|
|
|
|
ئەسسالام ئەلەيكۇم ،مۇنبەر ئەھلى،تېنىچ-ئامان تۇردۇڭلارمۇ؟ كەمىنىدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام! مەرىپەتپەرۋەر، ئەل سۆيەر شائىرىمىز ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەم مەرھۇمنىڭ (ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!) 《ئويغان》،《ئايرىلمىغىل》 ناملىق شېئىلىرى ھەممىزگە يات ئەمەستۇر دەپ ئويلايمەن،تۆۋەندىكى شېئىرىم ئارقىلىق، يۇقارقى شېئىرلارنىڭ گۇڭگا سىماسىنى ئەسلىتەلىسەممۇ ياكى ئاز-تۇلا ئىستىتىك زوق بېغىشلىيالىساممۇ ،ئەجرىم بىكار كەتمىدى دەپ ئويلايمەن،كۆپلەپ پىكىر -تەكلىپ بېرىشىڭلەرنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن!
قىلمىغىل
سۈبھى كۈلدى خېلىدىن ،غەپلەت ئۇيقۇدا ياتمىغىل،
ئەسىر بۇلۇپ چۈشلەرگە ،كۆپۈك خىيالغا باقمىغىل.
چېلىپ بەرسە ئۆزگە داپ، چاڭ كەلتۈرۈپ ئۇسۇلنى،
شەھەر ئېلىپ ئاغزىڭدا ،قۇرۇق سۆزلەر ساتمىغىل.
ئۇچۇپ كەلسە ئاي پالتا ،جان قايغۇدا ئەل بۇلۇپ،
سېپى بۇلۇپ پالتىنىڭ ،يىلتىزىڭنى چاپمىغىل.
رەشك ئوتىدا پۇچۇلنۇپ ،قان تولدۇرۇپ كۆزۈڭگە،
دوست-يارەنلەر پۇتىغا ،تىكەن بۇلۇپ پاتمىغىل.
ئىناقلىقتىن تىكلىنەر ،بەخت-تەخىتنىڭ بىناسى،
ئول بىنانىڭ ئۇلىدىن ،لەخمە كولاپ چاقمىغىل.
رەڭلىك بۇياققا ئورۇنۇپ ،يۇقاتقانچە ئەسلىڭنى،
ئېقىنىدا مودىنىڭ ،دولقۇن ياساپ ئاقمىغىل،
مەرىپەتنىڭ نۇرىدىن ،پارلاق گۈزەل ئەتىمىز،
ئىمان-بىلىم يورۇقتىن، شەپەرەڭدەك قاچمىغىل.
___ فەرۇق مۇڭشېئىرى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kax-tax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 10:58 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-6 10:45 PM):
___ فەرۇق ئابلېكىم
|
|
|
|
|
|