مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2617|ئىنكاس: 2

ئاللاھنىڭ سادىق قۇلى (فىلىم) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74783
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3686
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 11:13:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!   «ئاللاھنىڭ سادىق قۇلى» ناملىق كارتون فىلىمنىڭ ئۇيغۇرچە خەتلىك نۇسخىسىنى بۇرۇن  تور يۈزىدە كۆرگىلى بولماي، چۈشۈرۈش ئادرىسى بىلەن يوللىغان ئىدىم.   بۈگۈن كۆرۈشكە نېسىپ بولۇپتۇ، كۆرۈپ پايدىلىنارسىلەر.



چۈشۈرۈش








فىلىمدە بەدىئۇززامان سائىد نۇرسىنىڭ بارلا (تۈركىيەدىكى بىر ناھىيە) دىكى ھايات پائالىيىتى تەسۋىرلىنىدۇ. بەدىئۇززامان سائىد نۇرسىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:




   «رىسالەئى نۇر» مۇئەللىفى بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى ھەزرەتلىرى 1877 ـ يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىتلىس ۋىلايىتى ھىزان رايۇنى ئىسپارىت ناھىيىسىنىڭ نۇرس يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن. دادىسىنىڭ ئىسمى مىرزا ئەپەندى، ئانىسىنىڭ ئىسمى نۇرىيە خانىم ئىدى.
بەدىئۇززامان توققۇز يېشىغا قەدەر مۇبارەك ئاتا ـ ئانىسىنىڭ تەلىم ـ تەربىيىسىدە بولىدۇ. ئۇ ئارىدا قەلبىدىكى ئىلىم ۋە ئۆگىنىشكە بولغان ئىشق بىلەن «تاغ كۆيى» مەدرىسىسى قاتارلىق بەزى مەدرىسىلەرگە بارغان بولسىمۇ، ئۇ يەرلەردە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپ تۇرالماي ئۆيىگە قايتىدۇ. مۇبارەك بىر كېچىدە چۈشىدە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى كۆرىدۇ. ئىلىم بېرىشىنى سورىغاندا، «ئۈممىتىمدىن سوئال سورىماسلىق شەرتى بىلەن، ساڭا قۇرئان ئىلمى بېرىلىدۇ.» دېگەن خۇشخەۋەرنى ئالىدۇ.
ئاتا ـ ئانىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن، ئارۋاس، ۋاستان ۋە دۇغۇباياز شەھەرلىرىگە بارىدۇ. شەيخ مۇھەممەد جەلالى ھەزرەتلىرىنىڭ مەدرىسىسىدە ئۈچ ئاي تۇرۇپ يىگىرمە يىلدا تەھسىل قىلىنىدىغان ئىلىم ۋە پەنلەرنى ئۈگىنىپ بولىدۇ. سەكسەن كىتاب تېكىستىنى يادىلايدۇ. كېيىن ھەر قايسى يەرلەردىكى شەيخ مەھمەد ئەمىن ئەپەندى، ئاكىسى موللا ئابدۇللاھ ۋە موللا فەتھۇللاھ ئەپەندىلەرنىڭ يېنىغا بىرىپ، ئۇلار ئالغان سىناقلارغا مۇكەممەل جاۋاب بىرىدۇ. تۆت جىلدلىق «جەمئۇل جەۋامى» كىتابىنى بىر ھەپتىدىلا يادىلاپ بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئىقتىدارى بىلەن ئۇستازلىرىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەقدىرلەشلىرىگە ئېرىشىدۇ. شۇنداقلا ئۇنىڭ نادىر تالانتىنى كۆرگەن ئۆلىمالار ئۇنىڭغا «بەدىئۇززامان» (زامانىدىكى ھەيران قالارلىق شەخس) دېگەن نامنى بېرىشىدۇ.
ماردىن ۋە بىتلىس ۋىلايەتلىرىدە باشلىقلارنىڭ ئىسلامىيەتسىز ھۆكۈمەت باشقۇرىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىدۇ ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىسقا مۇددەت بىتلىسكە سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
ئاندىن ھەسەن پاشا ۋە تاھىر پاشالارنىڭ تەكلىپى بىلەن ۋانغا بېرىپ تارىخ، جۇغراپىيە، ماتىماتىكا، بىئولوگىيە، فىزىكا، خىمىيە ۋە ئاسترونومىيەدەك ئىلىملەرنى ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈگىنىپ، كەسىپ ئەھلىلىرى بىلەن مۇنازىرە قىلىشىدۇ. بۇ يەردە ئۇنىڭغا تاھىر پاشا گېزىتتىكى چوڭ بىر خەۋەرنى كۆرسىتىدۇ. خەۋەردە، ئېنگىلىز ۋالىلىرى مەجلىسىدە، مۇستەملىكە نازىرى گىلادىستوننىڭ، قولىدىكى قۇرئاننى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «بۇ قۇرئان مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىلا بولىدىكەن، بىز ئۇلارغا ھاكىم بولالمايمىز. بۇ قۇرئاننى ئۇلارنىڭ قولىدىن يوقىتىشىمىز كېرەك.» دېگەن سۆزىگە جاۋابەن بەدىئۇززامان غەزەپ بىلەن: «قۇرئاننىڭ ئۆچمەس ۋە ئۆچۈرۈلمەس بىر مەنىۋى قۇياش ئىكەنلىكىنى مەن پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلىمەن ۋە كۆرسىتىمەن.» دەيدۇ.
بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ۋان ۋە دىياربەكىردە مەدرىسە ئېچىشقا مۇراجەت ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كېلىدۇ. ئۇ يەردە تۇرغان ئۆينىڭ ئىشىكىدە مۇنۇ خەتلەر بار ئىدى: «بۇ يەردە ھەر تۈرلۈك مۈشكىلات ھەل قىلىنىدۇ، ھەر سوئالغا جاۋاب بېرىلىدۇ، بىراق سوئال سورالمايدۇ.» ئىستانبۇلدىكى مەشھۇر ئالىملار ۋە تالىپلار تۈركۈم ـ تۈركۈملەپ كېلىپ تۈرلۈك سوئاللارنى سورىشىدۇ ۋە مۇكەممەل جاۋابلارنى ئېلىشىدۇ.
1909ـ يىلى ئوسمانلى دۆلىتى مەشھۇر «31 ـ مارت ھادىسىسى»دە بەدىئۇززامان خۇرشىد پاشا تەرىپىدىن شەرىئەتنى خالايدىغانلىقىغا قارشى تەنقىد قىلىنغاندا، ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەستىن: «شەرىئەتنىڭ بىر مەسىلىسى ئۈچۈن مىڭ جېنىم بولسىمۇ پىدا قىلىشقا تەييارمەن. چۈنكى شەرىئەت سائادەت ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسى ۋە ھەقىقىي پەزىلەتتۇر» دەيدۇ. قاتتىق مۇنازىرىدىن كېيىن ئاقلىنىش قارارى بىرىلگەندە رەھمەتمۇ دېمەستىن: «ياشىسۇن زالىملار ئۈچۈن جەھەننەم!» دەپ چىقىپ كېتىدۇ.
ئىستانبۇلدا كۆپ تۇرالمايدۇ. ۋانغا كېتىۋاتقاندا تىفلىسكە ئۇچرايدۇ. شەيخ سانئان دۆڭىگە چىقىپ ئەتراپنى كۈزىتىۋاتقاندا، يېنىغا بىر رۇس ساقچىسى كېلىپ سورايدۇ:
س: نىمىنى كۈزىتىۋاتىسەن؟
ج: مەدرىسەمنىڭ پىلانىنى تۈزىۋاتىمەن.
س: قەيەرلىكسەن؟
ج: بىتلىسلىك.
س: بۇ دېگەن تىفلىسقۇ!؟
ج: بىتلىس، تىفلىس بىر ـ بىرىنىڭ قېرىندىشىدۇر. (ھەقىقەتەن 1995- يىلى بىتلىس، تىفلىس شەھەرلىك ھۆكۈمەتلىرى بىر ـ بىرلىرىنى «قېرىنداش شەھەر» دەپ ئېلان قىلدى. 85 يىل بۇرۇن بېرىلگەن خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپات قىلدى.)
س: (رۇس ساقچى): بۇ نېمە دېگىنىڭ؟
ج: ئاسىيادا ئىسلام ئالىمىدە ئۈچ نۇر بىر ـ بىرى ئارقىسىدىن ھۇجۇمغا ئۆتىۋاتىدۇ. سىلەردە بىر-بىرى ئۈستىدە ئۈچ زۇلمەت ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ. شۇ مۇستەبىتلىك پەردىسى يىرتىلىدۇ، مەنمۇ كېلىپ مەدرىسەمنى ئاچىمەن.
س: ئوھو!… ھەيرانمەن سېنىڭ ئۈمىدىڭگە؟
ج: مەنمۇ ھەيرانمەن سېنىڭ ئەقلىڭگە! بۇ قىش سېنىڭچە داۋام قىلىۋېرەرمۇ؟ ھەر قىشنىڭ بىر باھارى، ھەر كېچىنىڭ بىر نەھارى (كۈندۈزى) باردۇر.
رۇس ساقچىسى: ئىسلام پارچە ـ پارچە بولغان تۇرسا؟
بەدىئۇززامان: ئوقۇشقا كېتىشتى. مانا ھىندىستان، ئىسلامنىڭ قابىلىيەتلىك بىر بالىسىدۇر، ئېنگىلىز مەكتىۋىدە ئوقۇۋاتىدۇ. مىسىر، ئىسلامنىڭ ئەقىللىق بىر ئەۋلادىدۇر، ئېنگىلىز سىياسىي مەكتىۋىدە دەرس ئېلىۋاتىدۇ. كافكاز ۋە تۈركىستان، ئىسلامنىڭ ئىككى باھادىر ئوغۇللىرىدۇر، روس ھەربىي مەكتىۋىدە تەلىم كۆرىشىۋاتىدۇ… شۇ ئېسىل ئەۋلاتلار شاھادەتنامىلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، ھەر بىرى بىر قىتئە بېشىغا ئۆتىدۇ. ئەڭ ئادىل ئاتىلىرى بولغان ئىسلامىيەتنىڭ بايرىقىنى كامالەت ئۇپىقىدا دولقۇنلىتىپ، ئەزەلى تەقدىر نەزىرىدە مەنپى جەريانلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، ئىنسانىيەتتىكى ئەزەلى ھىكمەتنىڭ سىرىنى ئېلان قىلىدۇ.
بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ۋانغا كەلگەندىن كېيىن، ئەتراپتىكى قەبىلىلەرنى كېزىپ، ھەم دىنىي ھەم پەننىي ئىلىملەر ئوقۇتىدىغان مەدرىسىلەرنىڭ ئېچىلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە دەرسلەر بىرىدۇ، نۇتۇق سۆزلەيدۇ، ھەمدە بۇ ھەقتىكى «مۇنازارات» ناملىق كىتابىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. شامغا بېرىپ خۇتبە ئوقۇيدۇ. ئىسلام ئالىمى ئىچىدە بولىۋاتقان پالاكەت ۋە ئاسارەتنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىلىرىنى خەلققە بىلدۈرىدۇ.
بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ھۆكۈمەتكە ئىسلام ئالىمىنىڭ مەركىزى بولغان شەرقى ئانادولۇدا ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇشنى تەكلىپ بېرىدۇ. قوبۇل قىلىنىپ پۇل تەسىس قىلىنىدۇ. ۋان كۆلى قىرغىقىدىكى ئارتەمىتتە ئۇل قوپۇرىلىدۇ. بىراق بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ ئۇ تەشەببۇس جايىدا قالىدۇ. بەدىئۇززامان تالىپلىرىنى قوراللاندۇرپ، مىلىس ئالاي قۇماندانى بولۇپ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. جەڭ مەيدانلىرىدا قۇرئان لەفزىنى تەفسىر قىلغان «ئىشاراتۇل ئىيجاز» ناملىق ئەسىرىنى يازىدۇ. ئۇرۇشتا ناھايىتى باتۇرلۇق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بەختكە قارشى رۇسلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشىدۇ ۋە سىبرىيەدىكى كوستۇرمىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇ يەردىكى ۋاقىتتا بىر كۈنى رۇس قۇماندانى ئەسىرلەرنى تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ. پۈتۈن ئەسىرلەر ئېھتىرام بىلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرىدۇ. بەدىئۇززامان تۇرمايدۇ. سەۋەبىنى سورىغاندا: «مەن بىر مۇسۇلمان ئالىمىمەن، ئىمانى بار بىرى ﷲنى تونىمىغان بىرىدىن ئۈستۈندۇر، شۇڭا تۇرالمايمەن.» دەيدۇ. بۇ ھاقارەت سەۋەبلىك ھەربى سوتقا تاپشۇرۇلۇپ ئۆلۈم قارارىنى ئېلان قىلغاندا، بەدىئۇززامان: «بۇلارنىڭ ئۆلۈم قارارى، مېنىڭ ئەبەدى ئالەمگە بولغان ساياھىتىم ئۈچۈن بىر پاسپورتتۇر.» دەيدۇ. ھېچ ئېتىبار بەرمەستىن، ئىككى رەكەت نامازدىن كېيىن ئېتىلىشقا تەييار بولىدىغانلىقىنى دەيدۇ. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن ناماز ئاخىرلاشقاندا باش قۇماندان كېلىپ كەچۈرۈم سوراپ قارارنى بىكار قىلىدۇ.
ئىككى يېرىم يىل ئاسارەتتە قالغاندىن كېيىن يالغۇز، رۇس تىلىنى بىلمەي تۇرۇپ، پىيادە ماڭسا بىر يىللىق بولىدىغان مۇساپىنى ئاجايىپ بىر سۈرەتتە بىر قانچە كۈن ئىچىدە پۈتتۈرۈپ، ۋارشاۋا ۋە ۋىنا يوللىرى بىلەن ئىستانبۇلغا كېلىدۇ. ئۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن «غازىلىق» مىدالى بېرىلىدۇ ۋە ئەڭ چوڭ ئىلىم جەمىيىتى بولغان «دارۇل ھىكمەتۇل ئىسلامىيە»گە ئەزا قىلىنىدۇ، ھەمدە پادىشاھ تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ.
ئىستانبۇلنىڭ ئېنگىلىز كۈچلىرى تەرىپىدىن ئىشغالىيىتىكە قارشى ناھايىتى شىددەتلىك ۋە ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن يېزىلغان «خۇتۇۋاتى سىتتە» ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى بىتچىت قىلىۋېتىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆلتۈرۈش پىلانلانغان بولسىمۇ جانابى ھەق مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
ئەنقەرە ھۆكۈمىتى قۇرۇلۇپ، ئۇنى خىلمۇ ـ خىل مەنسەپلەرگە تەكلىپ قىلغاندا ھېچقايسىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. چۈنكى ئۇ ھەدىسى شەرىفلەر بىلدۈرگەن ئاخىرزاماننىڭ دەھشەتلىك شەخسلىرىنىڭ ئىسلام ئالىمىدە پەيدا بولغانلىقىنى كۆرگەچكە، «ئۇ زامانغا بارغىنىڭىلاردا سىياسى يول بىلەن غەلىبە قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەتلا قۇرئاننىڭ مەنىدار سۆزلىرىنىڭ مەنىۋى قىلىچلىرى ھۆكمىدىكى قۇرئان نۇرلىرى بىلەن قارشى چىققىلى بولىدۇ.» دېگەن مەنىۋى ئەمىر بويىچە، ئۇلار بىلەن بىرلىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ھۆكۈمەت يەنى ئىسلام دۈشمەنلىرى بەدىئۇززاماننى «بېشىمىزغا بالا» دەپ، ئۇنى سۆزلەتمەسلىك، ئىمانىي ئەسەرلەرنى يازدۇرماسلىق، قۇرئانغا خىزمەت قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن ھەربىلەر ئارقىلىق ئاۋۋال بۇردۇرغا، ئىسپارتاغا، ئۇ يەردىن چەت يېزا بولغان بارلاغا سۈرگۈن قىلىدۇ.
بارلا ـــ ئىمان ئەھلىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئېھسان قىلىنغان «رىسالەئى نۇر» توپلىمىنىڭ يېزىلىشقا باشلانغان تۇنجى مەركىزىدۇر. بارلا ـــ ئىسلامىيەت خەلقىنىڭ، بولۇپمۇ ئانادولۇ خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن بىر زالالەت ۋە دىنسىزلىك جەريانىغا قارشى، قۇرئاندىن كەلگەن بىر ھىدايەت نۇرى، بىر سائادەت قۇياشى تۇغقان بىر رايۇندۇر. بەدىئۇززامان كاپىرلارنىڭ پىلانىغا تامامەن زىت ھالدا، بىردەممۇ بىكار تۇرماستىن، قۇرئان ۋە ئىمان ھەقىقەتلىرىدىن دەرس بەرگەن «رىسالەئى نۇر» ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىقىپ پەردە ئارقىسىدا نەشىر قىلدۇرىدۇ.
1934 ـ يىلى بارلادىن ئىسپارتاغا، 1935 ـ يىلى 120 تالىپى بىلەن ئەسكىشەھىرگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 1936ـ يىلى 27 ـ مارتتا ئەسكىشەھىر تۈرمىسىدىن بوشىتىلىپ، قاستامونۇدا ساقچى قاراۋۇلخانىسى قارشىسىدا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىنىدۇ. سەككىز يىل ئېغىر ئىستىبدات ۋە كۈزىتىش ئاستىدا بىر سۈرگۈن ھاياتىنى كەچۈرىدۇ. بىراق قۇرئان خىزمىتىنى مەخپى ھالدا قەتئى داۋام قىلىدۇ.
بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى 943 ـ يىلى 20 ـ سىنتەبىردە قاستامونۇدىن دېڭىزلى ئېغىر جازا سوت مەھكىمىسىگە 126 تالىپى بىلەن تاپشۇرىلىدۇ. توققۇز ئاي تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، 1944 ـ يىلى ئىيوندا ئاقلىنىش قارارى بىلەن قويىۋېتىلىدۇ. بۇ تۈرمىدە ئۇستاز ناھايىتى قىممەتلىك بولغان «مېۋە رىسالىسى» ناملىق كىتابىنى يازىدۇ. تۈرمىدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر بۇنى ئوقۇپ نەفسىنى ئىسلاھ قىلىشىدۇ. دېڭىزلى تۈرمىسىدىن قويۇۋېتىلگەندىن كېيىن بەدىئۇززامان ئەنقەرەدىن كەلگەن بىر ئەمىر بىلەن ئەمىرداغقا يەرلىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ يەردىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىدا قالىدۇ. تاماقلىرىغا زەھەر قېتىلىدۇ. دۇئا، جەۋشەن ۋە سالاۋاتلارنىڭ ھىممىتى بىلەن قۇتۇلىدۇ.
1947 ـ يىلى 23 ـ دىكابىر ئافيون تۈرمىسىگە تاشلىنىدۇ. 1949 ـ يىلى 20 ـ سىنتەبىردە قويۇۋېتىلىدۇ. شۇ ئۈچ ـ تۆت يىل ئىچىدە شۇ قەدەر دەرىجىدە ئىسكەنجە ئاستىدا قالغانكى، تارىختا ھېچ بىر ئۆلىماغا مۇنداق دەھشەتلىك سۈيقەست قىلىنمىغاندۇر. دېڭىزلىدا بىر ئايدا تارتقان ئازاپنى ئافيۇندا بىر كۈندە تارتىدۇ. لېكىن شۇ قەدەر قېيىنچىلىقلاردا قالدۇرغانلارغا بەددۇئامۇ قىلمايدۇ.
1952 ـ يىلى ئەسكىشەھىرگە، ئاندىن ئىسپارتاغا كېلىدۇ. شۇ يىلى «ياشلىق رەھبىرى» رىسالىسى مۇناسىۋەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ چاقىرىشى بىلەن ئىستانبۇلغا بارىدۇ.
ئۇستاز بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى ھاياتىدا 28 يىل تۈرمىلەردە، سۈرگۈنلەردە ۋە كونترول ئاستىدا بولۇپ، 19 قېتىم زەھەرلەنگەن ۋە دەھشەتلىك ئازاپلارنى چەككەن بولسىمۇ، تۈرلۈك ـ تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا ۋە فىتنە ـ پاساتلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئەسرىمىزدىكى «كېسەللەر» ئۈچۈن قۇتقازغۇچ دورا ھۆكمىدىكى 130 پارچە كىتابتىن تەركىپ تاپقان «رىسالەئى نۇر» توپلىمىنى، شۇنداقلا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقىدۇ.
1958 ـ يىلى رىسالەئى نۇرلار تۇنجى قېتىم ئەركىن ھالدا بېسىلىپ، ھەر تەرەپكە ئەۋەتىلىشكە باشلايدۇ. ئۇستاز بۇ نەشىرلەر ئۈچۈن: «نۇرنىڭ بايرىمىدا ياشاۋاتىمىز، ئاخىرەتكە كەتسەممۇ كۆزلىرىم ئوچۇق كەتمەيدۇ.» دەيتتى.
ئۇستاز بارلادىن ئايرىلىپ 25 يىلدىن كېيىن، رىسالەئى نۇرلار تۇنجى يېزىلىشقا باشلىغان رايون بارلاغا قايتا كەلدى. بۇ يەردە سەككىز يىل ئۆتكۈزگەن ئۇنتۇلماس خاتىرىلەر، سادىق، پىداكار دوستلار كۆز ئالدىغا كەلدى… ئىلاھىي ئېھسانلار ئاققان، رەببانى ئىلھاملار تاشقان مۇبارەك يەرلەرنى قايتا كۆردى. سەككىز يىللىق ماكانى بولغان «مەدرىسەئى نۇرىيە»گە يېقىنلاشقاندا، ئۆزىنى تۇتالماي مۇبارەك كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى. يىللارچە ئۈستىدە سەھەرگە قەدەر دۇئا قىلىپ يالۋۇرغان، ئىلاھىي ئىلھاملارغا ئېرىشكەن مۇبارەك چىنار دەرىخىگە ئېسىلىپ، خۇشاللىق كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغانىدى.
ئۇستاز بەدىئۇززامان سائىد نۇرسى 1960ـ يىلى 23 ـ مارت، رامىزانى شەرىفنىڭ 25 ـ كېچىسى رەھماننىڭ رەھمىتىگە، ئاخىرەتكە كەتتى. ﷲ رەھمەت قىلسۇن. ئامىن! ئۇنىڭ ھاياتىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن ”بەدىئۇززامان نىڭ تارىخچەئى ھاياتى“ ناملىق كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3538
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9502
تۆھپە نۇمۇرى: 454
توردا: 4567 سائەت
تىزىم: 2010-7-7
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 12:21:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزگە ئىككى دۇنيالىق بەخت ئاتا قىلغاي قىرىندىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26559
يازما سانى: 188
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5526
تۆھپە نۇمۇرى: 290
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2011-1-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-15 06:34:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزگە ئىككى دۇنيالىق بەخت ئاتا قىلغاي قىرىندىشىم

ئاللاھ بىر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش