يىگىت: سۆيۈملۈكۈم،كەچتە نىمە يىگۈڭىز بار ؟
قىز: نېمە بولسا بۇلىۋېرىدۇ .
يىگىت:ساماۋەر شورپىسى ئىچەيلىمۇ ؟
قىز : ياق ئۇنى ئىچسەم يۈزۈمگە دانىخورەك چىقىپ كىتىدۇ .
يىگىت :ئۇنداق بولسا پولو يەيلى ،مەن پولۇسى شۇنداق مەزىلىك بىر ئاشخانىنى بىلىمەن .
قىز :تېخى تۈنۈگۈنلا پولو يىدۇققۇ،يەنە يەمدۇق؟
يىگىت :ئەمىسە تىز تاماقخانىغا كىرەيلى ،بۇنىڭغىغۇ قۇشۇلارسىز .
قىز :ئۇنداق تاماقلار ئاسان سىڭمەيدۇ .
يىگىت :ئۇنداق بولسا دەڭا ،نېمە يەيمىز ؟
قىز : نېمە بولسا بۇلىۋېرىدۇ .
يىگت :بولدى تاماق يىمەيلى ،باشقا بىر ئىش قىلايلى ،دەڭا نېمە ئىش قىلغۇڭىز بار ؟
قىز : سىز نېمەدېسىڭىز مەيلى .
يىگىت : كىنو كۆرۈپ كىلەمدۇق؟
قىز:سىز نىمانداق كىنو كۆرۈشكە ئامراق؟
يىگىت : ئەمىسە تىكتاك توپ ئوينايلى ،بەدەن چېنىقتۇرغىلى بۇلىدۇ ھەم كۆڭۈللۈك.
قىز : بۇ ئىسسقىتا تىكتاك توپ ئويناپ ھارمامسىز؟
يىگىت:ئۇنداقتا بىرەر قەھۋەخانىغا كىرىپ قەھۋە ئىچكەچ پاراڭلىشايلى
قىز : كەچتە قەھۋە ئىچىپ ،مىنى كىچىچە ئۇخلىمىسۇن دەمسىز ؟
يىگىت:نىمە قىلغۇڭىز بار شۇنىلا دەڭا
قىز :ئوخشاش
يىگىت : بولدىلا ،ئۆيگىلا كىتەيلى .
قىز :ماقۇل
يىگىت :ئاپتۇبۇسلۇق ماڭايلى ،مەن سىزنى ئاپىرىپ قۇياي.
قىز :ئاپتۇبۇس بەك قىستا -قىستاڭ ...
يىگىت : ئەمىسە تاكسى تۇسايلى .
قىز :شۇنچىلىك يولغا تاكسى توسساق قانداق بۇلار ؟
يىگىت :ھاۋامۇ خېلى ياخشىكەن ،مېڭىپلا كەتمەمدۇق؟
قىز :قورسىقىم ئاچ تۇرسا ،ماڭالمايمەن .
يىگىت :
ۋاي دەڭا ئەمسە قانداق قىلىمىز ؟
قىز : ئوخشاش
يىگىت : ئەمىسە ئاۋال تاماق يەيلى ئەمسە .
قىز :مەيلى
يىگىت :نىمە يەيسىز ؟
قىز :نېمە بولسا بۇلىۋېرىدۇ .
بۇگەپتىن يېگىتنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ ،شۇ جايىدىلا ئايلىنىپ كەتتى .
مەنبە : قانۇنچىلىق گېزىتى
كومپىيوتېر مەشغۇلاتىدا:سەلكىنئاي