يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ كېرىكى قالمىدىمۇ؟
(مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان ئەسەر)
ئانىقىز ئەزىز ئىلتەرىش
ئېسىمىنى بىلسەم مەھللىمىزدىكى كىشلەر كۆپىنچە ئىشلاردا ئاپپاق ساقاللىق مۇيسىپىت بۇۋايلارنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىش تۇتىدىكەندۇق. خۇلۇم-قۇشنىلار بىرەر ئىش تۇپەيلىدىن ئارازىلىشپ بىر-بىرىگە غۇم ساقلاپ ،ماي تارتىشپ قالغاندا ،مەھەللىدىكى ياش بالىلار قىز تالىشىپ ياكى بىرەرى يەنە بىرىنىڭ غۇرۇرىغا تىگىدىغان ئىش-ھەركەتنى ،گەپ-سۆزنى قىلىش سەۋەبىدىن قېنى قىززىپ مۇشتلىشىپ ،بىر-بىرىنى ياردار قىلىپ قويغاندا ،بىرەرى كەم ئەقلىق قىلىپ بىرەرىنىڭ مال-مۆلىكىنى ئوغۇرلاپ پاش بولۇپ قېلىپ مال- مۈلۈك ئىگىسى بىلەن مال ئوغۇرلىغۇچى ئوتتۇرسىدا ماجىرا يۇز بەرگەندە ،ئېتىزلىقتىكى زىرائەتنى سۇغۇردىغان چاغدا سۇ تالىشىپ جىدەللىشپ قالغاندا يۇرت ئاقساقاللىرى ئارىغا چۇشۇپ ھەق-ناھەقىنى ئايرىپ ،نەسىھەت قىلىپ ئۆز-ئارا ياراشتۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلار ئىكەندۇق.ئۇ ۋاقىتلاردىكى يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ يۇرتتىكى ئابرۇيى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، ھەتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ ،قېرىنداشلىرىنىڭ گېپىنى ئانچە ئاڭلىمىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ ئىككى ئېغىز نەسىھەتى بىلەن ئۆز خاتالىقىنى دەرھال تۇنۇپ دۇرۇس ئادەم بولۇشقا تىرىشىدىكەن.ئۇ ۋاقىتلاردا يۇرت ئاقساقاللىرى كەنىت باشلىقى،گۇرۇپپا باشلىقى بولماستىن ئاۋام ئىچىدىكى ياشقا چوڭايغان ،كىشلىك تۇرمۇش تەجرىبسى مۇل،باشقىلارغا توغرا يۇل كۆرستەلەيدىغان،لايىغىدا مەسلىھەت بىرەلەيدىغان، بەلگىلىك يىتەكلەش ئىقتىدارىغا ئىگە،باشقىلار ھۆرمەت قىلىدىغان مۇيسىپىتلار بولۇپ،ئۇلارنى قانداقتۇر مەھەللدىكىلەر دىمگۇراتتىك ئاساستا ئاۋاز بىرىپ سايلىغانمۇ ئەمەس.ھۆكۇمەتنىڭ تەشكىلى تارماقلىرى ھۆججەت چىقىرىپ بىكىتكەنمۇ بولماستىن،شۇ كەنىت، شۇ مەھەللىدە ئىستىخيىلىك ھالدا شەكللەنگەن ،كىشلەرنىڭ بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى داۋامىدا دۇنيا قاراش،مەسىلىنى تونۇش،ھەل قىلىش جەھەتتە باشقلارنى قايىل قىلغۇدەك ئىقتىدارغا ۋە ماھارەتكە ئىگە كىشلەر بارا-بارا مەھەللىدىكىلەرنىڭ مەسلىھەچىسىگە، تايانچىسىغا ئايلىنىپ «يۇرت ئاقساقىلى»لىق ئۇرنىغا چىقىپ قالىدۇ.يۇرت ئاقساقىلىنىڭ ۋەزىپىسى شۇ كەنىت،شۇ مەھەللىدىكى كىشلەرنىڭ تېنىچ-ئىتتىپاق ،ئۆم ئۆتۈپ ئەدەپ-ئەخلاق، دىيانەت، ھالاللىق ئىچىدە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت.
يۇرت ئاقساقاللىرى ئۆز تەۋەسىدىكى كىشلەر ئارىسىدا مەسىلە چىققان ھامان بىر-برىگە يەتكۇزۇپ ،ئۇنى ھەل قىلىشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىناتتى.مەھەللىدىكى يۇرت ئاقساقاللىرى ۋاقىپلانمىغان ئەمما تۇزۇتۇشكە تېگىشلىك ئىش بولسا،بەزىلەر يۇرت ئاقساقاللىرىنى ئارىغا چوشۇپ ئارازىلىشىۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى ئىختىلاپنى تۇگۈتۇش ھەققىدە تەكلىپ بىرەتتى.ھەتتا بەزىلەر ئۆز جەمەتى،ئائىلىسىدىكى ماجىرالارنىمۇ يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ رولى ئارقىلىق ھەل قىلاتتى.يۇرت ئاقساقاللىرى مەھەللىدىكى ئارلىششقا تېگىشلىك ئىشلار بولسا ،ئارلىشىپ مەھەللىنىڭ ئامانلىقى،خۇشھاللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشاتتى.ئۇلار شۇ قىلغانلىرىغا باشقىلاردىن ھەق تەلەپ قىلمايتى. شۇنداق قىلشىنى ئۆز بۇرچۇم دەپ بىلەتتى.ئۇلاردا مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئىجىللىقى، خاتىرجەملىكى ،ئۇڭۇشلۇق تىركچىلىك قىلىشىنى كۆزلەيدىغان مەقسەت بولغاچقا ،مەھەللىدىكى بىرمۇ ئادەم مەسىلە سادىر قىلغاندا ئاقساقاللارنى «سەن نېمە ئۇچۇن بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارلىشىسەن»دەپ ئەيپلىمەيتى.بەزىدە تېخى مەھەللىدىكى ئۇرۇش- جىدەل،ئارازىچىلىقلانىڭ تىزىراق بېسىقىمىغىنىدىن ياندىكىلەر:«يۇرت ئاقساقاللىرى بۇ ئىشلارنى بېسقتۇرماي نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ»دەپ ئۇلارنىڭ تىزراق ھەركەتكە كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.ئۇ چاغلاردا يۇرت ئاقساقاللىرى مەھەللىنىڭ ئىشلىرىنى يۇرۇشتۇرۇشتىكى «باش قۇماندان»، مەھەللىنىڭ ئاسمىنىدىكى «قارا بۇلۇت»لارنى ئۇچۇرۇپ ھاۋانى ئېچىلدۇرغۇچى «ئىزغىن شامال»ئىدى. مەھەللىدىكى «قۇرغاقچىلىق»نى يۇقاتقۇچى شىپالىق «يامغۇر»ئىدى.ھەتتا كەنىت كادىرلىرىمۇ يۇرت ئاقساقاللىرى ئارقىلىق كەنىتنىڭ ئىشلىرىنى يۇرۇشتۇرەتتى. ئاقساقاللارنىڭ نەسىھەتىنى ئاڭلىمغانلار يۇرت ئەھلىنى كۆزگە ئىلمىغان،ئەخلاقتىن چەتنىگەن بولۇپ سانىلىپ،كۆپچىلىكنىڭ لەنىتىگە ئۇچىرايتى.توي-تۆكۇن،ئۆلۇم-يىتىم ئىشلىرىدا ئاقساقاللارنى تۆرگە باشلىمىغان،ئۇلاردىن مەسلىھەت سۇرىمىغانلار قائىدىسىز دەپ قارىلىپ ،ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسىدىن قالاتتى.ئۇ چاغلاردا يۇرت ئاقساقاللرىنىڭ رولى سەۋەپلىك مەھەللىدىكى ئىشلار قانۇن ئۇرۇنلىرى ئارلاشمىسىمۇ ھەل بۇلۇپ كېتەتتى.ئەگەردە شۇ يۇرتتىكى ئاقساقالدىن بىرەرى باقى ئالەمگە سەپەر قىلسا،شۇ يەردىكى خەلق تۆۋرىكىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ،ئەڭ سۇيۇملۇك كىشىسىدىن جۇدا بولغاندەك ھېسياتتا بولۇپ تولىمۇ قايغۇراتتى. يۇرت ئاقساقاللىرى شۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ نەزىرىدە خەيرى-خالىق قىلغۇچى،بەخىت – سائادەتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغۇچى بولۇپ سانىلىپ يۇرتتىكى ھەر بىر خۇشھاللىق ئىشلاردا ئۇلارنىڭ ھەسسى بار دەپ پەخىرلىنەتتى.دېمىسىمۇ ئۇ يۇرت ئاقساقاللىرى تەمەسىز، غەرەزسىسز ھالدا يۇرتنىڭ ئىشلىرىغا خۇددى ئۆزىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەندەك كۆڭۈل بۆلۈپ ،ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەركىتى ئارقلىق خەلق قەلبىدىكى ئۇبرازىنى تىكلەپ كەلگەن ئىدى.
ھازىرمۇ مەھەللەردە يۇرت ئاقساقاللىرى يۇق ئەمەس.ئۇلارنىڭ رولى پەقەت تويلاردا تۆردە ئولتۇرش،ئۆلۇم يىتىم ئىشلىرىدا قول قۇغۇشتۇرۇپ تۇرۇش ،كىملەرگە ئۆلۇم خەۋىرىنى يەتكۇزۇش ھەققىدە پىكىر بىرىش بولىۋاتىدۇ.تېخى يۇرت ئاقساقاللىرىغا يېزا باشلىقى،كەنىت باشلىقلىرىنىڭ تۆرگە باشلىنىشى سەۋەپلىك پەرگادىن ئۇرۇن تېگىپ قېلىۋاتىدۇ. بەزى كىشلەردە مەھەللىدىكى جىدەل-ماجىرالار، خۇلۇم- قۇشنىلار، ئۇرۇق-تۇققانلار ئوتتۇرسىدكى تالاش-تارتىش،ئارازىچىلىقلار قانۇن ئۇرۇنلىرى تەرپىدىن بىر تەرەپ قىلىنىپ ئاقساقاللارنىڭ نۇپۇزى تۇۋەنلەپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا بولاۋاتىدۇ.
بەزىلەر بۇ ئىشقا نىسبىتەن :«بۇرۇن كىشلەرنىڭ قانۇن ئېڭى تۇۋەن ئىدى.شۇڭا جىدەل-ماجىرالارنى يۇرت ئاقساقاللىرى زىخمۇ كۆيمەيدىغان،كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان قىلىپ ئايرىپ قۇياتتى.تاياق يىگۇچى،زىيان تارتقۇچىغا قارشى تەرەپ كەچۇرۇم سۇراش ئارقىلىق كېلىشتۇرۇپ مەسىلىنى تۇگىتەتتى.ھازىرچۇ،قانۇن دېگەن تاياق سالغۇچىنى جازالايدۇ.يۇرت ئاقساقاللىرى كەڭ قۇرساق بولۇشنى ،ئەپەچانلىقنى تەشەببۇس قىلىپ ،زىيانلانغۇچىنى تۇزۇك مەنپەتلەندۇرمەيتى. ئادەمدە ئاڭ يۇقىرلىغانسىرى باشقىلارغا بۇزەك بولمايدىغان گەپكەن» دەپ يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ رولىغا تايانمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۇرشىۋاتىدۇ.شىنجاڭ تىلېۋزىيە ئىستانسىنىڭ «قانۇن ۋە پۇقرا» پۇرگۇراممىسىدا بەزى كىشلەرنىڭ ئەخلاقنى ئۇنتۇپ ئۆز-ئارا ،يۇرت ئاقساقاللىرى ئارقىلىق ھەل قىلدىغان ئىشقىمۇ قانۇن ئارقىلىق ھوقۇقۇمنى قوغدايمەن دەپ ئەرىز قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئۇلارنىڭ قانۇنغا تاياندىم دەپ ئوشۇقلۇق قىلىشى ئادەمنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.ئۇلارنىڭ قانۇن ئالدىغا بارغاندىن كېيىن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئالىدىغىنىنى ئېلىپ،بىرىدىغاننى بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىناقلىققا دەز كەتمەكتە.ئىشلىرىنى قانۇن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىغانلار ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى سەۋەنلىكىنى تۇنۇپ يىتىپ قانۇننىڭ جازاسىنى قۇبۇل قىلىپ ئۆز گۈناھىغا تۆۋە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ئاچچىققا پايلىيالماي باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەنلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىشىنى تۇغرا چۇشۇنۇپ كېتەلىسىغۇ قارشى تەرەپ بىلەن ئەپ ئۆتۇپ كېتەر،مېنى قانۇنغا ئەرىز قىلىدى دەپ قارشى تەرەپكە ئىچىدە غۇم ساقلاپ يۇرسە قانداق قىلغۇلۇق.ئاشۇلارنىڭ ئىچىدە غۇم ساقلاپ يۇرىۋاتقانلارنى يۇق دېگىلى بولامدۇ؟ ئۇلارنى يەنە زىتىيەتلەشمەيدۇ، بىر-بىرىگە ئاۋارچىلىق ئېلىپ كەلمەيدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟
بىرەيللەننىڭ ئىككى كالىسى قوشنىسىنىڭ قۇناقلىقىغا كىرىپ ئەمدىلە دان تۇتىۋاتقان قۇناق باشلىرىنى يەپ ، بىر بۆلۈك يەردىكى قۇناقلارنى بۇزىۋەتكەن. قۇناقلىقنىڭ ئىگىسى بۇ ئىشنى قانۇن ئۇرۇنلىرىغا ئەرىز قىلىپ تالاش-تارتىش ئارقىلىق كالىنىڭ ئىگىسى تۆلەم تۆلىگەن.بۇ ئىش يوللۇق بۇلغان بولسىمۇ،كالىنىڭ ئىگىسى:«قوشنا تۇرۇپ مېنى قانۇنغا ئەرىز قىلدى،مېنىڭ جەمئىيەتتىكى ئوبرازىمغا تەسىر يەتكۇزدى.ئۇ يەرگە بارماي ،دۇشمەنلەشمەيمۇ زىيىنىنى تۆلەپ بەرسەممۇ بولىدىغان ئىشنى چوڭايتىۋەتتى.ئادەمگەرچىلىكنى بىلمىدى» دەپ بۇرۇنقىدەك مۇئامىلە قىلمايدىغان بولۇپ قالغان.كىچىككىنە ئىشلارنى دەپ سۇقشىدىغان بولۇپ قالغان.ھەتتا قۇناقلىقنىڭ ئىگىسىنىڭ ئانىسى تۈگەپ كەتكەندە كالىنىڭ ئىگىسى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئۆلۈم پەتىسىگە كىرگەن بولسىمۇ، ئۆلۈم كۈنى يىراقتىن كەلگەنلەرنى ئۆيگە باشلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چاي قۇيىدىغان ئىشنى قۇشنا بولغان كالىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇشنى باشقىلار ئېيىتقاندا، كالىنىڭ ئىگىسى:«مەن ئۇنداق قۇشنىدارچىلىقنى بىلمەيدىغان ئادەمنىڭ مېھمانلىرىنى ئۆيۈمگە باشلاپ يۇرمەيمەن، كىمنىڭ ئۆيىگە باشلىساڭلار باشلاڭلار، مېنىڭ ئۆيۈمگە باشلىماڭلار»دەپ رەت قىلغان.ئۆلۈم-يىتىم، توي-تۆكۈنلەردە قوشنا- قۇلۇملار ئۆز-ئارا ھەمدەمدە بولۇش خەلقىمىزنىڭ ئادىتى بولسىمۇ، كالىنىڭ ئىگىسى قوشنىسىنىڭ سوتقا ئەرىز قىلغانلىقىنى قۇبۇل قىلالماي ئۇنىڭغا ئۆچ بولۇپ قالغاچقا، خەلقىمىزنىڭ قۇشنىدارچلىق ئادىتىگىمۇ بويسۇنماي ئۆزنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئەگەر شۇ چاغدا قوناقلىقنىڭ ئىگىسى سوتقا ئەرىز قىلىپ يۇرمەي، ئۆز-ئارا كېلىشكەن بولسا، ياكى يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بىر تەرەپ بولغان بولسا ئۇنداق ئۆچ-ئادەۋەتمۇ بولمىغان بولاتتى.
سوت ھەق-ناھەقنى ئايرىسىمۇ كىشلەر ئارىسىدىكى زىتىيەتنى تۇگىتەلىشى ناتايىن.جەمئىيەتتە ياشىغان كىشى چۇقۇم شۇ جەمئىيەتنىڭ قانۇنغا ئەمەل قىلىشى جىنايەت ئۆتكۇزمەسلىكى كېرەك.جىنايەت ئۆتكۇزگەن ئىكەن جازالىنىشقا ھەقلىق.جىنايەتكە ياتمايدىغان ئەل ئارىسىدىكى كىچىك ئىشلارنىمۇ قانۇننىڭ رامكىسىغا سېلىۋالىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ.بىر ئىش بولسا« قانۇنغا ئەرىز قىلمەن.ھوقۇق مەنپەتىمنى قوغدايمەن» دەپ جارا سالىدىغانلار ماڭدامدا بىر ئۇچىراپ تۇرۋاتىدۇ .ھۆكۇمەت ھازىر قانۇن ۋە ئەخلاق ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.بۇ يەردىكى ئەخلاق كىشلەرنىڭ ئەخلاققا بۇيسۇنىشىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئەخلاققا ياتىدىغان بىر قىسىم مەسسلەرنى ئۆز-ئارا ھەل قىلىش ،جازا بىرش،تۆلەم تۆلەشنىلا مەقسەد قىلماستىن ، زىتىيەتلەشكەن تەرەپلەر ئۆز-ئارا ھەل قىلالمىغان مەسىللەرنى قانۇن ئورۇنلىرىغا بېرىپ يۇرمىسىمۇ ، ئەلۋەتتە شۇ مەھەللىدىكى يۇرت ئاقساقاللىرى ھەل قىلىدۇ.يۇرت ئاقاساقاللىرى ھەل قىلالمىغان ئىشلارنى قانۇن ئۇرۇنلىرى بىر تەرەپ قىلىدۇ.ئەمما بىر قىسىم كىشلەر ئۆزلىرى مەسىلە سادىر قىلغاندا يۇرت ئاقساقاللىرى ئارىغا چۇشسە :«ھەر قايسىڭنىڭ بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارلىشىشقا نېمە ھەققىڭ بار.قايسى يول بىلەن ھەل قىلىش ئۆزۇمنىڭ ئەركىنلىكى ،ياشقا چوڭ مەن دەپ خەقنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋىرىدىكەن»دەپ يۇرت ئاقساقاللىرىنى كۆزگە ئىلمىغاندەك مۇئامىلدىمۇ بۇلاۋاتىدۇ.شۇڭا بىر قىسىم يۇرت ئاقساقاللىرى :«بىز ئارلاشساق خوپ كۆرمىگەندىكىن نېمىگە ئارلىشىمىز، پۇتۇشمىسە تايىنىدىغان قانۇن بار ئەمەسمۇ؟»ئۆزىنىڭ رولىغا سەل قاراۋاتىدۇ. ئاقساقاللارنىڭ باللىرىمۇ:«سىز مەن ياشقا چوڭ دەپ ئۇنداقلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشماي ئۆزوڭىزنى بىلىپ يۇرۇڭ.ھازىر باشقىلارنىڭ ئىشىغا ئارلاشقاننى خەق خوپ كۆرمەيدۇ.سىز ئاق كۆڭۇللۇك بىلەن ئارلاشسىڭىز ،ئۇلار بارلىق ئاقىۋەتنى سىزگە ئارتىپ قويىدۇ.سىز بىكاردىن-بىكارغا كۆڭۇل ئاغرىقى تېپىۋالىسىز» دەپ ئارلىششنى چەكلەيدۇ.كىشلەردىكى ئۆز ئىشىمغا پۇختا بولسام بولدى، باشقىلارنىڭ ئىشغا ئارلىشىپ يامان بولغىچە جىممىدە ئولتۇراي دەيدىغان شەخسىيەتچىلىك خاھىشىنىڭ كۇچىيىشى ،كىشلەرنىڭ يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ رولىنى قانۇننىڭ رولىدەك بولمايدۇ دەپ ئۆز ئىشىغا ئارلىششنى خالىماسلىقى سەۋەپلىك يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق يۇرتنى ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى يۇقاپ كېتىۋاتىدۇ.
بۇ دۇنيادا ھەر كىمنىڭ ،ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق رولىغا بولغىنىغا ئۇخشاش ،يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ يىتەكچىلىك رولىنىڭ بۇلغىنى ياخشى.كىشلەر ھە دېسە قانۇنغا يۇگۇرۇپ بىر-بىرى بىلەن ئاداۋەتلىشىپ يۇرسە ئىناقلىقتىن،خۇشھاللىقتىن،بىرلىكتىن ،مېھىر- شەپقەتتىن سۆز ئېچىش تولىمۇ تەسكە تۇختاپ قالىدۇ. بۇ يەردە يۇرت ئاقساقاللىرىنى قانۇن ئۇرۇنلىرىنىڭ ئۇرنىغا دەسىتىش كېرەك دېگەننى ھەرگىزمۇ تەشەببۇس قىلمايمىز.بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن يۇرگۇزۇش ئورگانلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش بەلگىلىمىسىگىمۇ خىلاپ. قانۇننىڭ رولىنى ئۆز يولىدا، ئەخلاقنىڭ رولىنى ئۆز يولىدا جارى قىلدۇرغان تۇزۈك.دۆلەت تەشەببۇس قىلىۋاتقان ئەخلاق ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەر بىر كىشىنىڭ ئەخلاق مىزانلىرىغا ئەمەل قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىش-ھەركەتلىرىنى جەمئىيەت ئەخلاقىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بىر قىسىم كىشلەر مەن جىنايەت ئۆتكۈزمىدىم ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىدىم دەپ ئەخلاققا مۇخالىپ ئىشلارنى قىلىپ ئۆز-ئارا ئارازىلىشىدۇ.بۇنداق ئارازىچىلىق كۈچەيگەنسىرى ئارىدىكى زىتىيەت تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ بىر-بىرىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئىشلار سادىر بولىدۇ. ئەخلاققا ياتىدىغان ئىشلارنى جەزمەن ھەر بىر كىشى شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولغانكەن، جەمئىيەت ئەخلاقى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يەنى جەمئىيەت ئەخلاقىغا رىئايە قىلىش كېرەك. بىلىپ-بىلمەي جەمئىيەت ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغان بولسا چوقۇم ئۇنى ئەيىپلەيدىغان ئادەملەر بولىدۇ. بۇنداق ئەيىپلەشكە ئۇچىرىغاندا قىزىققانلىق قىلىپ ئۇرىشىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.باشقىلارنىڭ ئەيىپلىشىنى قۇبۇل قىلالمىغاندا يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالغاندا ئۇلار ئاق-قارىنى، ئادىلىق بىلەن ئادالەتىسزلىكنى چۇشەندۇرۇپ ئارىدىكى خىتىلاپنى تۇگىتىشكە تىرىشىدۇ.
ئادەم بۇ دۇنيادا ئۆزى تەنھا ياشىمايدۇ، كۆللىكتىپ ئىچىدە ياشىغان ئىكەن باشقىلارنىڭ ياخشى تەسىرىنى، تەلىم-تەربىيەلىرىنى قۇبۇل قىلىش زۆرۇر.باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغاندا، كىچىككىنە ئىش تۇپەيلى خورلانغاندەك ھېس قىلغاندا «ماڭا ئىگە بولىدىغان قانۇن بار»دەپلا قانۇن ئۇرۇنلىرىغا يۇگۈرمەستىن، ئەتىراپتىكى يۇرت ئاقساقاللىرىنى ئىزدەپ ئۇلاردىن مەسلىھەت ئېلىش كېرەك. بىر مەھەللىدىكى ئادەملەرنىڭ ئۇنداق، مۇنداق دېيىشىپ قېلىشى، بىر-بىرىنىڭ مال-مۈلكىنى بالىلار ياكى ھايۋانلار بۇزىۋىتىشى مۇمكىن. بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا بولۇپ تۇرىدىغان ئىشلار. مال-مۈلۈكلەرنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچىرىشى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ. ئۇنى بىراۋ ياكى شۇ كىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر بۇزىۋەتكەن ئىكەن ئۇنىڭ زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇشى كېرەك.چۇنكى شۇ نەرسىلەرگە مۈلۈك ئىگىسىنىڭ نۇرغۇن ئەجرى سىڭگەن، ئىقتىساد سەرىپ قىلغان. زىياننى تۆلىتىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى قانۇن ئورنىغا بېرىشلا ئەمەس. ئۆز-ئارا مەسلىھەتلىشىش، بولمىسا يۇرت ئاقساقاللىرى ئارقىلىق ھەل قىلشتۇر.قارشى تەرەپ ھەر قانچە يۇرت ئاقساقىلىنىڭ يېقىن ئادىمى بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ئادىللىقنى ياقلايدىغانلا بولسا ھەرگىزمۇ زىيانغا ئۇچىرغۇچىغا ئۇۋال قىلمايدۇ. يەنە كېلىپ ئۇ ئىشلارنى پەقەت بىرلا كىشى قارار قىلماستىن ئەتىراپتىكى نۇرغۇن كىشلەر ئۆز-ئارا كېڭىشىپ ھەل قىلىدۇ.بۇنداق بولغاندا ئىككى تەرەپ شۇ ئىش سەۋەپلىك بىر-بىرىدىن يامانلاپمۇ يۇرمەي ئىناق ئۆتۈپ كېتىدۇ. مانا بۇ يۇرت ئاقساقىلىنىڭ رولىنىڭ خاسىيىتى.
ھازىرقى جەمئىيەت قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جەمئىيەت بولسىمۇ ئەخلاقنىڭ رولى يەنىلا تەكىتلىنىدۇ. ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار، ئەخلاق ئارقىلىق كىشلەرنى ، جەمئىيەتنى تۈزەش رولى كۈچلۈكلەر يەنىلا يۇرت ئاقساقاللىرىدۇر. بۇ قانداقتۇر شۇ يۇرتتىكى ياشقا چوڭ ساقىلى بار كىشنىڭ باش بولۇشى بولماستىن، باشقىلارغا باشلامچلىق قىلالايدىغان، يىتەكلەش، تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى يوقىرى بولغان، جەمئىىيەتتە باشقىلار ئىتىراپ قىلىدىغان ، ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان، ئومۇملىقنى كۆزلەيدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشقا ماھىر بولغان كىشلەرنىڭ باش بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەتتە تەجربىسى بار، مەھەللىدىكىلەرنى چۇشىنىدىغان، باشقىلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگەنلەشكە ئۇستا ، مەسىلە ھەل قىلىشقا ئىپى بار، ناتىق بىر بۆلۈك ئادەملەر بار. ئۇنداق ئادەملەرنىڭ بولغىنى شۇ مەھەللە ئۇچۈن پايدىلىق. چۇنكى بىر قىسىم قۇلاق كەستى، توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلايدىغان، كىچىككىنە ئىش بولسىلا چوقان كۆتۇرىدىغان كىشىلەر يۇرت ئاقساقاللىرىدىن ھېيقىدۇ.ئىش تېرىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ.يەنە خاتالىق سادىر قىلىپ قالسا يۇرت ئاقساقىلىنىڭ ئەل جامائەت ئالدىدا ئىزاغا قويىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا بەزى مەھەلىلەردە يۇرت ئاقساقاللىرى بىر قىسىم كىشلەرنىڭ تاپتىن چىقىپ كېتىشىنى تۇسۇپ تۇرغۇچى قالقاندۇر.بۈگۈنكى جەمئىيەتتە يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ قىممىتى يوقالغىنى يوق. خەلقىمىز نۇرغۇن ئىشلاردا يۇرت ئاقساقاللىرىغا مۇھتاج .يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلسا قانۇن ئۇرۇنلىرىغا چۇشىدىغان بېسىممۇ يىنىكلەيدۇ.كىشلەر ئارىسىدىكى ماجىرالارمۇ ئۆز يولىدا ھەل بولىدۇ.ئۆچ –ئادەۋەتلەرمۇ يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ دانالىقىدا يۇيۇلۇپ كېتىدۇ.ھەر كىم ئۆز يۇرتىنىڭ يۇرت ئاقساقاللىرىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىسا، مەسىلە يۇز بەرگەندە يۇرت ئاقساقاللىرى ئارلاشسا ئۇنىڭغا سوغاق مۇئامىلدە بولمىسا ئاندىن يۇرت ئاقساقاللىرىنىڭ ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر تۇنۇپ يەتكەن، ھەم بىجانىدىلىق بىلەن ئادا قىلغان بولاتتى.يۇرت ئاقساقاللىرى ھەممەيلەننىڭ قوللىشىغا مۇھتاج.ئۇلار ھۆرمەتلەنسە، ئىتىراپ قىلىنسا ئاندىن مەھەللىنىڭ گۈزەللىكى ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىدۇ.شۇندىلا مەھەللىدىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ كتەلەيدۇ. (ئاپتۇر: ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا humaru تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-7 12:16 PM