نامازسىز ئۆتكەن كۈنلەر
ناماز ئوقۇشنى بەك ئىغر كۆردىغان بوپ قالدىم ئۆزۈمنىڭ شۇنداق ناماز ئوقۇغۇسى بولسىمۇ ، يەنىلا بوينۇمدا بىر قىىل باردەك ھىس قىلىمەن . ئوقۇمىغانغا تىخى پۇشايمەن قىلىمەن . ئۆزۈمنى بىر مۇسۇلمان ھىساپلەيمەن تىخى . ناماز ئوقۇمىغان ئادەم قانداقمۇ مۇسۇلمان بولسۇن ؟ دىگەننى ھەرگىز ئويلىمايمەن . چۈنكى نىيتىم ئەلا . نىيەت ھەممىنى بىسىپ چۈشىدۇ ، ئەمەلدىنمۇ چوڭ دەپ بىلىمەن . ئاغىنىلەر بىلەن، خىزمەتداشلىرىم بىلەن ، ئولتۇرۇشلاردا بىرەر دىن ئىچىپ قويىمەن ، چوشقا ، ئىت گۆشى يىمەيمەن . چۈنكى مەن دىگەن نىيىتى بىر ئەلا مۇسۇلمان . بىر ئادەم مىنى كاپىر دەپ قالمىسۇن . ئەگەر دەپقالسا ، پىكىربىلەن قايىل قىلىمەن . ئۇنىڭغا ئۇنىمىسا ، ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ مۇش پەشۋالىرىنى بىرىپ قويىمەن .
بىر ھەپتىلىك بايرام كۈنىىنىڭ پەيشەنبە كۈنى 7 ئەلئاغىنە ، يىغىلىپ قاپتۇق ، نەگە بارىمىز ، نەدە ھاراق ئىچىمىز دىيىشىپ ، بىرسى كۇلۇپقا ( دىباغا ) بىرىپ ئوينىغا بىرەر كەپتەرنى قۇشلىۋالغاچ بىللە ھاراق ئىچىمەمدۇق دىدى . يەنە بىرىسى قوپۇپ ياتاقتىن بىرنى ئىلىپ ھاراق ئىچىمەمدۇق ، دىدى يەنە بىرسى قوپۇپ تۇڭگاننىڭ ئاشخانىسىغا كىرىپ داپەنجىدىن بىرنى قورۇتۇپ يىگەچ ھاراق ئىچىپ قانغۇچە پاراڭلاشمايمىزمۇ ؟ دىدى . بۇگەپ ماڭا بەك خوش ياقتى ، چۈنكى مەن نىيىتىم ئەلە مۇسۇلماندە ، تۇڭگان مۇسۇلمان قرىندىشىمغا پۇل ئۆتسە مەيلى ئەمەسمۇ ؟ بىللە كىردۇق ، ئايرىمخانىغا باشلىدى ھىلىقى شاپاق دوپپلىق تۇڭگان خۇددى بىرەر ئىمام ئاخۇنۇم ئالدىمىزدا ماڭغاندەك ھىس قىلدىم ... كىرىپ ئاشۇ مۇسۇلمانچە داپەنجىدىن بىرنى ، بىلىقتىن بىرنى ، سوغۇق سەيلەردىن ، ئاندىن مۇسۇلمان قىرىندىشىم ساتقان ، پۇكەيدە پىشىدىغان ھىلىقى چىرايلىق قاپقا ئوراقلىق ، بىر جىڭلىق ئىسىل مەيدىن بۇيرىدۇق . مانا مۇسۇلمانچە داپەنجى چىقتى ، بىلىقمۇ ھەممە سەيلەرمۇ چىقتى ساھىپخان مانا مەن شۇ ، بۇيرىغان سەيلەرمۇ چىقتى ، ئەمدى ئىۋۇ بومبىنى چۇۋۇپ پارتىلاتقاچ يىمەيمىزمۇ ؟
ئاچە ھاراقنىڭ ئاغزىنى ..... مەززە قىلىپ مۇسۇلمان قىرىندىشىمىز ئىتىپ بەرگەن ، ئىشەنجىلىك داپەنجى ۋە باشقا سەيلەربىلەن ، ئاشۇ مۇسۇلمان قىرىندىشىمىز سىتىپ بەرگەن ئىسىل مەينى مەززە قىلىپ يەپ ئىچىشكە باشلىدۇق . سۇرۇنغا كىلەيلى .
1 - ھاراق تۈگىدى . ئىككىنجىسىگە كەلگەندە بىر ئاغىنىمىز دىدى . مۇشۇ تۇڭگاننى ئەكىرىپ سەن مۇسۇلمانمۇ دەپ بىر سوراپ باقمايمىزما ، ھەممىمىز ماقۇل بولدۇق . كرەۋاي شوۋچى تۇڭگان ، ھى سەن مۇسۇلمانما ؟
ئا ۋوشى جىڭ جىڭدە مۇسۇلمان ،
مەس ئاغىنەم قوپۇپ ، ھى سۈرە پاتىھە كەيىشا ، ...
ئوقۇپ چۈپ كەتتى بۇ تۇڭگان ، سەن راسكەنسە، نىمىشقا ھاراق ساتىسەن ،
ھى بالا سەن ئىچمىسە ، مەن ساتمادۇ ، تۇلۇدۇ باتەيدە
ھە دەپلا جاۋاپ بىرەلمىدۇق . ئەمما بىز يەنىلا شۇ ھاراقنىڭ غىمىدە ، بىر سى تۈگىسە ، يەنە بىرنى ، ئىچىپ قوپامىغۇدەك ، بىرىسى يانپىشىمىزنى سىلىسا تۇيمىغۇدەك ئىچىمىز .
يەنە پاراڭ باشلاندى . يىئىدىش مۇشۇ تۇڭگان بىلەن ئاغىنە بولساڭ ، پالتا ، پىچاق قوينۇڭدە بولسۇن دىگەن گەپ بار ، ئىشەنج يوق جۇما ما خەقتە ، دەپتى داپەنجىدىن بىر چىشلەم ئاغزىغا سالدى يىنىدا تۇرغان مەس ئاغىنەم يارايسە ، ما خەقنى مۇسۇلمان دىسە ئىشەنمەيمەن جۇما ؟
سورۇن داۋاملاشتى ، ھەممىمىز ئۆز پاراڭغا چۈشتۈق ، تاماكا دىگەن چىكىلىۋاتىدۇ ، ھىلىقى ئىسسىق سەيلەر تۇرۇپ ، سۇلۇشۇپ قويۇلۇپ ، يۈندىگە ئوخشاشپ قالغان . ئۇنىڭدىن مەسلەر گۆشنى ، سامساقنى تىيىپ يەۋەتقان . قۇيە ھاراقنى داۋاملاشىدۇ ما سورۇن ، داداڭ كەلسىمۇ مەي قۇيىمەن بۈگەن ... مەس ئاغنەمدىن يەنە بىر قوپتى . ماقا ئېدىش ئىچە ....
ئاڭغىچە بەكرەك مەس بولغىنى ئۆزى كىتىپ باراتتى . سورۇندا ئۈچەيلەن قاپتۇق . ئادەم قالماپتۇ . ھىلىقى مۇسۇلمانبىز دىگەن تۇڭگان ھىجىيىپ كىردى ئايرىمخانىغا
سۈەنجاڭ ، دەپلا .
ماشاڭ ھى ، ۋو شەنزەي خېلا ...
بودى بالا ، بودى بۇ خىې ئەييا ، ....
ئىچىمدە ئوت قويدىدە بۇ دىدىم .مەن قوپۇپ دوشوچەن
دىسەم ۋۇبەي باشى چى ...
دوشۇ چاچراپ تۇرۇپ كەتتىم . يانچۇقتا ئۇنى - بۇنى قىلىپ ئاشقان 65 كوي پۇل بار ئىدى . ھىلىقى داداڭ كەلسىمۇ مەن ھاراق قۇڭيمەن دىگەن ئاغىنەمگە قاردىم ئۇ مەس ، پۇلنى ئاڭلاپ سەل يىشىلدى بولغاي . ئەكىلە يانچۇقۇڭدا نەچچە پۇل با دىدى ماڭا مەس ھالەتتە ....
65 كوي باكەن .ئەكىلە دىدى . يەنە ھاراق ئىچىمەن دەپ بىرنى ئەكىردى . ئىچتۇق كاللام سورۇن پۇلىدا ئىدى . يەنە بىر ئاغىنىمىزدا پۇلدىن ئەسەرمۇ يوقكەن ئەمەسما ،
ھىلىقى تۇڭگان پۇل - پۇل دەپ كىۋەردى . كاللامغا كەلمىگەن شۇم خىياللا كىلىشكە باشلىدى .
ئاخىرقىي قىتىم تۇڭگان كىرىپ كەلدى .
قوپە ئاداشى ،قوپە تامادى زابايى ... چەن نالەي ، بومىسا ساقچى چاقىرمە دىدى .
ئاغىنەم ھاراق ئىچىپ ۋۇسۇڭ بولۇپ كەتكەن ۋاختىدە بۇ ، ئاناڭنى شوۋچى كاپىر نمىگە تىللايسەن دەپ ئورنىدىن تۇرىمەن دەپ ، ئۆز قۇسقىغا تىيىلىپ يىقىلىپ قوپۇپ ، تۇڭگان بىلەن ياقا بوغىشاپ ، مۇشلاشقا چۈشتى ، ئاڭغىچە ئاشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان باشقا ياردەمچى قوشۇنلىرىمۇ ، قىڭراق ، نوغۇچ ئادەم ئۇرۇش ئەسۋپلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقىشتى ، مانا مۇشلاش دىگەن دەپ قويشاپ كەتتۇق ئۇرا ئۇر ، بىزگە داپەنجى ساتقانغا تويە ، ھاراق سايقانغا تويە ، ساقچى كەلدى ... ئۈچىمىزنى قاتلاپ ، ماڭدى . ساقچىخانىمۇ تىللاپ ، قۇسۇپ ، كىچىك ەرەت بىلەن بۇلغاپ قاقشاپ ، بىر بىرسىمىزنىڭ قوينىغا كىرىپ ، بىر كارۋاتتا قىسىلىپ يىتىپ قاپتۇق ئەتىسى نى نۇمۇس ، ھىلىقى تۇڭگاننىڭ بىشى ، كۆزى ئىىشىپكۆرۈپ كىتىپتۇ . مەندىن جەرىمانە ئىلىپ قويۇپ بەردى . ھىلىقى ئىككى ئاغىنەمنى ، قەستەن جىدەل چىقىرىپ ، جەمىيەت تەرتىپىنى بۇزغان دەپ 15 كۈنلۈك مەمۇرى توختىتىپ قويدى .
ساقچىخاندىن چىققۇچە نۇمۇستىن ئۆلدۈم . قىنى بىزنىڭ ھاراق ئىچىشتىن بۇرۇنقىي قىلغان مۇسۇلماندارچىلىتىكى گەپ ؟ قىنى شۇ مەندىكى نىيەت ئەلالىقى ؟ مەن ئۆزەمنىڭ يۈزىگە ئەمەس دىيارىم مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەمدە مىللىي بارلىق ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمنىڭ يۈزىنى تۆكتۈم .... مەن زادىي قانداق ئادەم ؟ ھىلىقىي تۇڭگانغا مەن ئوىشامدىم ؟ مەنمۇ بىر دۆلەت كادىرىغۇ ؟ مەن ئۆزۈم ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ ئۆزۈمنىڭ يۈز ئابرويىنى ئۆزۈم چۈشۈرگەن بىلەن خەق مىنى پۈتۈن مىللەتكە چاتىدۇ بۇنى ئويلىغان بىلەن ئىجرا قىلمىدىم . ھەي نىيەت مۇسۇلمىنى ،
ئىككى ئاغنەم پىشانىسىدا قەستەن جىدەل چىقىرىپ مەمۇرى جازاغا تارتىلغان دىگەن تامغىغا ئىگە بولدى . مانا بىز ئۇيغۇرنىڭ قىسمەن ياشلىرى ... ياخشى يول تۈز كۆرۈنمەيدۇ .
بۇ ئىش ھەقىقي جەمىيەتتە يۈز بىرۋاتقان بولۇپمۇ بىزنىڭ ئەزىزانە قەشقەردە يۈز بىرۋاتقان ئىش .
مەنبەسى : مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-6 06:27 PM