مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 580|ئىنكاس: 12

بىلىمخۇمار: بىلىۋال تورىدىكى يازما سۆھبەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 4657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىلىۋال تورى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يازما سۆھبەت

ئىلاۋە: بۇ يازما سۆھبەت 2005-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ تور بەتلىرىگە خېلە كەڭ تارالغان ئىدى. ئەمما، 2009-يىلى يازدىن كېيىن ئۇ نۇرغۇنلىغان تور بەتلىرى بىلەن تەڭ غايىپ بولدى. ھازىر تەكشۈرسەم، ئۇ ھازىر ھېچ قانداق توردا يوق ئىكەن. ئۇنى يېڭىدىن ئۆسۈۋاتقان، ۋە ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى كۆرۈشكە ئۈلگۇرمىگەن قېرىنداشلاشنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇشبۇ مۇنبەرگە چىقىرىپ قويدۇم. مەن بۇ سۆھبەتنىڭ بارلىق قىسىملىرىنى ئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ بىر تېما ئاستىغىلا چىقىرىپ قويىمەن.  مەن ھەر قېتىم بۇ سۆھبەتنى كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان بىلىۋال تورىنىڭ قۇرغۇچىسى قۇربانجان روزى، سوئال چىقارغان بارلاس، ۋە ئۇنى تەھرىرلەپ ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلەپ چىققان سابىق بىلىك تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى مەمتىمىن ئەليار بىلەن سابىق ئورخۇن تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ياۋۇز (تۇرسۇنجان ھەزىم) قاتارلىق قەرىنداشلارنى ئەسلىمەي ھەمدە ئۇلارغا چوڭقۇر مىنەتدارلىق بىلدۈرمەي تۇرالمايمەن.  


كىرىش سۆز ئورنىدا


مۇھەررىردىن: <بىلىۋال> http://www.biliwal.com تور بېتىمىز يېڭى قۇرۇلغان بولۇشىغا قارىماي، بارغانسېرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ دىققەت-ئېتىبارىغا ئېرىشىپ، زىيارەت قىلغۇچىلىرى ئۆزلۈكسىز كۆپىيىشكە باشلىدى. بىز بۇ جەرياندا يۇرتىمىزدىكى تورداشلىرىمىزنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ھەققىدىكى قىزىقىش سادالىرىنى كۆپ ئاڭلىدۇق، بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلار بىزنىڭ بۇ جەھەتتە ئىزدىنىشىمىزگە سەۋەب بولدى. شۇڭا بىز ئىشىمىزنىڭ مۇقەددىمىسى سۈپىتىدە ئامېرىكىدا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش مەقسىتىدە، ئالىمنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلدۇق. بىزنىڭ ئالىمدىن سورىغان سوئاللىرىمىز بەلكىم ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ تەلەپلىرىنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، ئەگەر ئۇنداق بولۇپ قالسا جاۋابكارلىق پۈتۈنلەي بىزنىڭ تەجرىبىسىزلىكىمىزدە. لېكىن ئەركىن ئەپەندىنىڭ سوئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابلىرى ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ كۈتكەن يېرىمىزدىن چىققان. شۇڭا بىز ئەركىن ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز. تورداشلىرىمىز ئەركىن ئەپەندى ھەققىدە يەنە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئارزۇسىدا بولسا، سۆھبەتنىڭ 3-جاۋابىدا ئەركىن ئەپەندى تىلغا ئالغان تور بېتىنى زىيارەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمىز.


1-بۆلۈم


1-سوئال:يۇرتتىكى تورداشلار چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلە ئەھۋالىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

جاۋاب: بىزنىڭ ئائىلىدە 4 جان كىشى بار: ئۇلار مەن، ئايالىم ئامانگۈل، 1985-يىلى تۇغۇلغان قىزىم دىلنارە ۋە 1989-يىلى تۇغۇلغان ئوغلۇم دىلشاتتىن ئىبارەت. بىزنىڭ ھازىرقى ئۆيىمىز كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ LosAngeles شەھىرىگە 40 كىلومىتىر كېلىدىغان Santa Clarita دېگەن شەھەردە بولۇپ، دىلنارەدىن باشقىلار مۇشۇ يەردە تۇرىمىز. دىلنارە SanFrancisco شەھىرىگە 30 كىلومىتىر كېلىدىغان "ھايۋارد" دېگەن شەھەردىكى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىقتىساد كەسپى باكالاۋرلىقىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. سان-فرانىسكو بىلەن لوس-ئانژىلىس شەھرىنىڭ ئارىلىقى 500 كىلومىتىر كېلىدۇ.

مەن خىزمەت قىلىدىغان ئىدارە ئۆيدىن 53كىلومىتىر يىراقلىقتىكى Pasadena دېگەن شەھەرگە جايلاشقان. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە (5:45 دە) ئورنۇمدىن تۇرىمەن. سائەت 6:15 دە ئۆيدىن يولغا چىقىپ، 5كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر يىغىلىش ئورنىغا بارىمەن. ئۇ يەردە ئىدارىنىڭ كىچىك ئاپتوبۇسىغا چىقىپ، سائەت 6:30 دە ئىدارىگە قاراپ ماڭىمىز. بۇ 14 كىشىلىك ئاپتوبۇس بولۇپ، ئىدارىگە سائەت 7:15 - 7:30 دە يېتىپ كېلىپ، دەرھال ئىشقا چۈشۈپ كېتىمىز. چۈش ۋاقتى سائەت 12 دە بىر سائەت دەم ئېلىش ۋاقتىمىز بار بولۇپ، مەن تامىقىمنى ئۆزۈمنىڭ ئىشخانىسىدا يەيمەن. ھەر كۈنى چۈشلۈك تامىقىمنى ئالغاچ كېلىپ، ئۇنى 15 مىنۇت ئىچىدە يەپ بولىمەن. ئېشىپ قالغان ۋاقىتتا، ماڭا كەلگەن ئېلخەتلىرىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا جاۋاب يازىمەن. كەچتە سائەت 4:25 دە ئىدارىدىن ئۆيگە قاراپ يولغا چىقىمىز. ھەمدە سائەت  5:00 - 5:15 دە ئۆيگە يېتىپ بېرىپ بولىمەن. تاماق ئېتىپ يەپ، ئۆيدە يەنە 1 - 1.5 سائەت ئىشلەيمەن. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىنى، بەزىدە ئىدارىنىڭ ئىشىنىمۇ قىلىمەن. تېلېۋىزوردا ئازراق خەۋەر كۆرۈپ، كارىۋاتقا سائەت 9:30 چىقىپ، شۇ كۈنلۈك گېزىتنىڭ مەملىكەت ۋە خەلقارا خەۋىرىنى ۋە ئىقتىساد قىسمىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، سائەت 10:30 ئۇخلايمەن.

ئايالىم ئامانگۈلمۇ Pasadena شەھىرىدىكى بىر چوڭ دوختۇرخانىدا كومپيۇتېر پروگراممىسى يېزىش ۋە ئانالىز قىلىش ئىشىنى ئىشلەيدۇ. ئىشلەيدىغان ئىدارىسى ئۆيدىن 60كىلومىتىر يىراقتا بولۇپ، ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ بارىدۇ. ئۆيدىن سائەت 7:00 ئەتراپىدا يولغا چىقىپ، سائەت 8:00 ئەتىراپىدا ئىدارىسىگە يېتىپ بارىدۇ. كەچتە سائەت 5:00 دە يولغا چىقىپ، 6:00 ئەتراپىدا ئۆيگە يېتىپ كېلىدۇ.

ئوغلۇم دىلشاتنىڭ مەكتىپى ئۆيدىن 8كىلومىتىر يىراقلىقتا بولۇپ، مەكتەپكە بالىسى ئوخشاش مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر قوشنىمىزنىڭ ماشىنىسىدا بارىدۇ. بىز ئۇ قوشنىمىزغا ھەر ئايدا 50 دوللار پۇل تۆلەيمىز. ئۆيدىن سائەت 7:00 دە يولغا چىقىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 4:00 لەردە ئۆيگە قايتىپ كېلىدۇ. ئالدى بىلەن ھەممە تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ تۈگىتىپ، بىر تېلېۋىزور كۆرۈپ، كەچ سائەت 10 لاردا ئۇخلايدۇ. دىلشات بۇ يىل 4-ئايدا ماشىنا كېنىشكىسى ئالىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپكە ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ بارىدۇ.

قىزىم دىلنارەنىڭمۇ ئۆز ماشىنىسى بار. ئۇ مەكتەپتىن 20كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر شەھەردە ئىجارىگە ئالغان ياتاقتا تۇرۇپ، مەكتەپكە بېرىپ-كېلىپ ئوقۇيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر ھەپتىدە 20 سائەت ئەتىراپىدا ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ پارچە-پۇرات تۇرمۇش خىراجىتى بىلەن ياتاق ئىجارىسىنى ئۆزى ئىشلەپ تاپىدۇ. ئوقۇش پۇلىنى بىز چىقىرىپ بېرىمىز.

2- سوئال: ھازىر ئاساسلىقى قايسى ساھە بويىچە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسىز؟

جاۋاب: مەن ھازىر "JPL" دېگەن ئىدارىدە بىر "ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئنژىنېرى" بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنى باشقۇرۇش مەركىزى

(ئىنگلىزچىسى"National Aeronautics and Space Administration" بولۇپ (http://www.nasa.gov)، ئۇنى قىسقارتىپ "NASA" دەپ يازىدۇ) نىڭ قارىمىقىدا 10 تەتقىق-تەرەققىيات مەركىزى (Research and Development Center) بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا مەركىزى ئىنگلىزچىدە "Jet Propulsion Laboratory" دەپ ئاتىلىپ، ئۇ قىسقارتىلىپ "JPL" دەپ يېزىلىدۇ http://www.jpl.nasa.gov). jpl مەمۇرىي جەھەتتىن كالىفورنىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى (ئىنگلىزچىسى "California Institute of Technology" بولۇپ، قىسقارتىلىپ "Caltech" دەپ يېزىلىدۇ) گە قاراشلىق بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي چىقىمىنى NASAچىقىرىپ بېرىدۇJPL خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى 2004-يىلى 6000 ئەتىراپىدا، ئۇنىڭ ئىچىدە 2000 ئادەمنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى، 2000 ئادەمنىڭ ماگىستېرلىق ئۇنۋانى، قالغان 2000 غا يېقىن ئادەمنىڭ باكالاۋرلىق ئۇنۋانى بار بولۇپ، 2004-يىللىق ئىقتىسادىي چىقىمى 1.6 مىليارت دوللار ئەتىراپىدا بولغان. يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتقا ئاساسلانغاندا،  Caltech پۈتۈن دۇنيادىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە 3-ئورۇندا تۇرىدىكەن (خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى 1-ئورۇندا، ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى 2-ئورۇندا ئىكەن Caltech ,تا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پروفېسسورلارنىڭ سانى جەمئىي  30 ئىكەن )

http://pr.caltech.edu/events/caltech_nobel /

ھازىر مەن 2 چوڭ ئالەم قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلاپ چىقىش ئىشىنى قىلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ بىرىنچىسى 2006-يىلى يەر شارى تۆۋەن ئوربېتىسىغا قويۇپ بېرىلىدىغان بىر يېڭى تىپتىكى ئالەم تېلېسكوپى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاجرىتىلغان پۇل 200 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. يەنە بىرسى ئالەم بوشلۇقىدىن يېڭى پىلانېتا تاپقۇچى (Terrestrial Planet Finder    ،  http://planetquest.jpl.nasa.gov/TPF/tpf_index.html) دەپ ئاتىلىپ، قىسقارتىلىپ TPF دەپ يېزىلىدۇ. ھازىر ئامېرىكا تاپقان، قۇياش (بىزنىڭ كۈن) دىن باشقا 150 ئەتراپىدىكى ئۆزى نۇر چىقىرىدىغان يۇلتۇزلار بار بولۇپ، كىشىلەر بۇ يۇلتۇز (پىلانېتا)لارنىڭ ئىچىدە ئادەمگە ئوخشاش جانلىقلار ياشايدىغان پىلانېتىلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشىۋاتىدۇ. TPFنىڭ مەقسىدى ئاشۇنداق پىلانېتىلارنىڭ ئىچىدىكى 30 نەچچىسىنى تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت . TPF 2014-يىلى قويۇپ بېرىلمەكچى.

مەن دۇنيادىكى ئوپتىكا ئېنژىنېرلىرى ئىچىدە بىر قەدەر ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىمەن، ئۆزۈم ھەر خىل كومپيۇتېر تىللىرىدا مۇرەككەپ، يۇقىرى دەرىجىلىك پروگراممىلارنى يازالايمەن. مۇرەككەپ ئوپتىكىلىق ئۈسكۈنە ۋە زاپچاسلارنى لايىھىلەيمەن. ئۇلارنى تەجرىبىخانىدا ئۆزۈم ياساپ چىقالايمەن. ھەمدە ھەرخىل ئوپتىكىلىق زاپچاس-ئۈسكۈنىلەرنى تەجرىبىخانىدا سىناق قىلىپ تەكشۈرۈپ چىقالايمەن. شۇڭلاشقا ھازىرغىچە ئىشلىگەن 3-4 ئىدارىنىڭ ھەممىسىدە تېخنىكا جەھەتتىن ئەڭ ئەتىبارلىق خادىم قاتارىدا ئورۇن تۇتۇپ كەلدىم. مەن JPL گە 2004-يىلى 1-ئايدا كىرگەن بولۇپ، شۇ يىل 8-ئايدا "تۆھپىسى ئالاھىدە بولغان خادىم" دېگەن مۇكاپاتقا ئېرىشتىم.

JPL گە خىزمەتكە كىرىش ئىنتايىن قىيىن بولۇپ، بەزىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇيغۇر، تۈرك، قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدە، ئالدىنقى 20 يىل ئىچىدە JPL گە ئىشقا كىرەلىگەنلەر يالغۇز مەن ئىكەنمەن (ھازىرمۇ JPL دە مەندىن باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن ئادەم يوق).

3-سوئال: قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىڭىز (ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىڭىز، چوڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىش ئەھۋالىڭىز)دىن خەۋەردار بولغىمىز بار.بۇ ھەقتە سۆزلەپ بىرەمسىز؟

جاۋاب: مەن 1986-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر خەلقئارادىكى ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ئىلمىي-تەتقىقات ژورناللىرىدا جەمئىي 20 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم. ئوپتىكا ئىلىم-تېخنىكىسى ساھەسىدە، ئامېرىكىدا 3 پارچە كىتاپ باپى  (Book Chapter)چىقاردىم. بۇ رىقابىتى ۋە شان-شەرىپى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ئىلمىي ئەمگەك بولۇپ، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئىلىم-پەن جەمئىيەتلىرى بىرنەچچە زىيالىي-مۇتەخەسىسلەردىن تەشكىل تاپقان گۇرۇپپىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىردىن كىتاپ باپى يازدۇرۇپ، بۇ يېزىلغان باپلارنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكىلىق كىتاپ قىلىپ چىقىرىدۇ. مەن يۇقىرىدا ئېيتقان "كىتاپ باپى" دەل ئەنە شۇ نەرسىدىن ئىبارەت. مەن يەنە ئامېرىكىدا 4 پارچە كەشپىيات پاتېنتى چىقاردىم. ھەمدە خەلقئارالىق ئىلمىي-تەتقىقات يىغىنلىرىدا جەمئىي 28 پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدىم. بۇ ماقالىنىڭ تەپسىلاتىنى  "http://www.meripet.com/Main/Erkin_Bio.htm" دېگەن تور بېتىدىن كۆرۈش مۇمكىن.

بۇلاردىن باشقا، مەن دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىلمىي-تەتقىقات ژورناللىرى "Optics Letter"، "Journal of Optical Society of America" ۋە "Applied Optics" قاتارلىق ژورناللارغا تەھرىر ھەيئەت (مۇھەررىردىن: ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ژورنىلىغا ماقالە ئەۋەتسىڭىز، ئۇلار ماقالىڭىزنى شۇ ساھەدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىستىن 3 كىشىگە يوللاپ، شۇلارغا تەستىقلىتىدۇ. ئەگەر بۇ 3 كىشىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، ماقالىڭىز ئاندىن ژورنالغا بېسىلىدۇ) بولۇپ ئىشلەپ بەردىم. ئوپتىكا ساھەسىدىكى بىر قانچە يۇقىرى تېخنىكىلىق زاپچاس ۋە ئۈسكۈنە بويىچە دۇنيانىدىكى ئەڭ ئالدىنقى مۇتەخەسىسلەر قاتارىدا ئورۇن تۇتتۇم. ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن ئىدارە ۋە ئالىي مەكتەپلەردە تەكلىپ بويىچە ئىلمىي دوكلات بەردىم.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، مەن كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ Sacramento شەھرىدىكى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى (California State University, Sacramento) بىلەن داۋىس شەھرىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى (University of California, Davis) دە لېكتور بولۇپ ئىشلەپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى باكلاۋۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا كەسپىي دەرس ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەۋسۈملۈك ئوقۇتقۇچى باھالىشىدا شۇ مەكتەپلەرنىڭ رەسمىي پروفسسورلىرىدىنمۇ كۆپ يۇقىرى باھاغا ئېرىشىپ، 3 قېتىم مۇكاپاتلاندىم.

4-سوئال: سىز ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىڭىزدىن تارتىپ ھازىرقى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكىچە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئۆگىنىش ئادىتىڭىز قايسى؟

جاۋاب: مەن 4-5 ياشلارغا كىرگەن ۋاقىتتىن تارتىپ، پۈتۈن جەمئىيەت ئىنتايىن كەمبەغەل بولۇپ، ئاشلىق ئىنتايىن قىس بولۇپ كەتكەنىدى. دادام ئوقۇش بىلەن باشقا يەرگە كەتكەن، ئاپام ئىشلەۋاتقان بولۇپ، چۈشلۈك تامىقىمىز ئۈچۈن ئاكام بىلەن ئىككىمىزگە بىردىن كىچىك توقاچ تەييارلاپ قوياتتى. چۈش بولغىچە مىنىڭ قورسىقىم ئېچىپ كېتىپ، چىدىيالماي مەكتەپنىڭ بىر بىناسىغا ئېسىقلىق سائەتنىڭ ئالدىغا چۈش بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن قايتا-قاتىلاپ بېرىپ قاراپ كېلىدىغانلىقىم ھازىرمۇ ئېسىمدە. مەن ئاكامدىن "سائەتنىڭ چوڭ تىلى مانچىگە، كىچىك تىلى مانچىگە كەپتۇ. ئەمدى توقاچنى يېسەك بولامدۇ؟" دەپ ھەر قېتىم سورايتتىم. داۋاملىق ئاچ يۈرەتتىم. نېمە سەۋەب بولغانلىقى ھازىر ئېسىمدە يوق. ئىشقىلىپ مەن باشلانغۇچنىڭ 1-سىنىپىدىن تارتىپلا مەكتەپكە ئىنتايىن ئامراق ئىدىم. ئەخلەت دۆۋىلىرىدە ياتقان ئالقاندەك قەغەزنى كۆرسەم، ئۇنى دەرھال تېرىپ،  "ھېساب ئىشلەشكە ئىشلىتىمەن" دەپ يانچۇقۇمغا سېلىۋالاتتىم. ئۇ چاغدا قارا قەلەمدىن باشقا قەلەم يوق بولۇپ، ھەر بىر قەلەمنى تەكرار ئۇچلاپ ئىشلىتىپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەڭ ئاخىرىدا 1Cm  ئەتىراپىدا قېلىپ، بارماق بىلەن تۇتۇش پۈتۈنلەي مۇمكىن بولمىغاندا ئاندىن تاشلىۋىتەتتىم. . باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللىقىغا چىقىپ، بىر ئاز ئاق-قارىنى پەرق قىلالايدىغان بولغان ۋاقىتتا، مەن ياخشى ئوقۇپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش ئىرادىسىگە كەلدىم. "قانچىلىك ئوقۇش بولسا، ھەممىسىنى تۈگەتكىچە ئوقۇيمەن،" دەپ ئويلايتتىم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، بىلىمنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۇ توغرىسىدا مۇشۇ قىسىمنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر ئاز تەپسىلىيرەك توختىلىمەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يېزىدا "قايتا تەربىيە ئېلىش" جەريانىدا باشقا مىللەتلەر تەرىپىدىن قاتتىق كەمسىتىلىش ئىشلىرى بېشىمدىن ئۆتۈلۈپ، ئۇ مېنىڭ ياش قەلبىمگە ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەممە جەھەتتىن تولۇق قابىلىيەت يېتىلدۈرۈپ، باشقا مىللەتلەر قىلالىغان ئىشنى بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئىرادىسىگە كەلدىم. شۇنداق قىلىپ، مەن ئالىي مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇن، ياخشى ئوقۇپ، ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىمنى ئۆزگەرتىش؛ بىلىمنى ئىمكانىيەت بار ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىگىچە ئىگىلەش؛ ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقىلار قىلالىغان ئىشنى قىلالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ، شۇ ئارقىلىق مىللەتتە ئۈمىد پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچە غايە ۋە ئىرادىنى تۇرغۇزغان ئىدىم. مانا بۇلار ئىزچىل تۈردە مېنىڭ ئۆگىنىش ئادىتىمنىڭ ئاساسى بولۇپ كەلدى: مەن ھەرگىز ۋەزىپە ئۈچۈن ئۆگەنمىدىم. ھەرگىز ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۆگەنمىدىم. ھەرگىز مەكتەپ پۈتتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن ئۆگەنمىدىم. ئۆزۈم ئېرىشەلىگەن پۇرسەتنىڭ ھەممىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالدىمغا كەلگەن ھەممە نەرسىنى ئۆگەندىم.

تۆۋەندە، مېنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىدىيەلەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ بىر قىسمى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن. مەن كىچىك ۋاقتىمدا، ئائىلىمىزدە جان سانى كۆپ (بىز جەمئىي 6 بالا) بولۇپ، دادام يالغۇز ئىشلەيتتى (ئاپام مېنىڭ ئىنىم تۇغۇلۇپ، بىر قانچە يىل ئۆتكەندە بالىلارنى بېقىشتا بەك قىينىلىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ ئىشچىلىق خىزمىتىدىن چېكىنگەن ئىدى). . ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن، مەندىن 2 ياش چوڭ ئاكام بىلەن ئىككىمىز بىر ئاز پۇل تېپىشنىڭ ھەر خىل ئامالى ئۈستىدە قاتتىق ئىزدەندۇق. مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە (ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە) ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئاكام بىلەن ئىككىمىز رادىئو قۇراشتۇرۇشنى ئۆگەندۇق. ئۇ چاغدا رادىئو ئىنتايىن قىس بۇلۇپ، پەقەت ئىقتىسادىي ئەھۋالى ئالاھىدە ياخشى كىشىلەرنىڭلا رادىئوسى بار ئىدى. بىز دەسلەپتە يۈز سوپۇنىنىڭ پلاستىك قۇتىسى ئىچىگە بىر كۈچەيتكۈچلۈك، پەقەت بىرلا باتېرىيە بىلەن ماڭىدىغان رادىئو قوراشتۇردۇق. ئەخلەتخانىلاردىن تۆمۈر-تەسەك ۋە سۆڭەك قاتارلىقلارنى تېرىپ، ئۇنى تۆمۈر، سۆڭەك يىغىش دۇكانلىرىغا ئاپىرىپ سېتىپ، تاپقان پۇلىمىزنىڭ ھەممىسىگە رادىئو زاپچاسلىرى ئالاتتۇق. رادىئودىن ئاۋاز چىقىرىش ئۈچۈن، كېچە-كېچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغان كېچىلىرىمىزمۇ كۆپ بولاتتى. ئۇ چاغدا رادوئى قۇراشتۇرۇش توغرىسىدا ھېچ قانداق ئۇيغۇرچە كىتاب-ماتېرىيال يوق بولۇپ، بىز خەنزۇچە كىتابلارنى ئوقۇيالمايتۇق. بىراق، ئاكام بىلەن ئىككىمىز بارا-بارا رادىئوغا ئائىت خەنزۇچە كىتابلاردىكى توك يولى خەرىتىسىنى كۆرەلەيدىغان بولدۇق. ئۇزاق ئۆتمەي ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ بۇزۇلۇپ قالغان رادىئوسىنى ئوڭشاپ، بىر ئاز پۇل تاپاۋىتى قىلىدىغان بولدۇق. مەن ھەر يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەندىلا خەنزۇلارنىڭ رادىئو رېمونتخانىلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ساقلاپ تۇراتتىم. ئۇيغۇر دېھقانلار رادىئوسىنى ئەكەلگەندە، مەن ئۇلارغا بىزنىڭمۇ رادىئو ئوڭشايدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپ، ئۇلارنى بىزنىڭ ئۆيگە باشلاپ كېلەتتىم. ئۆيدە ساقلاپ تۇرغان ئاكام دەرھال رېمونتچىلىقنى باشلايتى. مەن يېڭى خېرىدار تېپىش ئۈچۈن بازارغا يەنە كېتەتتىم. بىزنىڭ ئالىدىغان ئىش ھەققىمىز خەنزۇ دۇكانلىرىنىڭ 1/3 قىسمىدىنمۇ ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر دېھقانلار بىزگە ھېچقانچە قىينالمايلا مەقسىدىنى ئۇقتۇرالايدىغان بولغاچقا، ئۇلار بىزنى تاپقانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال ئىدى. بىر ئاز پۇل تاپقانغا بىزمۇ ناھايىتى خۇشال ئىدۇق. بىز خېرىدارلىرىمىزغا چاي، ئەگەر چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالسا، بەزىدە چۈشلۈك تاماقمۇ بېرەتتۇق. بىز مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرى ئەتراپىدىكى دېھقانلار بىر-بىرىدىن ئاڭلاپ، بىزنى ئۆزلىرى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى. ساقاللىرىغا ئاق كىرگەن چوڭلارمۇ بىزنى "ئۇستام" دەپ ئاتىغاندا، بىز ھەم ئوڭايسىزلىناتتۇق ھەم خۇشال بولاتتۇق.

ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا، بىز بەزىدە كاشىلىسى چوڭراق رادىئولارنى تۈزەلمىدۇق. ئاكام بىلەن ئىككىمىز "ئەگەر خەنزۇچە كىتاب ئوقۇيالىغان بولساق، نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟" دەپ ئويلايتتۇق. كۆپرەك بىلگەنسېرى، بىلىمىمىزنىڭ قانچىلىك ئازلىقىنى ھېس قىلاتتۇق. بۇ ئىشلار ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. بىلىمنىڭ نەقەدەر قەدىرلىكلىكىنى، ئۇنىڭ ئادەم ئۈچۈن نەقەدەر كېرەكلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەنىدىم. شۇڭلاشقا، مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا، ھەممەيلەن دېڭ شىياۋپىڭنى پىپەن(تەنقىد) قىلىش ھەرىكىتى، "بىلىمنىڭ كېرىكى يوق" نەزەرىيىسى ھەممە يەرنى بېسىپ كەتكەن بولسىمۇ، مەندە "بىلىمنىڭ چوقۇم لازىمى بار" دېگەن مۇستەھكەم كۆزقاراش بولغاچقا، مەن ئۆزۈمنىڭ كۈندىلىك دەرسلىرىمنى پۇختا ئۆگىنىپلا قالماي، تاپالىغان ھەممە شەرت-شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىپ ئۆگەندىم. ماتېماتىكا ۋە فىزىكا دەرسلىرىدە، ئوقۇتقۇچى تەلەپ قىلغان-قىلمىغانلىقىدىن قەتئى نەزەر، مەن كىتابتىكى مەشقلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قويماي ئىشلىدىم. ئۇ چاغدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۈچۈن ھېچ قانداق ئوقۇش كىتابلىرى يوق بولۇپ، 1972- ياكى 1973-يىللىرى تۇنجى قېتىم "قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە" دېگەن خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان كىتاب چىقتى. مەن سىنىپىمدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇلاردىن پۇل يىغىپ، ئاقسۇ شەھەرلىك كىتابخانىغا بېرىپ ھېلىقى كىتابنى سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ، سىنىپتىكى ساۋاقداشلارغا تارقىتىپ بەردىم. بۇ مەزگىل مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرى بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەت ۋە مەكتەپ ئەخلاقى پۈتۈنلەي ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەنىدى. بىزنىڭ سىنىپتىكى كەپسىز ئوقۇغۇچىلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىر دەرسنىڭ نورمال ئۆتۈلۈشىگە يول قويمايتتى. قىش كۈنلىرى مۇئەللىم سىنىپقا كىرىشتىن بۇرۇن، ئوت قالاپ ئىسسىنىدىغان مەشنىڭ ئۈستىنكى ياپقۇچىنى ئېلىۋېتىپ، سىنىپنى ئىسقا لىق تولدۇرۇپ، ئادەم بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدىغان ھالەتكە ئەكېلىپ قوياتتى، شۇ سەۋەبتىن سىنىپقا كىرگەن ئوقۇتقۇچى دەرس ئۆتەلمەي، سىنىپتىن يىغلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆپ قېتىم ئۆز سىنىپىمدا بېشىمدىن بىۋاسىتە ئۆتكۈزگەنىدىم. ئۇ مەزگىل ئوقۇتقۇچىلارمۇ پىپەنگە ئۇچراۋاتقان، ياخشى ئوقۇغانلارغىمۇ ياخشى كۈن يوق چاغلار بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇشتىن ئاساسەن ۋاز كەچكەنىدى. مەن ئادەتتتىكى ۋاقىتتا ھەر خىل زەربىگە ئۇچرىساممۇ، ئەمما ئىمتىھاننىڭ ئالدىدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خۇشامىتىگە ئۇچرىغان ۋاقتىممۇ كۆپ بولدى. بىر قېتىم فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى يىللىق ئىمتىھانىنى ئوچۇق ئىمتىھان قىلىپ، سۇئالنى بىزگە 3 كۈنلۈك تارقىتىپ بەردى. سىنىپ بويىچە پەقەت مەنلا ھەممە سۇئالنى ئۆزۈم ئىشلىدىم. قالغان ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئەتىسى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ، جاۋابنى مەندىن ئەينەن كۆچۈردى. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىمتىھانىدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاۋابى ئوپ-ئوخشاش بولدى. نېمە ئىش بولغانلىقى ئوچۇق-ئاشكارە بولۇپ، ئۇنى ھەممەيلەن "توغرا" چۈشىنەتتى. شۇنىڭ بىلەن فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى ماڭا 100 نومۇر بېرىپ، قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە 50 نومۇر قويدى. “مەدەنىيەت ئىنقىلابى”نى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ياشلار ئۈچۈن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى كۆز ئالدىغا ئەكېلىش ئاسان ئەمەس. ياخشى ئوقۇغاننى پىپەن قىلىدىغان بىر دەۋردە ياخشى ئوقۇش ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە شىجائەت تەلەپ قىلاتتى.

"بىلىم مەڭگۈ لازىم بولىدۇ" مانا بۇ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ كەلگەن بىردىن- بىر دۇنيا قارىشى.  مەن شۇنىڭدىن باشلاپ، ئالدىمغا قانداق بىلىم كەلسە، شۇنى ئەستايىدىل ئۆگەندىم. بىز تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، "ئىشىكنى ئېچىپ قويۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش" سىياسىتى بويىچە، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 سىنىپىنى "دېھقانچىلىق ماشىنىسازلىق سىنىپى"، "دېھقانچىلىق سىنىپى"، ۋە "دوختۇرلۇق سىنىپى" دەپ 3 ئايرىدى. بىزنىڭ سىنىپتا 24 ئوغۇل بالا بار بولۇپ، دوختۇرلۇقنىڭ ھەممىسى قىزلار، دېھقانچىلىقنىڭ بولسا قىز-ئوغۇللار ئارىلاش ئىدى. بىز ئاقسۇ تىراكتۇر پونكىتىغا بېرىپ يېرىم يىل ئىشچى بولۇپ ئىشلىدۇق. مەن ئۇ يەردە تىراكتۇر رېمونت قىلىشنى، چويۇندىن ياسىلىدىغان قوش (ساپان)قۇيۇشنى ناھايىتى ياخشى ئۆگەندىم. ھەمدە تىراكتۇر ھەيدەشنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم (سىنىپ بويىچە پەقەت مەنلا شۇنداق قىلغانىدىم). مەكتەپنىڭ يېزا ئىگىلىك مەيدانىغا بېرىپ، يېرىم دېھقانچىلىق قىلدۇق. مەن ئۇ يەردە قوناق تېرىشنى، كېسەك قويۇشنى، يېمىش دەرىخىنى ئۇلاشنى، ۋە تىراكتۇر بىلەن يەر ھەيدەشنى ياخشى ئۆگەندىم. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇپ، شېئىر يازالايدىغان بولدۇم. ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر قېتىم ئۆزۈم باش تەھرىر بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر شېئىرلار توپلىمىنى چىقاردىم. ئاقسۇ گېزىتىدە بىر قانچە پارچە شىئىر ئېلان قىلدىم. ھېكايە يېزىشقىمۇ تەييارلىق قىلغان بولساممۇ، ئۇنى باشلىيالماي قالدىم. لۇشۈن فېليەتونلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ، فېليەتون يازالايدىغان دەرىجىگە يەتتىم. مەكتەپنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، بىر 5 كىشىلىك ئوقۇغۇچى گۇرۇپپىسىنى يېتەكلەپ جەمئىيەت تەكشۈردۈم. ئەسلى مەقسىدىمىز خۇددى ماۋ زېدوڭنىڭ "خۇنەن جەمئىيىتىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات" دېگەنگە ئوخشاش بىر دوكلات يېزىش بولسىمۇ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەھۋالى ماۋ تەسۋىرلىگەن ئەھۋالغا ئۇيغۇن كەلمىگەچكە، بىز رەسمىي دوكلات يېزىشنى رەت قىلدۇق.

بۇلاردىن باشقا، تۇرمۇش ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، ئاكام بىلەن ئىككىمىز ئۆيدە تامچىلىق، ياغاچچىلىق ۋە تۆمۈرچىلىكىمۇ قىلىپ باقتۇق. مەن ئاپامغا ياردەملىشىپ، ئارام ۋاقىتلىرىمدىن پايدىلىنىپ، ئۆيدە بىر مەزگىل گىلەم توقۇدۇم. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشتىن بۇرۇن، يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللەرنىڭ ھەممىسىدە يېزىدىكى تۇققانلىرىمىزنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئەمگەك قىلدىم. 5 ياشلىق ۋاقىتلىرىمدا كالىغا مىنىۋېلىپ خامان ھەيدىدىم. ئۇنىڭدىن كېيىن كالا ھارۋىسى ۋە ئېشەك ھارۋىسى ھەيدىدىم. زەمبىل ۋە غالتەك بىلەن ئوغۇت تۇشۇدۇم. شاللىقتا ئوت تەردىم. بۇغداي ۋە قوناق ئوردۇم. سەل چوڭراق بولغاندا سۆرەم سۆرىدىم (نەچچە قېتىم سۆرەمدىن يىقىلىپ چۈشۈپ، سۆرەمنىڭ ئاستىدا قالغان ۋاقىتلىرىممۇ خېلى كۆپ بولغان)، قوش ھەيدىدىم مەن 7 يېشىمدا تاماق ئېتىشنى ئۆگەندىم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا، تونۇرغا نان ياقالىغىدەك بولغانىدىم.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەن كونىشەھەر (ھازىرقى ئونسۇ) ناھىيىسىنىڭ شال ئۇرۇقچىلىق مەيدانىغا "قايتا تەربىيە" گە چۈشكەن بولۇپ، ئۇ يەردە يېرىم يىلنىڭ ئىچىدىلا مەيدان بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شال تېرىش تېخنىكى بولۇپ قالدىم. بۇ يېزىدا ئېلېكتىر توكى يوق بولۇپ، ئاخشىمى ئۆزىمىز ياسىۋالغان كىرسىن چىرىغى بىلەن ياتىقىمىزنى يورۇتاتتۇق. سائەتمۇ يوق بولۇپ، تاڭ ئاتقاندا ئىشقا بېرىپ، كۈن ئولتۇرغاندا ئىشتىن قايتتاتتۇق. مەن بىر يىلنىڭ ئىچىدە 4-ئايدا شاللىقنىڭ سۈيىگە كىرىشنى باشلىغان بولۇپ، 10-ئايغىچە شۇ سۇدا ئىشلىدىم. 4-ئايدا يەر تېخى ئېرىمىگەن بولۇپ، بىز رېزىنكە ئۆتۈك كېيىۋېلىپ، مۇزنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ ئىشلەيتتۇق. شۇ جەرياندا مەن يېزىمىزدا قايتا تەربىيە ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلارنى يىغىپ، بىر ئەدەبىيات-سەنئەت ئەترىتىمۇ تەشكىللىدىم (بىزنىڭ ئۆيدە ھېچقانداق ساز يوق بولۇپ، مەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېزا ئىگىلىك مەيدانىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە، ساۋاقداشلىرىمنىڭ دۇتتىرى بىلەن دۇتتار چېلىشنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم). مەن ئۆزۈم تېكىست يازغۇچى، مۇزىكا رەتلىگۇچى، ساز چالغۇچى، ۋە باشقۇرغۇچى بولۇپ، كونىشەھەر ناھىيىلىك كىنو كۇلۇبىدا تېخى بىر قېتىم ئويۇن قويدۇق. مەن بىر دەم داپ چالسام، بىر دەم راۋاپ، يەنە بىر دەم دۇتتار چالاتتىم. ئەترىتىمىزدە مەندىن باشقا سازچى يوق ئىدى. يېزىدىكى بىر يېرىم يىل جەريانىدا، مەن بىر ئاي پادىمۇ باقتىم. كەڭرى كەتكەن جاڭگال. مەندىن باشقا ھېچ قانداق ئادەم قارىسى كۆرۈنمەيدۇ. مەن 30 دەك قوي، 4-5 كالا، ۋە بىر قانچە ئات بىلەن بىرگە. ھەر كۈنى 10 نەچچە سائەت ۋاقىتنى ئاشۇ ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۆتكۈزۈشۈم كېرەك. ئوقۇيدىغان باشقا كىتاب يوق. مەن شۇ جەرياندا ماۋ زېدوڭنىڭ 5 قىسىملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ چىقتىم (ئۇنىڭ بىر قىسمىنى مەن بۇرۇنمۇ ئوقۇپ چىققان ئىدىم). ھەمدە بىر ئاز خەنزۇچە ئۆگەندىم. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 1977-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ئېلىنغان بولۇپ، 12-ئاينىڭ 5-كۈنى تېخىچە پۇتۇمغا رېزەنكە ئۆتۈك كېيىۋېلىپ، مۇزنىڭ ئۈستىگە دەسسەپ تۇرۇپ، زەيكەش چېپىۋاتاتتىم. ئاقسۇ شەھىرىدىكى ئوقۇغان مەكتىپىمگە قايتىپ، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىمغا رۇخسەت قىلىشمىدى. ھەر كۈنى ئەمگەكتىن قايتىپ كېلىپ، كىرسىن چىرىغى ( جىن چىراق) نى يېقىپ قويۇپ، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلاتتىم. ئەتىگىنى بۇرنۇمنى سىلىسام، بۇرنۇمنىڭ تۆشۈكىگە يىغىلىپ كەتكەن  ئىس قولۇمنى قاپقارا قىلىۋەتەتتى. يېرىم كېچە بولۇپ، پۈتۈن دالان ئۇيقىغا كەتكەن ۋاقىتتا، ياتىقىمنىڭ پۈتۈن تاملىرى ۋە تورۇسلىرىدا ئۇۋا تۇتۇپ ياشاۋاتقان چاشقانلار ئۇۋىلىرىدىن چىقىپ، يېڭىدىن تۆشۈك كولاپ، بەزىدە ئوقۇۋاتقان كىتابىمنىڭ ئۈستىگە چالما تاشلايتتى. مەن ئاشۇنداق شارائىتتا، كونىشەھەر ناھىيە بازىرىدا ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەردىم. ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، پۈتۈن ئاقسۇ ۋىلايىتىگە "بىر ئوقۇغۇچى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاھىدە يۇقىرى نەتىجە ئاپتۇ،" دېگەن گەپ تارقالدى. ھەممە كىشىلەر ئۇ بالىنىڭ كىملىكىنى بىلمەكچى بولۇشاتتى. ئاخىرىدا قارىسام، ئۇ مەن ئىكەنمەن -- مەن ئاپتونوم رايون بويىچە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىنغان ئىمتىھاندا 2-بولۇپتىمەن.

شۇنداق قىلىپ، مەن ئالىي مەكتەپكە بېرىشتىن بۇرۇن، ئۆزۈمگە ئۆگىنىشتىكى مۇنداق نىشاننى تىكلىدىم:

1) بىلىمنى ئىنتىھاندىن ئۆتۈش، مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ بىلىم دائىرىسىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كېڭەيتىپ، ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن ئۆگىنىش.

2) بىلىمنى باشقىلار قىلالىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىلالايدىغانلىغىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئۆگىنىش.

3) بىلىمنى ئۆزۈمنىڭ ئىقتىسادىي تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆگىنىش.

شۇ چاغدىن باشلاپ، مانا يۇقىرىقىلار مېنىڭ ئۆگىنىش ئادىتىمگە ئايلاندى.

5- سوئال: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىزنىڭ "7 مىنۇتتىن كېيىن مېنى ئويغىتىپ قويۇڭلار" دىگەنلىكىڭىز ھەققىدە ئەسلىمىلەر بار ئىكەن، بۇ ۋاقىت قارىشىڭىزنى ئىخچام ئىپادىلەپ بېرىدۇ. سىز دەم ئېلىش بىلەن خىزمەت، ئۆگىنىشنى قانداق بىرلەشتۈرىسىز؟

جاۋاب: مەن ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا سىنىپنىڭ ئۆگىنىش باشلىقى، سىنىپ باشلىقى ۋە ئاخىرقى 2 يىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدىم. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە كېلىپ، 1-يىلى خەنزۇچە ئۆگىنىش ۋاقتىدا، سىنىپ باشلىقىلىق خىزمىتىنى ئۈستۈمگە ئېلىپ ئىشلىدىم. مەن ھەممە ئىشتا ئۆزۈمگە ئەڭ يۇقۇرى تەلەپ قويۇپ، ھەممە ئىشنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يۇقۇرى ئۆلچەم بىلەن ئەستايىدىل بىجىردىغانلىقىم، ھەمدە ئۆگىنىشنى ئىزچىل ياخشى قىلىدىغانلىقىم ئۈچۈن، بىر يىللىق ئوقۇشنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ماڭا ئارقا-ئارقىدىن يېڭى ۋەزىپىلەر يۈكلەندى. مەن مەكتەپ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ دائىمى ھەيئىتى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئۇ چاغدا ھازىرقىدەك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى دېيىلمەيتتى--مۇھەررىردىن)نىڭ رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون (ئۇئار) لۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇئار لۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ۋە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. ھەر ھەپتىدە بېجىرىدىغان، يۇقىرىقى ۋەزىپىلەرگە ئائىت نۇرغۇن ئىشلاردىن باشقا، مەن ھەر ھەپتىدە دەرستىن ئايرىلىپ، ئاز دېگەندە 3 قېتىم ھەر خىل يىغىنلارغا قاتناشمىسام بولمايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، 1-يىلىدىكى خەنزۇچە ئۆقىشنى تۈگىتىپلا، مەن خەنزۇچىگە تايىنىپ، ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلىدىم. دەسلەپتە ئۆزۈم ئۆگەندىم. كېيىنچىرەك ئۆزۈمنىڭ دەرسلىرىنىڭ بەزىلىرىگە قاتناشماي، فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى ۋە چەت ئەل تىللىرى فاكۇلتېتىدىكى خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگىلىز تىلى دەرسلىرىگىمۇ قوشۇمچە كىرىدىغان بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشى، ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى ۋە ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىشى قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھۆددىسىدىن مۇكەممەل چىقىش ئۈچۈن، مەن ۋاقىتتىن ئەڭ يۇقۇرى دەرىجىدە ئۈنۈملۇك پايدىلانمىسام بولمايتتى. مەن ھەر كۈنى 14 سائەتتىن 16 سائەتكىچە ئۈگۈنۈش قىلاتتىم. بىر ھەپتىدە 7 كۈن ئىشلەيتىم. مېنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىم پەقەت ھەر شەنبە كۈنى كەچلىكى بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا مەن ئىمكانقەدەر بىرەر ئولتۇرۇشقا، دوست ياكى تۇققانلارنىڭ ئۆيىگە باراتتىم. قالغان ۋاقىتنىڭ ھەممىسىدە ئۈگۈنۈش قىلاتتىم . ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كەچتە سائەت 11 دىن كېيىن ئاندىن دەم ئالاتتىم. يىغىنلارنىڭ ئالدى-كەينىدە، تاماققا ئۆچىرەت تۇرغاندا، ئاپتوبۇسدا يول ماڭغاندا ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادلايتتىم.

ماڭا نىسبەتەن ۋاقىتنىڭ قىس بولۇپ كەتكەنلىكىدىن، مەن قانداق قىلغاندا ۋاقىتنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئىزدەندىم. شۇنىڭ نەتىجىسىدە، مۇنداق 2 ھەقىقەتنى تېپىپ چىقتىم. 1) ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھىسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى سائەت بويىچە ھىسابلايدىغان ئادەمگە قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ. 2) ئادەم بىر خىل ئىشنى قىلىپ چارچىغاندا، باشقا بىر خىل ئىشنى قىلسا، يەنىلا ئۈنۈملۈك ئىشلىيەلەيدۇ. مەسىلەن، سىز ئەگەر ماتېماتىكا ئۆگىنىپ چارچىغاندا، ئۆگىنىشنى تىل ئۆگىنىشكە ئۆزگەرتسىڭىز، ئۆگىنىشىڭىزنى يەنىلا ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرالايسىز. بۇ خۇددى دوسكىغا خەت يازغانغا ئوخشاش. ئەگەر سىز ئاق رەڭلىك بوردا خەت يېزىۋەرسىڭىز، بىر ئازدىن كېيىن دوسكىغا نېمە يېزىلغىنىنى كۆرەلمەي قالىسىز. ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز قىزىل بور بىلەن خەت يازسىڭىز، خەتنى يەنە بىر مەزگىل كۆرگىلى بولىدۇ.

ئادەم بىر ئىشتا ئالاھىدە نەتىجە قازانماقچى بولىدىكەن، چوقۇم باشقا بىر قىسىم ئىشلاردىن ۋاز كېچىشى كېرەك. ھەممە ئىشلارنى تەڭ ئېلىپ مېڭىپ، ھەممىسىدىن ئالاھىدە نەتىجە قازىنىش ئاسان ئەمەس. مەن ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن ئادەتنىڭ بىرسى شۇكى، مەن خىزمەتنىڭ ئىشى، ئۇيغۇرنىڭ ئىشى ۋە ئائىلىنىڭ ئىشى قاتارلىق 3 تۈرنىڭ ھەممىسىدە، ئىشلارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ، بىردىن تىزىملىك تۇتىمەن. شۇ تىزىمغا قاراپ، ئىشنى ئەڭ مۇھىمىدىن باشلاپ، بىر-بىرلەپ قىلىمەن. بىكار قالىدىغان ۋاقتىم ئاساسەن يوق.

بەزى ياش ئۆسمۈرلەر، "ياشلىقتا تازا قانغىچە ئوينىۋېلىش كېرەك"، دەپ ئويلايدۇ. بۇ ئىنتايىن خاتا. سىز ياش ۋاقتىڭىزدا، ياشاش ئۈچۈن پۈتۈنلەي ئاتا-ئانىڭىزغا تايىنىسىز. ئۆزىڭىزنىڭ ھېچ نېمىڭىز بولمايدۇ. ئاشۇنداق تۇرۇپ، قانداق ياخشى ئوينىيالايسىز؟ ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، سىزنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە بولغان 12 يىل ئۆمرىڭىز سىزنىڭ كېيىنكى 50-60 يىل ئۆمرىڭىزنىڭ قانداق ئۆتۈشىنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا،ئاشۇ 12 يىلدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلىنىشىڭىز كېرەك. شۇ مەزگىلدە ھەقىقىي بىلىم ۋە ھەقىقىي تۇرمۇش ئىقتىدارىنى ئىگىلىشىڭىز كېرەك. بۇ مەزگىلدە ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىر ۋە مۇھىم. سىز يۇقىرىقى ئۇقۇمنى پەرزەنتلىرىڭىزگە زېرىكمەي  داۋاملىق چۈشەندۈرۈشىڭىز كېرەك. "بالام، سەن چوڭ بولغاندا قانداقراق ياشاي، دەپ ئويلاۋاتىسەن؟"، "ھازىر ياخشى ياشاشقا تەييارلىقىڭ بارمۇ؟" "ئۇ يولدا ھازىر قانداق ئىش تۇتتۇڭ؟" دەپ سوراپ تۇرۇش كىرەك. بالىڭىزدا تۇرمۇشقا كىرەكلىك ئىقتىدارلارنى يىتىشتۈرۈشىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىڭىزلىرىنى ئۆگىتىشىڭىز كېرەك. بالىڭىزنىڭ ھەممە ئىشىنى سىز قىلىپ بەرسىڭىز، بالىڭىزنى ئورۇنسىز ئەركىلەتسىڭىز، ئۇ ھەرگىز بالىڭىزنى ئەتىۋارلىغانلىق بولمايدۇ. ئۆيدە بالىڭىزنى ئاشۇنداق ئەركىلەتكەن بىلەن، بالىڭىز چوڭ بولغاندا جەمئىيەتتە خارلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ھەتتا ئۆز جېنىنى يولىدا باقالماسلىغىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بالىڭىزغا، "ئەگەر باشقىلاردىن ياخشىراق ياشايمەن، دېسەڭ، باشقىلاردىن بەكرەك تىرىشىشىڭ كېرەك. باشقىلاردىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئۆگىنىشكە سەرپ قىلىشىڭ كېرەك." دىگەن ئۇقۇمنى كىچىگىدىن تارتىپلا سىڭدۈرۈشىڭىز كېرەك.

مەن ۋاقىتتىن يۇقىرىقىدەك پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئاخىرقى 4 يىل جەريانىدا، ئۆزۈمنىڭ ئوقۇشى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمىتى ۋە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئالاھىدە نەتىجە قازاندىم. پەقەت بىر قېتىمقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا، 4 يىلنىڭ مەۋسۈملۈك ۋە يىللىق ئىمتىھانىلارنىڭ ھەممىسىدە 100 دىن نومۇر ئالدىم. كەسپ ئوقۇغان 1- ۋە 2-يىلدىن ئىبارەت 2 يىل ئىچىدە ئىنگلىز تىلىدا خەنزۇ تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 3 يىللىق دەرسىنى تۈگىتىپ، خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇش تاماملاش ئىمتىھانىسىغا قاتنىشىپ، سىنىپ بويىچە 5-بولدۇم. كەسپ ئوقۇغان 3- ۋە 4-يىلى جەريانىدا ئۆزلۈكۈمدىن ياپون تىلى ئۆگىنىپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن ياپون تىلىنىڭ گىراماتكىسىنىمۇ ئۆگىنىپ تۈگەتتىم. 1983-يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېرىپ، "مىكرو دولقۇن تېخنىكىسى" بويىچە بىر يىل بىلىم ئاشۇردۇم. بۇ ئۆزۈم بۇرۇن ئوقۇپ باقمىغان كەسپ بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن ئۇئار بويىچە بۇ ساھەدە بىرمۇ كەسپىي خادىم يوق ئىدى. مەن ئۆز ۋەزىپەمنىڭ ئېغىرلىقىنى تولۇق تونۇپ، ھەر كۈنى كەچ سائەت 11 دە چىراغ ئۆچۈرۈلگىچە مەكتەپ كۇتۇپخانىسىدا، چىراغ ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن "سۇ ئاستى پاراخودى رادار سىستېمىسى" تەجرىبىخانىسىغا بېرىپ ئۆگىنىش قىلدىم. يازلىق تەتىلدىكى 2 ئاي ۋاقىت ئىچىدە يۇرتقا قايتماي، شاڭخەينىڭ ھەددىدىن تاشقىرى تىنجىق ئىسسىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، كۈنىگە 10 نەچچە سائەت مىكرو دولقۇنغا ئائىت كەسپىي كىتابنى خۇددى رومان ئوقۇغاندەك ئوقۇدۇم.

بۇرۇن بىر داڭلىق ئادەم ئۆزىنىڭ جاپاغا بەرداشلىق بېرىش قابىليىتىنى ئاشرۇش ئۈچۈن، بىر تاختاينىڭ بىر يۈزىگە نۇرغۇن مىخ قېقىپ، شۇ مىخ قېقىلغان يۈزىدە ئۇخلاپتىكەن. مەن ئىسسىققا بەرداشلىق بېرەلمىگەندە، ئەنە شۇ ئادەمنى ئويلىدىم. بۇ مەكتەپنىڭ رەھبەرلىرى كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا خەت يېزىپ، "ئەگەر ئەركىندەك ئادەملىرىڭلار بولسا، قانچىنى ئەۋەتسەڭلار شۇنچىنى قوبۇل قىلىمىز،" دەپتۇ. 1985-يىلى 9-ئايدا ياپونىيەگە باردىم. يېڭى بارغاندا، مېنىڭ ئۇستازىم ماڭا ئانچە قارىمىدى. ئەتىگەنلىكى مەن ياپون تىلىدا سالام بەرسەم، ئىلىك ئالماي ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئۇ كىشىنىڭ مېنى بىر يۈك،  دەپ ھىسابلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم. ھەر كۈنى ئەتىگىنى سائەت 8 دە 1-بولۇپ تەجرىخانىغا بېرىپ، كېچە سائەت 12 گىچە ئىشلىدىم. 3 ئايدىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك پەن تەتقىقات يىغىنىغا ئۆزۈمنىڭ 1-ماقالىسىنى يوللىدىم. قاتتىق ئىشلەشتە ئۆزۈم تۇرغان مەكتەپتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھەيران قالدۇردۇم. كېيىن ھەممەيلەن ماڭا ئالاھىدە قارايدىغان بولۇپ كەتتى. يېقىندا ماڭا مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇستازىمدىن بىر خەت كەلدى. ئۇ كىشى ھازىر 80 ياشقا يېقىنلاشقان بولۇپ، خېتىدە مۇنداق دەپتۇ: "ئەركىن، سېنى ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، ياپونىيەگە كەلسە، يەنە بىرگە تەتقىقات ئېلىپ بارساق، دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇ ھازىر مۇمكىن ئەمەس بولۇپ قالدى. بۇنىڭدىن كېيىن ماڭا ئامېرىكىغا بېرىش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئوخشايدۇ. مەن يېقىندا ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئۆمرىنى ئەسلەپ چىقتىم. قارىسام، مېنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتا ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇھىم نەتىجە چىقارغان ۋاقتىم سەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن ۋاقتىم بوپتۇ...." . مەن ئامېرىكىدا ماگىستېرلىق ئوقۇغاندا ماڭا ئۇستاز بولغان كىشى بىر ياپونلۇق بولۇپ، ئۇ دەرسنى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتى Northridge شۆبىسىدە ئۆتۈپ، تەتقىقاتنى Caltech تە قىلىدىغان بولۇپ، تەتقىقات جەھەتتە فاكۇلتېتنىڭ ئەڭ ئالدىدا بولغاچقا، مەن شۇ كىشىگە تەقسىم بولغان ئىكەنمەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇ كىشى مېنىڭ تەتقىقات نەتىنجىلىرىمنى كۆرۈپ، ماڭا يازغان ئېلخېتىدە مۇنداق دەپتۇ: "ئەركىن، بىر ئوقۇتقۇچى ئۈچۈن، ئۆز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىشىدىن بەختلىك ئىش يوق. سەن ئۈچۈن مەن ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك  بەختلىك ھەس قىلىمەن...."

قىسقىسى، مەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتە ئىزچىل تۈردە "ئاق بوردا خەت يېزىپ كۆرگىلى بولمىسا، قىزىل بور بىلەن خەت يېزىش" ئۇسۇلىنى قوللاندىم. 1978-يىلىدىن 1995-يىلى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىشقىچە ھەر كۈنى 14-16 سائەت ئىشلىدىم. ھازىرمۇ ھەر كۈنى 10 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتنى ئەقلىي ئەمگەككە سەرپ قىلىمەن. ئويۇن-تاماشا ۋاقتىدىمۇ ئىنتايىن ئاكتىپ. يىغىلىشقا بارسام، تانسا-ئۇسسۇلنى ھەممەيلەندىن كۆپرەك ئوينايمەن. ئۇيغۇرچە ناخشا، مۇزىكا، ساز، VCD لارغا ئىنتايىن ئامراق. ئۆيۈمدە دۇتتار، تەمبۇر، گىتتار ۋە پىيانولار بار (كۆپىنچە ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارغا چالدۇرىمەن). ئۆيىمىزدە پات-پات "ئائىلە ۋاقتى" ئۆتكۈزىمىز. ئۇ ۋاقىتتا بىز ياكى ئائىلە بويىچە كىنو كۆرۈمىز، ياكى تۆتىمىز بىرلىشىپ قەرت ئوينايمىز. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى ۋەتەنداشلار بىلەن بىرگە بولۇشنىمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. بىرگە پاراڭلىشىشتىن ئىنتايىن ھوزۇرلىنىمەن. ئەتراپىمىزدىكى ۋەتەنداشلار بىلەن خۇددى ئۇرۇق-تۇققاندەك بېرىش-كېلىش قىلىپ، يېقىن ئۆتىمىز. مانا بۇلار مېنىڭ ئەڭ ياخشى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىمدۇر.

6- سوئال: بىر ئادەم ئۈچۈن ئائىلە، تۇرمۇش، ۋە خىزمەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەجرىبە-ساۋاق بىلەن ئوي-پىكىرلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

جاۋاب: ئائىلە، تۇرمۇش ۋە خىزمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇ بىر ئائىلە ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىنى، پەرزەنتلەرنىڭ قانداق يېتىلىپ چىقىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشتا، بىز ئۇيغۇرلاردا ساقلىنىۋاتقان مەسىلە خېلى كۆپ.

بۇنىڭدىن 7-8 يىل بۇرۇن، بىر داڭلىق ئۇيغۇر پەلسەپە فراففسسورى ماڭا مۇنداق دېگەنىدى: "بىر ئەر ئۈچۈن مۇنداق 3 نەرسە ھەممىدىن مۇھىم: 1) بىلىم، 2) پۇل، 3) بىر ياخشى ھوتۇن." مەن ھازىرغىچە بىر ئايال ئۈچۈن قانداق نەرسىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى بىر كىمدىن ئاڭلاپ باقمىدىم. ياكى بىرەر يەردە ئوقۇپ باقمىدىم. شۇڭا ئۇ جەھەتتە بىر نەرسە يازالمايمەن. ئوخشىمىغان ئادەم ئائىلە ۋە خىزمەتتىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئوخشىمىغان تەرتىپتە تىزىدۇ. ئۇنى ئوخشىمىغان مىللەتلەرمۇ ئوخشىمىغان تەرتىپتە تىزىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، ھەممە ئادەم قوبۇل قىلالايدىغان بىر تەرتىپنى تۈزۈپ چىقىش ئانچە ئاسان ئىش ئەمەس. مەن بۇ يەردە پەقەت ئۆزۈم كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەمەل قىلىدىغان تەرتىپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈپ كېتەي:

مەن ئائىلە، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتىكى ھەر خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىق تەرتىۋىنى مۇنداق تىزىمەن:

1) ئەر ئۈچۈن ئايالى، ئايال ئۈچۈن ئېرى ھەممىدىن مۇھىم.

2)  پەرزەنتلەر

3)  ئاتا-ئانىلار

4)  خىزمەت

بۇلاردىن كېيىن، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققان، ۋە دوست-بۇرادەرلەر تۇرىدۇ. تۆۋەندە بۇنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈش بېرىمەن:

1)) مەيلى رېئاللىقتا بولسۇن، ياكى كىنولاردا بولسۇن، ياشىنىپ قالغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ بىر-بىرىنى يۆلەپ كېتىۋاتقانلىغىنى بىز داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئاشۇ ياشقا بارغاندا، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن. بالىلىرى چوڭ بولۇپ، مۇستەقىل ھاياتنى باشلاپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇلار نۇرغۇن قېتىم خىزمەت، نۇرغۇن قېتىم دوست-بۇرەدەرلەرنى ئالماشتۇرۇپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، بۇ ئىككەيلەن يەنىلا بىرگە. بىرسى كېسەل بولۇپ قالسا، ياكى يەنە بىرسىدىن جىق ئاجىزلاپ كەتكەن بولسا، يەنە بىرسى ئۇنىڭ ئېغىرىنى ئۈن-تىنسىز كۆتۈرىدۇ. ساپ دىللىق، ھەقىقىي ساداقەتلىك، ھەقىقىي سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقىي مۇھەببەت ئاساسىدا تۇرمۇش قۇرغان بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئۈچۈن، بۇ دۇنيادا بىر-بىرىدىن ئۈستىن تۇرىدىغان مۇھىم ئادەم بولمايدۇ. ئەر ئۈچۈن ئۇنىڭ خوتۇنى، ئايال ئۈچۈن ئۇنىڭ ئېرى بۇ دۇنيادىكى ھەممىدىن مۇھىم نەرسىدۇر. بۇ ئىككىيلەن 20 ياشلارغا كىرگەندىن كېيىنكى پۈتۈن ئۆمرىنى بىرگە ئۆتكۈزىدۇ. جاپادىمۇ ۋە ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدۇ. ئۆزىنىڭ بارلىقىنى جۆرىسىگە تەقدىم قىلىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقى تىزىمدا ئەر ئۈچۈن خوتۇنى، ئايال ئۈچۈن ئېرى 1-ئورۇندا تۇرۇشى كېرەك. مەن بۇ يەردە مۇنداق بىر قانچە نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق كۆردۈم. (1) مۇھەببەتنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئىلىم. سىز مۇھەببەت يولىغا قەدەم تاشلاشتىن بۇرۇن، چوقۇم بىر ئاز ئىزدىنىپ، ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىڭ.

(2) مۇھەببەت مەسىلىسىدە ياشلار بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر ئۇ يولغا بالدۇرلا كىرىپ، مۇھەببەتسىز باشقا ئىشلارنى ياخشى ئېلىپ ماڭالمايدۇ. بۇ بىر نورمال ئەھۋال. بەزىلەر مۇھەببەتنى خېلى كەينىگە كېچىكتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇشى ۋە باشقا ئىشلىرىنى مۇھەببەتسىزمۇ ياخشى ئېلىپ ماڭالايدۇ. بۇمۇ بىر نورمال ئەھۋال. قالغانلار يۇقىرىقى 2 تۈرلۈك كىشىنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى ياش ئىكەنلىگىڭىزنى دەسلەپتىلا ئوبدان چۈشىنىپ يېتەلىسىڭىز، كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ، يەنى ئوقۇش بىلەن مۇھەببەت ئىشلىرىڭىزنىڭ، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا پايدىسى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. (3) ئۆز مۇھەببىتىنى ئىزدەش، ھەرگىز بىر "ياخشى ئادەم" نى تېپىش ئەمەس. ئۇ بىر "ياخشى كۆرگەن ئادەم" نى تېپىش جەريانى. "ياخشى" نىسبىي بولىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ چېكى بولمايدۇ. بۈگۈن "ئەڭ ياخشى" دىن بىرنى تاپسىڭىز، بىر مەزگىلدىن كېيىن "ياخشىراق" قا يەنە ئۇچرايسىز. ئەمما، نورمال ئىنسانلار ئۈچۈن، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا "ياخشى كۆرىدىغان ئادەم" ىدىن پەقەت بىرسىلا بولىدۇ. شۇڭا سىز مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئۆزىڭىزنىڭ قايسى خىلدىكى ياش ئىكەنلىگىڭىزنى ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆزىڭىزگە قانداق بىر جۆرىنىڭ كېرەكلىكىنى كۆڭلىڭىزدە تولۇق ئېنىقلىۋېلىڭ. ئاندىن سىز "ياخشى كۆرىدىغان ئادەم" نى ئىزدەشكە باشلاڭ. بىرنى ئۇچراتقاندا، بارلىق ئىقتىدارىڭىزنى ئىشقا سېلىپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىشىڭ. بەزىدە قارشىلىق ۋە توسالغۇغا ئۇچراپ قالسىڭىز، ئەگەر ئۆزىنىڭىزنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىڭىزنى ھەقىقىي تۈردە بىلسىڭىز، ئۆزىڭىزگە تولۇق ئىشەنچىڭىز بولسا، ئۇنداق قارشىلىق ۋە توسالغۇلارغا پەرۋا قىلماڭ . ياخشى كۆرگەن كىشىڭىز بىلەن توي قىلماقچى بولغان ئادەم دەل ئۈزىڭىز. ئاتا-ئانىڭىز، قېرىنداش-تۇققانلىرىڭىز، ۋە ياكى دوست-ئاغىنىلىرىڭىز ئەمەس. ئەگەر سىز بىرى بىلەن ئۇنى ئەخمەق قىلىپ، كۆڭۈل ئېچىۋېلىش مەقسىتىدە يۈرسىڭىز، ئۇ كۆپىنچە كېيىن ئۆزىڭىزگە يانىدۇ: ئۆمرىڭىزنىڭ مەلۇم بىر مەزگىلىدە سىز باشقىلارنىڭ ئۆزىڭىزنى بوزەك قىلىشىغا ئۇچرايسىز.

بەزىدە "ياخشى كۆرۈش" نىڭ سەۋەبى بولمايدۇ. بىراق، ئەگەر يۇقىرىقى تەييارلىقلارنى پۇختا قىلسىڭىز، چوڭ ئوڭۇشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. مۇھەببەتنى ئىلمىي يوسۇندا توغرا چۈشىنىپ، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇ سىزنىڭ ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنداق قىلمىسىڭىز، ئۇ سىزگە زور زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. (4) ئەر-ئاياللار ھەممە ئىشنىڭ ئالدىدا باراۋەر يارىتىلمىغان. گەرچە قىلالايدىغان ئىشلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىش تەقسىماتى بولمىسىمۇ، ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، ئاياللار ئەرلەردىن بەكرەك جاپاكەش بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئۈچۈن بۇ تېخىمۇ شۇنداق. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ۋاقتىمدا، "ئاھ ۋەتەن، ئۇلۇق ئانام!" دېگەن شېئىرلارنى كۆپ ئاڭلايتتىم. شۇ چاغدا، "نېمە ئۈچۈن ئاھ ۋەتەن، ئۇلۇغ ئاتام! دېمەيدىغاندۇ؟" دەپ ئويلايتتىم. بۇنىڭ سەۋەبىنى قىزىم تۇغۇلغاندىن كېيىن ئاندىن چۈشەندىم. مەن ياپونىيەگە مېڭىشتىن بۇرۇن، قىزىم بىلەن پەقەت 3 ئايلا بىرگە تۇرالىغان بولساممۇ، شۇ قىسقىغىنا 3 ئاي ئىچىدە، ئانىنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغلۇقىنى تولۇق تونۇپ يەتتىم. مەن 1985-يىلى ياپونىيەگە بارغاندا، تېلېفون تېخى ئانچە تەرەقىي قىلمىغان بولۇپ، ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون قىلىش ياكى تېلىفون ئېلىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا بارمىسا بولمايتتى. ياپونىيەگە ياكى ياپونىيەدىن خەت يازسىمۇ، 15 كۈن ئەتراپىدا ئاران تېگەتتى. مەن ياپونىيەدە تۇرغان ئىككى يېرىم يىلنىڭ ھەممىسىدە، ئامانگۈلگە ھەر ھەپتىدە بىر پارچە خەت يازدىم. بىر ئەر ئۈچۈن، ئۆز خوتۇنىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن كۆرۈش، ھەتتا بەزىدە ئۇرۇش، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك نەرسىسىنى دەپسەندە قىلغىنى بىلەن باراۋەر. بولۇپمۇ، خوتۇنىنى ئۇرۇش، دۇنيادىكى ھەر قانداق ئەخلاقىي ئۆلچەم بىلەن قارىغاندىمۇ ھەرگىز قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ناچار قىلىق. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىرلىك نەرسىڭىزنى ئاشۇنداق دەپسەندە قىلسىڭىز، سىزنىڭ ئاتا-ئانىڭىز سىزدىن نېمىنى كۈتەلەيدۇ؟ سىزنىڭ پەرزەنتلىرىڭىز، قېرىنداشلىرىڭىز، تۇققانلىرىڭىز ۋە دوست-ئاغىينىلىرىڭىز سىزدىن نېمىنى ئۈمىد قىلالايدۇ؟ (5) مۇھەببەت- توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن مەڭگۈ ساقلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇنى دائىم، ئاڭلىق ھالدا پەرۋىش قىلىپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز، سىزلەرنىڭ يۈرگەن ۋە يېڭى توي قىلغان ۋاقتىڭلاردىكى بەخىتلىك سىزلەرگە مەڭگۈ ئەسرا بولىدۇ. ھەتتا ئۇ مۇھەببەت تەرەققىي قىلىپ، كۈچىيىپ ماڭىدۇ. پەرۋىش قىلمىغان مۇھەببەتنىڭ ئۆمرى چەكلىك بولىدۇ.

2) ) پەرزەنتلەر. "مەن بالامنى باقىمەن. بالام بالىسىنى باقىدۇ." بۇ دۇنيادىكى ھەممە مىللەتلەر ئەمەل قىلىدىغان بىر ئىنسانىي قائىدىدىن ئىبارەت. ئاتا-ئانىلار پەرزەنت كۆرۈشنى قارار قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەش مەسئۇليىتىنىمۇ ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، شەرت-شارائىت يول قويغان دائىرىنىڭ ئىچىدە ئىمكان قەدەر كۆپ بالىلىق بولۇش، ئۇ مىللەت ئۈچۈن قوشقان بىر تۆھپە ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، بالىنى تېپىپ قويۇپ، ئۇنى يولىدا تەربىيىلەش مەسئۇليىتىدىن ۋاز كېچىش جەمئىيەتكە ۋە مىللەتكە قىلىنغان جىنايەتتىن ئىبارەت. مەن پەرزەنت مەسىلىسىدە، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىشنى لايىق كۆردۈم. (1) "بالا" دېگەننىڭ مەنىسى، "كىچىك، گۆدەك، ساددا، ئىش بىلمەيدۇ" دېگەنلەردىن ئىبارەت. بالىغا ئىش ئۆگىتىش، ئىش قىلىشنىڭ توغرا يولىنى ئۆگىتىش، بۇ ئاتا-ئانىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. سىز بالىڭىزنىڭ يېشىغا قاراپ، ھەر بىر باسقۇچتا بالىڭىزغا ئىشنىڭ توغرىسىنى ئۆگىتىڭ؛ ھەرىكەت دائىرىسىنىڭ چېگرىسىنى سىزىپ بېرىڭ. بالىڭىز سىز ئۆگەتكەن بويىچە ئىشنى ياخشى قىلسا، ئۇنى مۇكاپاتلاڭ. سىزنىڭ دېگىنىڭىزگە خىلاپلىق قىلىپ، خاتالاشسا، ئىلمىي ئۇسۇلدا جازالاڭ. ئەمما، ھەرگىز ئۇرماڭ. بالىنى ئۇرۇش ئۇنى جازالاش ئۈچۈندۇر. ئەمما، بالىنى جازالاشنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي ئۇسۇلى بار. مەسىلەن، بىر ئورۇنداققا چىقىرىپ، 5-10 مىنۇت توختىتىپ قويۇش؛ ئەڭ ياخشى كورىدىغان ئويۇنچۇقىنى ئويناش ھوقۇقىدىن بىر كۈن ياكى بىر ھەپتە مەھرۇم قالدۇرۇش. بالىڭىزنى ئۇرسىڭىز، سىز يالغۇز ئۇنى جازالاپلا قالماستىن، سىز ئۇنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ھۆرمىتى (ئىنگلىزچە "self-esteem" دەيدۇ) ۋەيران قىلىسىز. بالىڭىز جەمئىيەتتە ئۆزىنى تۆۋەن دەرىجىلىك ئادەم ھىساپلايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. (2) ئەگەر بالىڭىز سىز تېخى ئۆگەتمىگەن بىر ئىشنى قىلىپ، ئۇنى خاتا قىلىپ قويسا، ئۇ بالىڭىزنىڭ ئەمەس، سىزنىڭ مەسئۇليىتىڭىز بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا، سىزنىڭ بالىڭىزنى جازالاش ھوقۇقىڭىز يوق. (3) دادىسىنىڭ ياكى ئاپىسىنىڭ خاتالىغى ئۈچۈن بالىسىنى جازالاش، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ قالاق ئادەتلەرنىڭ بىرى؛ سىز ئۇنىڭدىن مۇتلەق ساقلىنىڭ. (4) ئېرىڭىز ياكى خوتۇنىڭىز بالىغا تەربىيە بېرىۋاتقاندا، ياكى بالىنى ئەدەپلەۋاتقاندا، ئەگەر سىز بۇ ئەدەپلەشكە قوشۇلمىسىڭىز، ھەرگىز بالىڭىزنىڭ ئالدىدا خوتۇنىڭىزنى ياكى ئېرىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ--مەن يۇقۇرىدا تىزغاندەك، ئېرىڭىز ياكى خوتۇنىڭىز بالىڭىزدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ئىش تۈگىگىچە ساقلاپ (بۇ جەرياندا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ)، ئاندىن جۆرىڭىزنى بالىڭىز يوق بىر يەرگە چاقىرىپ، ئۆز-ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىڭ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئەگەر بالىنى ئەدەبلىگىنىڭىز خاتا بولۇپ قالغان بولسا، قىلچە ئىككىلەنمەي، بالىڭىزنىڭ ئالدىدا ئۆز خاتالىقىڭىزنى ئىقرار قىلىڭ. ھەمدە بالىڭىزغا كۆيۈدىغانلىقىڭىزنى، شۇڭا مۇشۇنداق تەربىيە بېرىۋاتقانلىقىڭىزنى ھەر قېتىم ئىزھار قىلىڭ. (5) بالىڭىز جۆرىڭىزدىن قالسىلا ھەممىدىن مۇھىم. شۇڭا بالىڭىزنىڭ بىر ئىشى سىزنىڭ بىر مېھماندارچىلىقىڭىز بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، چوقۇم ئۇ مېھماندارچىلىقتىن ۋاز كېچىڭ. ئەگەر سىزگە بىر دوستىڭىزنى 10-20 سوملۇق بىر قۇتا ھاراق ئېلىپ مېھمان قىلىش بىلەن بالىڭىز ئۇزۇندىن بۇيان تەلەپ قىلىۋاتقان بىر قەلەم، دەپتەر، كىتاب ياكى ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت 2 يولدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، دوستىڭىزنى ھاراق بىلەن كۈتۈشتىن ۋاز كېچىڭ. ئەگەر سىزگە بىر چوڭ مېھمان چاقىرىش بىلەن بالىڭىزغا بىر كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت 2 يولدىن بىرىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، بالىڭىزغا كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىڭ.

3) ئاتا-ئانا. ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىغا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشتا دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەرنىڭ بىرى. شۇڭا مەن بۇ مەسىلىدە تەپسىلى توختالمايمەن. تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە شۇكى، نورمال ئەھۋالدا، بالىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئاتا-ئانىڭىزدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشتىن مۇھىم. بۇنى ھەر دائىم ئەستە تۇتۇش كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى، ئاتا-ئانىڭىز نورمال ئەھۋالدا ئۆز-ئۆزىدىن خەۋەر ئالالايدۇ، ئەمما بالىڭىز تېخى ئۇنداق قىلالمايدۇ (ئۇلار تېخى كىچىك-دە).

4)خىزمەت. ئىنسانلار ئۆمىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى خىزمەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. خىزمەت بىلەن كىرىم تېپىش يۇقىرىدا تىزغان باشقا ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يولىدا قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. لېكىن، خىزمەت بىر-ئىككى كۈندە تۈگەيدىغان نەرسە ئەمەس. خۇڭا، جىددى ئەھۋالدا، مەسىلەن، ئايالىڭىز، بالىڭىز ياكى ئاتا-ئانىڭىز ئاغرىپ قالغاندا، چوقۇم ئالدى بىلەن ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىڭىز كېرەك. مەن كالىفورنىيەنىڭ سىلىكون جىلغىسى (ئىنگلىزچە " Silicon Valley " دەپ ئاتىلىدۇ. ئامېرىكا بويىچە يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەر ئەڭ كۆپ يىغىلغان ئورۇن بولۇپ، بەزىلەر ئۇ يەرنى "ئامېرىكىنىڭ ئامېركىسى"، دەپمۇ ئاتايدۇ. ئورنى سان فرانچىسچو شەھىرىنىڭ يېنىدا) دا 7 يىلدىن كۆپرەك ئىشلىدىم. ئۇ يەرنىڭ شىركەت مەدەنىيىتى "ئىشقا ئادەم ئېلىش، ئىشتىن ئادەم بوشۇتۇش" بولۇپ، ھەر قېتىم پەن-تېخنىكىدا بىر چوڭ ئىلگىرىلەش بولغاندا، بۇ جايدا بىر-ئىككى يىلنىڭ ئىچىدىلا 2-3 مىڭ يېڭى شىركەت قۇرۇلۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن 3-5 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، تاقىلىدىغىنى تاقىلىپ، سېتىلىدىغىنى سېتىلىپ، ھېلىقى شىركەتتىن بىر نەچچە ياكى بىر قانچە ئونىلا قالىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ قابىلىيەت-تەجرىبىڭىز ئۇلارغا زۆرۈر بولۇپ قالسا، سىزنى يالۋۇرۇپ بولسىمۇ ئىشقا ئالىدۇ. ئەگەر شىركەت ئوبدان ماڭماي قالسا، سىزنى رەھىمسىزلىك بىلەن ئىشتىن بوشىتىدۇ. 2001-يىلى دېكابىردا مەن بىزنىڭ "Wawesplitter" دېگەن شىركەتكە ياردەملىشىپ، بىر شەنبە كۈنى بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا 30 ئادەم ئالغان ئىدۇق. 2002-يىلى 3-ئايدا شىركەتتىكى خادىملارنىڭ% 30 تىنى ئىشتىن بوشاتتۇق (ئېلېكتىر ئىنژىنىرلىقى كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى بار ئادەملەردىنمۇ 10 نەچچىسى بار ئىدى. بىر ۋاقىتتا ئاشۇلارنىڭ ئىچىدىكى 6 كىشىدىن تەركىب تاپقان "لايىھىلەش گۇرۇپپىسى" نى باشقۇراتتىم. كېيىن ئامېرىكىنىڭ نۇرلۇق-تالا خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى توغرىسىدىكى مۆلچەر خاتا چىقىپ قېلىپ، يېڭى قۇرۇلغان شىركەتلەردىن 2000-3000 ئى ئارقا-ئارقىدىن تاقىلىشقا باشلىدى. بىزنىڭ شىركەتمۇ 125 مىليون دوللار مەبلەغىنى 4 يىلدا خەجلەپ تۈگىتىپ، ئامالسىزلىقتىن شىركەتنىڭ تەتقىقات، تەرەققىيات ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسنى تەيۋەنگە يۆتكەشكە مەجبۇر بولدى. ھېلىقى 10 نەچچە دوكتورنىمۇ ئىشتىن بوشىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن يالغۇز قالدىم. شىركەت مېنىڭ تەيۋەنگە بېرىشىمنى، ئەگەر بارسام، ماڭا بۇ شىركەتنىڭ% 1 تىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنى رەت قىلىپ، 2003-يىلى 4-ئايدا بۇ شىركەتتىن چىقىپ كېتىپ، FBI ئۈچۈن بىئولوگىيە ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى تەكشۈرۈپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىنىڭ تەتقىقاتىنى قىلىدىغان يەنە بىر بىئولوگىيە تېخنىكىسى شىركىتىگە ئىشقا كىردىم). بۇنداق بىر مەدەنىيەت ئاستىدا، سىز بىر شىركەت بىلەن "مۇھەببەت باغلاش"، ئۇنىڭغا ئۆمۇر بويى سادىق بولۇشىڭىز مۇمكىن ئەمەس. خىزمەت بىر ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. لېكىن ئۇ ئۆمۈرلۈك ئەمەس. سىزنىڭ بالىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭىز سىز ئۈچۈن ئۆمۈرلۈكتۇر.

ئۇلاردىن باشقا، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇققان، ۋە دوست-بۇرەدەرلەر بار. بىر كىشىنىڭ بۇ كاتېگورىيەدىكى ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىق تەسۋىرلەش ئانچە ئاسان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سىز چەت ئەلدە بولسىڭىز، بۇ ئادەملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز سىز ۋەتەندە بولغان ۋاقتىڭىزدىكى بىلەن مۇتلەق ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭ تەپسىلاتىنى ھەر بىر ئادەم ئۆزى ئويلىنىشىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

مەن جاۋابىمنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، يۇقىرىقى مۇناسىۋەت ئوخشىمىغان ئائىلىلىلەر ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدۇ. لېكىن، مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ئىناق ئۆتۈدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ ساغلام ۋە ئەتراپلىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى مۇناسىۋەتتىكى مۇھىملىق تەرتىپىنى مەن يۇقىرىدا تىزغانغا ئوخشاش تىزىدۇ. ھەر بىر ئائىلە ئۈچۈن ئەر-خوتۇن ھەر ئىككىلىسى ماقۇل كۆرگەن مۇشۇنداق بىر تەرتىپنىڭ بولۇشى تولىمۇ مۇھىم. ئەگەر سىزلەردە ئاشۇنداق بىر تەرتىپ بولسا، نۇرغۇن ۋاقىتلاردا قايسى ئىشنى قىلىش، قايسى يولنى تاللاش مەسىلىسىدىكى پىكىر ئىختىلاپىدىن ساقلانغىلى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ. يۇقىرىقى تەرتىپ ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ياپونلۇق ئەرلەر ئۈچۈن خىزمەت 1-ئورۇندا، شىركەتتىكى باشلىق 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. ياپونلۇق ئاياللار ئۈچۈن ئېرى 1-ئورۇندا، بالىلىرى 2-ئورۇندا تۇرىدۇ (ئۇلار ئاساسەن خىزمەت قىلماي ئاشۇ ئىككەيلەندىن خەۋەر ئالىدۇ). ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئۈچۈن، ئىرى ياكى خوتۇنى 1-ئورۇندا، بالا ۋە ئائىلە 2-ئورۇندا، خىزمەت 3-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۇققان بىلەن ئانچە كارى بولمايدۇ. دوست-ئاغىنە، خولۇم-خوشنا ۋە خىزمەتداشلارغا ئېتىبار بېرىپ كەتكەنلىكىنىمۇ ئانچە كۆرمىدىم. مېنىڭ مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇغاندا بىر ئۇستازنىڭ قولىدا ئىشلىگەن 4-5 بالىلار بىلەن چۈشكەن بىر پارچە رەسىمىم يوق (ئامېرىكىلىقلار ئۇنداق قىلمايدىكەن)؛ ھازىر بىر-بىرىمىز بىلەنمۇ ھىچقانداق ئالاقە قىلمايمىز. بىر شىركەتتە 3-4 يىل ئىشلىگەن، ھەمدە خېلى يېقىن ئۆتكەن كىشىلەرمۇ، بۇ شىركەتتىن ئايرىلىدىكەن، پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كېتىدىكەن. بۇ جەھەتتە بىز ئۇيغۇرلار ئۇلارغا ھەرگىز ئوخشىمايمىز.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-6 01:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86336
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 430
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىدىگەن كۆپ سۆزلۈك تېما بۇ ؟ ساقلىۋىلىپ ئوقۇي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36675
يازما سانى: 745
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5683
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1954 سائەت
تىزىم: 2011-4-6
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇنىڭ باسما نۇسخدىكى كىتابىنى ئوقۇغان ، ياخشى زىيارەت بوپتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47654
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3175
تۆھپە نۇمۇرى: 439
توردا: 381 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  تىمىنى ئوقۇپ  ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندەك  بولدۇم. بىزمۇ تىرىشساق  چۇقۇم  نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلەيمىز.
رەھمەت سىزگە.

[url=http://www.xarar.cn][color=Blue]شەرەر ئاۋازلىق ئەسەرلەر تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ[/color][/url]
                     [color=Navy]www.xarar.cn[/color]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58483
يازما سانى: 699
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6110
تۆھپە نۇمۇرى: 589
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2011-9-29
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال ئۇرۇن ئېلىپ ئاندىن ئۇقاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3804
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8775
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 1891 سائەت
تىزىم: 2010-7-12
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىچۇ ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 980
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4921
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 371 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەممىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم،ئەركىن سىدىق(ئاكا)مىزنىڭ شۇنداق جاپا مۇشەققەتلەردە توختامسىز ئالغا ئىلگىرلەش روھى بەك كۈچلۈك ئىكەن،شۇ تەسۋىرلەرنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ بېشىغا كەپ قالغان بولسا قانداق قىلار بولغۇيتۇم،ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ھېچ بولمىغاندا مەنمۇ تېرىشقان،ئۇلۇغ پىلانلارنى ئىشقا ئاشۇرالمىساممۇ باش ئەگمەس بولغۇيتۇم دېگەنلەرمۇ كاللامدىن بىر قېتىم خىيال بولۇپ ئۆتۈشكە ئۈلگۈردى،راستلا قول قويماي تۇرالمىدىم.راست گەپنى قىلسام مەنمۇ ئەمەلىيەت ئىشلىرىغا قىزىقىپ نەزىرىيە بىلەن خوشۇم يوق بولغاچقا،نەزىرىيەنى بەكمۇ ئۈگىنىپ كەتمەيتىم،ئەگەر ئەمەلىيەتنى قىلىش جەريانىدا بىرەر مەسلىگە ئۇچۇرسام ئاندىن نەزىرىيە بىلىملىرىنى كۆرۈپ بىلىۋالاتتىم.چۈنكى ئەمىلىيەتنى قىلسام ئاسان كاللامدا قالاتتى دەپ ئويلايمەن ھەم شۇنداق بولاتتى.(نەزىرىيەنى قالدۇرغۇچىلارمۇ ئاۋۋال ئەمەلىيەتنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن دوكىلات سۈپىتىدە شۇ نەزىرىيەلەرنى قالدۇردۇ،چۇنكى نەزىرىيىۋى بىلىملەر ئاڭنىڭ مەھسۇلاتى بولغاچقا دەپ ئويلايمەن)شۇ بىر قارشىمىزنى ئوخشاش دەپ ھېس قىلدىم،بىلىم ئېلىش شۇنداق موھىم،بىلىم ئېلىش ھەرگىزمۇ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس،ئىنتىھاندىن ئۆتۈش ئەمەس پەقەت ئۆزىنىڭ روھىتىنى بېيتىشتىن ئىبارەت.ئالىي مەكتەپنى ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىلىم ئېلىشتا يۇقارقىدەك قارشىمنى يوقاتمىغان بولساممۇ بىراق ۋەزىيەتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئىنتىھاندىن ئۆتۈش مەقسەت بولۇپ قالغان.دېسەم دىمىسەم كۆپۈنچىمىز شۇنداق بولۇپ قالغانغۇ دەيمەن.(لىكىن ئۆزۈمنىڭ يەنىلا بىلىم ئىگىلىيەلىدىم دەپ قارايمەن،چۈنكى مېنىڭمۇ قىزىقىشىم باردە) .
ئەركىن سىدىق ئاكىمىز نىڭ باشقا تۇرمۇش خۇلاسىلىرىدىنمۇ شۇنداق خۇرسەن بولدۇم،ئويلىرىنىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئويلىرىغا تەدبىقلاپ  بىر نەرسىگە ئېرىشكەندەك ھېس قىلدىم.
ئاخىردا ئاكىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك،ئائىلىسىگە بەخىت تىلەش بىلەن بىرگە تېما تەييارلىغۇچىلارغىمۇ تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرمەن!

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 431
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5125
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 1664 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولۇق ئوقۇپ چىقتىم....جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق دىگەن شۇدە...
قېرىندىشىمىز كىچىكىدە نۇرغۇن جاپالارنى تارتىپتىكەن،تۇرۇپلا ھازىرقى بالىلارغا سېلىشتۇرۇپ
قالدىم...ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولۇۋاتقان بالىلىرىمىز...كەلگۈسىدە قانداق
سىناقلارغا دۇچ كېلەر،بىز ئەنسىرگەن بىلەن ئۇلارنىڭ خىيالىدا يوق....
ئۇرۇپ چىقىرۋېلىپ بالىلىرىمغا ئوقۇپ بېرەي،پەقەت توختىماي تىرىشقاندىلا ئاندىن نەتىجە
قازانغىلى بولىدىغىنىنى بىلىپ قالسۇن....
بىلىمخۇمار ھەم ئەركىن سىدىق قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ئائىلىسىگە
بەخت تىلەيمەن...ئامان بولۇڭلار...قەلىمىڭلار توختاپ قالمىسۇن...................

دىققەت...دىققەت ! ئاسماندا  تور  يەردە  قاپقان  قۇرۇپ  قويدى،سەۋرچان بولايلى،ئالدىراپ  قاپقانغا  چۈشمەيلى...

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6991
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1353 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gdfg dfg df     cfds.jpg


gdfg dfghf fgjtgujfgbh dfg dfg nvb.jpg


ghf hfgh fgnvb ghj n vb.jpg
psb.jpg



fdgdfg dfgdf.jpg
df dsdfg dfg.jpg
awfdfd.jpg

2009  يىلى ياز . ئەركىن سىدىق ئاقسۇ بىرىنچى ئوتتۇرىدا .
ئەركىن سىدىق ئاقسۇدىن . ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاقسۇ بىرىنچى ئوتتۇردا ئۇقۇغان .


مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 4657
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2012-12-6 10:35 PM
2009  يىلى ياز . ئەركىن سىدىق ئاقسۇ بىرىنچى ئوتتۇرىدا ...



2- بۆلۈم



7- سوئال: تور بېتىڭىزدە يۇرتتىكى ياشلار بىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغان نۇرغۇن مەسىلىگە جاۋاب بېرىپسىز. بۇ تور بەتنى ئىشلەش ئارام ئېلىشىڭىزنىڭ بىر قىسمىمۇ؟

جاۋاب: مەن باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىن تارتىپلا، ساۋاقداشلىرىمغا ئۆگىنىشتە ياردەم بېرىشنى باشلىغان بولۇپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئۆزۈم ئۈچۈن شەرەپلىك ئىش، دەپ ھېسابلاش ماڭا شۇ چاغدىن باشلاپ ئادەت بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئادەتنى مەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. ئىمكانىيەتلا يار بەرسە، مەيلى بىرەر شەخسكە ياكى پۈتۈن مىللەتكە بولسۇن، پايدىلىقلا ئىش بولىدىكەن، مەن ئۇنداق ئىشنى قىلىشتىن زادىلا باش تارتمىدىم. ھەمدە پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن ئەتراپىمدىكىلەرنى ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئېلىپ مېڭىشقا، ئۇلارنى توغرا يولغا باشلاشقا تىرىشتىم. قولۇمدىن كەلسىلا، مەن ھېچكىمدىن ھەر قانداق ياردىمىمنى ئايىمىدىم. 1976-1978-يىللىرى مەن قايتا تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن بارغان يېزىدا، غالىپ ئىسىملىك بىر بالا بار ئىدى. ئۇ كونىشەھەر (ھازىرقى ئونسۇ) ناھىيىسىدىكى بىر باشلىقنىڭ بالىسى بولۇپ، باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇشتا داڭق چىقىرىپ، "غالىپ جودا"، دەپ ئاتىلىكەندۇق. مەن يېزىدا ئۇنىڭ بىلەن دوست بولۇپ، ھەر جەھەتتە ئۇنى يېتەكلىدىم. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇ بىر ئىنتايىن مۇلايىم، قولىدىن كېلىشىچە باشقىلارغا ياردەم قىلىدىغان يېڭى بىر ئادەمگە ئۆزگەردى. ئۇ چاغدا بىزگە يېزىدا 2 يىل ياخشى ئىشلەپ، شۇ ئارقىلىق بىرەر مائاشلىق ئىشقا ئېرىشىشتىن باشقا ھېچقانداق چىقىش يولى يوق ئىدى. يېزىدا ياخشى ئىشلىمىگەنلەر 2 يىلدىن كېيىنمۇ بىرەر خىزمەتكە ئېرىشەلمەيتتى. شۇڭا مېنىڭ تۇتقان يولۇم ئاشۇنداق بىر "پارلاق ئىستىقبال يولى" غا ماسلاشقان ئىدى.

مېنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلارغا بىر ئاز ياردەم قىلىشنى باشلىشىمدا يۇقىرىقىدىن باشقا يەنە بىر ئالاھىدە سەۋەبمۇ بار. مەن 1988-يىلى ئاپرېلدا ياپونىيەدىكى ئۆگىنىشىمنى تۈگىتىپ، يۇرتقا قايتىشتىن بۇرۇن، ئەينى ۋاقىتتىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇئار لۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ بىر قانچە پېشقەدەم ئۇيغۇر ۋە قازاق رەھبىرى (ئۇلارنىڭ بىرسى تۈگەپ كەتتى؛ ئۇ ئاتىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەنئەتتە بولغاي. مەن ئۇلارنىڭ ياردىمىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمەن) نىڭ ياردىمى بىلەن، ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە شىتات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Northridge شۆبىسى (CSUN) بىلەن ئالاقىلىشىپ، TOFLE ئىمتىھانىدىن ياپونىيەدە ئۆتۈپ، ئۇ مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ بولغان ئىدىم. ئوقۇش پۇلۇمنى مەكتەپ تولۇق كۆتۈرىۋەتكەن بولۇپ، تۇرمۇشۇمنى ياردەمچى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ تاپىدىغان كىرىمىمگە تايىنىپ باقىدىغان بولغان ئىدىم (ئەمما، ماگىستېرلىق ئوقۇشىنى تۈگىتىپ، دوكتۇرلۇق ئوقۇيدىغاندا، مېنى قوبۇل قىلغان 5 ئالىي مەكتەپنىڭ ھېچقايسىسى ئېلېكتىر ئىنژېنېرلىقى كەسپى بويىچە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا 1-يىلى ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرمەيدىغان بولغاچقا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى داۋىس شۆبىسى (UC Davis) گە 1-يىلى 13 مىڭ دوللار ئوقۇش پۇلى تۆلىدىم. بۇنچىلىك پۇلنى تېپىش ئۈچۈن مەن ئۆزۈم ئىشلەپلا قالماستىن، بىز 2 بالىمىزنى ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارغا قالدۇرۇپ قويۇپ، بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ئايالىم ئامانگۈلمۇ ئامېرىكىدىكى ئەڭ جاپالىق ئىشلارنى قىلدى. UCD  نىڭ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا ئىشلەۋاتقان مەزگىلدە، ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، مايكىسىنى سېلىپ سىقسا، مايكىسىگە يىغىلىپ قالغان تەر سۈيى يەرگە تامچىلاپ ئاقاتتى). يۇرتقا قايتىپ، CSUN نىڭ ئوقتۇرۇش قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قارىسام، ئۇ مېنىڭدىن 5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە مەكتەپكە تىزىملىتىشىمنى تەلەپ قىلىپتۇ. مەن قىزىم 3 ئايلىق بولغاندا ياپونىيىگە كەتكەن بولۇپ، 3 ياشقا كىرەي دېگەندە قايتىپ كەلدىم (ئىككى ھەپتىگىچە قىزىم مىنى "دادا" دېگىلى ئۇنىماي، مىنى "ئەركىن ئاكا" دەپ چاقىردى). ئۇ چاغدا ئائىلىمىزدىكىلەرنى ياپونىيەگە چاقىرتىشقا ياكى بىزنىڭ يۇرتقا ئارىلىقتا تۇققان كۈرۇش ئۇچۇن قايتىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمىغاچقا، يۇرتتىن ئىككى يېرىم يىل ئايرىلىپ، ئۆينى ناھايىتى سېغىنغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن قايتىپ كېلىشىمگىلا، فاكۇلتېتتىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى 4 ئوقۇغۇچىسىنى ماڭا تاپشۇردى. مەن ئۇلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى يېزىشىغا بىر يېرىم ئاي يېتەكچىلىك قىلدىم. بۇلارنى ئاز دەپ، ماڭا ئامېرىكىدىن 1-قېتىم ماڭدۇرغان ئوقۇش چاقىرىق قەغىزى ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن يوقاپ كېتىپ، مەن پوچتىخانىمۇ پوچتىخانا سۈرۈشتە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خېلى ئاۋارە بولدۇم. شۇ چاغدا مەن ھېلىقى مەكتەپكە تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر تونۇشۇمغا خەت يازدىم. ئەمما، ماڭا ئۇنىڭدىن خەت كەلمىدى. مەن ئامالسىز 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىسى كېلىدىغان قۇربان ھېيتقىمۇ قارىماي، بېيجىڭگە بېرىپ ۋىزا ئېلىپ، 7-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكىغا كېلىپ بولدۇم. كېلىپ قارىسام، مەكتەپكە 9-ئايغىچە تىزىملاتقىلى بولمايدىكەن. ھېلىقى مېنىڭ ئۇقتۇرۇش خېتىمدىكى تىزىملىتىش ۋاقتى ئەسلىدە ئامېرىكىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، ئاشۇ بىر كىچىككىنە ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن، مەن ئىككى يېرىم يىل ئايرىلىپ كەتكەن ئۆيۈمدە ئاران 3 ئاي تۇرۇپ، ئامېرىكىغا بىر ئاي بالدۇر كېلىپ، ياتاق پۇلى تۆلەپ، بىكار ياتتىم. بۇ ئىش ماڭا ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلدى.

مېنىڭ غايەم بۇ دۇنيادا بار ئوقۇشنىڭ ھەممىسىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگىچە ئوقۇش ئىدى. ياپونىيەگە بېرىشتا، ئۈرۈمچىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى 50 كە يېقىن ياش ئوقۇتقۇچىلاردىن 3 پەن بويىچە ئىمتىھان ئېلىنىپ، ئۇلاردىن 15 كىشى تاللىنىپ، ياپونىيەگە ئەۋەرتىلدى. مەن ئۇ ئىمتىھانىلاردا جەمئىي 240 نومۇر ئېلىپ، 1-ئورۇنغا ئېرىشتىم. ئىچكىرى ئۆلكىدە ئوقۇغان بىر ئوقۇتقۇچى 180 نومۇر بىلەن 2-ئورۇنغا ئېرىشتى. ئاڭلىشىمچە ئاخىرىدا 40-50 نومۇر ئالغانلاردىنمۇ ھېلىقى 15 كىشىنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەر بار ئىكەن. ئەمما، مەن تەقسىم بولغان ياپونىيەدىكى مەكتەپتە ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن مەن بىلەن بىر قاراردا ياپونىيەگە بارغانلارنىڭ ئىچىدىكى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى خالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ماگىستېرلىق ئوقۇشىغا كىردى، مەن بىر يۇقىرى ئۇنۋان ئۈچۈن ئوقۇيالمىدىم. بۇنىڭ ئۈچۈن 2 يىل قاتتىق ئازاب يىدىم (لېكىن، چۈشكۈنلەشمىدىم. تارتقان دەرتلىرىمنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئىمكان قەدەر كۆپرەك ئىلمىي ماقالە چىقىرىشقا تىرىشتىم. بۇ ھەقتىمۇ نۇرغۇن ھەكايىلىرىم بار. ئەمما، بۇ سۆھبەتنىڭ ھەجىم چەكلىمىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى بۇ يەرگە يازمايمەن. ياپونىيەدىكى مەن ئوقۇغان مەكتەپ مېنى مەملىكەت بويىچە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان ئوساكا ئۇنىۋېرسىتېتىگە يۆتكەپ قويماقچى بولغانىدى، مەسئۇل ئورگانلىرىمىز ئۇنىڭغا قوشۇلمىدى. بۇ ئىش ئۇ مەكتەپكە بەك تەسىر قىلدى، مەن ياپونىيەدىن قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇلار ماگىستېرلىق ئۇنۋانىنى تەسىس قىلىپتۇ--ئاشۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى ماڭا 1991-يىلى ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشنى شۇنچە تېز پۈتتۈرۈشىگە مەن سەۋەبچى بولۇپتىمەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ مەكتەپتە يەنە 10 ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئوقۇدى). تەلىيىمگە يارىشا، پېشقەدەم ئۇيغۇر ئۇستازلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن، مەن ئۈچۈن بىر يامان ئىش ياخشى ئىشقا ئايلاندى. مەن ياپونىيەدە ئۇنۋان ئالالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئامېرىكىغا كېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەندە ئۆزۈمگە ئوخشاش ئوقۇش ئارزۇسى بار ھەممە ئۇيغۇر ياشلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىقىم بار. شۇلارغا بىر ئاز بولسىمۇ ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، 1994-يىلى مەن ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ماڭدۇرۇپ بېرىش ئىشىنى باشلىدىم. چىقىمنى (يەنى كوپىي قىلىش راسخودى بىلەن پوچتا راسخودىنى) ئەينى ۋاقىتتىكى تەڭرىتاغ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى (ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ "TOSSA" دەپ ئاتىلىدۇ) كۆتۈردى. ئىشلىرىنى مەن قىلدىم. بىر ئوقۇغۇچىدىن قايسى كەسپتە ئوقۇماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا بىر خەت تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، مەن Peterson's Guide " دېگەن ئامېرىكىدا چىققان كىتابنىڭ شۇ كەسپكە ئائىت قىسمىنى كوپىي قىلىپ (نۇسخىلاپ)، ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بىر پارچە خەت يېزىپ، ئۇلارنى ھېلىقى ئوقۇغۇچىغا پوچتا ئارقىلىق ئەۋەرتىپ بەردىم. بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن كوپىيخانىغا بېرىپ كىتابنى كوپىي قىلىش، خەت ۋە لىپاپلارنى تەييارلاش، ۋە پوچتىخانىغا بېرىپ تەييارلىغان خەتنى سېلىش ئۈچۈن مېنىڭ بىر شەنبە كۈنىدىكى يېرىم كۈن ۋاقتىم كىتەتتى. 1998-يىلىدىن كېيىن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ماڭا تەلەپ يازىدىغانلار، مەن بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلار ناھايىتى ئازلاپ كەتتى. مەن بۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆكۈندۈم.

مەن ئامېرىكىغا ئەڭ بۇرۇن كەلگەنلەرنىڭ بىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىدىكى تۇرمۇش ۋەتەندىكىگە قارىغاندا خېلى كۆپ مۇرەككەپ بولغاچقا، كېيىن كەلگەن ۋەتەنداشلار مەندىن ئوقۇش، خىزمەت، تۇرمۇش، ۋە ئاتا-ئانىلارنى چاقىرتىش توغرىسىدا داۋاملىق ياردەم ۋە مەسلىھەت سوراپ تۇردى. ۋەتەندىكى ياشلاردىنمۇ خەت-تەلەپلەر كېلىپ تۇردى. ئۆزۈم ھازىرغىچە يىغقان تەجرىبىلەردىن ھەممەيلەننىڭ پايدىلىنىشى، ھەمدە ۋەتەندىكى ياشلارغا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەن 2004-يىلى يازدا "http://www.meripet.com" دىگەن تور بېتىنى ياساپ، ۋەتەندىكى ۋە چەت ئەلدىكى يۇرتداشلارغا پايدىلىق دەپ قارىغان بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى شۇنىڭغا كىرگۇزۇپ قويدۇم. ھەمدە ماڭا كەلگەن سوئاللارغا قاراپ، يېڭى نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا كىرگۈزۈپ تۇرۇۋاتىمەن.

بۇ تور بېتىدىن باشقا، مەن باشقا ۋەتەنداشلار ۋە تونۇش-بىلىشلەرگە داۋاملىق قىلىپ بېرىپ تۇرىدىغان ئىشلار خېلى بار. مەسىلەن، ئالدىمىزدىكى بىر ھەپتە (2005-يىلى 13- دىن 19-كۇنلىرىگىچە) ئىچىدە مېنىڭ باشقىلارغا قىلىپ بەرگەن ئىشلىرىم مۇنداق:

(1) ھەر كۈنى ۋەتەندىن ۋە باشقا جايلاردىن كەلگەن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5 ئېلخېتىگە جاۋاپ بېرىش.

(2) ۋەتەندىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچىغا ئامېرىكىدىن ئوقۇش ئىلتىماسى يولىدىكى ياردەمچىلەرنى تېپىپ بېرىش.

(3)  www.biliwal.com سورىغان سوئالغا جاۋاب يېزىش.

(4) ئاۋىسترالىيەدىكى بىر ئوقۇغۇچىغا "تەشەببۇس خېتى" (ئىنگلىزچە " Recommendation Letter " دەيدۇ) يېزىپ بېرىش.

(5) ياپونىيەدىكى بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئامېرىكىغا ۋىزا ئېلىشتا تەلەپ قىلىنغان "ساياھەت پىلانى" (Travel Schedule) يېزىپ بېرىش.

(6) ياپونىيەدىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ كانادادىكى بىر پروفېسسورغا يازغان ئىنگلىزچە خېتىنى تەھرىرلەپ بېرىش.

(7) ئوپتىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانى ئالغان بىر تۈرك تونۇشۇمنىڭ "مۇتەخەسىس كاتېگورىيەسى" بويىچە ئامېرىكىدا قېلىپ قېلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ كەسپىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىگە ئىنتايىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان "مۇتەخەسىسنىڭ باھالاش خېتى" نى يېزىپ بېرىش.

(8) فرانسىيەدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئامېرىكىغا كېلىپ، بۇرۇن مېنىڭ قولۇمدا ئىشلىگەن بىر فرانسىيەلىك ئىنژېنېر يېڭى خىزمەتكە كىرىش ئۈچۈن، كۆرۈشۈش (job interview) غا بارماقچى بولۇپ، مەندىن 5 خىل تېخنىكىلىق سوئال سوراپ ئېلخەت يېزىپ، مۇمكىن بولسا بىر كۈننىڭ ئىچىدە جاۋاب بېرىشىمنى سوراپتۇ. مەن ئۇنىڭغا دەرھال جاۋاب يېزىپ ماڭدۇردۇم.

مەن قوشۇمچە ئىشلار بىلەن داۋاملىق ئالدىنقى بىر ھەپتىدىكىدەك ئالدىراش بولۇپ كەتمەيمەن. ئالدىنقى ھەپتە بىر ئاز ئالاھىدىرەك بولۇپ، مەن بىر قانچە كۈن كەچ سائەت 10 دىن ئاشقىچە ئىشلەشكە مەجبۇر بولدۇم. لېكىن، ماڭا ئاشۇنداق تەلەپلەر داۋاملىق كېلىپ تۇرىدۇ.

كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ 3 قىسمى بولىدۇ:

1) ماددىي تۇرمۇش (تاماق يېيىش، كىيىم كىيىش، ئۇخلاش قاتارلىقلار)،

2) روھىي تۇرمۇش (مەھماندارچىلىققا بېرىش، كونسەرت-كىنولارغا بېرىش، تېلېۋىزور كۆرۈش، ئارام ئېلىش، مۇھەببىتى بىلەن بىرگە بولۇش قاتارلىقلار).

3) ئىجادىيەت تۇرمۇشى (ئۆگىنىش، خىزمەت قاتارلىقلار). باشقىلارغا ياردەم قىلىش، مەن ئۈچۈن روھىي تۇرمۇش بىلەن ئىجادىيەت تۇرمۇشىنىڭ بىرلەشمىسىدۇر. مەن بىر ئادەمگە بىر ئىشتا ياردەم قىلالىسام، بىر نەتىجىگە ئېرىشكەن بىلەن ئوخشاش ئۆز-ئۆزۈمدىن خۇشال بولىمەن. بىر كىشىنىڭ ھاياتىغا چوڭراق تەسىر كۆرسىتەلىسەم، ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن. بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، ئېھتىمال تېلېۋىزوردا بىر قانچە كىنونى ياكى بىر قانچە نبا ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنى (مەن ئۇ مۇسابىقىلەرنى كۆرۈشنىمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن) كۆپرەك كۆرگەن بولاتتىم. لېكىن، مەن ئۈچۈن يۇقىرىقى ئىشلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېلېۋىزور كۆرگەننىڭ قىممىتى كۆپ تۆۋەندۇر.

ئامېرىكىغا كەلگەن 16 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مەن جاۋاپ قايتۇرمىغان بىر پارچە خەت يوق. ماڭا پوچتا ۋە ئېلخەت ئارقىلىق كەلگەن خەتلەرگە بىرسىنىمۇ قويماي جاۋاب يېزىپ كەلدىم. (ئەگەر سىز ماڭا ئېلخەت يېزىپ، مەندىن جاۋاب كەلمىگەن بولسا، ئۇ چوقۇم سىزنىڭ ئېلخېتىڭىزدىن چاتاق چىققانلىقىدىن بولدى-مېنىڭ بەزى جاۋابلىرىم ئىگىسىگە يېتىپ بارالماي قايتىپ كەلدى. 3-4 قېتىم ماڭدۇرۇپ باقساممۇ قايتىپ كەلدى. ئەگەر سىزگە مەندىن جاۋاب كەلمىگەن بولسا، ماڭا قايتا ئېلخەت يېزىڭ. مەن چوقۇم جاۋاب قايتۇرىمەن.) بىز داۋاملىق مىللەتلەرنىڭ سۈپىتى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدا گەپ ئاچىمىز. بىر مىللەتنىڭ سۈپىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنىڭ مۇھىم بىر كۆرسەتكۈچى، شۇ مىللەتتە "راست ئادەم" بىلەن "يالغان ئادەم" نىڭ نىسبىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدۇر. مېنىڭ بۇ يەردە "راست ئادەم" دېگىنىم، سىز بىر پارچە خەت يازسىڭىز، سىزنىڭ خېتىڭىزگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئادەم؛ سىزگە "مۇنداق مۇنداق ئىشنى قىلىپ بېرىمەن"، دەپ، داستىخان ئۈستىدە ياكى ھاراق سورۇنىدا ۋەدە بېرىپ، ئەمەلىيەتتە بەرگەن ۋەدىسىنى ھەقىقەتەنمۇ قىلىدىغان ئادەمدىن ئىبارەت بولۇپ، "ساختا ئادەم" لەر بولسا يۇقىرىقىنىڭ ئەكسىچە كىشىلەردۇر.

2002-يىلى فېۋرالدا مەن ياپونىيەگە بىر قېتىم خىزمەت ئىشى بىلەن باردىم. شۇ چاغدا، ئۆزۈمگە ياپونىيەدە تىكىلگەن كاستيۇم-بۇرۇلكىدىن بىرنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن بىر كۈنى بازار چۆگىلىدىم. دۇكانلاردىكى كېيىملەر ئاساسەن جۇڭگودا ئىشلەنگەن بولۇپ، مىڭ تەسلىكتە ياپوندا تىكىلگەن كېيىم بار دۇكاندىن بىرنى تاپتىم. بىراق، مەن ياخشى كۆرگەن بىر قۇر كېيىمنىڭ نومۇرى مەن ئۈچۈن 1-2 نومۇر كىچىك ئىكەن. مەن دۇكاننىڭ ئىگىسىدىن ئۇ كېيىمنىڭ 1-2 نومۇر چوڭى بار-يوقلۇقىنى سورىسام، ئۇ كىشى "ھازىر دۇكىنىمدا يوق. سەل تۇرۇپ تۇرۇڭ. مەن بىر سۈرۈشتە قىلىپ باقاي"، دېدى. بەش مىنۇتتىن كېيىن مېنى چاقىرىپ، ئۇ كېيىمنى 3 كۈندىن كېيىن دۇكانغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئامېرىكىغا ئەتىسى قايتىدىغانلىقىمنى، شۇڭا سەل كىچىكرەك بولسىمۇ ھېلىقى دۇكاندا بار كېيىمنى ئېلىش قارارىمنى ئېيتتىم. لېكىن، ئۇ دۇكاننىڭ ئىگىسى، "ئۇ سىزگە بەك كىچىك ئىكەن. ئۇنى ئالماڭ" دەپ تۇرۇۋالدى. بۇ بىر كىچىك دۇكان بولۇپ، ئۇ چاغدا بۇ دۇكاندا مەندىن باشقا ھېچ قانداق خېرىدار يوق ئىدى. شۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدە ئۇ كىشىنىڭ قانچىلىك سودا قىلالىغانلىغىنى بىلمەيمەن. ئەمما، مەن ئەتىسى ئامېرىكىغا قايتىدىغانلىقىمنى ئېنىق ئېيتساممۇ، ئۇ كىشى ماڭا "بۇ كېيىم سىزگە ناھايىتى ياخشى كەلدى. ئۇنىڭدىن 2-3 نى ئېلىۋېلىڭ"، دېمەي، بىرنى ئالىمەن، دىسەممۇ، ماڭا ساتمىغىلى تاس قالدى.  

"  راست ئادەم" دېگەن ئەنە شۇ. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ھاياتىم جەريانىدا ئۇچراتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە "يالغان ئادەم" گە قارىغاندا،"راست ئادەم" لەرنىڭ سانى خېلىلا كۆپ. ئەمما، بۇ "راست ئادەم"لەرنىڭ كۆپىنچىسى يېزىلاردا. مەن شۇلار بىلەن بىرگە بولۇپ، ئۇلاردىن نۇرغۇن ئالىيجاناب خىسلەتلەرنى ئۆگەندىم. 2004-يىلى يازدا مېنىڭ 2 بالام يۇرتقا بېرىپ، مەن بۇرۇن ئويناپ چوڭ بولغان يېزىلارغا باردى. ئۇ يەردە بىزنىڭ دېھقان تۇققانلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، ئۇلار ئەتكەن تاماقنى ۋە ئۇلارنىڭ بېغىدىكى يېمىشلەرنى يەپ، ئۇلار ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، داپ بىلەن لىگەننى بىرلەشتۈرۈپ چېلىپ، جۈپ-جۈپ بولۇپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان، ھەمدە بىر-بىرىگە پوتا سالىدىغان، بىزنىڭ ئەڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل-ئېچىش ئويۇنىمىز "مەشرەپ" كە قاتناشتى. شۇ چاغدا مەن بىر قېتىم ئۇلارغا تېلېفون قىلغاندا، ئۇ ئىككىسى ماڭا ئايرىم-ئايرىم ھالدا: "دادا، بۇ يەردىكى ئادەملەر ئاجايىپ ياخشى ئىكەن. مەن بۇ دۇنيادا مۇنداق ياخشى ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى زادىلا بىلمەپتىكەنمەن. سىزنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك ئادەم بولۇپ چوڭ بولغانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندىم"، دېدى.

ياپونىيەگە بارغاندىن كېيىن، خۇددى ياپونىيىگە بارغان باشقا ئۇيغۇر ۋەتەنداشلارغا ئوخشاش، "يۇقىرى سۈپەتلىك مىللەت" نىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ تولۇق چۈشەندىم. ئاشۇنداق "راست ئادەم" لەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىپ، مىللىتىمىزنىڭ سۈپىتىنى يۇقۇرى كۆتىرىش يولىدا ھەر بىر ئادەم بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدۇ. مەن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشىدىغانلا بولساق، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدە خۇددى ياپونلۇقلار، يەھۇدىيلار ۋە گېرمانلارغا ئوخشاش بىر “تايىنى بار” مىللەت قاتارىدا دۇنياغا تونۇلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.



8 - سوئال: ھازىر مەملىكەتلىك مەتبۇئاتلاردا دۆلىتىمىز مائارىپنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى، چەت ئەل مائارىپىنىڭ ئىلغارلىقلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر بولۇپ تۇرىدۇ. سىز پەرزەنتلىرىڭىزنى ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقان ئاتا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قانداق سېلىشتۇرىسىز؟

جاۋاب: جۇڭگو مائارىپى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مائارىپى ئوتتۇرىسىدا ھەقىقەتەنمۇ خېلى چوڭ پەرق بار. جۇڭگو مائارىپىنى يىغىنچاقلاپ، بىر ئېغىز سۆز بىلەن "يادلاش مائارىپى"، ئامېرىكىنىڭكىنى بولسا "ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاش مائارىپى"، دەپ ئېيتىش مۇمكىن. بۇنداق ئىككى مائارىپ سىستېمىسىدا تەربىيىلەنگەن كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارىدىمۇ خېلى چوڭ پەرق بولىدۇ. تۆۋەندە مەن بۇ مەسىلىنى ئۆزۈم ئۇچراتقان ئەھۋاللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن:

ئامېرىكىنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلى باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپلا جۇڭگونىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، 1-سىنىپ بالىلىرىغا ھېساب ئۆتكەندە، جۇڭگودا كۆپىنچە ئەھۋالدا "بىرگە بىرنى قوشسا 2"، "ئىككىگە بىرنى قوشا ئۈچ"، دەپ يادلىتىدۇ. ئامېرىكىدا بولسا، بالىلارغا مەلۇم ساندىكى رەڭلىك بۇيۇملارنى تارقىتىىپ بېرىپ، "قىزىلدىن 3 نى بىر يەرگە، يېشىلدىن 4 نى بىر يەرگە قويۇڭلار. ئەمدى ئىككى رەڭدىكىلەرنى بىرلەشتۈرۈڭلار. ئەمدى ھەممىسىنى قوشۇپ ساناپ بېقىڭلار"، دەپ ھەممەيلەننى ئىشقا سېلىپ، مۇشۇ بىر پائالىيەت ئارقىلىق "3 كە 4 نى قوشسا، 7 بولىدۇ"، دېگەن نەرسىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ تۈپ پرىنسىپ، بالىلارنىڭ مېڭىسىگە بېسىم ئىشلەتمەي، يېڭى نەرسىلەرنى ئۆزلىرى قوبۇل قىلالايدىغان تەرىقىدە ئۆگىتىشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ سىنىپلىرىغا قارىسىڭىز، ساندۇق ساندۇقتا، ھەر خىل رەڭدىكى بۇيۇملارنى كۆرىسىز.

باشلانغۇچتىن باشلاپلا، بالىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىش، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل يېڭى نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنىدۇ. مەن بۇرۇن ئوقۇغان بىر ماقالىدە، بىر زىيالىي بۇ ئىككى دۆلەتتىكى بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىدىكى پەرق ئۈستىدە توختىلىپ، مۇنداق دەپتۇ: "جۇڭگودا ھەممەيلەن بالىسىغا: باشقىلارنىڭ بالىسى قانداق قىلغان بولسا، سەنمۇ شۇنداق قىل، دەپ تەربىيىلەيدۇ. ئامېرىكىلىقلار بولسا بالىسىغا: ئىمكان بار باشقىلار قىلمىغاننى قىل، دەپ تەربىيىلەيدۇ". مۇشۇنداق بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنىڭ نەتىجىسىدە، ئامېرىكىدا ھەممە كەسپ تۈرلىرى بويىچە يېڭى كەشپىياتچىلار دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ چىقىدۇ.

مېنىڭ ئوغلۇم باشلانغۇچنىڭ 5-سىنىپىدىلا ئىلمىي تەجرىبىنى قانداق ئىشلەش، ئۇنىڭدىن چىقارغان ئىلمىي يەكۈننى قانداق قىلىپ بىر ئىلمىي دوكلات شەكلىدە باشقىلارغا يەتكۈزۈشنى ئۆگەندى. مەن يۇقىرىقى سوئالنى (يەنى 8-سوئالنى) كۆرگەندىن كېيىن، ئوغلۇمدىن "سەن 5-سىنىپتا 1-قېتىملىق ئىلمىي تەجرىبىنى ئىشلەپ، ئۇنىڭدىن دوكلات يازغان ئىدىڭ. سەن شۇ چاغدا ئۆگەنگەن ئىلمىي تەجرىبە ئۇسۇللىرى قايسى؟" دەپ سورىسام، ماڭا تۆۋەندىكىلەرنى ئېيتىپ بەردى:

1) ئىلمىي پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش

2)  تەجرىبە ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ماتېرىياللارنى تەييارلاش ۋە تەجرىبە ئۇسۇلىنى لايىھىلەش

3)  تەجرىبىنى ئىشلەپ، سان-سىفىرلارنى خاتىرىلەش

4) تەجرىبە نەتىجىسىگە قاراپ، 1) قىسىمدىكى ئىلمىي پەرەزنىڭ توغرا ياكى ناتوغرىلىقىنى، ئۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى، ھەمدە بۇ تەجرىبە ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقارغان ئىلمىي خۇلاسىنى يېزىپ چىقىش.

ئۇلار ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا، ئۆزى ئىشلىگەن تەجرىبىنىڭ نەتىجىلىرىنى x-y  رەسىمى (ئىنگلىزچە "x-y plot " دەپ ئاتىلىدۇ) ئارقىلىق ئىپادىلەشنى باشلىدى. مېنىڭ ئېسىمدە قېلىشىچە، مەن ياپونىيەگە يېڭى بارغاندا، ئىلمىي تەتقىقاتنى قانداق ئىشلەش جەھەتتە يۇقىرىقىچىلىك بىلىمىم يوق ئىدى (ئېھتىمال بۇ خىل ۋەزىيەت ھازىر ئۆزگەرگەن بولۇشى مۇمكىن)

ئامېرىكىدا باشلانغۇچنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن باشلاپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە، ئوقۇغۇچىلارغا ھەر مەۋسۈمدە بىر قېتىم دەرس پروجەكتىسى (ئىنگلىزچە " Class Project " دەپ ئاتىلىدۇ) ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بەزى ئوقۇتقۇچىلار سىنىپىدىكى 30 غا يېقىن ئوقۇغۇچىغا 15 ئەتراپىدىكى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان پروجەكت ماۋزۇسىنى چىقىرىپ بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەنلىرىنى تاللىۋېلىشا قويىدۇ. بەزىلىرى بولسا، پروجەكت ماۋزۇسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تېپىشىغا قويۇپ قويىدۇ. مۇشۇنداق پروجەكتلار ئاساسىدا، ھەر يىلى مەكتەپ بويىچە بىر قېتىم ئىلىم-پەن كۆرگەزمىسى (ئىنگلىزچە " Science Fair " دەپ ئاتىلىدۇ) ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، "ئوچۇق ئۆي" (ئىنگلىزچە " Open House " دەپ ئاتىلىدۇ) پائالىيەتلىرىمۇ بىر يىلدا بىر قانچە قېتىم بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ كۆرگەزمە ۋە ئوچۇق ئۆي جەريانىدا، ئاتا-ئانىلار بەلگىلەنگەن ۋاقىت مۇددىتى ئىچىدە مەكتەپكە كېلىپ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى كۆرىدۇ. بۇ ئادەمنى خېلىلا ھوزۇرلاندۇرىدىغان پائالىيەت بولۇپ، بالىلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئادەمنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرىدۇ. مەن ھازىرغا قەدەر ئۆز بالىلىرىمنىڭ مۇنداق پائالىيەتلىرىنىڭ بىرەرسىگىمۇ بارمىغان ۋاقتىم يوق. مېنىڭ ئوغلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلىگەن پروجەكتنىڭ بىرسى، ئوخشىمىغان رەڭلىك نۇرنىڭ تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئۆلچەپ ئىسپاتلاپ چىقىشتىن ئىبارەت بولدى. بىر قىسىم ماتېرىياللارنى بازاردىن سېتىۋالدۇق. تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى مەن ئۆزۈمنىڭ شىركىتىدىن ئارىيەت ئېلىپ ئەكەلدىم. قىزىمنىڭ ئىشلىگەن بىر پروجەكتىسى، نۇر ئىسسىق ھاۋادىن ئۆتكەندە، ئىسسىق ھاۋا ئۇنىڭ يۆنىلىشىنى بىر ئاز ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش بولدى. مەن قىزىمنى ئۆزۈمنىڭ شىركىتىگە ئاپىرىپ، قىزىل رەڭلىك لازېر (قوزغىتىلغان نۇر) دىن بىرىنى ماڭدۇرۇپ قويۇپ، ئۇنىڭ نۇر يولىنىڭ ئاستىغا شام يېقىپ ھاۋانى ئىسسىتىپ، شۇ ئارقىلىق قىزىم ئىسپاتلىماقچى بولغان نەرسىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.



ئامېرىكىدا ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىمۇ ئوقۇغۇچىلار ئىنتايىن جانلىق تەربىيىلىنىدۇ. مېنىڭ ئىككىلا بالام تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ھازىر دۇنيادا مەۋجۇت بولغان 4 چوڭ دىننى ئۆگىنىپ چىقتى. مەن ئۇلارنىڭ ئىسلام دىنى توغرىسىدىكى دەرسلىك كىتابىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە ئىنتايىن ھەيران بولدۇم: مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا دىن توغرىلىق بىرەر دەرسلىك ئەمەس، ھازىرغا قەدەر بۇنداق ياخشى يېزىلغان ئىسلام توغرىسىدىكى كىتابنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. قىزىم تولۇقسىزدىكى ۋاقتىدا، ئىجتىمائى پەن بويىچە بىر قېتىم ئېلىپ بارغان پروجەكتىسى مۇنداق بولدى: 3 ئوقۇغۇچى بىر گۇرۇپپا بولۇپ، شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا جەمئىيىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن 5 نى تىزىپ چىقىش. ئاندىن بۇ 3 كىشىدىن بىرىنى "ئامېرىكىنىڭ پرېزىدېنتى" قىلىپ تاللاپ، بۇ "پرېزىدېنت" ئۆزىنىڭ يۇقارقى مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇسۇل لاھىيىسىنى تۈزۈپ چىقىش. (شۇ چاغدا قىزىم "ئامېرىكا پرېزىدېنتى" بولۇپ تاللىنىپ، بۇ پروجەكت ۋە قىزىمنىڭ "پرېزىدېنت" بولغانلىق خەۋىرى بىز تۇرۇۋاتقان شەھەرنىڭ يەرلىك گېزىتىگە بېسىلدى). ئەڭ ئاخىرىدا بۇ "پرېزىدېنت" ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكىنىڭ راست پرېزىدېنتى بېل كلىنتونغا يېزىپ ماڭدۇرۇش. بۇ ئىشتىن ئۇزۇن ئۆتمەي، قىزىم بېل كلىنتوننىڭ ئىمزاسى بېسىلغان، كلىنتوننىڭ ئىشخانىسىدىن كەلگەن كلىنتوننىڭ نامىدىكى بىر جاۋاب خەتنى تاپشۇرۋالدى. يەنە بىر ئىجتىمائى پەن پروجەكتىسىدە، قىزىمغا "ئەگەر سەن Haway شىتاتىنىڭ شىتات باشلىقى بولساڭ، ئۇ شىتاتنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى قانداق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرىسەن؟ ئۆزۈڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى سودا پىلانىڭنى (ئىنگلىزچە " business plan " دەپ ئاتىلىدۇ) يېزىپ چىققىن." دىيىلگەنىدى.  ۋەتەندە بۇنداق ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن بولمىسا كېرەك. مەن "سودا پىلانى" يېزىپ باقتىم: 1996-يىلى ۋە 2002-يىلى مەن باشقا 2 نەپەر ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىسى بار، چوڭ شىركەتلەردە باشلىق بولۇپ باققان كىشىلەرگە شېرىك بولۇپ، ئىككى يۇقىرى تېخنىكىلىك شىركەت قۇرۇشقا قاتناشتىم. مانا شۇ چاغدا، بىز ئامېرىكىدىكى كاپىتالىستلاردىن مەبلەغ ئېلىش ئۈچۈن، ناھايىتى تەپسىلىي "سودا پىلانى" تەييارلاپ چىققان ئىدۇق (ئامېرىكا ئىقتىسادىدا يۈز بەرگەن شىددەتلىك ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ بۇ شىركەتلەر ماڭماي قالدى. ئۇلارنىڭ بىرسى ھازىرمۇ بار. مەن بۇ ئىككى شىركەتتە "باش تېخنىك" دېگەن ۋەزىپىنى ئۈستۈمگە ئالغان ئىدىم. بۇ ۋەزىپە ئىنگلىزچە " Chief Technology Officer, CTO " دەپ ئاتىلىدۇ.)

مائارىپتىكى بۇنداق پەرقتىن كېلىپ چىققان نەتىجىلەرنىڭ ئوخشىماسلىقىنى مەن ئۆزۈمنىڭ ئامېركىدىكى خىزمىتىم جەريانىدا ئوبدان ھېس قىلدىم. مەن كالفونىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ داۋىس شۆبىسىدە (UDC دە) يۇقىرى يىللىقلارغا دەرس ئۆتۈۋاتقان ۋاقتىمدا، بىر قېتىملىق يېرىم مەۋسۇملۇق ئىمتىھاننىڭ ئورنىدا، مۇنداق بىر لايىھىلەش پروجەكتى ئورۇنلاشتۇردۇم: ھەر بىر ئوقۇغۇچى مۇستەقىل ھالدا مەن چىقىرىپ بەرگەن تېخنىكىلىق كۆرسەتمە بويىچە بىردىن ئېلېكتىر توك يولى لايىھىلەپ چىقىدۇ. ئىمتىھان نەتىجىسى، بۇ توك يولى ئىشلىتىدىغان ئېلېكتىر توك قۇۋۋىتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە (قانچە تۆۋەن بولسا، شۇنچە ياخشى)، سىگنال كۈچەيتىش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە (قانچە يۇقىرى بولسا، شۇنچە ياخشى) ۋە پۇل چىقىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىگە (قانچە تۆۋەن بولسا، شۇنچە ياخشى) قاراپ، مۇشۇ 3 كۆرسەتكۈچنى argument قىلغان بىر تەڭلىمىگە ئاساسەن بېرىلىدۇ. نومۇرى ئەڭ يۇقىرى ئوقۇغۇچىغا "ئا+" بېرىلىدۇ. ئەڭ تۆۋەن ئوقۇغۇچىغا "ف" بېرىلىدۇ (ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدۇ). قالغانلار مۇشۇ ئىككىسىنىڭ ئارلىقىدىكى نومۇرلارنى ئالىدۇ. ئەگەر 2 ئوقۇغۇچىنىڭ ماڭا تاپشۇرغىنى ئوپ-ئوخشاش بولۇپ (يەنى بىر-بىرىدىن كۆچۈرگەن بولۇپ)، ئۇلار 100 دىن نومۇر ئېلىشقا تېگىشلىك بولسا، بۇ ئىككەيلەن بىر 100 نومۇرنى تەڭ بۆلۈشىدۇ (يەنى، ئۇلارغا 50 تىن نومۇر بېرىلىدۇ). ۋاقتى بىر ھەپتە (دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تۈگىتىشى كېرەك). بۇ ئېلېكتىر شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بىر ئېلېكتىر ئىنژىنېرىنىڭ ۋەزىپىسى بىلەن ئوخشاش ئىش بولۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەقىقىي رىقابەتلىك ھالىتىگە ماسلاشقان، ناھايىتى ئەمەلىي پروجەكت ئىدى. ئامېرىكىلىك ئوقۇغىچىلار پروجەكت تەلەپلىرىنى چۈشىنىۋالغاندىن كېيىن يوقاپلا كەتتى. بىراق، مېنىڭ سىنىپىمدىكى 5 ئەتراپىدىكى ۋېتنام، شاڭگاڭ، تەيۋەن ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاسىيالىق ئوقۇغۇچىلار بۇ بىر ھەپتىنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر كۈنى ئىشخانامغا سوئال سوراپ كىرىۋېلىپ، مېنى خېلىلا ئاۋارە قىلدى (ئامېرىكىدا كۆپىنچە پروفېسسورلار ئىشىكىنى تاقاپ قويۇپ، مەخسۇس بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتىن باشقا چاغلاردا ئوقۇغۇچىغا ئىشىك ئېچىپ بەرمەيدۇ. ئەمما، مەن ئىشىكىمنى ياپمايتتىم.)

مەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئېلېكترو-ماگنېتلىق دولقۇن، مىكرو-دولقۇن تېخنىكىسى ۋە ئوپتىكا قاتارلىق كەسپلەر ئېلېكتىر ئىنژىنېرلىقى بويىچە ئەڭ تەس كەسپ. شۇڭلاشقا ئامېرىكا گىراژدانلىرى ئىچىدە بۇ كەسپتە ئوقۇيدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس بولۇپ، ئامېرىكىدا بۇ كەسپتە ئوقۇيدىغان ۋە ئىشلەيدىغان جوڭگولۇق خەنزۇلار ناھايىتى كۆپ. بولۇپمۇ، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بۇ كەسپلەر ئۆتۈلىدىغان بولغاچقا، ئۇ مەكتەپنىڭ باكالاۋرلىقىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭ يېرىمى دېگىدەك ئامېرىكىغا كېلىپ، دوكتۇرلۇق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ، ئامېرىكىدا تۇرۇپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ كەسپىي ساھەسىدە بۇنداقلارنى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمەن. مەن "Wawesplitter" دېگەن شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندا، بىر مەزگىل ئىككى گۇرۇپپا كىشىگە مەسئۇل بولدۇم. ئۇنىڭ بىرسىدە، جۇڭگونىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىپ، ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان 2 خەنزۇ ئىنژىنېر، چىڭخۇانى پۈتتۈرۈپ، ئامېرىكىدا ماگىستېرلىق ئالغان بىر خەنزۇ ئىنژىنېر، ئامېرىكىلىق دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار 2 ئىنژىنېر ۋە باشقا بىر قانچە تېخنىكلار بار ئىدى. يەنە بىر گۇرۇپپىدا بولسا، تەيۋەننىڭ چىڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىدا باكالاۋرلىقنى ئېلىپ، ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئالغان بىر ئىنژىنېر، ئامېرىكىلىق ماگىستېرلىق ئۇنۋانى بار بىر ئىنژىنىر ۋە ئامېرىكىلىق بىر تەرەپتىن بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن بىزنىڭ شىركەتتە ئىشلەۋاتقان بىر ياش بار ئىدى. مەن ئامېرىكىلىقلارغا ئىش تاپشۇرسام، مەيلى بىۋاسىتە بولسۇن ياكى تېلېفون ئارقىلىق بولسۇن، ئۇلار مېنىڭ تەلىپىمنى بىر دەمدىلا چۈشىنىپ، تېلېفون قىلىدىغان يەرگە تېلېفون قىلىپ، كۆرۈشىدىغانلارنى ئۆزلىرى تېپىپ كۆرۈشۈپ، ناھايىتى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن ئىشلەپ، ئىش پۈتكەندە ماڭا دوكلات قىلاتتى. ھېلىقى جۇڭگولۇق ئىنژىنېرلار بولسا، مېنىڭ قېشىمغا كۈندە نەچچە قېتىم كېلىپ، ئىشنىڭ ھەر بىر قەدەم-باسقۇچىنى مەندىن سورايتتى. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان نومۇرىدا داۋاملىق سىنىپنىڭ ئالدىدا بولسىمۇ، ئەمىلىي خىزمەتكە چىقىپ ئىشلەشكە باشلىغاندا ئۆزلىرى بىلەن ئوخشاش ئورۇندىكى ئامېركىلىقلارنىڭ ئالدىدا خېلىلا چانىدۇ. قول سېلىپ ئىشلەشكە كەلگەندە، ئۇلار ئامېرىكىلىقلارغا قارىغاندا كۆپ ئاجىز كېلىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىمكانىيەتلا يار بېرىدىكەن، بالىڭىزنى قول سېلىپ ئىشلەشكە ئادەتلەندۈرۈڭ. قول سېلىپ ئىشلەشنى ئۆگىتىش دېگەنلىك ھەرگىز بىر تەجرىبىخانىدىكى يۇقىرى تېخنىكىلىق ئىشلارنى كۆزدە تۇتقانلىق ئەمەس. ئوتۇن يېرىش، گەمە كولاش، تام سېلىش، غالتەك ياساش، ۋېلسىپىتنى رېمونت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قول سېلىپ ئىشلەشكە كىرىدۇ. بۇ ئەرزىمەس ئىشلاردەك كۆرۈنسىمۇ، ئاشۇنداق ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا يېتىلىدىغان قول سېلىپ ئىشلەش قابىلىيىتى كېيىنكى ھاياتتا ئىنتايىن جانغا ئەسقاتىدۇ. مەن ئۆزۈمنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگەنگەن ئىقتىدارىمنىڭ ھەممىسى مېنىڭ كېيىنكى كەسپىي ھاياتىمغا ئىنتايىن زور پايدا يەتكۈزدى. مەن ئۆگەنگىنىمنىڭ ھەممىسىنى ھازىر ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىۋاتىمەن. قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەم داۋاملىق بىر ئىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان باھانە ئىزدەيدۇ. قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم بولسا، داۋاملىق شۇ ئىشنى قىلىشتا مۇمكىنچىلىكى بار بولغان يولنى ئىزدەيدۇ. بىر بالىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدىغان بولۇپ يىتىلىشىدە، ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئامېرىكىنىڭ بالا تەربىيىلەش سىستېمىسىدا، ئاتا-ئانىغا تايىنىدىغان تەركىب خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. تۆۋەندە مەن مۇشۇ نۇقتا ئۈستىدە بىر ئاز توختىلىپ ئۆتىمەن.

1)  باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئاتا-ئانا يىغىنى. ھەر بىر مەكتەپ ھەر يىلى كەم دېگەندە بىر قېتىم مەخسۇس ۋاقىت ئاجرىتىپ، ئاتا-ئانا يىغىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ يىغىن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدىغان يىغىن بولۇپ، ئادەتتە بىر كىشىگە بېرىلگەن ۋاقىت 15 مىنۇت ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنىڭ مۇشۇ بىر دەرستە ئىشلىگەن سىنىپ پروجەكتى، تاپشۇرۇقلىرى ۋە يازغان ماقالىلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ، بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ قايسى تەرەپتە كۈچلۈك، قايسى تەرەپتە ئاجىز ئىكەنلىكى، بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپتە قانداق تىرىشىشى زۆرۈرلىكىنى تەپسىلىي ئېيتىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىسىنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ۋە ۋاقتى-ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم باشلانغۇچتىكى ۋاقتىدا، بىر قېتىملىق مەملىكەتلىك "Star" دېگەن ئىمتىغاندا (مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ئىمتىھان ئامېرىكا بويىچە يىلىغا بىر قېتىمدىن ئېلىنىدۇ) ناھايىتى يۇقىرى نومۇر ئېلىپتۇ. توققۇز ساھەنىڭ بەشىدە٪ 99 گە، ئەڭ تۆۋەن بولغىنىدا٪ 87گە كىرىپتۇ (ئامېرىكىدا بۇنداق ئىمتىھانلاردا ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى قانچە پىرسەنت ئوقۇغۇچىلاردىن يۇقىرى نومۇر ئالدى، دەپ تىزىدۇ. ٪ 99 دېگىنى بۇ ئوقۇغۇچى شۇ قېتىم ئىمتىھانغا قاتناشقانلارنىڭ ئىچىدە٪ 99 ئادەمدىن يۇقىرى تۇرىدۇ، يەنى ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئالغان٪ 1 ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، دېگىنى بولىدۇ). ئوغلۇمنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئامېرىكىغا نەدىن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. ئوغلۇم "جۇڭگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن" دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. بۇ ئوقۇتقۇچى ئامېرىكىدا بېسىلغان بىر خەرىتىنى ئاختۇرۇپ، بۇ يەرنى تاپالماي، بىر قېتىملىق ئاتا-ئانا يىغىنىدىن كېيىن مېنى ئەپقېلىپ، بىزنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىمىزنى سورىدى. ئەسلىدىكى 15 مىنۇتلۇق يىغىن 45 مىنۇت داۋاملىشىپ، مەن ئۇ كىشىگە ئۇيغۇر توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم. ئاخىرىدا ئۇ كىشى ماڭا: "دىلشات ئامېرىكىغا 4.5 يېشىدا كېلىپ، ئىمتىھاندا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسىدىن يۇقىرى نومۇر ئېلىۋاتسا، مەن ئۆزىمىز ئۈچۈن نومۇس ھىس قىلىمەن"، دېدى. يەنە بىر ئاتا-ئانا يىغىنىدا، ئوغلۇمنىڭ ئىنگلىزچە يېزىقچىلىق ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭ يازغان بىر ماقالىسىنى ماڭا كۆرسىتىپ، "مەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقىلى 20 يىلدىن ئاشتى. لېكىن، بۇنىڭچىلىك تەسىرلىك يېزىلغان ماقالىنى كۆرۈپ باقمىغانىدىم. مەن ئۇنى ئىرىمگىمۇ ئوقۇپ بەردىم. ئىككىلىمىز يىغلاپ كەتتۇق. مەن بۇ ماقالىنى بىر رەسىم رامكىسىغا ئېلىپ، ئۆيۈمگە ئېسىپ قويدۇم"، دېدى. بۇ ماقالىنىڭ ئىسمى "بىرتالمۇ ئويۇنچۇقى يوق بىر كىچىك بالا" (ئىنگلىزچە " A Boy without a Toy ") بولۇپ، ئوغلۇم ئەسلىدە مېنىڭ كىچىك ۋاقتىمنى يازغان ئىكەن. بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ئويۇنچۇقى بار بالىلارغا قارىغاندا، ئويۇنچۇقى يوقلارنىڭ سانى جىق كۆپ. ئەمما، ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن، بىر بالىنىڭ ھەچ قانداق ئويۇنچۇقى بولماسلىق، ئۇلارنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان، ئۇلارغا قاتتىق تەسىر قىلىدىغان بىر ئىش ئىكەن.

2)   ئامېرىكىدا كىچىك بالىلىرى بار ئاق تەنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆيىدە كەم دېگەندە بىردىن ئىت، مۈشۈك، ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان ئائىلە ھايۋىنى (ئىنگلىزچە " Pet " دەپ ئاتايدۇ) باقىدۇ. بۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىگە ناھايىتى ئومۇملىشىپ كەتكەن بولغاچقا، مەخسۇس ئائىلە ھايۋانلىرىنى ساتىدىغان سودا دۇكانلىرىمۇ ئىنتايىن كۆپ. ھەمدە ئادەملەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىنى ساتىدىغان سودا دۇكانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئائىلە ھايۋانلىرىنىڭ يېمەكلىرىنىمۇ ساتىدۇ. كىچىك بالىلارنىڭ ھايۋان بېقىشى، ئائىلە ھايۋانلىرى بىلەن بىللە ئوينىشى، ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالاھىدە رول ئوينايدۇ. شۇڭا ئىمكانىيىتى يار بېرىدىغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى بۇ ئىشقا ھەرگىز سەل قارىماسلىقى كېرەك. مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئىت، توشقان، تۇرمۇنچۇق ۋە جىڭسىرلارنى باققان ئىدىم. توشقاننى سېتىش ئۈچۈن باققان بولساممۇ، توشقىنىم ھەر قېتىم تۇغۇپ، باللىرىنى ساتقىدەك بولغىچە، ئۇلار بىلەن ناھايىتى كۆپ ئوينىۋالاتتىم. تۇرمۇنچۇق ۋە جىڭسىرلار بولسا، پۈتۈن ئائىلىمىزگە ئىنتايىن چىرايلىق سايراپ بېرەتتى. بىر قېتىم مەن بىر ئىگىز دەرەخقە يامىشىپ چىقىپ، بىر قارا قۇشقاچنىڭ ئۇۋىسىدىن ئەمدىلا كۆزى ئېچىلغان بىر قۇشقاچ بالىسىنى تۇتۇپ چۈشتۈم. ھەمدە ئۇنىڭغا ئاغزىنى قايرىپ ئېچىپ يېمەك يىگۈزۈپ، ئاغزىنى قايرىپ ئېچىپ سۇ ئىچۈرۈپ، ئاشۇ يول بىلەن بېقىپ چوڭ قىلدىم. بۇ قارا قۇشقاچ مېنىڭ ئاشۇنداق بېقىشىم بىلەن ئۇچۇرۇم بولدى. ئەتىگىنى ئۆينىڭ ئالدىدا ئاياقتا ئۇماچ ئىچىۋاتسام، ئۇ قۇشقاچ بەزىدە ئۇچۇپ كېلىپ، ئاياقنىڭ قىرغىقىغا قونۇۋالاتتى. بەزىدە مەن سىرتتا ماڭغاندا، ئۇ قۇشقاچ ئۇچۇپ دەرەخقە قونۇپ، ئاندىن ئۇچۇپ كېلىپ مۈرەمگە قوناتتى. بۇنداق ۋاقىتلاردا مەن ئىنتايىن ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم. مەن ئۈچۈن بۇ بىر قولغا كەلتۈرگەن چوڭ غەلىبە ئىدى. مەن دوكتۇرلۇق ئوقۇۋاتقاندا بىز مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا تۇردۇق. بىزنىڭ ئۇ ياتاقلاردا ئائىلە ھايۋىنى بېقىشىمىزغا يول قويۇلمايتتى. بىر كۈنى قىزىم 3 دانە چۆجە كۆتىرىپ كەپتۇ. بىر ساۋاقدىشى بەرگەن ئىكەن. ئۇنى باقىمەن، دەپ چىڭ تۇرىۋالدى. بىز ئۇنىڭغا يول قويدۇق. بۇ چۆجىلەر بىر ئايغىچە بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىگە نۇرغۇن خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى. 1997-يىلى بىز ئۆي ئېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، باللىرىمىزغا بىر جۈپ توشقان ئېلىپ بەردۇق. نەچچە ئايدىن كېيىن بۇ توشقانلار 2 قېتىم تۇغۇپ، جەمئىي 18 توشقان بولدى. ئۆينىڭ ئارقا ھويلىسىنىڭ نەرىگە قارىساق توشقان. ئۇلار ئۆرە تۇرۇپ يەپ، ئارقا ھويلىدىكى خادىسىمان قارىغاي دەرىخىنىڭ ئاستىنقى قىسمىنى پاك-پاكىز يەپ بولدى. بىزنىڭ قولىمىزدىكى سەۋزىنى يېيىشكىمۇ ئۆگىنىپ كەتتى. سەۋزىنى كىچىك تايچە قىلىپ، ئىككى قولىمىزدا تۇتۇپ بەرسەك، توشقاننىڭ 16 بالىسىنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ يەيتتى. ھەر كۈنى مەكتەپتىن ۋە ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، توشانغا سەۋزە ياكى لەتىس (ئىنگلىزچە " Lettuce " بولۇپ، توخماقسەي تۈرىدىكى كۆكتات) بەرگىچە ھەممىمىز ئالدىراپ كېتەتتۇق. ئۇلار چوڭ بولغاندا، ئامېرىكىدا بۇ 18 توشقاننى بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن قىيىنغا توختىدى. ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى يېزىش ئۈچۈن بىر كىتاب يېزىشىم كېرەك. ئىشقىلىپ بىز ئۇ توشقانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىنى 2004-يىلى يازدا شىمالىي كالىفورنىيەدىن جەنۇبىي كالىفورنىيەگە كۆچۈپ كەلگىچە باقتۇق.

3)  بالىلارنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە  قاتارلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇش. ئامېرىكىنىڭ ھەر بىر ناھىيىسىدە 10-20 شەھەر بار. ھەر بىر شەھەرنىڭ ئۆز ئالدىغا بىردىن كوللېكتىپ باغچىسى ۋە كۇتۇپخانىسى بار. بۇ شەھەر باغچىسىدا ياش ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ياسالغان ھەر خىل تەنتەربىيە مەيدانلىرى بار. ئۇنىڭدىن باشقا، شەھەر ۋە شەخسىي شىركەتلەر ھەر يىلنى ئەتىياز، ياز، ۋە كۈز پەسلى قاتارلىق 3 مۇددەتكە بۆلۈپ، بالىلار ئۈچۈن ھەر خىل تەنتەربىيە گۇرۇپپىسىنى تەشكىللەيدۇ. بىر مۇددەتنىڭ ئۇزۇنلىغى 3 ئاي ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىش ئۈچۈن بىر ئاز پۇل تۆلەش كېرەك. پۇللا تۆلىسە، بۇنداق تەنتەربىيە تۈرلىرىگە ھەر قانداق ئادەم قاتنىشالايدۇ. مېنىڭ ئوغلۇم بۇرۇن  Hockey (مۇزنىڭ ئۈستىدە ئوينايدىغان توپ تۈرى) ۋە ۋاسكېتبول ئوينىغان. ھازىر بىر تەنتەربىيە سارىيىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئېغىرلىق كۆتىرىش، تېز سۇرئەتتە يۈگۈرۈش ۋە سۇ ئۈزۈش قاتارلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ. قىزىم بۇرۇن بالېت ئۇسسۇلى، پىيانو ۋە ئامېرىكىچە مەكتەپ ئۇسسۇلى قاتارلىقلارغا قاتناشقان. ھازىر تاغدا قار تېيىلىش (ئوغلۇممۇ تاغدا قار تېيلىيالايدۇ)، تاغقا چىقىش ۋە مۇشتلىشىش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. 1997-يىلى بىز ئەمدىلا ئۆي ئېلىپ (ئامېرىكىدا ئۆينى بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئالىمىز. شۇنداقتىمۇ، قەرز ئېلىش ئۈچۈن ئۆي پۇلىنىڭ دەسلەپكى٪ 5-20 تىنى ئۆزىمىز تۆلىشىمىز كېرەك)، بانكىدىكى پۇلىمىز قۇرۇقدىلىپ كەتكەندە، قىزىم سان فرانسېسكو شەھىرىدىكى بىر شىركەتنىڭ تېلېۋىزىيە ئارتىسلىكىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قاتنىشىشتا چىڭ تۇرۇۋالدى. بىر شەنبە كۈنى مەن قىزىمنى ئېلىپ، تەپسىلىي ئەھۋالنى ئۇقۇش ئۈچۈن سان فرانسېسكوغا باردىم. ئۇلار قىزىمنى تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا 2600 دوللار تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. مەن ئۇ پۇلنى تاپشۇردۇم. سەۋەبى، ئەگەر بىر ئادەم بىر ئىشنى قىلىپ سىناپ باقمىسا، ئۆزىنىڭ ئۇ ئىشتا قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. ئەگەر بىر ئىشنى قىلىپ كۆرمەيدىكەن، ئۇ ئىشنى قىلىش ئېھتىماللىغى نۆل پىرسەنت بولىدۇ. مەن قىزىمنى 2 ئاي ۋاقىت ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى كەچتە ۋە شەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بولۇپ 2 قېتىم ئاشۇ مەكتەپكە ئاپاردىم. ئوقۇش تاماملانغاندا، قىزىمنى رەسمىي تېلېۋىزىيە ئارتىسى تاللاشقىمۇ بىر قانچە قېتىم ئاپاردىم. ئەمما، قىزىم تاللىنالمىدى. ئامېرىكىدا تېلېۋىزىيە ئېلانلىرىغا قاتناشتۇرۇلىدىغانلار ئاساسەن ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك ۋە خەنزۇ، كورىيەلىك قاتارلىق ئاسىيالىقلار بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنى ئانچە تاللىمايدىكەن. لېكىن، شۇنىڭدىن كېيىن قىزىمنىڭ كۆڭلىدە بۇ جەھەتتە بىر ئارمان قالمىدى. ئۇ بىر قېتىم سىناپ باقتى. ئامېرىكىدىكى ئاق تەنلىكلەر نەچچە بالىسى بولسا شۇنچە بالىسىنى ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قاتناشتۇرىدۇ. باشلانغۇچتا بالىلىرى بار ئانىلار ئاساسەن ئىشلىمەي، بالىلىرىنى مەكتەپكە، مەكتەپتىن كېيىن يۇقىرىقىدەك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە توشۇش بىلەن ئۆتىدۇ. ھەر شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بالىلىرىنى يۇقىرىقى تەنتەربىيە گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەرگە ئاپىرىدۇ. بالىلىرى مۇسابىقە ئوينايدۇ. ئۆزلىرى بولسا تاماشا كۆرىدۇ. بۇ ئىش ئاق تەنلىكلەر ئارىسىدا خېلىلا ئومۇملاشقان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاق تەنلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بالىلىرى 10 نەچچە ياشقا كىرگەندە، ئۇلارنى ئىنتايىن چىڭ تۇتىدۇ. دەم ئېلىش كۈنلىرى كەچتە دوستىنىڭ ئۆيىگە بارماقچى بولسا، ئاتا-ئانىلار "كىمىڭ ئۆيىگە بارىسەن؟ نىمە ئىش قىلىسىلەر؟ ئۇ دوستۇڭنىڭ تېلېفون نومۇرى قانچە؟ سائەت قانچىدە قايتىپ كېلىسەن؟ كەچ سائەت 10 ياكى 11 دىن كېيىن قالساڭ قەتئىي بولمايدۇ" دېگەن سوئاللارنى سورايدۇ ۋە ئۆزى بەلگىلىگەن تۈزۈمنى بالىسىغا تاپىلايدۇ. ئارىلىقتا بالىسىنىڭ دوستىنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلىپ، بالىسىنىڭ ئۇ يەردە راست بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلىدۇ. بالىسى ئۇ يەردە ياكى كىنوخانىدا كىنو كۆرمەكچى بولسا، قايسى كىنونى كۆرسە بولىدۇ، قايسىنى كۆرسە بولمايدۇ، ئۇنى بەلگىلەپ بېرىدۇ. دوستىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىگىسىمۇ بۇ ئىشنى نازارەت قىلىدۇ. مەسىلەن، مېنىڭ قىزىم بىزنىڭ ئۆيگە بىر دوستىنى باشلاپ كېلىپ، بىرەر DVD كىنوسىنى بىرگە كۆرمەكچى بولسا، بىز ئۇ قىزدىن "ئاتا-ئانىڭىزدىن بۇ كىنونى كۆرۈشكە رۇخسەت ئالدىڭىزمۇ؟" دەپ سوراپ باقىمىز. بۇ جەھەتتە يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ناھايىتى ئارقىدا قالغان. سىز ھەپتىمۇ-ھەپتە، ئايمۇ-ئاي، يىلمۇ-يىل ھەر شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى توي، نەزىر، ئولتۇرۇش قاتارلىقلاردا يۈرگەندە، ئۆيدە قالغان بالىڭىزنىڭ نەدە، كىم بىلەن، نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى بىلەمسىز؟ بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۆزىڭىزنىڭ بالىلىرى بىلەن قانچە شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىنى بىرگە ئۆتكۈزۈپ باقتىڭىز؟ ھەقىقەتەن توي-ئولتۇرۇشلار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆيىڭىزدە بالىلىرىڭىز بىلەن بىرگە بولغان بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆپ كۆڭۈللۈك بولىدۇ. توي-ئولتۇرۇشلار كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى. بالا تەربىيىلەش بىر جاپالىق ئىش. لېكىن، بالىغا ئوبدان قارىماي، بالىنى ئوبدان تەربىيىلىمەي، بالا يولدىن ئېزىپ، ئاق چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىپ ياكى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ، تۈرمىگە كىرىپ قالغاندا، يەنىلا ھېلىقى توي-ئولتۇرۇشتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك خۇشال-خورام، بەختلىك ئۆتەلەيدىغان ئاتا-ئانىلاردىن بىرەرنى كۆرۈپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ دۇنيادا ئۇنداق ئاتا-ئانىنى ئاساسەن تاپالمايسىز. مىللەتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەشتىن باشلاش كېرەك. بالىلارنى ياخشى تەربىيىلەش ئۈچۈن، ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ھەشەمەتلىك توي-تۆكۈن، چاي-ئولتۇرۇشلارنىڭ سانىنى زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكەندەك، ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بالىلار ئەڭ مۇھىم. بالا سىلەرنىڭ بارلىقىڭلار. مېنىڭ بىر يېقىن يەھۇدىي دوستۇم بار. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا، دادىسى مائاشى يۇقىرى ئەمەس خىزمەتتىن ئىككىنى ئىشلەپ، ئوغلىنى باكالاۋرلىق ئۈچۈن يىلىغا 30-40 مىڭ دوللار ئوقۇش پۇلى تۆلەيدىغان، دۇنيا بويىچە 4-5- ئورۇندا تۇرىدىغان MIT ئۇنىۋېرىسىتېتىدا ئوقۇتۇپتۇ. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن كالفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ Berkeley شۆبىسىدە ئوقۇتۇپتۇ. يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ھەممە ھالاۋەتتىن ۋاز كېچىپ، بالىلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مەكتەپلەردە ھەمدە دۇنيادىكى ئەڭ قىيىن كەسپلەردە ئوقۇتقاچقا، ئۇلار ھازىر مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇ دۇنيانى سوراۋاتىدۇ. ھازىر ئىسرالىيە ئاھالىسىنىڭ٪ 25 تى ئىنژىنېر ئىكەن. ياپونلۇق ئاياللارنىڭ خىزمەت قىلماي، بالىلىرىنى قانداق باقىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز. شۇڭا ئۇلار ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيانى سوراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بۇ جەھەتتە ئويلىنىشى كېرەك. قاتتىق ئويلىنىشى كىرەك. ھەمدە دەرھال ئويغىنىشى كېرەك.

(جەمى 12 بۆلۈم. داۋامى بار)


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش