نومۇس تېمى (رەسىملىك خەۋەر) جاڭشىيەن ناھىيىسى گەنسۇ ئۆلكىسى دىڭشى شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، قەدىمقى يىپەك يولى قاتنىشىنىڭ تۈگۈنى شۇنداقلا دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە. يېقىندا خەلق تورى مۇخبىرى جاڭشىيەن ناھىيىسىدىكى 212-دۆلەت تاشيولىدا كېتىۋاتقاندا يول ياقىسىدىكى كەنتلەرنىڭ يول بويىغا ئىككى مېتىر ئەتراپىدا تام سالغانلىقىنى، كاھىش بىلەن كۆركەملەشتۈرگەنلىكىنى، يول ياقىسىدىكى دېھقان ئۆيلىرىنىڭ توسۇلغانلىقى تامنىڭ ئاقارتىلغانلىقىنى كۆردى.
تۆۋەندىكىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىدىن قىسمەن ئۈزۈندىلەر: دىېھقانلار : تام قوپۇرۇش سەتنى توسۇش ، پەقەت يولدىن ئۆتكەن باشلىقلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن.
دېھقانلار: يېڭى تامنىڭ پايدىسى يوق، ھەممە دېھقانغا نەپ ئېلىپ كېلەلمەيدۇ.
دېھقانلار : تام سېلىنىپ يول ئىگىلەندى، بۇ قاتناش بىخەتەرەلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. (ئىگىلىنىشىچە دوڭچىياۋ كەنتىدىلا يول ياقىسىدا 80نەچچە ئائىلە، 100 نەچچە ئوقۇغۇچى بار ئىكەن)
ناھىيىلىك تەشۋىقات بۆلۈمى: تام قوپۇرۇش كەنت قىياپىتىنى تۈزەش ئۈچۈن، قوشنا شەھەر ناھىيىلەرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.
يېزا باشلىقى: قىسمەن ئاممىنىڭ قارشى تۇرىشى ئۇلارنىڭ «ئەمدىلا ساۋاتسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ تونۇشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىدا» . دېھقانلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قاتناش بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى ئىنكاسىغا گوڭ يېزا باشلىقى: خەۋىپ ھەرقاچان بار نەرسە، ئاساسلىقى مەكتەپ يولدا قوغداشنى كۈچەيتىسە، ھەر ئائىلە ئوقۇغۇچىنى ئەكىلىپ ئەكەتسە، بۇ خەۋىپمۇ ئانچە چوڭ بولمايدۇ. يوللىغۇچى: ئەلتېكىن مەنبە : تېڭشۈن خەۋەر تورى
|