uykida يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 05:13 PM
ما بالىلارغا بەك ئىچىم ئاغىردى جۇمۇ !!!بۈشۈك دېگەن نېمد ...
توغرا دەيسىز، بۆشۈكتە ياتقان بالىلار مەينەتچىلىكتىن خالى، ئۇستىخانلىرى رۇس چوڭ بولىدۇ.
~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
بۆشۈك توغرىسىدا بىر قىززىق گەپ قىلىپ بېرەي:
ئاۋىستىرالىيىدە خىزمەت - ئۈگۈنۈش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن بىرەيلەن بالىلىق بولغاندىن كىيىن، ۋەتەندىكى تۇققانلار ئارقىلىق بىر بۆشۈك ئەۋەتكۈزۈپتۇ، بالىسىنى بۆشۈكتە بېقىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرسىدە، تۇيۇقسىز ئۆيگە نۇرغۇن ساقچىلار كىلىپ ئۇلارنى سۇئال - سوراققا تارتىپ كېتىپتۇ:
ساقچى: سىلەرنى، باشقىلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن تەكشۈرۈشكە كەلدۇق؛
قېرىنداشلىرىمىز: بىز قايسى قانۇنغا خىلاپلىق قىپتۇق؟
ساقچى: سىلەر« قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى خورلاش جىنايىتى» ئۆتكۈزدىڭلار، ئاۋۇ نەرسىگە باغلاغلىق تۇرغان بالىنى ھازىرلا يېشىۋىتىڭلار!
قېرىنداشلىرىمىز: بۇ نەرسىنى «بۆشۈك» دەيمىز، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنىڭدا يېتىپ چوڭ بولغان، بۇ دىگەن ئۆرىپ - ئادەت!
ساقچى: قالغان گەپنى ساقچى ئىدارىسىغا بارغاندا دىيىشىمىز، ھازىر ئاۋۇ بالىنى دەرھال يېشىۋىتىڭلار!
ساقچى: (بىللە كەلگەن خىزمەتداشلىرىغا قاراپ) ئاۋۇ «خورلاش قۇرالى» نىمۇ ئېلىۋىلىڭلار! سوتتا ئىسپات بولىدۇ!
قېرىنداشلىرىمىز: .....