بولدى ‹‹شارپ›› مات بۈگۈن، دەۋادا‹‹ مەشرەپ ››ئالدىدا
(مىسرانىم ،مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر)
يارمۇھەممەت تۇرسۇن قاراخان
يىمەك –ئىچمەك ساقلاش ئۈچۈن زۆرۈر بىزگە توڭلاتقۇ،
زۆرۈر ھەتتا ئائىلە ياق ، مۇھىتقا چاڭ، بۇس تارتقۇ،
قىز-يىگىتكە ياز-ئايازدا زۆرۈر ‹‹ئىسسىق –سوۋۇتقۇ››،
يول، كۆڭۈلنىڭ رىشتى، ئۈشبۇ تور - ئىنتېرنېت ، تاراتقۇ،
دىگەن چاغدا‹‹ مەشرەپ››ئەلگە، چىقتى ياۋدىن قۇتراتقۇ.
‹‹مەشرەپ›› ئەمەس ئىكەن ئەسلى ئۇيغۇر توۋار ماركىسى،
ئاڭا ئىسپات دەپتۇ ‹‹شارپ››دىگەن خەت ، چەپ يارتىسى.
ئۇندا باردۇر بىر ئەسىرلىك رويخەت، گۈۋاھ غالچىسى،
دىگەن چاغدا ياپون تەرەپ ، دەۋا ۋەكالەت ئەلچىسى،
‹‹ مەھمۇد ئوغلى سۇلتان ››كۆڭلى بولدى غەش، گۆر، قاراڭغۇ.
مىللىتىمگە داڭلىق ماركا بولسۇن دىگەچ تەسەررۇپ،
رەسمىيەت دەپ قىلىپ يۈردى‹‹قۇل››غا ‹‹سۇلتان›› تەكەللۇپ،
ماركا-تۇغ! دەپ غايىسىغا قىلدى ئىخلاس ،تەسەۋۋۇپ،
‹‹مەشرەپ ››دىگەن ماركا ئۈچۈن سۇندى تورغا قۇت مەكتۇپ،
توقسان كۈننىڭ ھارپىسىدا توردىن چىقتى توسالغۇ.
بۇ جەڭ –چېلىش ئۈچۈن‹‹ سۇلتان›› ئىزدىدى كۆپ ئادۋوكات،
يىتىم ئاغزى ئاشقا تەگمەي قان بولسا بۇ بەك ئۇيات،
ئۇيغۇر بىلەن ‹‹مەشرەپ››كە ،بىل يارىشامدۇ سۈكۈنات،
ھەق ئالدىدا سۆزلەيدىغان قېنى ۋىجدان ، ئار ،سۇبات.
دىگەن خىيال دېرىكتورنى ئۇخلاتمىدى ئەلياتقۇ.
بۇ ئىش بىلەن قۇمۇل ،تۇرپان مورى،ئىلى ،بورتالا،
لوپنۇر،كەلپىن،دولان،ئاتۇش،كاچۇڭ،خوتەن بوزدالا،
قايناپ دىدى بىزگە نەدىن يولۇقتىكىن بۇ بالا،
ھالال ،دۇرۇس مىللەت ئۈچۈن ياراشمايدۇ داغ- يالا،
‹‹جاۋاپكار ئۇ - مەشرەپ››-دىگەن قايسى يولسىز ئوسال –ئۇ؟
بۇ ماجىراغا پەتىۋا بەردى ھەر خىل، ھەر كىشى،
ئەمما ئۇندىن چىقمىدىغۇ ‹‹ئوقيا››*كەبئى ئەر كىشى،
ئابلىكىم- ئۇ ئىكەن ئەسلى، ئەل بالىسى - ئەركىسى،
دۆلەت ئارا بوپتۇ نەچچە، ھەققانىيەت سەركىسى،
دىدى شۈندا بۇ دەۋادا ماڭا يوق ‹‹جىن›› توسالغۇ.
بىر مىڭ بەش يۈز خەتلىك ئەرزى تۆھمەت ياكى ھەقىقەت،
ئۇ بىر مىللەت ياكى شىركەت ئۈچۈن توي يا مۇسىبەت،
ئەجداد -ئەۋلاد ئۈچۈن ھەتتا شەرەپ- نومۇس، ھاقارەت،
قىلچە سەۋەن ئۆتسە بىزدىن كەچۈرگۈسىز قاباھەت،
كېرىچنى چىڭ تارتىپ ‹‹ئوق››نى دەل ئاتماسلىق چوڭ قايغۇ.
‹‹شىركەت››،‹‹توختام››،‹‹ماركا ھوقۇق قانۇنى››نى، ۋاراقلاپ،
چىقماق بولدى سوتتا ‹‹ ئوقيا ››‹‹جاۋاپكار››نى جىڭ ئاقلاپ،
‹‹سۇلتان›› تولۇق ھۇقۇق بەردى ‹‹ئەپەندىم››نى چىڭ ياقلاپ،
سودىيەمۇ قالدى‹‹مەشرەپ››تەقدىرىگە تېڭىرقاپ ،
شۇندا ‹‹شارپ››دىدى‹‹ مەشرەپ›› بىزگە ئۈسكەن كور- قارىغۇ.
دىدى ‹‹ئوقيا ››قامچا ئۇزۇن بولسا ئاتقا يېتەمدۇ؟
ئاچ كۆزۈڭنى ناۋايئىنىڭ نەسلى نەپنى تىلەمدۇ؟
سېنىڭ خەلقىڭ ،‹‹ھون›› ،‹‹ئوغۇز››نىڭ تارىخىنى بىلەمدۇ؟
گەپ تاپالماي ساڭا ‹‹مەشرەپ›› ،‹‹روھى››تۆلەم تۆلەمدۇ؟
‹‹مەشرەپ›› بىلسەڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن ‹‹بەزمە››دىگەن ئاتالغۇ!
پاكىت پىلنى خىجالەتتە قويىدىكەن ئاجايىپ،
تىپىرلىشىپ دەۋاگەرلەر سۆزلەپ كەتتى غارايىپ،
تۇردى بىزنىڭ ئەزىمەتلەر‹‹ دار ئالدىدا›› غادىيىپ،
تۈنجى ‹‹ئوقيا ››ئېتىلغاندا بولدى ‹‹شارپ››لار غايىپ،
‹‹مەشرەپ›› ئاخىر بولۇپ چىقتى قىزىق نۇقتا چوڭ ماۋزۇ...
بىزدە باركەن دۈنياغا تەڭ كەلگۈدەك ئاڭ مائارىپ،
بىزدە باركەن ئەدەپ-ئەخلاق،قانۇن،ناتىق ،دىت غالىپ ،
بىزدە باركەن مىڭ يىل كېيىن چىقار ‹‹ يۈسۈپ خاس ھاجىپ››،
بىزدە يوقكەن ئادالەتكە قارا سۈرگەن مۇخالىپ ،
مىسرانمنى مەشرەپ ئەندى قىلغىن ئىسسىق تۇرالغۇ؟!
بۇ ساۋاقتىن ماركا ئېڭى يېتىلدىغۇ مېنىڭدە،
ھەر نەرسىنى قوغداش روھى ئويغاندىمۇ سېنىڭدە،
ئانا يۇرتنىڭ ئىززىتىنى قوغداش بۇرچ كۈنۈڭدە،
ئويلا ھەر چاغ قىسمىتىڭنى ئۇيقۇ باسقان تۈنۈڭدە،
نادانلىققا ئوت ئاچقىنى بىلىم ئاتلىق قورالغۇ؟!
مەنبە : ئىجادىيەت
2012يىلى 7-دېكابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaraxani تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-7 02:41 AM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-7 09:43 AM):
سۇلتان مەھمۇد*-مەشرەپ ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى شىركىتىنىڭ دېرىكتورى
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-7 10:47 AM):
ئابلىكىم- شىنجاڭ ئوقيا ماركا،ئېلان لايىھىلەش مەركەز دېرىكتورى،ئادۋوكات
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-8 09:01 PM):
(مىسرانىم ،مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر)
ي .ت.قاراخان
يىمەك –ئىچمەك ساقلىماققا، زۆرۈر بىزنىڭ توڭلاتقۇ،
لازىم ھەتتا ھەر ئائىلە ، مۇھىتقا چاڭ، بۇس تارتقۇ،
قىز-يىگىتكە ياز-ئايازدا كېرەك ‹‹ئىسسىق –سوۋۇتقۇ››،
تىل نىمە دىل رىشتى ئۈشبۇ تور ، ئىنتېرنېت ، تاراتقۇ،
دىگەن چاغدا‹‹ مەشرەپ››ئەلگە، چىقتى ياۋدىن قۇتراتقۇ.
‹‹مەشرەپ›› ئەمەس ئىكەن ئەسلى ئۇيغۇر توۋار ماركىسى،
ئۇندا بارمىش ‹‹شارپ››دىگەن ياپونچە خەت،چەپ يارتىسى.
ئاڭا ئىسپات شىركەت،رويخەت يەنە ئىسىم كارتىسى،
دىگەن چاغدا ياپون تەرەپ ،خاس ۋەكالەت ئەلچىسى،
‹‹ مەھمۇد ئوغلى سۇلتان ››*كۆڭلى بولدى غەش، تاس قاراڭغۇ.
مىللىتىمگە داڭلىق ماركا بولسۇن دىگەچ تەسەررۇپ،
رەسمىيەت دەپ قىلىپ يۈردى‹‹قۇل››غا ،‹‹سۇلتان››* تەكەللۇپ،
ماركا-تۇغ! دەپ غايىسىغا قىلدى ئىخلاس ،تەسەۋۋۇپ،
‹‹مەشرەپ ››دىگەن ماركا ئۈچۈن سۇندى مەتلۇب ۋە مەكتۇپ،
توقسان كۈننىڭ ھارپىسىدا توردىن چىقتى توسالغۇ.
بۇ جەڭ –چېلىش ئۈچۈن‹‹ سۇلتان››* ئىزدىدى كۆپ ئادۋوكات،
يىتىم ئاغزى ئاشقا تەگمەي قان بولسا بۇ بەك ئۇيات،
ئۇيغۇر بىلەن ‹‹مەشرەپ››كە ،بىل يارىشامدۇ سۈكۈنات،
ھەق ئالدىدا سۆزلەيدىغان قېنى ۋىجدان، ئار، سۇبات.
دىگەن خىيال دېرىكتورنى ئۇخلاتمىدى ئەلياتقۇ.
بۇ ئىش بىلەن قۇمۇل ،تۇرپان مورى،ئىلى ،بورتالا،
لوپنۇر،كەلپىن،دولان،ئاتۇش،كاچۇڭ،خوتەن بوزدالا،
قايناپ دىدى بىزگە نەدىن يولۇقتىكىن بۇ بالا،
ھالال ،دۇرۇس مىللەت ئۈچۈن ياراشمايدۇ داغ- يالا،
‹‹جاۋاپكار ئۇ - مەشرەپ››-دىگەن قايسى يولسىز ئوسال –ئۇ؟
بۇ ماجىراغا پەتىۋا بەردى ھەر خىل، ھەر كىشى،
ئەمما ئۇندىن چىقمىدىغۇ ‹‹ئوقيا››*كەبئى ئەر كىشى،
ئابلىكىم- ئۇ ئىكەن ئەسلى، ئەل ئويىنىڭ ئەركىسى،
دۆلەت ئارا بوپتۇ نەچچە، ھەققانىيەت سەركىسى،
دىدى شۈندا بۇ دەۋادا ماڭا يوق ‹‹جىن›› توسالغۇ.
بىر مىڭ بەش يۈز خەتلىك ئەرز ى سەپسەتىمۇ ھەقىقەت؟
بىر مىللەت يا شىركەت ئۈچۈن تۆھمەت قارا مۇسىبەت،
ئەجداد -ئەۋلاد ئۈچۈن ھەتتا ئېغىر نومۇس،ئاھانەت،
قىلچە سەۋەن ئۆتسە بىزدىن كەچۈرگۈسىز ھاقارەت،
كېرىچنى چىڭ تارتىپ ‹‹ئوق››نى دەل ئاتمىساق ‹‹زاۋال››غۇ.
‹‹شىركەت››،‹‹توختام››،‹‹ماركا ھوقۇق قانۇنى››نى ۋاراقلاپ،
چىقماق بولدى سوتتا ‹‹ ئوقيا ››*‹‹جاۋاپكار››نى جىڭ ئاقلاپ،
‹‹سۇلتان››* تولۇق ھۇقۇق بەردى ‹‹ئەپەندىم››نى چىڭ ياقلاپ،
سودىيەمۇ قالدى‹‹مەشرەپ››تەقدىرىگە تېڭىرقاپ ،
شۇندا ‹‹شارپ››دىدى‹‹ مەشرەپ›› سودىمىزغا ‹‹دوقال››غۇ.
دىدى ‹‹ئوقيا ››قامچا ئۇزۇن بولسا ئاتقا يېتەمدۇ؟
ئاچ كۆزۈڭنى‹‹ ناۋايئى››نىڭ نەسلى نەپنى كۈتەمدۇ؟
سېنىڭ خەلقىڭ ‹‹ھون›› ،‹‹ئوغۇز››نىڭ تارىخىنى بىلەمدۇ؟
گەپ تاپالماي ساڭا ‹‹مەشرەپ›› ،‹‹روھى››تۆلەم تۆلەمدۇ؟
‹‹مەشرەپ›› بىلسەڭ ئۇيغۇر ئۈچۈن ‹‹بەزمە››دىگەن ئاتالغۇ!
پاكىت پىلنى خىجالەتتە قويىدىكەن ئاجايىپ،
تىپىرلىشىپ دەۋاخورلار سۆزلەپ كەتتى غارايىپ،
تۇردى بىزنىڭ ئەزىمەتلەر‹‹ دار ئالدىدا›› غادىيىپ،
تۈنجى ‹‹ئوقيا ››ئېتىلغاندا يوقالدى ‹‹شارپ چال›› ‹‹راھىب››،
‹‹مەشرەپ›› ئاخىر بولۇپ چىقتى ئەل ھېرىسمەن بىر ماۋزۇ...
بىزدە باركەن دۈنياغا تەڭ كەلگۈدەك ئاڭ ،روھىيەت،
بىزدە باركەن يۈسۈپ بوۋام بەرگەن تەلىم -تەربىيەت ،
بىزدە يوقكەن ئۆزگىلەردەك ھارام تۇيغۇ تەبىئەت
بىزدە يوقكەن نەپسى ئۈچۈن ناتوغرا يول، بەتنىيەت ،
شۇڭا‹‹مەشرەپ››رىقابەتتە قۇچساڭ ۋىسال ‹‹ھالال››غۇ؟!
2012يىلى 7-دېكابىر