گېرماندا ۋىزا ئىلىش ھەققىدە ئالغان تەجىربىلەر
ئادەتتە گېرمانىيەگە ئوقۇشقا كىلىشتىن بۇرۇن بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىدىن APS ۋاستىسى (APS نىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ۋە مەكتەپ چاقىرىقىنى ئالغاندىن كىيىن) ئارقىلىق 3 ئايلىق ۋىزا ئىلىپ گېرمانىيەگە كىلىسىز. كەلگەندىن كىيىن مەكتەپكە تىزىملىتىسىز ھەم مەكتەپ بەرگەن ئىسپاتقا ئاساسەن ۋىزىڭىزنى بىر قىتىمدىلا بىر يىل ياكى ئىككى يىلغا ئۇزارتالايسىز. ئوقۇش جەريانىدا سىزگە ئادەتتە بىرلا خىل ۋىزا بىرىلىدۇ، ئۇ ۋىزىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە ”پاراگىراف 16″ بەلگىسى. بۇ دىگەنلىك، ئەمەلى تۇرغان ۋاقتىڭىز بىر يىل بولسىمۇ، يىرىم ئەمگەك كۈچى ھىسابلانغاچقا بۇ بىر يىل يىرىم يىل ھىسابلىنىدۇ. ئەگەر سىز كىيىنچە گېرمانىيەنىڭ مەڭگۈلۈك ۋىزىسىنى ياكى گېرمان ۋەتەنداشلىقىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز ئاندىن تۇرغان ۋاقتىڭىز ئۇزۇنلۇقىنى ھىسابلىغاندا زىيان تارتىپ قالىسىز.
مەڭگۈلۈك ۋىزىنىڭ شەرىتلىرى مۇنداق:
1. گېرمانىيەدە تۇرغان ۋاقتى 5 يىلدىن ئىشىشى كېرەك.
2. گېرمانىيەدە 5 يىل (ئىنىقىراقى 60 ئاي) كىرىم بىجى تاپشۇرغان، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ھەققى تاپشۇرغان بولۇشىڭىز شەرىت. (دەل مۇشۇ شەرتكە كۆرە، ئەگەر سىز يۇقاردا دىيىلگەن ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىدا 10 يىل تۇرغان بولۇشىڭىز شەرىت بولىدۇ دىگەنلىك، چۈنكى ۋىزىڭىزدا خاتىرلىنىپ ماڭىدىغان ئورنىڭىز پاراگىراف 16، يىرىم ئەمگەك كۈچى ھىسابلىنىسىز).
3. تۇرۋاتقان جايىڭىز بولۇشى، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىڭىز بولۇشى (ئىجارىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىشقىلىپ تالادا قالمىغان، بىر تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز بولسىلا بولدى).
4. جىنايەت ئۆتكۈزمىگەن بولۇشىڭىز (بۇ ئىسپاتنى ئادەتتە چەتئەللىكلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئالىسىز).
5. مەلۇم گېرمانى تىلى ئاساسىڭىز بولۇشى (B1 ئۆلچىمىدىن يۇقۇرى بولۇشى كېرەك دەيدۇ بەزىلەر، لىكىن تەلەپ بەك يۇقىرى ئەمەس، ۋىزىغا ئىلتىماس قىلغان ۋاقتىڭىزدا گىپىڭىزنى ئۇقتۇرالىسىڭىزمۇ ھىساب بەزىدە)
6. مەن بىلمەيدىغان تەلەپلىرى (ئەڭ مۇھىم تەلەپلەر يۇقۇردىكىسى شۇ)
ۋەتەنداشلىق شەرىتلىرى
1. ئۇدا 8 يىل تۇرغان بولۇشى
2. بۇ مەزگىلدە مۇستەقىل جان باققان بولۇشى (گېرمانىيە ھۆكۈمەت تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا تايانمىغان دىمەكچى)
3. گېرمان تىلىنى ياخشى بىلگەن (C1 دىن يۇقۇرى دىگەندەك)
4. گېرماننىڭ ئاساسى قانۇنلىرىغا بولغان چۈشەنچىسى
5. قالغان شەرىتلىرى مەڭگۈلۈك ۋىزا بىلەن ئوخشاش
بۇ يەردە يەنى شۇنىمۇ ئەسكەرتىش كېرەككى، گېرمانىيە ھەر بىر ئوبلاستى، شەھەر ۋە رائونلىرىدا ئازدۇر كۆپتۇر پەرىقلەر بولىدۇ، بەزى يەرلەردە بوشىراق تۇتىدۇ، بەزى يەرلەردە چىڭىراق تۇتىدۇ.
مەڭگۈلۈك ۋىزىنىڭ بىر ناچار يىرى، سىز ۋىزىنى ئالغاندىن كىيىن گېرمانىيە (ھىسابتا ياۋرۇپا ئىتتىپاقى/شىڭگىن) رايونىدىن چىقىپ كەتكەن ۋاقتىڭىز بىر يىل (بەزىلەر 6 ئاي دەيدۇ، ماڭىمۇ ئىنىق ئەمەس)دىن ئىشىپ كەتسە، مەڭگۈلۈك ۋىزا كۈچىنى يوقىتىدۇ.
ئەمدىكى گەپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشىدا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
ئادەتتە گېرماندا دوكتۇرلۇق ئوقۇشى كۆپىنچە ۋاقلاردا خىزمەت بىلەن ئوخشاش دەپ قارىلىدۇ. لىكىن كۆپىنچە ھاللاردا 50% توختام بىرىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر مۇشۇ توختامنى كۆتۈرۈپ بارسىڭىز سىزگە يەنىلا پاراگىراف 16 بويىچە ۋىزا بىرىدۇ. بۇ بەك زىيان. بۇنىڭدىن ئايلىنىپ ئۆتۈشنىڭ چارىسى، (ئەگەر ئالغان توختامىڭىز داۋاملىق 50% بولۇپ قالسا) ئىنىستىتۇتتىكى كاتىپقا دەپ، توختامنى ئىلىشتىن بۇرۇن بىر ۋاراق ئىسپات سورىسىڭىزلا بولىدۇ، ئىسپاتتا سىزنىڭ شۇ ئىنىستىتۇتتا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيدىغىڭىزنى يىزىپلا قويىدۇ. شۇ ئىسپاتنى كۆتۈرۈپ بارسىڭىزلا، سورىسا، تەتقىقات قىلىمەن دىسىڭىزلا بولىدۇ، چۈنكى دوكتۇرلۇق كىنىشكىمىزغىمۇ شۇنداق يىزىقلىق، ھەم ئالغان مائاشىمىزدىن باج تۆلەيمىز. ئەگەر تەلىيىڭىز كەلسە، پاراگراف 18 بويىچە مۇئامىلە قىلىنىسىز، بۇ دىگەنلىك، تۇرغان ۋاقىتىڭىز پۈتۈنلەي تولۇق كۈن ھىسابلىنىدۇ. بىر يىل بىر يىل بويىچە ھىسبالىنىدۇ. ئەگەر ئالغان توختامىڭىز 75%، ياكى 100% بولسا، تەبئىيلا تولۇق بىرىشى كېرەك. دوكتۇرلۇق ھەم خىزمەت دەپ قارالغاچقا، ئوقۇشىڭىز پۈتكەندىن كىيىن خىزمەت ئىزدەش ۋىزىسى ئالالمايسىز، خىزمەت ئىزدەش ۋىزىسى (يىڭى قانۇن بويىچە، ئوقۇش پۈتكەندىن باشلاپ 18 ئايغىچە) پەقەت باكلاۋىرلىق ياكى ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىرلىدۇ. دوكتۇرلۇقنى پۈتتۈرسىڭىز، چوقۇم ۋىزىڭىز توشۇشتىن بۇرۇن ئىش تىپۋىلىشىڭىز كېرەك، ئۇنداق بولمىغاندا قايتىشقا مەجبۇر بولىسىز.
بەزى ئوقۇغۇچىلار گېرمانغا كەلگەندىن كىيىن، بىرەر مەۋسۈم ياكى بىر يىل ئوقۇشنى توختىتىپ ئىشلەيدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتتىمۇ ئەڭ مۇھىمى شۇ خىزمەت توختامى بىلەن ۋىزا ئىلىش، تولۇق كۈن ئىشلەيدىغان ئىش بولسىلا پاراگىراف 18 ۋىزىسى ئالالايسىز. بۇ يەردە تەكرالىماقچى بولغان گەپ، ئەگەر سىزنىڭ كىيىن قىلىپ قىلىش ئويىڭىز بولسا ئامال بار ۋىزىنى خىزمەت ۋىزىسى شەكلىدە ئالغىنىڭىز پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئوقۇشىڭىز قىسقا ئوقۇش بولسا، بەلكىم بۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىمۇ بولماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىنىڭ پايدىسىمۇ بار. ئەگەر سىز ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن تۇرغان بولسىڭىز، بىر يىلدا قانۇنلۇق ئىشلىگەن ۋاقتىڭىزدا تۆلىگەن باجىنى قايتۇرۋىلىش ھوقۇقىڭىز بولىدۇ، شۇنداقلا ئۈگنىش ماتېرياللىرى، كومپۇتېر ئالغاندا تۆلىگەن باجنىمۇ شۇ يىلى ئاخىرىدا ئىلتىماس قىلسىڭىز قايتۇرۇپ ئالالايسىز. ئېلتىماسسىز ھىچ ئىش بولمايدۇ.
يەنە بىر دەپ قويۇشقا تىگىشلىك نەرسە: ھۆكۈمەتكە تەۋە ۋىزا بىرىش ئورنى بەزىدە ئىشلىرىڭىزنى بەك ئارقىغا سۈرۋىتىشى مۇمكىن (ھامان پۈتىدۇ، لىكىن ئاستىراق بەزى ئەھۋاللاردا). بۇنداق ئەھۋاللاردا، ئەڭ ياخشىسى مەكتەپنى ئارىغا سالسىڭىز ئىش بەك ئىتتىك پۈتىدۇ. مەكتەپ بىلەن ھۆكۈمەت ئورگانلىرى دوقۇرشۇپ قىلىشنى بەكلا خالىمايدۇ، دوقۇرۇشقان تەقدىردە، ھامان مەكتەپ ئۇتىدۇ (كۆپىنچە ئەھۋاللاردا).
تۆۋەندىكى پاسپورتقا بىسىلغان ۋىزىدىكى پاراگىراف تۈرىنى كۆرسەتكەن ئۈلگە رەسىم. پاراگىراف 18(قىزىل سىزىلغان يەرگە قاراڭ)، ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسىدا 18 نىڭ ئورنىدا 16 بولىدۇ.
بۇ يازمىنىڭ بلوگىمدىكى ئادرىسى:
http://achinuq.org/?p=297
مەنبەنى ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ