نىمىشقا ھايا قىلمايسەن
ئۆتكۇرئۆمەرجان
تەپەككۇئەيلىگىن دوستۇم تېنىڭنى يەتتەئەزانى،
نىچۇن زاۋۇتقائوخشايدۇيېرىپ كۆرگەندەئىچ قانىڭنى.
بۆرەك،تال،جىگەرنىچۇن ئايلىنىپ تۇرار قانى،
نىمىشقا كۆپ بەدەندە تومۇرلىرىڭنىڭ سانى،
ئويلاپ شۇنى ئاللاھتىن نىمىشقا ھاياقىلمايسەن.
ھەربىر ئىنسان ئايمۇ-ئاي چاچ-ساقالنى ئالدۇرار،
ئەمما ساتىراچ چاچنى ئىلىپ قاش-كىرپىكنى قالدۇرار.
مەزكۇر تۇكلەرھەممىسى ئاشۇ بىر باشتا بولۇر،
نىمەئۈچۇن قاش ئۆسمەي چاچ-ساقال ئۆسۇپ تۇرار،
ئويلاپ شۇنى ئاللاھتىن نىمىشقا ھاياقىلمايسەن.
دەلىل كۆپتۇر ئېغىز ئاچسام ئۆزئالقىنىڭنى ئويلاپ باق،
ئاناڭنىڭ قارنىدا تۇرۇپ يىمەي تويغاننى ئويلاپ باق.
بۇرۇن كاناي ئېغىزنىڭ نەپەس ئالغىنىنى ئويلاپ باق،
تىنىق توختىسا ئەجىلىڭنىڭ توشقىنىنى ئويلاپ باق،
ئويلاپ شۇنى ئاللاھتىن نىمىشقا ھايا قىلمايسەن؟
قاراپ باقسام ھەرقاسىڭدا ئەدەپ-ئەخلاق بەكمۇ ئاز،
ئىبادەتكە خوشاڭ يوخ ، ئاڭلاشلىرىڭ نەغمە-ساز.
ئىچىشلىرىڭ ئاق ھاراق، ئۆتمەيدۇ بەش ۋاخ ناماز ،
جىگىرىڭنى قورىتىپ قىيلىنىۇرسەن قىشمۇ-ياز،
قۇدۇرتى چوڭ ئاللاھتىن نىمىشقا ھايا قىلمايسەن؟
قىزلارنىڭ كىيمى قىسقا تار نىيۇيزەي بولۇپ كەتتى،
بىشىدا ياخلىق ئشتىنى تار زىنالارغا پىتىپ كەتتى.
بۇ ئىشلاردىن مۇسۇلمانلار بىزارى بولۇپ كەتتى ،
ھەيران قالدۇق ئۇلاردىكى ھايا زادى نەرگە كەتتى ،
ئەي قىزچاقلار ئاللاھتىن نىمىشقا ھاياقىلمايسەن!؟
چىچىڭ سىرىق ھەم قىزىل رەڭ ئىلېپ ساتقاندەك ،
يۇز كۇزلىرىڭ بەئەينى تۇگمەندە ئۇن تارتقاندەك ،
ماڭالمايسەن نايناقلاپ يۇگەن سېلېپ تاتقاندەك،
نىمە ئۇچۇن اللە دىن قۇرقۇپ ھايا قېلمايسەن.
ئەي مۇسۇلمان ئوغول-قىزلار ئۇلۇپ كېتىمىز ئاقىۋەت،
ئويناۋاتىمېز كۇلىۋاتىمىز يادېمىزدا يوق ئاخىرەت،
ئەسقاتمايدۇ بۇ دۇنيا ئۇيۇن تاماشا يول ئوقەت،
ئەسقاتېدىغىنى ئۇ دۇنيا ياخشى تائەت-ئبادەت،
شۇنداق اللەدىن نىمىشقا ھايا قېلمايسەن.
سەندەك لەرگە ئۇلۇغ ئاللاھ يەتتە دوزاخ بۆلۇپ بەرگەن،
تۆۋبە قىلساڭ جەننەتنىڭ ئىشىكىنى ئىچىپ بەرگەن .
ئىشەنمەي قالمىغىڭ ئۈچۈن مۆجىزىلەر كۆرسىتىپ بەرگەن،
سەن ئويلىماي بۇ ئىشلارنى قاپاق كاللاڭنى نەگەبەرگەن،
ئوقۇپ بۇ شېئىرىمنى يەنە ھايا قىلمامسەن
ئەسلى مەنبە.www.uighurislam.net
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-7 06:04 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-11 01:18 PM):
تەپەككۇر
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-2-11 01:18 PM):