مېھىر - شەپقەت ھەققىدە
《 ئەرەب خەلپىلىرىدىن بىرى بىر كىشىنى شەھەر ھاكىملىقىغا ئۆستۈرۈپتۇ . خەلپىنىڭ كاتىپى پەرماننى يېزۋاتقانىكەن ، بىر كىچىك بالا بۇ يەرگە كىرىپ ، خەلپىنىڭ تىزىغا چىقىپ ئولتۇرۋاپتۇ . خەلىپە بالىنى سۆيۈپ ئەركىلىتىپ، باش-كۆزلىرىنى سىلاپ، قۇچىقىدا تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ.
ھاكىملىققا تەينلىنىۋاتقان كىشىمۇ شۇ يەردە بار ئىكەن . ئۇ خەلپىنىڭ بۇ بالىنى بۇنچىلىك ئەركىلىتىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ :
- بۇ ئوغۇللىرىمۇ ؟- دەپ سۇراپتۇ. خەلىپە ئۇنىڭغا :
-ياق ، بىر كەمبەغەل ئادەمنىڭ بالىسى ، ئاتا-ئانىسى ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكتىن ، بۇ بالىنى بېقىۋالدىم . يېتىملىكى بىلنمىسۇن دەپ ، ئۇنى ئۆز بالامدەك ئەتىۋارلاپ بېقۋاتىمەن،-دەپتۇ .
بولغۇسى ھاكىم خەلپىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ، ئۇنىڭ كۆڭلى يۇمشاق ، مېھىر-شەپقەتلىك ۋە مەرد كىشى ئىكەنلىكىگە ھەيران بولۇپ :
-مېنىڭ ئون بالام بار . باشقىلارنىڭ بالىلىرىغا ئەمەس ، ھەتتا ئۆز بالىلىرىمغىمۇ چىشىمنىڭ ئېقىنى كۆرسەتمەيمەن . بالىلىرىم ئالدىمدا تىتىرەپ تۇرىدۇ ، سىلىنىڭ بىر يېتىم بالىغا بۇنچىلىك كۆيۈنۋاتقانلىقلىرىغا ھەيران بولۋاتىمەن،-دەپتۇ .
خەلىپە ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ، يېزىلۋاتقان يارلىق قەغىزىنى كاتىپنىڭ قولىدىن ئېلىپ يىرتىپ تاشلاپتۇ ۋە ئەتراپتا تۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دەپتۇ :
- مەن بۇ ئادەمنى ھاكىملىققا تەيىنلەشتىن ۋاز كەچتىم .ئۆز بالىلىرىغا ئۇنچىلىك تاش يۈرەكلىك قىلغان، مېھىر-شەپقىتى يوق كىشىدىن خەلققە قانداقمۇ ياخشىلىق كەلسۇن؟!》。
دەر ھەقىقەت بۇ دۇنيادا ھەر قانچە مەرتىۋىلىك ، داڭلىق ئادەم بولسۇن ، ئۇنىڭ قەلبىدە زەرىچىلىك مېھىر-شەپقەت ئىزناسى بولمىسا ، ئۇنىڭ ئادىمىلىك قىممىتى بولمايدۇ . دۇنيا مېھىر-شەپقەت ، مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر . كىلاسسىك شائىر مەۋلانە لۇتفىمۇ شېئىرىدا < مېھىر-ۋاپاسى يوق كىشى ، قۇياش بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا نېمە پايدا ؟ > دەپ يازغانىكەن . قەلب قەسىرىدە مېھىر-مۇھەببەت بولمىغان كىشىدىن خەلققە مەنپەئەت يەتمەيدۇ بەلكى ئاپەت ئىلىپ كىلىشى مۇمكىن . ئەگەر ھەربىر ئادەم بۇ دۇنيادا خوشال-خۇرام ياشاي دىسە ئاقكۆڭۈل ، مېھىر-شەپقەتلىك بولسۇن ھەم ئۇنى ئۆزىگە مەڭگۈ ھەمرا قىلسۇن .
مەنبە : ئۆزۈم