پاكلىق جىلۋىسى
مەن مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان پاك قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىردىن ساڭا ئورۇن بىرىپ،ھاياتنىڭ ئەگرى-بۈگرى يوللىرنى بىرگە بېسىپ، ئاداققى بىللە ياشاپ قۇچىقىڭدا جان بىرىشكە ھەر ۋاقىت تەييار ۋە رازى.
ھەر ۋاقىت ۋىجدان-غورور قەلبىمنىڭ مۇستەھكەم پۇلات قورغىنى ۋە گۇۋاچىسى بۇلۇپ ،ھەر بىر دەقىقەمدە ھەر بىر تىنقىمدا ساڭا ۋاپادار بۇلۇپ ياشاش،مېنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىم ۋە ئارزۇ-ئارمىنىمدۇر.
شادلىق ئۈچۈن ئازاپ چىكىپ قالغىنىمدا ،ئۆز-ئۆزۈمگە سەۋرى تاقەت قىل،بەخىت مېيۋىسى ھەرۋاقىت شىرىن بۇلۇۋەرمەيدۇ .ئازاپ تارتىش كەلگۈسى گۈزەل تۇرمۇشنىڭ باشلىنىش قەدمىدۇر دەپ ،بەخىت تۇيغۇسقا چۈمىمەن.
ئىنسانغا مېھرى-مۇھەببەت دىلغا ھوزۇر بەرگۈچى بىر يىقىملىق مىلودىيە،قەلىب خانە سۆيگۈ قەسرىنىڭ مەزمۇت تۈۋرىكى.قەلبىم مۇشۇ مۇڭلۇق مىلودىيەنى ئاڭلاپ بەخىت تۇيغۇسقا چۈمىدۇ.
چاقماق تىزلىكىدە ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر دەقىقىلەر قەلىبكە سۆيگۈ ئەلبۇمى، ئۇنتۇلماس شېرىن كۈنلەر كۆڭۈل خاتىرسىنىڭ ھەر بىر ۋارىقىغا مېھرى-مۇھەببەتتىن داستان يېزىپ،ئەڭ تاتلىق شېرىن ئەسلىملەرنى قالدۇردۇ.قەلىب مۇڭسىراپ قالغاندا بۇ شىرىن ئەسلىمە قوينىغا چۆكۈپ ئۈمۈد نۇرىغا بۈلۈنىدۇ.
مەن ھاياتىمدا ئىمان-ئىتقات، ھايا -پەدىشەپلىك ياشاشقا ئىنتىلىمەن.چۈنكى قىزلارغا ھايا-پەدىشەپلىك ،ئەخلاقلىق بۇلۇش ئۆز گۈزەللىكنى پاكلىقنى قوغداشتۇر.
مەن ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرۈمگە ئۈكۈنمەي،كەلگۈسى ئەتەم ئۈچۈن تىرشىمەن.چۈنكى بۈگۈن ئۆتۈپ كەتتى.ئەتىگە ئۈمۈتۋارلىق بىلەن قارغاندا،ئادەم قەلبىدە نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمانلارنى قىلىپ،ھەر بىر تاڭنى پەخىرلىنىش ئىچىدە كۈتۋالىدۇ.
ئادەمنىڭ ئۆمرىدە ئەڭ ئۇنتالمايدىغىنى،سەبى چاغلىرى بىلەن ياشلىق چېغى بولسا كىرەك.سەبى چاغلىردا غەم-غۇسسىز ئەركىلەپ ياشاپ تۇرمۇشنىڭ قايناملىردىن يىراق بولغان بىلەن،ياشلىققا قەدەم باسسا نۇرغۇن ئارزۇ-ئارمان ۋە، مۇھەببەتنىڭ تاتلىق ھىسلىرى قەلىبتە ئويناقشىپ ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى تەقدىم قىلىدۇ. ئاشۇ ھەر بىر قۇتلۇق مىنۇتلار ئادەمنىڭ ھايات سەھىپىسىگە مەڭگۈ ئۆچمەس خاتىرلەرنى قالدۇردۇ.
بەخىت كۈلمەكتە قەلبىمدە ۋىلىقلاپ
بەخىت كۈلمەكتە قەلبىمدە ۋىلىقلاپ،
مېھرىنىڭ سۈيىدە سۇغۇرۇپ ھەردەم.
ئۈمۈدىم گۈللىرى ئاچماقتا چىچەك،
سەن بولغاچقا قېشىمدا مېنىڭ ئەركەم.
ئاۋازىڭ بۇلبۇلدەك يىقىملىق شۇنچە،
چاقىرساڭ خوشلۇقتىن يايرايدۇ يۈرەك.
گاھىدا كۆزۈم ياش مۇڭلىنىپ قالسام،
بەزلەيسەن مېھرىڭدە بۇلۇپ يار يۈلەك.
چېھرىڭدىن تۈكۈلۈپ تۇرغاچقا مېھىر،
روھىمدا ئۇرغۇيدۇ ئارمان ھەسسىلەپ.
ھەربىر قەدەم دەقىقەڭدە ھەمراھ بۇپ،
مېھرىمدىن گۈل تۇتاي ساڭا دەستىلەپ.
رولچىسى بولغىن بۇ ھايات يۇلىمنىڭ،
مېھرىڭدە يول باشلاپ ماياكتەك ھەردەم .
سېنىڭ مەدىتىڭ تەۋرەنمەس مادارىم،
جاپالىىق يوللارغا باسقاندا قەدەم.
سەن ئۈچۈن بىرگۈزەل تەبىئەت بولسام،
يايرىساڭ مەنزىرنى كۈزۈتۈپ شۇنچە.
قۇياشتەك مېھرىڭدىن زوق ئېلىپ مەڭگۈ،
ياشىسام ئۇلۇغۋار ئارزۇ-تىلەكتە.
مەنبە قەلىمىم