ياخشى يارنى تاپماق تەس
مۇھەممەدجان راشىدىن
يالغۇز ئاتقا داۋانلاردا تارتماق تەس،
يالغۇزلارغا تۈندە تەنھا ياتماق تەس ،
تاپقان بىلەن ياخشى ئاتنى مىنەرگە،
بۇ دۇنيادىن ياخشى يارنى تاپماق تەس .
پانىيدىكى ئامىتىڭدۇر ياخشى يار ،
قارىغاي كەبى قامىتىڭدۇر ياخشى يار ،
ئۇچاي دىسەڭ، قانىتىڭدۇر ياخشى يار ،
بىراق شۇنداق ياخشى يارنى تاپماق تەس .
ئاشىقلىقتا ئاسىي چىقتى ئەرلەرمۇ ،
تاشلىق چىقتى ئىشەنىچ قىلغان يەرلەرمۇ ،
زايە كەتتى ئۇنداقلارغا ھۆرلەرمۇ ،
بۇ دۇنيادا ياخشى يارنى تاپماق تەس .
سېنى دىسەم كۈندە باراتتىم
سېنى دىسەم كۈندە بارغۇم بار ،
بارالمىدىم ، كۈندەشلەر يامان ،
تارتقۇلۇقنى ئىككىمىز تارتىپ ،
يۈرىدىكەن كۈندەشلەر ئامان .
سېنى دىسەم كۈندە بارغۇم بار ،
مەھەللەڭدە يات كۆزلەر تولا ،
چۈشەنمەيدۇ ئاشىق مەشۇقنى ،
كۈندەشلەردە گەپ-سۆزلەر تولا.
سېنى دىسەم كۈندە باراتتىم ،
ئارىمىزدا دۈشمەن كۆپ، بىراق ،
تىنىچ ئەمەس بىزنىڭ مەلىمۇ ،
ئىشەنمىسەڭ ، سەنمۇ كىلىپ باق .
تالانىتلىق يازغۇچىمىز مۇھەممەدجان راشىدىن بۇ قېتىم يەنە يېڭى كىتاپلارنى ئۇقۇرمەنلەرگە سۇنۇپتۇ .مەن يۇقىرىدا " ئۇمۇ بىر ئانا " دىگەن كىتابىدىن ئىككى پارچە شېئىر يوللىدىم . بەك ياخشى يىزىپتۇ . كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلىمەن . ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئازراق يوللىدىم .