|
|
|
|
بىرپارچە ئوپچە رەسىم (ھېكايە) بىرقانچە يىل ئىلگىرى گۇيجۇغا بارغان چېغىمدا، بىر ئۆلكىلىك ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىدىكى بىر دوستۇم بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى: دوستۇم ئەسلى سىچۇەندە تۇغۇنغان تاغلىق بالا ئىدى، بىراق تىرىشچان، ھەم ئەقىللىق ئىدى، ئالىي مەكتىپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتە پېروفېسسورلۇق قىلغان. شۇ يىلى، دۆلىتىمىزنىڭ رەھبىرى مەزكۇر دۆلەتكە زىيارەتكە بارغاندا، ئۇنىڭ تەلىيى كېلىپ، قۇبۇل قىلىشقا مۇيەسسەر بولىدۇ ۋە ئوپچە رەسىمگە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردۇ. ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ باققان ئەجرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، ھېلىقى رەسىمنى ئەينەك رامكىغا ئالدۇرۇپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدىكى مېھمانخانىغا ئېسىپ قويۇپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا يېزىدا بىكارتاماق يەيدىغان كادىرلار تېخى كۆپ بولوپ، «ئالتە قورۇقچى بىرباغنى باقىدىغان» ھالەتتە ئىدى. بۇ «قورۇقچىلار»نى بېقىش ئۈچۈن، يىزا-كەنت كادىرلىرى دائېم تۆۋەنگە بېرىپ، تۈرلۈك نامدىكى «غەللە-پاراق» يىغىشقا مەجبۇر ئىدى. بىر قېتىم كادىرلار ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ پۇل يىغقاندا، يۇۋاش ئانىسى«ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار» دەپلا دەرھال قازناق ئۆيگە پۇل ئالغىلى چىقىپ كېتىپتۇۇ. خەقنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ-بۇنىڭغا زەن قويۇشقا ئادەتلەنگەن بىرقانچە يېزا كادىرى، تەبىئىيلا ھېلىقى ئوپچە رەسىمنى كۆرۈپ قاپتۇ، لېكىن كۆرگەندىن كىيىن، ئۇلار تۇيۇقسىز ھۇشىنى يىغىپتۇ، ئۇلارغا رەھبەرنىڭ يېنىدا تۇرغان ھېلىقى ياش تونۇشتەكلا كۆرۈنۈپ، ئىنچىكىلەپ قارىغاندىن كېيىن، ئولتۇرالماي قاپتۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ ياشنىڭ مۇشۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ رەسىمىدىكى بالا ئىكەنلىكىنى تۇنۇۋالغان ئىدى. ئۇلار داڭ قېتىپ قاپتۇ دە دەرھال تىكىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئۆيىدىلا ئەمەس، پۈتۈن كەنتتىمۇ پۇل يىغقىلى كەلگەن كادىرلار قايتا پەيدا بولماپتۇ. جاڭ جەن گېڭ ئىمزالىقىدى بۇ يازما چىيەن جې شىيوڭ تەرىپىدىن «يېڭى پۇقرا كەچلىك گېزىتى»دىن كۆچۈرۈپ بېسىلغان. «فىليەتۇنلار ئايلىق ژورنىلى» 2009-يىل بىرىنچى ئايلىق كىيىنكى سانىدىن: ئەلىجان تۇرسۇن تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yawaat0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-7 07:23 PM
|
|
|
|
|
|