مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 647|ئىنكاس: 3

تېڭىرقىغان ھېسلار ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 09:31:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                             تېڭىرقىغان ھېسلار ...
     
   مەن سېنى ھەقىقەتەن تونۇيالماي قېلىۋاتاتتىم ، ياق تونۇدۇم ، بىراق سېنىڭ تونۇماسقا سېلىشىڭ بىلەن ئىككىمىز تونۇشمايدىغان باشقا - باشقا ئادەمگە ئايلىنىپ كەتكەنىدۇق . ئىنساننىڭ كارامەتلىرىنى چۈشەنمەك نېمىدىگەن تەس - ھە! . شۇڭلاشقىمۇ ئىنسانلار بىر- بىرنى چۈشىنىشنىڭ ئورنىغا نەزىرىنى ماددىي دۇنيانى چۈشىنىشكە يۆتكىۋەتتىمۇ قانداق . ..
     ئىككىمىز  ھاياتىمىزنىڭ ئەڭ غۇبارسىز چاغلىرىنى بىللە ئۆتكۈزگەنىدۇق . مەيلى سەن ھازىر قانچىلىك مەئىشەتكە ئېرىشىپ كەتكەن بولساڭمۇ ، ئەشۇ غۇبارسىز چاغلىرىمىزدىكىدەك كۈلەلىشىڭ ناتايىن . چۈنكى ئەتراپىڭدا يۈرگەن دوسلىرىڭنىڭ ھەممىسى يېڭى ئىكەن . توغرا سەن ھەممىنى يېڭىلاپسەن . ھەتتا ئىدىيەڭنىمۇ ، يۈرىكىڭنىمۇ ،دوستلىرىڭنىمۇ ...  
    مەن سېنىڭ ئۆزگىرىپ كەتكىنىڭدىن ئازابلانمىدىم، سەندەكلەرنىڭ كۆلەملىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئازابلىنىۋاتىمەن . بۇ كۆلەملىشىش قەدىناسلارنى بىر بىرىدىن ئايرىپ ، قەدىناسلىقنىڭ قەدرىنى سۇسلىتىۋېتىشىدىن ئازابلىنىۋاتىمەن. شەھەرلىرىمىز ئاللىقاچان قەدىناسلىرىنى تاشلاپ تەرەققىي قىلماقتا . ئۆز شەھىرىدە ئېزىپ قالىدىغانلار كۆپەيمەكتە ...
    مەن سېنى نېمىشقىمۇ قەدىناسىم ، دەپ ئالدىڭغا باشقىلارنى باشلاپ كەلگەندىمەن،- ھە ! ... يېڭىلىنىپ كەتكىنىڭنى نېمىشقا پەرەز قىلمىدىم . مەن سېنى يەنىلا ھېلىقى ئېغىر كۈنلەرنى بىللە ئۆتكۈزگەن دەپ ئىزدەپ كەلگىنىمنى ، سەن ئاللىقاچان بەختىيار كۈنلەردە تېپىشقانلار بىلەن قەدىناس بولۇپ بوپسەن . ..
    مەن يەنىلا سېنى ئەيىبلىيەلمەيمەن . چۈنكى مەنمۇ ئىدىيەمنى ساڭا لايىقلاشتۇرساملا  بولىدىكەن ئەمەسمۇ ؟! مەنمۇ چىرايىمنى ، ئىدىيەمنى ، يۈرىكىمنى  يېڭىلايمەن . بىراق يۈرەكلىرىم بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلەرمۇ ؟...
     مەن ئۆزگىرىشكە باشلىدىم . پۈتكۈل ۋۇجۇدۇم تېزلا ماسلاشماقتا ، مەن ئەسلى ئۆزۈمنى چۈشەنمەپتىمەن ، ئۆزۈمنى بايقىماپتىمەن ، يېڭىلىققا ئىنتىلمەپتىمەن ، ئەسلى مەنمۇ بۇرۇنلا  ئۆزگىرىپ بولغانىكەنمەن ، مەن بۇنى ئۆزگىرىش جەريانىدا بىلدىم . توۋا ، ئۆزگەرمەك نېمىدىگەن ئاسان - ھە؟  .. ئىلگىرى ئۆزگىرىپ كېتىشتىن قورقاتتىم ، ئەمدى شۇنچە يىل ئۆزگەرمەي قانداق ياشىغان بولغىيتتىم ، دەيدىغان بولدۇم ...
      _ ئېسىت ! ساڭا بەرگەن شۇنچە يىللىق تەربىيىلىرىم ، مۇشۇما ئاخىرىدا بولۇشۇڭ ؟!   - مەن دادامنىڭ بۇ گەپلىرىنى چۈشىنەلمەيۋاتاتتىم .  دادامنى قانداق ئۆزگەرتەرمەن ، ئەجەپ تىڭىرقىدىم ...
         
مەنبە : ئۆزۈم. ئەبەي تارىم .       2012 - يىل 12- 7.    شەھىرى شىخو .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-7 11:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86315
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 396
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2014-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 01:20:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزلۈكتىكى تېڭىرقاش... ئويغاق تەپەككۈر. قەلىمىڭىزگە بەرىكەت ياغسۇن!

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15699
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-8 10:40:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەسلەپتىكى ھېسلىرىڭىز مىنىڭ ھېسلىرىمغا ئوخشاش بىلىندى.....ئەمما مەن ئۇنىڭغا ماسلىشىشنى ھەرگىز تاللىمايمەن،مەن ئۆزەمنىڭ يولىدا ماڭىمەن.چۈنكى بۇ ھەق يول............ئۆزگەرمەيمەن...بەلكىم ئۇنى ماڭا ئوخشاش قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىم مۇمكىن........
تىرىشىڭ.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88099
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 417
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-10 11:33:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيتاۋۇر مۇشۇنداق تونۇماسقا سالىدىغان كىشلەر كۆپىيىپ كەتتىغۇ زادى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش