ئۆچىرەتتە تۇرۇشنىڭ بۇرۇنى،ۋە بۈگۈنى
(ئەتىسى قانداق بولىدۇ بۇنى ئېگىسى بېلىدۇ)
ئۆچىرەتتە تۇرۇش ھازىر جوڭگۇ جەمىيىتىدە باش ئاغرىتىدىغان ھەم ساقلانماق تەس بولغان بىرخىل ھادىسە. بولۇپمۇ سىز ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كەلگەن ۋاقىتتا سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆچرەت ساقلىماي قالمايسىز.دەۋىرنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆچرەتتە تۇرۇشنىڭ شەكلى ئۆزگەرمىدى،بىراق ئۇنىڭ مەزمۇنى بىلەن كەيپىياتىدا زور ئۆزگۈرۈش بولدى.جوڭگۇ خەلقى نورمىغا تايىنىپ قوساق باقىدىغان دەۋىرلەردە خەلق ئازغىنە گۆش،بىر كېسىم پۇرچاق ئۇيۇتمىسى،بىرنەچچە كۇرۇپكا سەرەڭگە ئۈچۈن كېچە-كۈندۈزلەپ ئۆچىرەتتە تۇراتتى.نەرسە يەتسىغۇ ياخشى كۆپسانلاردا ھېچنىمە ئالالماي قايتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئېدى. ھازىر ئۇنچىۋالا ئېغىر بولمىسىمۇ يەنىلا سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆچرەتتە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
1984-يىلى كۆكتات ئېلىش ئۈچۈن ئۆچراتتە تۇرۋاتقانلار.
1984-يىلى بانكىنىڭ <<مۇكاپاتلىق پۇل قويۇش >>پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلار.
1991-يىلى تىلىفۇن ئورنىتىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلار.
1996-يىلى ماگىنىتلىق كارتا سېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلار( ساقلاش مودىغا ئايلانغان)
1997-يىلى پايچەك بازرىدىكى ئۆچرەت ساقلىغۇچىلار.
2002-يىلى تاۋار ئۆي ماتىرىيالىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۋاتقانلار.
2003-يىلى چولپانغا ئىمزا قويدۇرغۇزۋاتقان چوقۇنغۇچىلار.
2004-يىلى دۆلەت مەمۇرلىقىغا تىزىملىتىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۋاتقانلار.
2008-يىلى ئولۇمپىك خاتىرە پۇلىنى سېتىۋىلىش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلار.
2010-يىلى دۇنيا يەرمەنكىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۆچرەت ساقلاۋاتقانلار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qidax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 08:40 PM