ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور ئىشتىراكچىلىرى .تور بېكىتىمىز قۇرۇلغان 3 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ،مىسرانىمنى قوللاپ ،مىسرانىم ئۈچۈن ھاردىم تالدىم دېمەي مەزمۇن قوشۇپ كېلىۋاتقان جاپاكەش مۇنبەر ئەزالىرى ،تور يازغۇچى دوستلىرىمىزنى قوللاش ،ئۇلارغا مىسرانىم نامىدىن ئەسلىمە قالدۇرۇش ئۈچۈن مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتى ،ماددىي بويۇم مۇكاپاتى تەسىس قىلدۇق،
تورداش دوستلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشنى ئۈمۈد قىلىمىز،شۇنداقلا مۇنبەردىكى نوپوسلۇق ئەدەبىياتچى،يازغۇچى تورداشلارنىڭ بىز بىلەن پائال ماسلىشىپ،ئەسەر باھالاش ئىشلىرىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشنى ئۈمۈد قىلىمىز.
ئەسەر تاللاش شەرتلىرى:
بىر ئادەم پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئەسەر قاتناشتۇرۇشقا بولىدۇ،ئارتۇقى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە يوللانماسلىقى كېرەك
1-مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر چوقۇم ،مىسرانىم مۇنبىرى،مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلىرى سەھىپىسى(يېڭىدىن ئېچىلغان)غا ،يوللىنىشى كېرەك.
2-قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەر ئەدەبىيات تۈرىنىڭ ھەرقانداق تۈرى بولسا بولىدۇ،رەسىم لاھىلەش،ياكى كومپىيۇتىردا مەلۇم يۇمشاق دېتاللارنى ئىجاد قىلسىمۇ بولىدۇ
3- قاتناشتۇرماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئىملاسى توغرا ،مەزمۇن ياخشى تاللانغان بولىشى كېرەك،
4- ئىجادىي تىما بولىشى كېرەك،باشقا يەردىن كۆچۈرگەنلىكى بايقىلىپ قالسا مۇۋاپىق چارە كۆرۈلىدۇ.
5- ئىجادىي تىمىدىن سىرىت ،تەرجىمە ماقالە، ئىلمىي ماقالە ئەسەرلەرمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.،
6- ئەسەر چوقۇم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتى ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن يوللىنىشى كېرەك.
7- ئەسەر يىغىش ۋاقتى 8-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 16- كۈنىگىچە.
8-نەتىجە 12- ئاينىڭ 3- كۈنى چىقىدۇ،12-ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن،بارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ مۇكاپاتى تارقىتىلىپ بولىدۇ.ھېچقانداق كىرا،ياكى باشقا ھەقلەر ئېلىنمايدۇ.
9-ئەسەر يازغۇچى چوقۇم ئەسىرىنىڭ ئاستىغا <مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە> سۆزىنى قوشۇپ قويۇشى كېرەك.
10-ئەسەر چوقۇم يېڭى،باشقا ھەرقانداق جايغا يوللانمىغان بولىشى كېرەك.(بۇرۇن يازغان ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنمايدۇ)
11- داۋامى بار،مەزمۇنى پۈچەك بولغان ھەرقانداق تىمىنىڭ بۇ ئورۇنغا يوللىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ
تورداش دوستلارنىڭ قوللىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز،شۇنداقلا ھەجىمى چوڭ ئەسەرلەرىڭ بارلىققا كېلىشى ئۈچۈن مەزكۇر پائالىيەتكە 3 ئاي ۋاقىت بېرىلدى.
1-دەرىجىلىك مۇكاپات 1 نەپەر
مۇكاپات بويۇمى:
مۇكاپات بويۇمى رەسىمى
2-دەرىجىلىك مۇكاپات 2 نەپەر
مۇكاپات بويومى
مۇكاپات بويۇم رەسىمى
3-دەرىجىلىك مۇكاپات 3 نەپەر
مۇكاپات بويۇمى
مۇكاپات بويۇم رەسىمى
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى 5 نەپەر
مۇكاپات بويومى ھەر بىر ئەزاغا 20 يۈەندىن يانفونغا قىممەت تولۇقلاپ بېرىش
مۇكاپات سوممىسى گەرچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسىمۇ تورداش دوستلارنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز
مىسرانىم تور بېكىتى
مىسرانىم مۇنبەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2010- يىلى 8- ئاينىڭ 15- كۈنى
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇلدى