مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 856|ئىنكاس: 17

ئاتا-ئانىلار توغرىسىدا مۇنازىرلىشىپ باقايلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 801
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9346
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 953 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 06:51:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  مۇنبەرداشلار بىز مۇنبەر يۈزىدە  بولسۇن ياكى باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا بولسۇن پەن ۋە مائارىپ ،ھەم ئوقۇتقۇچىلار توغرىسىدىكى ھەر خىل مۇنازىرلىك تېمىلارنى   ئوقۇپ  كۆز قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ  ، ھەر خىل تەھلىللەرنى قىلىپ تۇرىمىز  ، خوش  ...ئۇنداقتا  جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر قاتلاملىرىدىكى  ئاتا-ئانىلار  توغرىسىدىمۇ   مۇنازىرە قىلىپ باقمامدۇق ..
    مەنمۇ بىر ئانا ، يېقىندىلا ئۈرۈمچى تەجىربە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئاتا- ئانىلار يىغىنىغا قاتناشتىم ، چوڭ زالدىكى مەكتەپ مۇدىرى ،ئىلمى مۇدىرى ۋە ئەخلاق تەربىيە مۇدىرلىرىنىڭ   سېستىمىلىق كەڭ مەزمونلۇق  نۇتۇقلىرىنى ئاڭلىدىم كەينىدىنلا  سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ  سىنىپلىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ پارتىسىغا بېرىپ ئولتۇردۇم ، بۇ سىنىپتىكى ساۋاقداشلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىدىن يىغىلغان بولۇپ بۇ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىغا يېقىن ئەتىراپتىكىلەر چاقىرتىلىپتۇ ،مەكتەپ شارائىتى ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى نىسبەتەن يۇقىرراق  شۇڭا رىقابەتمۇ كۈچلۈك ئىكەن ، شۇنداقتىمۇ بىز ئاتا- ئانىلار  پەرزەنتىمىزنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرۈپ تىگىشلىك پىكىرلىرىمىزنى بېرىپ ئۆتتۇق ھەم سىنىپ مۇدىرىنىڭ بىزدىن كۈتكەن  تەلەپلىرىنى چوقۇم ئورۇنلاشقا ۋەدە بېرىپ قايتىشتۇق .
   قايتىپ كېلىپ  بالامنىڭ نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ  ساۋاقداشلىرى بىلەن بولغان كۈندىلىك پائالىيەتلىرى ئۈستىدە تەھلىللەرنى ئېلىپ باردىم ۋە يولدىشىمغا ئۇنىڭ ئىلمى نەتىجىسىنىڭ سىنىپتا ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئىجتىمائى پائالىيەتلەردىمۇ ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى دەپ بەردىم . شۇنداق بولسىمۇ بالامنىڭ بۇندىن كېيىنكى شانلىق مۇساپىسى توغرىسىدا پىلان تۈزۈشىمنىڭ زۆرۆرلىكىنى  ھېس قىلىۋاتىمەن ..
     مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەڭ ئاتا -ئانىلارنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان پەرزەنتلىرىگە يۈرىكىدىن كۆيۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
     يېقىندىلا مەكتىپىمىز  ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىنى ئۆتكۈزدى ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ داڭلىق مۇتەخخەسسىسى  تۇرسۇنجان ھەسەننى ئاتا-ئانىلارغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم ئايرىم ھالدا لىكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى ،  مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار ئاتا-ئانىلار قاتارىدا ئولتۇرۇپ بۇ لىكسىيەنى ئاڭلىدۇق . لىكسىيە  ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى بولغان مىجەز خارەكتىرىنى قانداق يېتىلدۈرۈش  توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، چوڭ زالدا مىڭدىن ئارتۇق ئاتا-ئانا پۈتۈن دىققىتى بىلەن لىكسىيە ئاڭلىدى ،كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ قايسى جەھەتلەردە كەتكۈزۈپ قويىۋاتقانلىقلىرىنى  ھېس قىلىپ ئەپسوسلانغان بولسىمۇ ئازساندىكى بىرقىسىم ئاتا-ئانىلار قولىدىكى تېلفونلىرىغا قاراپ ياكى يېنىدىكى بىرسىلىرى بىلەن باشقا موزمونلاردىكى سۆزلىرىنى قىلىشىپ ئولتۇرۇشتى ...
     تۇرسۇنجان مۇئەللىم قولىغا مېكرااوننى ئېلىپ مۇنبەردىن چۈشۈپ كەڭ ئامما ئارىسىدا يۈرۈپ ھېچقانداق ماتىريالغىمۇ قارىماي شۇنداق راۋان ، مەزمونلۇق سۆزلىدى ،ھەر بىر نوقتا ئۈستىدە توختالغاندا ئەمەلىي مىساللارنى ئېلىپ كەڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنى بىلەن شۇنداق تەسىرلىك ھەم پايدىلىق مەزمونلارنى سۆزلىدى ، بەزى ئاتا-ئانىلار تەسىرلىنىپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالسا يەنە بەزىلىرى : نەچچە يۈز يۈئەن پۇل خەجلەپمۇ بۇ لىكسىيەنى ئاڭلىيالمايمىز .دىيىشتى  .
       ئۇنداقتا مەنمۇ سىزدىن شۇنى سوراپ باي قېرىندىشىم :
    1- سىزنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىكى مەقسىدىڭىز نېمە ؟ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىكىچۇ؟
    2-  لاياقەتلىك ئاتا-ئانا  بولۇش ئۈچۈن  قانداق قىلىشىڭىز كېرەك ؟
   3-ئانىلارنىڭ پەرزەنتنى ئۆزى يەڭگىگەن بالا  بىلەن  دوختۇرنىڭ ياردىمىدە ئوپىراتسىيە قىلىپ يەڭگىگەن بالىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە  پەرقى بارمۇ ؟
  4- ئانا سۈتىدە چوڭ بولغان پەرزەنت بىلەن ئانا سۈتىدە چوڭ بولمىغان پەرزەنتنىڭ ئەقىل ئىدراكىدا پەرىق بارمۇ ؟
   5- پەرزەنتىڭىز  مەكتەپتە 8-10سائەتكىچە ئوقۇغان بولسا قېپ قالغان 14 سائەتتەك ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟
    6- پەرزەنتىڭىز ئۆگۈنىش قىلغاندا سىز نەدە ئىدىڭىز ؟  نېمە ئىش قىلىۋاتقان ؟
   7- پەرزەنتنىڭ ئاتا-ئانىنىڭ  ئالدىدىكى موجبوريەتلىرى نېمە ؟ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەر ئالدىدىكى موجبوريىتىچۇ؟
     سىز بىر ئاتا ياكى ئانا بولسىڭىز ۋەياكى بولۇش ئالدىدا ، قېنى يۈرىكىڭىزدىكى سۆزىڭىزنى ئېيتىپ بېقىڭ . بەلكىم بۇ جەھەتتە مۇنبىرىمىزدە مۇتەخەسسىسلىرىمىز بولىشى مۇمكىن ، ياخشى تەكلىپلىرى بولسا پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيەلەشتە ياردىمى بولىدۇ ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ تۇرغان ئاتا-ئانىلار بولسا ئۇلارغا  ياردىمى تەگسە ئەجەپ ئەمەس .  ياراتقان ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىللىرىغا مۇستەھكەم ئېتىقاد ئاتا قىلسۇن !  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zakira تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-7 09:38 PM  


دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەل

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36021
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7109 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 07:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1- سىزنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىكى مەقسىدىڭىز نېمە ؟ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىكىچۇ؟
توي قىلىش مۇكەممەل ئىنسىان بۇلۇشنىڭ بىر باسقۇچى(گەرچە ھەر تەرەپتىن مۇكەممەللىككە يىتىش مۇمكىن بولمىسمۇ)پەيغەمبىرىمىزمۇ توي قىلىڭلار!- دېگەن. پەرزەنتىلىك بۇلۇش پەيغەمبرىمىزنىڭ ئۈممەتلىرنى كۆپەيتىدۇ ھەم ئۇ مۇھەببتىمىزنىڭ مىۋىسى. مېنىڭ ئەۋلادىم .
   2-  لاياقەتلىك ئاتا-ئانا  بولۇش ئۈچۈن  قانداق قىلىشىڭىز كېرەك ؟
بۇ بەك كەڭ تېمىدىكى سۇئاللاركەن قېنى بىر نىمە دەپ باقاي، لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش ھەرگىزمۇ پەرزەنتىنىڭ يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك مەسلىسىنى ھەل قىلىشنىلا كۆرسەتمەيدۇ، ئاۋال ئاتا-ئانىلاردا چوقۇم ياخشى ساپا، مۇۋاپىق ئىلىم-پەن ساۋادى بولۇشى، پەرزەنتىلىرىگە ئۈلگە بۇلۇشى پەرزەنتلىرى ئۇلاردىن پەخىرلىنىدىغان ھۆرمەتلەيدىغان بولۇشى، ئەڭ يېقىن دوستىدەك ھىس قىلىشى كېرەك. چوقۇم ياخشى بولغان تەربىيەلىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، ئىمكانىيەت بولسا ئۆزى يىتەكچلىك قىلىشى لازىم، مەكتەپكە بىرىپلا تەربىيەلەش ۋەزىپىسنى ئوقۇتقۇچىلارغا تاپشۇرۋەتمەسلىك، پەرزەنتىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ھەر ۋاقىت كۈزىتىپ ئۆزگىرشلەرنى ئىگەللەپ تۇرۇشى كېرەك. مۇستەقللىق ئىدىيەسى يىتىلدۈرۈشكە، ئۆزىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشقا ياردەمدە بۇلۇشى لازىم. مۇۋاپىق ئىقتسادى بىلىملەرنى ئىگەللىتىش كېرەك. ئالاھىدە زور ئۈمىد كۈتۈپ كەتمەسلىك بالىدا بېسىم پەيدا قىلماسلىق ، بالىلارچە تۇرمۇشتىن بەھىر ئېلىشقا شارائىت يارتىپ بېرىش، تەبئەت بىلەن ئۇچىرىشش پۇرستى يارتىپ بېرىش، كەڭ كۆلەملىك قىزىقىش يىتىلدۈرۈشكە ۋە بالىدا بار بولغان ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. كىتابخۇمارلىق ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش، توغرا دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

   3-ئانىلارنىڭ پەرزەنتنى ئۆزى يەڭگىگەن بالا  بىلەن  دوختۇرنىڭ ياردىمىدە ئوپىراتسىيە قىلىپ يەڭگىگەن بالىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە  پەرقى بارمۇ ؟
تىببى ساھەدىمۇ بۇ ئىككىسنىڭ زور پەرقى بارلىقنى ئۆزى تۇغقان ئاياللارنىڭ سالامەتلكىنىڭ ياخشى بۇلىدىغانلىقى شۇنداقلا شۇ بالىلارنىڭمۇ ساغلام بۇلىدىغانلىقى، ئەقلى ئىقتىدارى ۋە  ئېممۇنىت كۈچىنىڭ يۇقىرى بۇلىغانلىقى قەيىت قىلىنغان.
  4- ئانا سۈتىدە چوڭ بولغان پەرزەنت بىلەن ئانا سۈتىدە چوڭ بولمىغان پەرزەنتنىڭ ئەقىل ئىدراكىدا پەرىق بارمۇ ؟
پەرىق بار، ئىنسان بالىسى بىلەن موزاينىڭ قايسسى ئەقىللىق؟ ئلاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئانا چوقۇم پەرزەنتىنى ئانا سۈتىدە بېقىشى كېرەك، ئاياللارنىڭ كۆكسىنى نىمە ئۈچۈن ياراتقان؟
   5- پەرزەنتىڭىز  مەكتەپتە 8-10سائەتكىچە ئوقۇغان بولسا قېپ قالغان 14 سائەتتەك ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟
8-10سائەت مەكتەپتە يۈرگەن بالىلارنىڭ يەنە 4-5سائەتلىك تاپشۇرۇقى بار.شۇنى ئىشلەپ بولسا ۋاقتى يار بەرسە قىزىقىشى بۇيىچە تەربىيەلەشكە  ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بىراق كەم دېگەندە8سائەتلىك ئۇيقۇغا كېپللىك قىلىش لازىم . سالامەتلىك ھەممدىن مۇھىم.
    6- پەرزەنتىڭىز ئۆگۈنىش قىلغاندا سىز نەدە ئىدىڭىز ؟  نېمە ئىش قىلىۋاتقان ؟
ۋاقتىىمىز بولسىلا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىمىز، تاپشۇرۇقىنى  ئىشلىشىگە ياردەم بېرىمىز، تەكشۈرۈپ تۇرىۋاتمىز، ئەممازە بەزىدە چىشىمىز پاتمايدىكەن تاپشۇرۇقلارغا.
   7- پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىدىكى موجبوريەتلىرى نېمە ؟ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەر ئالدىدىكى موجبوريىتىچۇ؟
پەرزەنتلەرنىڭ، ئاتا-ئانىلارنىڭ قانداق موجبوريتى بارلىقىن چۈشەنمىدىم.،
بىراق ئانا تىلىنى قوغداش، ئاسىراش، كۈيۈنۈش مەجبۇريتى بار. ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىلرىنى ياخشى تەربىيەلەش(ھەر جەھەتتىن)، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارنى ھۆرمەتلەش، ۋاپادار بولۇش مەجبۇريىتى بار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-7 07:46 PM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2635
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1435 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 07:23:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىۋارىم ئاتا-ئانام

زىيادە كۈلكە ۋە خۇشاللىقتىن قورقىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85014
يازما سانى: 695
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 325 سائەت
تىزىم: 2012-9-13
ئاخىرقى: 2013-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 07:29:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پەقەت  قىسمەن ساندىكى ئاتا-ئانىلاردۇر.

ساڭا كۆپ شۈكۈرلە

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13057
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12643
تۆھپە نۇمۇرى: 639
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2010-10-7
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 07:33:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھازىرچە ئالدىنقى تۆت سوئالغىلا جاۋاپ بىرەلىگۈدەكمەن، چۈنكى بالام تىخى بوۋاق.،ئائىلە قۇرۇشتىكى مەقسىتىم ئاللاھنىڭ پەرزىنى ئادا قىلىش،ئىسلامغا يارىغىدەك ئىز باسار قالدۇرۇش.
لاياقەتلىك ئاتا-ئانا بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىدە ھەرقايسى جەھەتتىن يىتەرلىك ساپا بولىشى لازىم، مەيلى دىنىي جەھەتتە بولسۇن،مەيلى پەننى جەھەتتە بولسۇن، ۋەياكى ئادىمىيلىك جەھەتتە بولسۇن.
بالا تۇغۇشقا كەلسەك ئەلۋەتتتە ئۆز يولى بىلەن تۇغۇلغانغا يەتمەيدۇ، ئۆز يولىدا تۇغۇلغان بالا ئوپراتسىيە قىلىنىپ تۇغۇلغان بالىدىن ساغلام بولىدۇ، مەنمۇ ئوپراتسىيە قىلماي ئۆز يولدا تۇغدۇم. ھى ھى ھى،قوزاممۇ ئانا سۈتى بىلەن بىقىلىۋاتىدۇ،ئىشقىلىپ ئانا سۈتىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان ھىچقانداق ئالىي ئوزۇقلۇق يوق جاھاندا.
قالغىنىغا بىشىمغا كەلگەندە جاۋاپ بىرەي. ئاتا-بولۇشنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى ئانا بولۇپ رەسمىي ھىس قىلدىم. ئاپام دادامغا رەھمەت.

ناھايىتى بەخىتلىكمەن! چۈنكى ئۇلۇغ لله پەيغەمبەرلەر گۈلتاجى بولغان مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ جانجىگەر تاغىسى ئەبۇ تالىپقا بەرمىگەن ئىماننى ماڭا بەردى ئەمەسمۇ!

ھەمىسى ھەممىمىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8548
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7030
تۆھپە نۇمۇرى: 406
توردا: 1575 سائەت
تىزىم: 2010-8-30
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 07:35:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يەردە ئىنكاس يېزىۋاتقان مېنىڭ بالام يوق، ئايالىم يوق، ئانام بار، دادام بار، ئۇلارنىڭ ھەر ۋاقىت دۇئاسى بار.
تېمىغا «ئتا-ئانا توغرىسىدا مۇنازىرىلىشىپ باقامدۇق؟»دەپ ماۋزۇ قويۇپسىز، مېنىڭ ئويۇمدىكى بىردىنبىر ھەقىقەت شۇكى ئاتا-ئانىغا مۇنازىدە كەتمەيدۇ....
گەرچە مەن تېخى ئالىي مەكتەپنى ئەمدى پۈتتۈرۈپ، جەمئىيەت قوينىدا تۇرمۇش،خىزمەت ئۈچۈن ئاتلانغان بىر بالا بولساممۇ لېكىن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتنى قانداق تەربىيىلەش كېرەكلىكى توغرىسىدا پىكىرلىشىشنى خالايمەن.
قارىغاندا سىزنىڭ بالىڭىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى بالا بولسا كېرەك، سىزنىڭ ئۇ بالىغا بۇرۇن قانداق تەربىيە ئىشلىگەنلىكىڭىز ماڭا نامەلۇم، بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق تەربىيىلىنىشى سىزگە باغلىق بولسا، بالىنىڭ قانداق ئادەم بولىشى پۈتۈلۈپ بولغان، بىراق بىلمەيمىز.
بالىنى چوقۇم «قۇلىقى ئاڭلايدىغان، كۆزى كۆرىدىغان، ئېغىزى سۆزلەيدىغان.....» قىلىپ تەربىيىلەش، ئەڭ ئالدى بىلەن شۇلاردا ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزى ئۈلگە بولىشى كېرەك. بەلكىم بۇ تەربىيەنى «بالا تېخى كىچىك» دېمەي، تۇغۇلغان شۇ كۈنىدىن باشلاپ باشلاش كېرەك،(ھەممىگە مەلۇمكى بىر قىسىم جايلاردا ئاللىقاچان ھامىلە ۋاقىتتىن باشلاپ پەرزەنت تەربىيىسىنى باشلاپ بولغان). مەن ئېسىمنى بىلگەن چاغلاردا دادامنىڭ مومىسىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپتىكەنمەن، ئۇ ئايال شۇنچە ياشقا كىرىپمۇ، دۈمچەك بەللىرىنى ئاران رۇسلاپ، بەش ۋاخ نامازنى تاشلىماي ئوقۇيتى، كۆپ قىسىم ئىشلىرىنى ئۆزى قىلاتتى، باشقىلار«مەن قىلىپ بېرەي» دېمىسە، باشقىلارنى ئىشقا بۇيرىمايتتى. ئاخىرى ھازىر ئويلىسام مەنمۇ باشقىلارنى ئىشقا بۇيرىغان بىلەن خوشۇم يوق.
ئاتا-ئانىنىڭ ھەر بىر قەدىمى پەرزەنت ئۈچۈن بىر تەربىيە، تەربىيەنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئەنە شۇنداق ئۈنسىز، زەربىسىز تەربىيە، ئەگەر سىز بالىڭىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئانىڭىزنى يوقلىسىڭىز، بالىڭىزمۇ بىر كۈنلەردە چوقۇم سىزنى يوقلايدۇ. بەلكىم سىزنىڭ بالىڭىزنى ئەمدى تەربىيەلەيدىغان ۋاقتىڭىز كۆپ ئەمەس، بەلكىم ئۇ يىراق جايلارغا ئوقۇشقا كەتتى، ياكى سىزنىڭ خىزمىتىڭىز ناھايىتى ئالدىراش، چۈنكى سىز بىر ئۆمرىڭىزنى سىزگە نەچچە مىڭ يۈەن مۇئاش بىلەن تەمىنلىگەن مۇئاش ئۈچۈن بالىڭىزدىن كېچىسىزكى، ھەرگىز يۈرەك باغرىڭىزنى يېرىپ چىققان بالىنى تەربىيىلەش ئۈچۈن ئائىلە ئايالى بولۇشنى قەتئىي قەتئىي خالىمايسىز، بۇنىڭدا بالىنىڭ گۇناھى يوق، ئەمدى سىز بالىڭىزنى داۋامىلىق كۆزىتىدىغان، تەربىيىلەيدىغان پۇرسەتتىن ۋاز كەچتىڭىز، سىزگە يەنە يول كەڭرى، سىزنى ۋە بالىڭىزنى كىم ياراتقان بولسا، شۇنىڭدىن بالىڭىزنىڭ ئۆز ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولۇشىنى تىلەڭ، دۇئايىڭىز چىن بولسا زور بەختلەرنىڭ نېسىپ بولۇشىدا ئۈمۈد چوڭ....
بالىڭىز ئالدىڭىزدا دەيلى، بىر كۈنى بىر پىيالىنى چېقىپ قويدى، سىز بالا كىچىك دەپ ئويلاپ سۇنغان پىيالىنى ئۈنسىز تېرىۋەتتىڭىز ياكى بىر پىيالىنىڭ ئاچچىقىدا نەچچىنى سېلىۋەتتىڭىز، بالىڭىز يەنە ئازىراق چوڭ بولدى، تاماقنى ئۆزى يېمەكچى بولدىيۇ، چېچىلىپ كەتتى، يېگۈزۈپ قويدىڭىز، لېكىن چوكىنى قانداق تۇتىدۇ، قوشۇقنى قانداق تۇتىدۇ، ئول قودا تۇتامدۇ ياكى سول قولدا تۇتامدۇ؟ دېگەنلەرنى ئۆگىتىش ئېسىڭىزگە كەلمىدى، سىزچە بولغاندا بالىڭىز چوڭ بولغاندا ئاندىن بۇنى ئۆگىنىش كېرەك ئىدى، بەلكىم چوڭ بولغاندا ئۆگىنىشى كېرەكتۇر بىراق سىز بالىڭىزنى قانداق بىر خىسلەتنىڭ قانداق بىر ئالاھىدىلىكنىڭ بارلىقىنى بىلمەي قالدىڭىز، بالىڭىز يەنە ئازىراق چوڭ بولدى، ماشىنىڭىزغا چىقىپ رولنى بۇراشقا باشلىدى، تېخى يېنىڭىزدا ئولتۇرۇپ خوتنى قانداق يۆتكەشنى كۆرگەن بولغاچ، خوت دەستىنىمۇ ئانچە مۇنچە سىلاپ قوياتتى، قارىسىڭىز بالىڭىزنىڭ ئايىغى پاسكىنا بولغاچ ئورۇندۇقلار مەينەت بولۇپ كەتكەن ئىدى، بالىنى ماشىنىدىن چۈشۈرىۋەتتىڭىز، بىراق 2.5ياشلىق بالىمۇ ماشىنىنى قانداق قوزغىتىشنى، ناخشىنى قانداق قويۇشنى، ئەينەكلەرنى قانداق ئېچىشنى، ئىشىكنى قانداق قۇلۇپلاش، قانداق ئېچىشنى تامامەن ئۆگىنىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىدىڭىز، بالىڭىز يەسلىگە كىردى، باشلانغۇچقا كىردى، سىزچە بالىڭىز چوقۇم 1-ياكى 2-بولۇپ ئوقۇشى كېرەك ئىدى، شۇڭا بالىڭىزنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە قاتتىق نازارەتچىلىك قىلىپ، بالىڭىزنى پايپىقىنى يۇدىڭىز، كىيىم كېچەكلىرىنى ھەر كۈن ئۆزىڭىز تاللاپ بالىڭىزنىڭ يېنىدا قويۇپ قويۇپ، ناشتىلىق تەييار بولغاندا ئۇنى ئويغاتتىڭىز، بالىڭىز بولسا كىتاپلارنىڭ ئارىسىدا قىسىلىپ يۈرىۋەردى. بالىڭىز ئەمدى ئانچە مۇنچە پۇتبول ئوينىشى كېرەك ئىدى، بىراق يىقىلىپ كەتسە ئۇستىخىنى سۇنۇپ كېتىشىدىن قورقتىڭىز، بالىڭىز سۇغا چۆمۈلگىلى بېرىشى كرەك ئىدى، ئەمما سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن قورقتىڭىز، دەرەخكە يامىشىپ ئوينىشى كېرەك ئىدى، كىيىم كېچەكلىرىنى يىرتىۋېتىشىدىن، يىقىلىپ كېتىپ زەخمىلىنىشىدىن قورقتىڭىز، قۇربان ھېيىتتا قۇربانلىقنى سويۇشى كېرەك ئىدى، بىراق بالىڭىز ئاللىقاچان قاندىن قورقاتتى، شۇ تەرىقىدە ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردى، ئاسپىرانتلىق، دوكتۇرلۇق ھەممىسىنى پۈتتۈردى، دېپلومنى ئالدىڭىزغا ئېلىپ كەلدى، خۇشھال بولدىڭىز، خىزمەت تاپتى، خۇشھال بولدىڭىز، مۇئاش ئالدى خۇشھال بولدىڭىز، بالىڭىز تەتقىق قىلىدۇ، يەنە تەتقىق قىلىدۇ، بىراق ..... گەرچە باققان بالىڭىز ئوقۇشنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگىچە بارالىغان بولسىمۇ، بىراق سىزنىڭ تەربىيىڭىزنىڭ خاسىيىتىدە ھەر بىر قەدەمدە باشقىلاردنىڭ كەينىدە قالغان ئىدى، سىز نىڭ بالىڭىز بىر كۈنى بىر جەزىرىلەرگە بېرىپ قالسا تەييار ئولجىنى تائام قىلىپ يېيەلمەيدۇ، سىزنىڭ بالىڭىز دېڭىز تاشقىنىغا ياكى كەلكۈنگە يولۇقۇپ ئەمەس بەلكى تاسادىپىي بىرەر كۆلچەككە چولتوككىدە چۈشۈپ كېتىپ قالسا چوقۇم سۇ ئاستىدا119 نى ساقلايدۇ، سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ ھەيدەپ ماڭغان ماشىنىسىنىڭ يېلى چىقىپ كەتسە چوقۇم قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلىپ ساقلايدۇ........  ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ باققىنىڭىز بەلكىم دېھقان ئاكام بورداققا باققان كالىچىلىك بىرسىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزالمىدى، سىزنىڭ بىر ئۆمۈر باققان بالىڭىزدىن كۈتكەن ئۆمۈدىڭىز بىر بورداققا باققان كالىچىلىك بولالمىسا سىزمۇ تازا رازى بولمايسىز ھەقىچان.....
(بۇ ئىنكاس پەقەت بىر كىشىگە ئەمەس بەلكىم بالا تەربىيىلەشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن يېزىلدى...)

ئاخىرىدا سوئاللىرىڭىزغا جاۋاپلار
1- سىزنىڭ ئائىلە قۇرۇشتىكى مەقسىدىڭىز نېمە ؟ ئەۋلاد قالدۇرۇشتىكىچۇ؟
بۇ توغرىسىدا جاۋاپ بېرەلمەيمەن....
    2-  لاياقەتلىك ئاتا-ئانا  بولۇش ئۈچۈن  قانداق قىلىشىڭىز كېرەك ؟

ئىنكاسنى ئوقۇپ چىقسىڭىز چاۋابى چىقىدۇ...
   3-ئانىلارنىڭ پەرزەنتنى ئۆزى يەڭگىگەن بالا  بىلەن  دوختۇرنىڭ ياردىمىدە ئوپىراتسىيە قىلىپ يەڭگىگەن بالىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردە  پەرقى بارمۇ ؟

بالىنىڭ تەبىئىي تۇغۇلىشى ياكى ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلىشى شارائىتقا مۇھتاج، بىراق بالىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەقدىرىنى ئوپېراتسىيە بىلەن تۇغۇش ياكى ئۆزى تۇغۇشقا باغلاپ چۈشەندۈرۈش چوڭ ئەخمىقانلىق.
  4- ئانا سۈتىدە چوڭ بولغان پەرزەنت بىلەن ئانا سۈتىدە چوڭ بولمىغان پەرزەنتنىڭ ئەقىل ئىدراكىدا پەرىق بارمۇ ؟

كونىلارنىڭ دىيىشىچە ئانا سۈتە ئەمسە ئادەم مىجەز، كالا سۈتى ئەمسە كالا مىجەز بولۇرمىش، ئەقلى يېتىلىشى توغرىسىدا دېيىلمەپتۇ، چۈنكى بەزى ئانىسىنى ئەمگەنلەرمۇ كالىدىن سەل دۆتراق بوپقالىدىغان بولغاچ سېلىشتۇرۇشقا بولمايدىغان ئوخشايدۇ....
   5- پەرزەنتىڭىز  مەكتەپتە 8-10سائەتكىچە ئوقۇغان بولسا قېپ قالغان 14 سائەتتەك ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ ؟

قالغان 14سائىتىنى ئېلىۋېلىپ بالىڭىزنى بىر قېلىپقا سېلىپ قويغۇچە ئۇدۇل گۆرگە سېلىڭ...بارىدىغان يېرى ئېنىق بولىدۇ....
    6- پەرزەنتىڭىز ئۆگۈنىش قىلغاندا سىز نەدە ئىدىڭىز ؟  نېمە ئىش قىلىۋاتقان ؟

خىزمەت ئۈچۈن ياكى مەلۇم مەنپەتلەر ئۈچۈن پەرزەنتىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلالمىغان ئانىلار ئۆزى ئۈستىدىن ئويلانسۇن.....
   7- پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىدىكى موجبوريەتلىرى نېمە ؟ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەر ئالدىدىكى موجبوريىتىچۇ؟

بۇ سوئالنى كىچىك "بالىلار" بىلەن چوڭ"بالىلار"غا تەڭ سوراش مۇۋاپىق بولماس....




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdul915 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-7 08:14 PM  


تېڭىرقىمايمەن دوستلار تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى، چۈشۈرمەيمەن ھەقىقەتكە دەپ تۈرگەن گاڭ بىلەكلەرنى.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 08:11:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھىچقايسغا جاۋاپ بېرەلمگۈدەكمەن ئەمسە ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 942
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16930
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1281 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 08:22:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى بالىلار -ئەر بىلەن ئايالنىڭ تاساددىپى بىللە بولۇشىنىڭ مەھسۇلى- بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
ئىلاھى قانۇن قۇرئان كەرىمگە يۈزلىنىدىغان بولساق بالىلار تەربىيىسى ئۇ تۇغۇلغاندىن كىيىن ئەمەس بەلكى مەۋجۇتلۇق ئاتا تېنىدىن ئانا ۋۇجۇدىغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن مەخسەت نىشان ۋە ئارزۇ ئۈمۈت تىكلىنىپ شۇ يوسۇندا  ئاللاھتىن تىلەش-ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.
ۋاھالەنكى بىز بالىلار تەربىيىسىنى ئۇ تۇغۇلغان قانچە يىللاردىن كىيىن ئەمىلى زۆرۈرىيەتكە ھاجەت  تۈپەيلى ناھايتى تۇتۇق ھالدا ئېلىپ بارماقتىمىز.......


جۈڭگۇ -دوختۇرخانىدا يەڭگىىشنى تەرەققىيات ۋەمەدەنىيەتنىڭ تۈپ كاپالىتى دەپ قارىسا
ياپۇنىيە ۋە باشقا كۆپ قىسىم تەرەققى قىلغان ئەللەر-بۇ خىل ئادەت ئىنسانى مىھرىۋانلىقنىڭ زامانىۋى قاتىلى دەپ تەرىپلەپ، تۇغۇت جەريانىدىكى قارا تەرگە چۈمگەن قارا كۆزگە ئامراق ئانىلارنىڭ تولغاق ئازاۋىغا ئورتاقلىشىش ئىنسانى مۇھەببەتنىڭ نەقەدەر كۈچلۇك ئىكەنلىكىگە شاھىد بولۇشتەك مۇقەددەسلىكنىڭ باشلىنىش نوختىسى-دەپ باھا بېرىپ  دوختۇرخانىدا يەڭگىپ ئۆيگە قايتىش جەريانىنى باشقىلارغا نىسبەتەن<<بازاردىن كاللەك بەسەي سېتىۋېلىپ كىرگەندەك ئاددى تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ>>دەپ ئائىلىدە يەڭگىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە......

جۇڭگۇ-بالىلار مائارىپىنىڭ1-ماددىسى- ۋەتەننى سۆيۈش ،خەلقنى سۆيۈش، جۇڭگۇ كومىنىستىك پارتىيىسىنى سۆيۈش، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن قوش تىل ئۈگىنىش-دەپ تەشۋىق قىلسا،

تەرەققى قىلغان ئەللەر مائارىپى-ئۆزىنى سۆيۈش، ئۆزىنى بىلىش، تەبىئەتنى كۈزىتىپ تەبىئەتكە قايتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا..........

بىز ئۇچۇرلارنىڭ تىز يەتكۈزۈلۈش دەۋرىدە ياشاۋاتماقتىمىز...ناۋادا بىزگە سۇتۇق بوغراخان دەۋرىدە يېتىپ كەلگەن  1000يىل ئىلگىركى ئۈچۈرنى ئەڭ ئىشەنچىلىك دەپ قارىمايدىكەنمىز بىز ئەخلەت ئۇچۇرلاردىن زەھەرلىنىپ روھى كېسەللىك دورىلىرىغا مۇھتاج بولىشىمىز مۇمكىن.....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-7 08:46 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1073
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7054
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 08:25:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈلگىنىڭ رولى چەكسىز ...    ئۆتمەيدۇ ئاتىنىڭ بالىغا سۆزى ، ھالۋىنى يېمە دەپ يەپ تۇرسا ئۆزى .    ئابدۇراخمان جامى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2937
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 674 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-7 08:33:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
╰︶ ̄原地守候 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-7 07:29 PM
بۇ پەقەت  قىسمەن ساندىكى ئاتا-ئانىلاردۇر.

قىسمەن ئەمەس كۆپ دېيىش كېرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش