تۇرپان شېۋىسى ۋە تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قىسىم تىل ئادەتلىرى
تۇرپان _ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئانا ماكانلىرىنىڭ بىرى . ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى ، سىرلىقلىقى ، باغرىغا كۆمۈلگەن مەدەنىيەت ئىزنالىرىنىڭ كۆپلۈكىدەك ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى بىلەن يىپەك يولىدا ئالاھىدە جۇلالىنىپ تۇرىدۇ . تالاي مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن توم-توم تۇرپان تېكىستلىرى ، قېزىلىپ تۈگىمەس قەدىمكى قەبرىلەر ۋە ئۇلاردىن تېپىلىۋاتقان ھېسابسىز مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى سۆزىمىزنى مۇنازىرىسىز ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ . تۇرپاننىڭ تارىخى ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىش بۇ يەردە بىھاجەتتۇر . بۇ توغرۇلۇق ئايرىم تېما ئاستىدا سۆز ئاچقايمىز . تۆۋەندە بايانىمىز ئەسلى مەقسەت ئۈستىدە داۋام ئەتكەي .
شۈبھىسىزكى ھەربىر يۇرتنىڭ شېۋىسى ۋە تىل ئىشلىتىش ئادەتلىرى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ يۇرتنىڭ تارىخى ، مەدەنىيەت جۇغلانمىسى ، تۇرمۇش ئادىتى ۋە جۇغراپىيىلىك شارائىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ ، ئەلۋەتتە . شۇ جۈملىدىن تۇرپان رايونىمۇ زامانلار داۋامىدا ئۆزىگە خاس تىل ئادىتى ۋە رەڭدار شېۋىلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن . مۇشۇ پۇرسەتتە گۈزەل يۇرتۇم تۇرپاننىڭ ئاز بىر قىسىم يەرلىك شېۋىلىرىنى سىزلەر بىلەن ئورتاقلاشقۇم كېلىۋاتىدۇ :
چۈكۈلۈك _ كىچىك سېۋەت
سىرتىق _ ئىز-دېرەك ، خەۋەر ، ئۇچۇر
جۈجەم _ ئۈجمە
كانتۇ _ ئوغرى
گەشەت قىلىش _ غەم قىلىش
سۈزۈش _ ئۈسۈش
بىزە _ سەل ، بىرئاز
ئامدان _ ئوبدان ، ياخشى
تەپچە _ كېۋەز شادىسى
بىزمان _ سەل تۇرۇپ
ئەڭگىزە _ ئۇنىڭدىن كېيىن ، شۇنىڭ بىلەن
ھەگزىم _ ھەرگىزمۇ
مالاكا(مالكا) _ "موللا ئاكا" دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىپ ئېيتىلىشى ؛ ئاكا
ئايلا _ ئاچا ، ھەدە
كېپىش _ ئاياغ
تاللىق _ تاتلىق
تىيزا _ پۇل
سارا _ باھار ، نورۇز
ئاڭۋاچۈن _ شۇنىڭ ئۈچۈن
يۇقاينى _ يۇقىرىسى
ئايلى _ ئالدى
كىلىت _ ئاچقۇچ
سېرىقئېشەك (ئېشەك) _ چايان
مەزىم _ مەزلۇم
تاتما _ شوتا
تۈۋە (ئۆينىڭ تۈۋىسى) _ ئۆگزە
ھەجەپسىلا _ ئەجەپمۇ ، ئاجايىپ
پاپىلاش _ ئۆمىلەش
ئاقتۇرما _ تۇرۇپ
سۇقۇش _ يوشۇرۇش ، مۆكۈش (مۆكۈشمەك ئويۇنى "سۇقۇنماق" دېيىلىدۇ)
داپقۇر _ قېتىم ، رەت (بىر داپقۇر ، ئىككى داپقۇر دېگەندەك)
ماز بولۇش* _ مەستلىكى كېلىش ، زوقلىنىش ، ھۇزۇرلىنىش
پارلاش _ تاللاش ، ئىلغاش
قاپتۇرغا _ پۇل قاپچۇقى (توقسۇندا شۇنداق ئاتايدۇ)
شالدىرشاپ _ قېقىلغان ئۈجمىنى چۈشۈرىدىغان داستىخان
دىخمار _ تەنە ، دوق (دىخمارلاش _ خورلاش ، تاپا-تەنە قىلىش)
پەنجىرە _ دېرىزە
............
ھازىرچە ئېسىمگە ئالالىغانلىرىم مۇشۇنچىلىك ، بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ ، ئەلۋەتتە . ئەل ئارىسىدىكى شېۋىلەر يەنە نۇرغۇن نۇرغۇن...
تۇرپان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىسمەن تىل ئادەتلىرى :
1. كۆپ ھاللاردا "گ" تاۋۇشى "ۋ" تاۋۇشىغا ئالمىشىپ كېلىدۇ . مەسىلەن : داگۇت(ئۆزگىرىشى) _ داۋۇت(ئەسلىسى) ، ھالگا _ ھالۋا ، پالگان _ پالۋان ، ئۇگال _ ئۇۋال ، گاختى _ ۋاقتى ، يۇگاش _ يۇۋاش ، ئۇگاك _ ئۇۋاق...
2. تۇرپانلىقلار "دادا" نى "ئاتا" ، "بوۋا"نى "دادا" ، "موما" نى "ئانا" ، "ئۇكام" نى "ئۈكەم" دەيمىز . تاغىمىزنى _ ئاتىمىزنىڭ ئاكىسىنى "چوڭ ئاتا" ، ئىنىسىنى "كىچىك ئاتا" ، ھاممىمىزنى _ ئاپىمىزنىڭ ھەدىسىنى "چوڭ ئاپا" ، سىڭلىسىنى "كىچىك ئاپا" دەپ ئاتايمىز .
3. تۇرپان شېۋىسىدە سۆزلەر زور دەرىجىدە قىسقىراپ ئىخچاملىنىپ كېتىدۇ . مەسىلەن : "موللا ئاكا" دېگەن سۆز "مالكا" دەپ ، "خان ئايلا" دېگەن سۆز "خايلا" دەپ ، " چىقىپ كېلىۋاتىدۇ" ، "كىرىپ كېلىۋاتىدۇ" دېگەن بىرىكمىلەر "چىكىلدۇ" ، "كىركىلدۇ" دەپ... قىسقارتىلىپ ئېيتىلىدۇ .
4. تۇرپاندا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەر ۋە تەلەپپۇز ئادەتلىرى ئەينەن ساقلىنىپ قالغان . مەسىلەن : "ئاقتۇرما" (تۇرۇپ) ، "كىلىت" (ئاچقۇچ) ، "پەنجىرە" (دېرىزە) ، "پۆشكەل" (پوشكال)... دېگەنگە ئوخشاش .
5. تۇرپان شېۋىسىدە سۈپەتداشنىڭ قوشۇمچىسى بولغان ، "-ئۇر"دىن "-ئار ، -ئەر" گە ئۆزگىرىپ قالغان بۇ قوشۇمچە ئەسلىسى بويىچە ئۆزگەرتىلمەي "-ئۇر" دەپ قوللىنىلىدۇ . مەسىلەن : چىقۇر _ چىقار ، ئالۇر _ ئالار ، سوقۇر _ سوقار ، ئاقۇر _ ئاقار ، بىلۇر _ بىلەر ، كۆرۇر _ كۆرەر ، ئىچۇر _ ئىچەر ، كېتۇر _ كېتەر... دېگەندەك .
6. تۇرپان شېۋىسىدە ئىككىنچى شەخس سىپايە تۈرى "سىز" نىڭ كۆپلۈك شەكلى "سىزلەر" دەپ قوللىنىلىدۇ . يەنى "قىلىڭىزلەر" ، "ئېتىڭىزلەر" دېگەندەك . باشقا يۇرتلاردا "تاماققا بېقىڭلا ، داستىخانغا كېلىڭلا" دېيىلسە ، تۇرپاندا "تاماققا بېقىڭىزلەر ، داستىخانغا كېلىڭىزلەر" دېيىلىدۇ . ئىككىنچى شەخس ھۆرمەت تۈرى ئاساسەن "سىلى" دەپ ئىشلىتىلمەيدۇ ، بەلكى "ئۆزلە ، ئۆزلىرى" دېيىلىدۇ . پىچان لۈكچۈننى مەركەز قىلغان تاغ جەنۇبى رايونىدا "سەن ، سىز" نىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي دېگۈدەك "ئۆزلە ، ئۆزلىرى" قوللىنىلىدۇ ، ئاتا-بالا ، ئاكا-سىڭىل ئارىسىدىمۇ ھەم شۇنداق .ئۇندىن باشقا ئۆتۈنۈش ، تىلەك رايىنى بىلدۈرىدىغان "قىلساڭچۇ ، ئەتسەڭچۇ ، قىلسىڭىزچۇ ، ئەتسىڭىزچۇ ، قىلساڭلارچۇ ، ئەتسەڭلارچۇ" دېگەن شەكىلنىڭ ئورنىغا "قىلسىنا ، ئەتسىنا ، قىلسىڭىزا ، ئەتسىڭىزا ، قىلسىڭىزلىرا ، ئەتسىڭىزلىرا" دېيىلىدۇ .
7. تۇرپاندا "يېيەلمەيمەن ، دېيەلمەيمەن" دېگەن سۆزلەر "يالالمايمەن ، دالالمايمەن" دەپ ئېيتىلىدۇ .
سەۋىيەمنىڭ چەكلىك ، بىلىمىمنىڭ يېتەرسىز بولۇشى تۈپەيلى يىغقان-توپلىغانلىرىمنى مۇشۇنچىلىكلا ئىپادە قىلالىدىم . تۇرپاننىڭ يەرلىك شېۋىلىرىنى ، تىل ئادەتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك بەكمۇ كەڭ دائىرىلەرگە چېتىلىدۇ . تۇرپانشۇناسلىقمۇ ئۆز ئالدىغا زور بىر مۇستەقىل ئىلىم ، تۇرپان رايونىدا يەنە ئېچىلىشنى ، ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ساھەلەر تېخى كۈرمىڭ ... بۇ يەردە شېۋىلەرنى ئېتىمولوگىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا ئىمكان بولماي قالدى ، يۇقارقى بايانلىرىم سەۋەنلىكلەردىن ، يېتەرسىزلىكلەردىن مۇستەسنا ئەمەس ، ئەلۋەتتە . مۇنبەرداشلارنىڭ توغرا پىكىر-تەنقىدلىرىنى ئايىماسلىقىغا ، بۇ تېما ئۈستىدە بىرلىكتە ئىزدىنىشىمىزگە تىلەكداشمەن!
يەرلىك شېۋىلەر ئالتۇن تىلىمىزنىڭ ئۈستىدىكى ياقۇت كۆزدۇر . يەرلىك شېۋىلەردىكى ئاز بولمىغان ئىبارىلەر ھازىر يوقىلىشقا قاراپ يۈز تۇتماقتا . ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن رەڭدار شېۋىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ، قوغداش ، تىل بايلىقىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر . ھەممەيلەن ھەرىكەتكە كېلىپ شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ چىقارساق بۇمۇ بىر سۆيۈنەرلىك ئەمگەك بولۇر ئىدى .
ئاخىرىدا بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ ئارام كۈنىگە خاتىرجەملىك ۋە شادلىق تىلەيمەن . ئاللاھ ئاسايىشلىق كۈنلەرنى نېسىپ قىلغاي!
___________________________________________
*ماز بولۇش _ شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ھازىر ناخشىچىلىرىمىز ئۇلۇغ شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تېكىستىنى يازغان خەلق ناخشىسى "ئاچىل" نى خاتا ئېيتىپ كېلىۋاتىدۇ . يەنى :
يارىم ماڭا ناز قىلۇر،
كۈلۈپ مېنى ماز قىلۇر.
يار قەدرىنى بىلمەيسەن،
زىمىستاننى ياز قىلۇر.
دېگەن كۇپلېتتىكى "ماز قىلۇر" دېگەن سۆزنى بەزىلىرى خالىغانچە "مەس قىلۇر" ، يەنە بەزىلىرى "خۇش قىلۇر" دەپ ئېلىۋاتىدۇ . ئەسلىي شېئىرنى بۇنداق قارىغۇلارچە ئۆزگەرتىش شائىرغا قىلىنغان چوڭ ھۆرمەتسىزلىك ۋە ھاقارەتتۇر . بۇ ئەھۋال تۇرپان شېۋىسىدىكى "ماز بۇلۇش" نىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ . بۇ يەردىكى "ماز بولۇش" ھەرگىز ھازىرقى كىشىلىرىمىز ئىستېمال قىلىۋاتقان سەلبىي مەنىدىكى "ماز" ئەمەس ، بەلكى زوقلىنىش مەنىسىدە . بۇندىن كېيىن ئەسلىي ئەسەر بويىچە "ماز قىلۇر" دەپ توغرا ئېيتىلسا بولاتتى!
مەنبە : توپلىغانلىرىم ۋە بايقىغانلىرىم ئاساسىدىكى ئۆز قەلىمىم