ،،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇنىڭغا بۇ تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇردۇم ..
-دىلزات مەن ...سىزچۇ ؟
قايىتقان بۇ جاۋاپتىن سەل خىجىل بولدۇم ..
-ھە ؟؟؟؟
-كەچۈرۈڭ ،ئۆتكەندە قوپاللىق قىلىپ قويدۇم ...سەت بولدى ،،كەچۈرۈم سورايمەن ..
ھەي ..شۇنداق ئاق كۆڭۈل قىز تۇرسام مەن .شۇ زامات ھېلقى ئاچچىقلىرىم نەلەرگىدۇ غايىپ بولدى ..ئۆچكە يېغىدەك ئېرىدىم شۇ ھامان..
-ھېچقىسى يوق ...
-ئۇخلىماپسىزغۇ ،،مۇشۇ چاققىچە ...
-شۇ ،،زوھورلۇق تاماقنى يەپلا ئۇخلاي دېگەن،،،سىزچۇ ؟  
-مەنمۇ شۇ ،،ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىچكىردە تۇرمەن ..بۇ يەر 2 سائەت ئېلگىرى ..شۇڭا ~~
-ھە ...ئوقۇمسىزما؟؟
-ياق ..بۇ يەردە تىجارەت قىلمەن ...رەخىتچىلىق قىلمەن ...
‹رەخىتچىلىق ..ئىچكىردە ~~~ئەجىبا ئاتۇشلۇقمىدۇ ؟؟؟›كاللامغا كەلگەن بۇ خىيالدىن ئۆزۈم بىر خىل بولۇپ كەتتىم ،،،
-بامۇ..سىز  گەپ قىلىڭ ..
-ھە ...با مەن ...قايەردىن بولسىز سىز ..؟
-ئاتۇشتىن ...
كاللامدا چاقماق چاققاندەك بولدى ،،يۈركىمدىكى كونا دەرتلىرىم قات –قېتىدىن بۆسۈپ چىقىپ مېنى ئازاپلاشقا باشلىدى ..
-كەچۈرۈڭ ،،مەن چۈشۈپ كەتتىم ،،،كۆرشەمىز ..
-نېمانداق بالدۇر ئەمدى ..نېمە بولدى سىزگە ...
ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرنى ئوقۇشقا ئامالسىز قالدىم ..خۇددى بىرەرسى كۆرۈپ قېلىشتىن قورىققاندەك كومپىيوتىرنى ئالمان –تالمان ئۆچۈردۈمدە ئورنۇمغا كېلىپ ياتتىم ...ئاسىي كۆز ياشلىرىم بۇيرۇقۇمغا بوي سۇنمىغان ھالەتتە ئېقىپ چۈشتى ،،كۆڭۈل ئېكرانىمدا مەن يۈركىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرگە مەڭگۈلۈك دەپنە قىلۋەتكەن ئۇنىڭ سىماسى قايتىدىن پەيدا بولدى ..
‹بۇنداق قىلما ..دىلناز ،،يەنە نېملەرنى ئويلاپ بۇنچە قايغۇرۋاتىسەن ،نېمىشقا ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ ،،ئابدۇللا بىلەن بولغان موھەببىتىڭنىڭ ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمگە يىغلايسەن ،،بەلكىم ئۇ سېنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەندۇ ؟؟›
شۇ خىياللار بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ..سەھەردە قوپسام بېشىم تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ ..
-دادىڭىز بۈگۈن قايتىدىكەن قىزىم ...
-ھە ...بىلمەن ..تۈنۈگۈن تېلفۇن قىپتىكەن ،،مەن ئايرۇپىلان ئىستانىسىغا چىقىمەن ..
كىتىپ بارمەن ..يەنىلا ئاخشامقى بىئارامچىلىقتىن مۇستەسنا ئەمەسمەن ..
‹مەيلى ئۇنى سېغنىپ تۇرۇپ ئۇنتامدىم ،تىللاپ تۇرۇپ ئۇنتامدىم ۋە ياكى قان ياش يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنتامدىم قىسقىسى ئۇ ئۇنتۇشقا تېگىشلىك بولغان ئادەم ،چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك ..›
شۇنداق قىلىپ دادام كېلىشى بىلەن تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ئالدىراشچىلىققا تولدى ،،كوت-كوتۇمنىمۇ ئاچمايدىغان بولدۇم ..
بۈگۈن نېمىشقىدۇر ئىچىم سىقلىپ قالدى ،،يەنە شۇ كوت-كوتۇمنى ئېچىپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم ..
ئېچىشىمغىلا دىلزاتتىن كەلگەن ئۇچۇرلار كۆزلىرىمنى ئالا چەكمەن قىلۋەتتى ..
-سالام سىزگە ،،ئەتىۋا قىز ..بەك يوقاپ كەتتىڭىز ،،مېنىڭ ئاتۇشلۇق ئىكەنلىكىمنى بىلىپلا نېمە بولدى سىزگە ؟؟ بولمىسا بۇ ئۆمرۈمدە سىزگە يامانلىق قىلغىنىم ھېچ ئېسىمدە يوق .. مەن چەتئەلگە ماڭدىم ،،خېتىمنى كۆرسىڭىز ئەمدى ئادىمگەرچىلىك يۈزسىزدىن بولسىمۇ جاۋاپ قالدۇرۇپ قويۇڭ ..ئامان بولۇڭ ..
-كەچۈرۈڭ ،،ئۇ كۈنى سەت بولدى ،،تۇيۇقسىز توك ئۆچۈپ قالدى ،،شۇڭا تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتىم ،،تولىمۇ خىجىل مەن ..
-ھاھا،،باكەنسىز ھە ،،ئەتىۋا ...
ئو ..باكەنغۇ بۇ ئاداش ،،چالغان دېپىغا ئۇسۇلنى ھەجەپ كەلتۈرۈپ ئويناپتىمەن ،،خەپ ..
-نېمە يالغان سۆزلەيسىز ئەمدى ...
-مۇشۇنداق دېمىسەم پەقەت گەپ قىلمايدىكەنسىز .ئەمەسمۇ ،،ھە راسىت ئىسمىڭىز نېمە ؟
-دىلناز ...ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئىسمىمنى دەپ سالدىم ..
-ھەجەپ چىرايلىقكەن ..خۇددى ئۆزىڭىزدەك .،،ئۈرۈمچىدىنما سىز ..
-ھە ..مېنىڭ چىرايلىق سەتلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز ئەمدى ..
-كوڭجىيەندە رەسمىڭىز باركەن ،،قۇلۇپلاپ قويماپتىكەنسىز شۇ كۆردۈم ..بەك چىرايلىققەنسىز ..
-رەھمەت ...
-خالىسىڭىز دوسىت بولۇپ قالايلى ،،
-ئەلۋەتتە بولىدۇ ،،شۇنىسى سىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ ..
-ھى ھى ..سەتمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز ...
-ياق ..شۇ كۆرگۈم كېلىپ ..
ئۇ بىر پارچە رەسمىنى ئەۋەتتى ،،رەسىمنى ئاچتىميۇ قاراپلا قالدىم ،،ئېكراندا شۇنچىلىك چىرايلىق .كىينىشى تۇرقى مەن مەن دېگەن قىزلارنى بىر قىسىم قىلدىغان ،،يۈزلىرى قىز بالىدەك ئاق ئىشقىلىپ كەم ئۇچرايدىغان بىر يىگىتنىڭ رەسىمى تۇراتتى ..قانچىلىك قاراپ تۇرۇپ قالدىم بىلمەيمەن ،،بىر چاغدا ئۇنىڭدىن كەلگەن خەت مېنى ئەسلىمگە كەلتۈردى ..
-بامۇسىز ھەي ،،،ئاتۇشلۇقلىقىمنى ئاڭلاپ بىر يوقاپ كېتىپ ئاران تاپقان ..ئەمدى ئۆزۈمنى كۆرۈپ يەنە يوقاپ كەتسىڭىز قانداق تاپىمەن سىزنى ..
-مەن بار ..بەك قاملاشقانكەنسىز ...ئەزەلدىن ھىچكىمنى بولۇپمۇ .ئەر زاتىنى ماختىمايدىغان مەن نىمىشقىدۇر ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ئاساستا شۇنداق دەپ سالدىم ..
-ھا ھا ھا  توۋۋا دەڭە ..
تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ رەسىمى ئەمەس بولسىچۇ دېگەن خىيال كاللامغا كەلدىدە ئۇنىڭغا ئېكرانلىق پاراڭلىشىشنى ئېتتىم ...ئۇمۇ دەرھاللا قوشۇلدى ..
ئېكراننى ئېچىپلا ئۇنى كۆردۈم ..خاتا ئەمەس ،،رەسىمدىكى دەل شۇ يىگىت ،،شۇنداق ئېغىر بېسىق ھەم يېقىملىق كۈلۈپ ئولتۇراتتى ..
تۇيۇقسىز ئالدىراپ قىلغان قىلقىمدىن سەل خىجىل بولدۇم ..ئۇ .ئېكراندا قۇلاق تىڭشىغۇچنى تاقىشىمنى شەرەت قىلدى ..
-ھە ..گەپ قىلىڭە ..
ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك مېنىڭ تۇنجى موھەببىتىم يۈركىمگە ئاللىقانداق دەرتلەرنى تاشلاپ كەتكەن ئابدۇللانىڭ ئاۋازىغا بەك ئوخشايتى ..يۈركۈم ئاغرىدى ،،
-ئاللا ،،گەپ قىلىڭ دەيمەن ...
-نېمە دەيمەن ،،سىز گەپ قىلىڭە ..
-نېمانداق چىرايلىق ھەم ئوماق سىز ،،ئاللا چىراينى ئايىماي بېرىپتىكەن ،،،
-بەك ئاشۇرۋەتتىڭىز ..شۇنداق بولسىمۇ رەھمەت ..ئاڭلىغىنىمدەك بەك ئوماققەنسىز دىلناز ..
تۇيۇقسىز دېگەن بۇ گەپتىن ھەيران قالدىم ..
-نېمە دېدىڭىز ،،نېمە ئاڭلىغىنىڭىزدەك ...
-كەچۈرۈڭ ،،دەپ سالدىم ،،مەن سىزنىڭ ئابدۇللانىڭ موھەببىتى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمەن ،،رەسمىڭىزنى كۆرۈپ بىر ئاغىينەم دەپ بەردى ،،مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەلىلىك ،،بىر چاغدا ئانامدىن ئابدۇللا تېگى غۇلجىلىق ئۆزى ئۈرۈمچىدە تۇردىغان بىر قىز بىلەن يۈرۈپتىكەن ئانىسى ئۇنماي ئايرىۋېتىپتۇ دېگەن ،،شۇ سىز كەنسىز ،،
كۆز ئالدىمدا شۇ ۋاقىتتىكى كۆرنىشلەر تارتقان ئازاپلىرىم ،،تۆككەن كۆز ياشلىرىم پەيدابولدى ..
ياشلىرىم سىرغىپ چۈشتى ،،،
-ھەي ھەي ،،يىغلىماڭ ..مەن شۇ بىلدىغىنىمنى دېدىم ..بىلسىز ئاتۇش كىچىك يۇرىت ،ھەممىمىزنى تونشىمىز ...خاپا بولماڭ بولامدۇ ...
-ياقەي ،،نېمگە خاپا بولمەن ،،بۇ يا يالغان بولمىسا ،،رەنجىمىسىڭىز بۇ گەپلەرنى دېيىشمىسەك قانداق ...
-بولدۇ ،،بولدۇ ...
‹بايۋاتچە ،،يۈرە تاماققا چىقىمىز ،،،زوھورسىز قالىسەن بولمىسا › تۇيۇقسىز ئۇنى بىر ئاغىينىسى چاقىرىپ قالدى ..
قارسام سائەتمۇ بىر يەگە بېرىپتۇ ،،،
-دىلناز ،،مەن تاماق يەۋالاي ،،بولامدۇ ؟؟
-بولىدۇ ،،بايۋەتچە ،،ئامان بولۇڭ ...
-ئاللا بىلۋاپسىز ھە قوشۇمچە ئىسمىمنى ،،،ھە راسىت تېلفۇن نومرىڭىزنى دەۋىتىڭە كەچكىچە تورغا چىقىپ ئولتۇرمايمىز ئىككىلىمىز تايىنلىق ..
-13********    نېمە كارامەت ئەمدى بۇ ...مۇنۇ قوللىرىم كاللامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بىسۋاتامدۇ ياكى ،،،،
-ئەمسە خوش تېلفۇن قىلمەن ...جىق ئويلىماي ئۇخلاڭ ھە ..زوھورلۇقنى يەپ بولۇپ ...
-ماقۇل ،،خۇداغا ئامانەت ...
نىمە بولدۇڭ دىلناز ..ئەزەلدىن كۆرنۈپ باقمىغان ئىشلار كۆرۈلۋاتىدۇ سېنىڭدە ...كاللاڭنى سىلكىۋەت ،،‹ئېشەكمۇ بىر قېتىم پۇتى چۈشكەن يەرگە دەسسىمەيدۇ ›ھەرقانچە بولسا ئېشەكچىلىك بولارسەن..بۇ بالا ئاتۇشلۇق ،،يەنە كېلىپ ئابدۇللا بىلەن بىر مەھەللىدىن ،،    قانچىلىك ئاتۇشلۇققا ئۆزۈڭنى تونۇشتۇرماقچى سەن ..
                                                        (داۋامى بار )
ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nim-japa + 108 ماختاشقا تېگىشلىك
zulayha + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 208   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88244
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2012-12-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 01:34:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، داۋامىغا تەشنا مەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6785
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 78899
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7584 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 02:16:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنىڭ داۋامىنى ساقلايمىز.
قانچىلىك ئاتۇشلۇققا ئۆزۈڭنى تونۇشتۇرماقچى سەن ..
رامزان تۇتماڭ بىر ،،يەنە قانداق خىجىل بولماي سىرىتتا نەرسە يەيمەن ،،تويە مانا ،،ھۇرۇنلۇق قىلغانغا يۈر ئەمدى مۇشۇنداق يا روزا ئەمەس يا كوزا ئەمەس ،،،،
يۇقۇرقى سەمىمى قۇرلاردىن دىلىم سۆيۈندى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80622
يازما سانى: 272
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-5-25
ئاخىرقى: 2012-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 02:23:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىرسنى  ساقلۋالدىم   ، سىلەرمۇ  ئاخىرى  چىققاندا  خاپا  بولماي  خەۋەردار  قىلىپ قۇيارسىلەر  ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 654
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11943
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 02:47:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسى ناھايتى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ ،،داۋامىنى كۈتىمىز

قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمدىن زوقلىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87717
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 231
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-11-25
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 03:06:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى تىزراق يوللاڭچۇ    بەك  بىتاقەت بوپقىلىۋاتىمەن

مايمۇن بولسىمۇ سۆيگۇ نىڭ چىرايلىق
سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە، سىنى سۆيگەننىڭ گۈلى بول

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 03:44:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام تورداشلار ..ئالدى بىلەن سىلەرگە ئوتلۇق سالىمىمنى يوللايمەن ۋە ئەسىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغۇنىڭلاردىن تولىمۇ مىننەتتارمەن..داۋامىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئېنكاس شەكىلدە يوللايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 609
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 03:56:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىغا تەشنامەن ...

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

مۇسۇلماننىڭ كۆز

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54862
يازما سانى: 961
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7594
تۆھپە نۇمۇرى: 470
توردا: 2603 سائەت
تىزىم: 2011-9-5
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 04:00:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەمىمىي يېزىلغان ئەسەردىن يەنە بىرنى تېپۋالدىم ، داۋامىغا تەشنامەن .

مۇسۇلماننىڭ كۆزىدە ئاللاھ بەرگەن ئۈمۈدنىڭ نۇرى بۇلىدۇ !!

مەيىن شامال

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52523
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4357
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1348 سائەت
تىزىم: 2011-8-21
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 04:20:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچتە ئۇقۇي

مېھىر شەپقەتلىك دۇنيا
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش