|
|
|
|
شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى يېقىندا ۋاكالەتچىلەر يىغىلىشى ئۆتكۈزدى، يىغىنغا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 30 دىن ئارتۇق ۋاكالەتچى 300 دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان ،دوست بۇرادەرلەر قاتناشتى.
شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى 2008 -يىلى 11ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ،ھازىر دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەر- ناھىيە بازارلىرىدا كۆپلىگەن تارماق دۇكاننى ئۆزئىچىگە ئالغان ھالدا تىجارىتىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ،ئىستىمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تىجارەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۈتۈرۈپ ياخشى بولغان كارخانا ئوبرازىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ مېڭىۋاتقان تېرىشچان بىر كارخانا...
يىغىن كۆڭۈل ئېچىش ۋە خۇلاسىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ،ھەرقايسى ۋاكالەتچىلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە تېلۋىزور قاتارلىق كاتتا مۇكاپاتلار بىلەن مۇكاپاتلاندى.!
پائالىيەتتە يەنە ھەرقايسى جاي ۋاكالەتچىلىرى كۆڭۈل سۆزلىرىنى قىلىپ ھۆسنىگۈل شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى غەلبىسىگە ئۇتۇق تېلىدى .ھەل قىلالمىغان مەسىللەر ئورتاق مۇلاھىزە قىلىندى.
تۆۋەندە پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم رەسىملەر بېرىلدى.
يىغىن ۋە كۆڭۈل ئېچىش خۇلاسىلەشنى ئاساس قىلغان بۇ قېتىملىق پائالىيەت ھۆسنىگۈل شىركىتىنىڭ كۈچلۈك تېرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىنتايىن غەلبىلىك ئېلىپ بېرىلدى.بىز ھۆسنىگۈل شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تېرىشىپ دىيارىمىزدىكى داڭلىق كارخانا ئوبرازىنى تىكلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
|
|
|
|
|
|