|
|
|
|
ئىلگىرى ئېزىزوپ قاسىمنىڭ "ئۇرۇش ۋە قۇماندان(http://www.lopnuri.com/?p=2430)"ناملىق كىتابىنى ئېلكىتاب قىلىپ ئىشلىگەن ئىدىم. بۇ كىتابنى ئىشلەش جەريانىدا ئۇنىڭ 1984-يىلى يازغان "مارشال ئىلھامى"ناملىق يەنە بىر ئەسلىمىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئۇقتۇم. "ئۇرۇش ۋە قۇماندان"دېگەن كىتابقا بەك قىزىقىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن،ئاپتۇرنىڭ بۇ كىتابىنىمۇ بىر كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى. دائىم كىتاب بىلەن ھەپىلىشىدىغان دوستلىرىمدىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسام، ھېچكىمدىن چىقمىدى. بىر كۈنى ئوبلاستلىق كۈتۈپخانىغا بارسام، بۇ كىتاب تاسادىبى ھالدا ئۇچىراپ قالدى. كىتابنىڭ ھەجىمى ئانچە چوڭ ئەمەس ئىكەن. تېز سۈرئەتتە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. بۇنىڭدا ئاساسلىقى،ئاپتۇرنىڭ مارشال پىڭ دوخۇەي بىلەن كۆرۈشۈش جەريانى، ئاتلىق قىسىمدا مەشىقلىنىش ۋە چىگرانى قوغداش مەقسىتىدىكى بىر قېتىملىق جەڭلەرگە قاتنىشىش جەريانى سۆزلەنگەن ئىكەن. بۇ كىتاب گەرچە ئۇنىڭ ئۇرۇش ۋە قۇماندان"ناملىق كىتابىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر قايسى جەھەتلەردە ئانچە ۋاي دەپ كەتكۈدەك يەرلىرى بولمىسىمۇ، بۇ كىتابنى كۆرۈش ئىستىكىمنىڭ قانغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ يەنىلا خۇش بولدۇم. ئىشقىلىپ، بۇ كىتاب كونا كىتاب بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا بىزنىڭ بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.
كىتاب مۇقاۋىسى:
كىتاپتىكى بىر نەچچە قىستۇرما سۈرەتلەر
كىتابنى چۈشۈرۈش مەنزىلى: http://www.lopnuri.com/?p=2653
ئاللاھ خالىسا،كېيىنكى قېتىم ھۇزۇرۇڭلاردا بولىدىغىنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىننىڭ "شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل سەنئىتى"ناملىق كىتابى بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا لوپنۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 09:24 PM
|
|
|
|
|
|