مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 622|ئىنكاس: 3

ھايات(كۆرەش114) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 01:37:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . تورداشلار مەندىن سىلەر گەئوتلۇق سالام (كۆرەش114)
ھايات ئىنسانغا ،بۇدۇنيادا بىرلانىسىپ بۇلىدىغان ،ئاللاھنىڭ نىممىتىنىڭ بىر تۈرىدۇر.ھايات ئىنساننىڭ ئىنتاھان مەيدانىدۇر،ھايات يەنە بەيگە مەيدانىدۇر ،بۇ قىسقا ھاياتىڭداسەن نىمىلەرنى قىلدىڭ يەنە نىمىلەرنى قىلىشنى ئويلاشتىڭ. ھەرقانداق بىر جان ئىگىسى ،ھاياتلىقنىڭ ھۇزۇر ھالاۋىتىنى سۈرۈشكە ھۇقۇقلۇق ،لىكىن ھەركىمنىڭ ھاياتلىق چۈشەنچىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن، ھاياتلقتىكى ھۇزۇر ھالاۋىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .بىز بۇيەردە ھاياتلىقنى قانداق قەدىرلەش ،قانداق پايدىلنىش ،قانداق ياشاش توغرىسىدا توختالماقچى .ھايات ئىمتان مەيدانىدىكى ۋاقىتتۇر .ساڭا بۇبىرىلگەن قىسقا ۋاقىىتتا شۇ ساڭابىرىلگەن سۇئالغاجاۋاپ بىرىشىڭ كېرەك،توغرا جاۋاپ بىرەلىسەڭ سائادەت سىنى كۈتىدۇ .،ئەگەر توغرا جاۋاپ بىرەلمىسەڭ سەن تۈگەشتىڭ سىنى قۇتقازغۇچى بولمايدۇ ،ساڭا قايتا ئىمتاھان بىرىش پۇرسىتى بىرىلمەيدۇ ،چۇنكى ھاياتلىق ئىنسانغا بۇئالەمدە بىر قېتىملا نىسىپ بۇلىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇقىسقا ھاياتلىقىڭدا سۇئالغا جاۋاپ يازغاچ تۇر،جاۋاپ يىزىشقا ئۈلگۈرەلمەي قېلىشتىن ھەزەرقىل.ھاياتلىقنىڭ داۋامى ھەرقانداق ۋاقىت سائەتتە ئاياقلىشىش مۇمكىن .بۇچاغ سىنىڭ ھاياتىڭ ئاخىرلاشقان ھەم پۇرسىتىڭ تۈگۈگەن چاغ بۇلىدۇ .بۇچاغدا سەن كىچىككەن بۇلىسەن .سەن قايتا بىر دۇنياغا كىلىپ قالغىنىڭنى بىلىسەن .ساڭا بۇ چاغدا ئەس قاتىدىغىنى،شۇ قەغەزگە يازغىنىڭ بۇلىدۇ ،،(بىز ،شۈبھىسىز،ئۈلۈكلەرنى تىرىلدۇرۇمىزئۇلارنىڭ(دۇنيادا)قىلغەن(ياخشى يامان)ئەمەللىرىنى خاتىرلەپ قۇيمىز ،ھەممە شەيئىنى رۆشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا)تۇلۇق خاتىرلەپقۇيمىز )سۇرە ياسىن36-12ئايەت
ھاياتلىق، بەيگە مەيدانىدۇر ،سەن ھاياتلىقىڭدا باشقىلاربىلەن بەيگىدە سەن.ئازراقلا كەينىدە قالساڭ سىنىڭ تارتقان جاپالىرىڭ تۈگەنلا يوق بۇلۇدۇ.سەن ھاياتىڭدا ئالغا ئىنتىلىدىغان،ئۈزۈڭگە تامامى ئىشىنىدىغان،قەيسەر روھ يىتىلدۈرمىسەڭ سەن بۇ بەيگىدىن شالىنىپ كىتىسەن .بۇ چاغدا ھاياتىڭنىڭ قىممىتى بولمايدۇ. ھاياتىڭدا ئۇتىمەن دەيدىكەنسەن ،چۇقۇم،ئۈزۈڭگە ئىشىنىش روھى بۇلۇشى كىرەك .شۇنداق بولغاندىلا بۇ بەيگىدە ئۇتۇپ چىقالايسەن.(رەببىمىز ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز) سۇرە پاتىھە5-ئايەت
سەن بۇ قىسقا ھاياتىڭدا نىمىلەرنى قىلدىڭ.بۇ سەن ،مەن ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك مەسلە.سەن يولدا كىتىۋېتىپ، باشقىلارنىڭ يۈكلىرىنى كۈتۈرۈشۈپ بەردەڭمۇ؟.ئاپتۇزلاردا ياشانغان ئاجىز كىشلەرگەئۇرۇن بەردىڭمۇ،؟غېرىپ ئاجىزكىشلەرنى پات-پات يوقلاپتۇردۇڭمۇ؟ئاتا-ئاناڭغا ياخشىلىق قىلدىڭمۇ؟پەرزەنتلىرىڭ ۋە ئەھلى ئاياللىرىڭغا توغرا يولدا يىتەكچى بۇلالىدىڭمۇ؟ئۇلارنىڭ توغرا يۆلنۈشتە تەربىلىيەلىدىڭمۇ؟مانا سىنىڭ ھاياتىڭدا كىچىك سانالغان لىكىن ھاياتلىقنىڭ قىمىتىنى ئاشۇرۇدىغان، مۇشۇنداق ئىشلارنى ئۈزۈڭگە ئادەت قىلالىدىڭمۇ؟دىمەك .ھاياتلىقتا ياخشى ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ ئۈلگۈر، كىيىن ھەسرات چىكىشكىمۇئۈلگۈرمەي قالىسەن.(ئىمان ئىيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كەلسەك،ئۇلارنىڭ قارار گاھى جەننەت بۇلىدۇ(ئۇ)ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى مۇكاپاتلاش يۈزىسىسدىن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلانغان جايدۇر) 32سۆرە سەجىدە19-ئايەت .
ھاياتىڭدا يەنە نىمىلەرنى قىلىشنى ئويلاشتىڭ.چۇقۇم سەندە ياشاش ئۈچۈن توغرا بولغان نىشان بۇلۇش كېرەك ،سەن بۇنىشاننى بەلگىليەلىدىڭمۇ يوق.ياكى باش ئاخىرى يوق يوللاردا يۈردۈڭمۇ،چۇقۇم سەندە توغرا بولغان نىشان بۇلۇش كېرەك .سەن شۇنىشانىڭدا توختىماي ئالغا ئىلگرلەش روھىنى يىتىلدۈرەلىدىڭمۇ؟ھاياتىڭنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا سەن ياخشى ئارزۇ ئارمانلارنى قەلبىڭگە پۈكتۈڭمۇ يوق؟چۇقۇمكى ھاياتىڭنى تۇلغۇن سۇدەك ئۈتكۈزمە.توغرا نىشان ،توغرا يولدا پىلانلىق داۋاملاشتۇرغىن .شۇندىلا ھاياتىڭ مەنىلىك ھەم بەركەتلىك بولغۇسى .
ھاياتلىق ئىنسانلارغا بىرىلگەن كىچىككىنە بىرنىممەت .سەن ھاياتىڭدا نىمە ئىشلارنى قىلىپ قايسى ئۇسۇل بىلەن ھاياتنىڭ ھۇزۇر ھالاۋىتىنى سۈرۈش ئۇ ئۈزەڭنىڭ ئىشى .چۇنكى بۇھاياتلىق ساڭا بىرىلگەن مەلۇم بىر مۆھلەت خالاس .لىكىن ھەربىر ئىنسان مۇشۇ ھاياتلىقنى ئاپرىدە قىلغان ،يوقلىقتىن بارقىلغان جانابى ئاللاھنىڭ بەلگىلاپ بەرگەن چەك -چىگرىسى ئىچىدە تۇرىمىزمۇ ياكى ئەكسىچە قىلىمىزمۇ .نىمە ئۈچۈن بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان مۇشۇ قىسقا ئەمما بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم بولغان بۇھاياتنى قەدىرلىمەيمىز ،نىمە ئۈچۈن دىگەن سۇئالنى ئۈزۈمىزگە قۇيۇپ باقمايمىز .ئەجبا مۇشۇ ھاياتلىقنىڭ سورىقى بۇلىدىغىنىغا شەك قىلامسەن ،ياق چۇقۇم مۇسۇلمان دەپ ئىتراپ قىلغان بىر ئىنسان شەك قىلمايدۇ  ھەم شەك قىلىشقىمۇ پېتىنالمايدۇ.دىمەك چۇقۇم سورىقى بۇلىدىغان بۇھاياتنى قەدىرلەش،بۇھاياتتا جانابى ھەق بۇيرىغان ئىشلار بىلەن ،ھاياتىمىزنى زىننەتلىشىمىز كىرەك ،ھاياتىمىزنى مەنىسىز پايدىسىز ئىشلار بىلەن خورۇتۇپ.ۋاقىت زاياقىلىپ ھاياتىڭغا ئىكەك سالما دوستۇم .ھايات ئىكەكلىرى ،تاماكا ،ھاراق ،قىمار ،بۇزۇقچىلىق،يالغانچىلىق ،،،،،قاتارلىقلاردۇ .بىلىپ بىلمەي يۇقارقىدەك ئىكەكلەر بىلەن ھاياتىڭغا ئىكەك سېلىپ قالغان بولساڭ  ئاللاھدىن مەغپىرەت تىلەپ تۆۋە قىلىپ  يانغىن .بۇ ئالەم بۇھاياتلىق سىنىڭ ئەسلا مۈلكۈڭ ئەمەستۇر ،سەن بۇنى بىلىپ قوي .سەن يارالغۇچى ،ياراتقۇچى ئەمەسسەن ،ساڭا ئامانەت بولغان بۇ ھاياتنى قەدىرلەشنى بىل .چۇقۇمكى سەن قىلغان خاتالىقىڭدىن سورىلىسەن .ھاياتنىڭ ئىكەكلىرىدىن يىراق تۇر .ئاتا -ئاناڭغا قارا، پەرزەنتلىرىڭگە قارا.ئۇلارنىڭ ھاياتلىرىمۇسەن تۈپەيلى خارلانمىسۇن ،
ھاياتىڭنىڭ زىننەتلىرى، ناماز ئۇقۇش ،باشقىلارغا سىلە رەھىم قىلىش ،ياخشى سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلىتىش .،،،،،،قاتارلىقلاردۇ ر .ھاياتىلىقنى قەدىرلەپ غەپلەتتىن يىراق تۇر .ئ
ئۆز ھاياتىڭدىن ئۈكۈنمەيدىغان بول . باشقىلار سىنىڭ ھاياتىڭدىن پەخىرلەنسۇنۇ ،لىكىن زارلانمىسۇن،
                                            ھاياتلىق گويا بىر قەلەمدۇر قەلەم
                                         بۇ ئالام گويا بىر دەپتەر مىسالى
                                        توشقازغىن دەپتەرنى ياخشىلىق بىلەن
                                        يازغىنىڭ سەن ئۈچۈن بولمىسۇن ئەلەم،
    ئۈرۈمچى  2012-12-06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kurax114 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-6 01:43 AM  



تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-6 09:21 AM):
دسد

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1420
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15289
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3622 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 04:01:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا ياشىغانكەنمىز -چوقۇم بىز بۇ دۇنياغا نىمىگە كەلدۇق؟ يەنە نىمىگە كىتىمىز؟ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قانداق جاۋاپلار بىلەن بارىمىز؟ بۇ ھاياتىمىزدا قانداق قىلغاندا ئۆزىمىزگە مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان نۇرنى ھەمرا قىلالايمىز؟ دىگەنلەرنى ئويلىشىمىز كېرەك. ئازغان بەندە قانداق بولىدۇ؟ ھىدايەت قىلىنغان بەندە قانداق بولىدۇ ؟ بۇلارنىڭ پەرقىنى بىلىشىمىز ھەم پەرىقلەندۈرىشىمىز ،ياخشى ئىش قىلىشقا ئادەتلىنىشىمىز كېرەك!

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 555
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8794
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1275 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 10:49:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   سىزگىمۇ چڭراقپايدىن سالاملار بولسۇن!...ئەسلىنىشتىن يىراق، ئۇنتۇلۇشقا يېقىن بىزدەك مۇنبەرداشلىرىڭىزنى ئاللاھنىڭ كالامى بىلەن،....ھاياتلىق،دۇنيا ...ۋە بىزنىڭ ياشاش مىزانىمىز....ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغۇنىڭىزغا كۆپ رەھمەت!

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.
153 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-9 04:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش