مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2267|ئىنكاس: 39

دادا بۇ سىزمۇ؟! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88118
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 04:40:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دادا،بۇسىزمۇ؟!

                                 
- ئاھ خۇدا !،  كىچىك تىندى ئاپام ۋە مىنى يىنىغا چاقىردى.
- سۆزۈم ئاخىرلاشقۇچە ماڭا ئاچچىقلانماسلىققا،سۈكۈت ئىچىدە ئاڭلاشقا ۋەدە بىرىڭلار،سىلەردىن ئۆتۈنەي....  -دىدى،ئاپام.
مەن ئاپامنىڭ قورسىقىغا بىشىمنى قويۇۋالغان ئىدىم، داداممۇ بىر ئۇھ تارتىۋىتىپ باش لىڭشىتتى ۋە مونداق دىدى:
- پەقەت سەن خاتىرجەم بولساڭلا، بىزدىن رازى بولساڭلا بولدى.
- قىزىم ئىددىيڭېزدە تەييارلىق بولسۇن، ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ، بىز سىزنى قايسى بىر پاراۋانلىق ئورنىدىن ياندۇرۇپ ئېپ كەلگەن، ئۆز قىزىمىز ئەمەس،مۆمكىن بولسا بۇ  سىرنى ئۆزۈم بىلەن بىرگە ئۇ ئالەمگە ئېپ كەتكۈم بار،بىراق سىز دىگەن بىر نارسىدە قىز، مىنىڭ ساددا،ئەركە،پاك-غۇبارسىز قىزىم، بىلمىسىڭېز بولمايدۇ...
- ئاھ ، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەندەك بولدۇم،خۇددى بىرسى بىر مۇش سالغاندەك،كۆزۈمدىن ئوت چاقناپ كەتتى،كۆز-ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى...
- چۈشەندىڭېزمۇ قىزىم،دادىڭېزمۇ سىزگە نىسبەتەن يات بىر ئەر، بەلكىم قوبۇل قىلالمايۋاتقانسىز،بىراق مەن ئۈچۈن،پەقەت بىر مەن ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم بەرداشلىق بىرشىڭېز كىرەك قىزىم.
بىچارە دادام يەرگە قاراپ جىمجىت خىيال سۈرۈپ تۇراتتى...، ئاپام يەنە سۆزىنى داۋام ئەتتى.
- دادىڭېز ئەسلى مىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئىدى، مەن پات-پات باشقا قىزلار بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە بىرىپ تۇراتتۇق، تۈرلۈك ئېقىم مەسىللىرى ۋە ئەدەبى ئەسەرلەر ئۈستىدە تەھلىل ئېلپ باراتتۇق. بىر قېتىم دادىڭىز مىنى ئۆيىدىكى مىھمانلارغا قارىشىپ بىرىشكە چاقىرىپتۇ،ئويلىمايلا بېرىپتىمەن، ئۆيگە كىرىپ قارىسام نە مىھمان... ...، ئاقىۋەتتە مەن ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا،ئازاپقا قالدىم، بىر قىز ئۈچۈن ئەڭ،ئەڭ،ئەڭ موھىم بولغان ئىپپتىمنى،قىزلىق ئار-نۇمۇسۇمنى يوقاتتىم....
گېلىمنى بىر نەرسە بوغقاندەك نەپسىم يىتىشمەي قالدى.
- چۈشەندىڭېزمۇ قىزىم،ئۆزىڭېزنى قوغداشنى بىلىڭ، كوزا سۇنسا، ئۇنى ياسىۋالغىلى بولىدۇ؛ ئەمما، بىر ئايالنىڭ پاكلىقى بۇزۇلسا،ئۇنى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلتۈگىلى بولمايدۇ. بۇ ئالەمدە پەقەت ئۇلۇغ ئاللاھ بىلەن بىز ئوتتۇرسىدىلا چىن مۇھاببەت بار،باشقىسى يالغان،ھېچقانداق بىر ئوغۇل سىزنىڭ كۆز-ياش تۆكۈشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ، ئەڭ ئەشەددى دۈشمىنىڭېزدىنمۇ، دوستىڭېزنىڭ قىلتىقى يامان...
ئاپامنىڭ ئاۋازى بارغاسىرى پەسلەپ كىتىپ باراتتى، ئۇ بىر كۈلۈپلا جىم بوپ قالدى،ئاشۇ پەرىشتىدەك ئاپام مىنى بۇ ئالەمگە يالغۇز تاشلاپ قويۇپلا كەتكەنىدى.
- ئاپا!! جىنىم ئاپا!!!
پۈتۈن بىر دوختۇخانىنى مىنىڭ ھەسرەتلىك ئاۋازىم قاپلاپ كەتتى،نەپرەتكە تولغان كۆزۈم دادامغا تىكىلدى، قەلبىمدىكى خىزىر سۈپەت دادام مانا ئەمدى بىر چل بۆرىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويدۇم،دادامنىڭ شۇ چىرايىنى يەنە كۆرۈشكە تاقىتىم قالمىدى،بارلىق كۈچۈمنى يىغىپ ئۇنىڭغا:
دادا ! بۇ سىزمۇ جىنىم دادا؟!   دىيەلىدىم ئارانلا،ۋە سىرتقا ئوقتەك ئېتىلدىم.
خىيالىمدا مەنمۇ بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشنى، ئاشۇنداق لەنەتتەككۈر ھايۋانى ئادەملەرنىڭ كۆزىدىن مەڭگۈلۈك غايىپ بولۇشنى ئويلىغانىدىم.
شۇنىڭ بىلەن مەن پوچتىخانا ئالدىدىكى ئۆتۈشمە كۆرۈك ئۈستىگە چىقتىم، شۇ ئەسنادا ئاپامنىڭ كۆز يۇمۇشتىن ئىلگىركى«مەن ئۈچۈن،پەقەت مەن ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم بەرداشلىق بىرىڭ،» دىگەن سۆزى قۇلاق تۈۋۈمدە جاراڭلىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە كەينىمگە ياندىم...
- بىلەمسىز دادا ! ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ، ئۆيگە،سىزنىڭ يىنىڭېزغا بىرىشتىن قورقىمەن دادا ! مۇشۇنداق ئۇلۇغ ئايەم كۈنىدە،ھەممىسى ئاتا-ئانىسى بىلەن ھېيت ئۆتكۈزسە،مەن ھەر قانچە ئۇنىمىغىنىڭېزغا قويماي  يالغۇز ھېيت ئۆتكۈزىمەن دادا ! سىزنىڭغۇ يەنە باشقا باللىرىڭېز بار،بىراق بىلشىڭېز كىرەك مىنىڭ پەقەت بىر سىزلا دادام بولغان دادا ! پەقەت سىزدىن قورقۇپلا تۈگىگەن بولسىغۇ مەيلىدى،بىراق مەن ئەتراپىمدىكى بارلىق ئوغۇللاردىن قورقىمەن دادا !....، كاشكى مۇشۇ گەپلەرنى ئالدىڭېزدا يۈز-تۇرانە دىيەلىسەم،كىچىك ۋاقتىمدىكىگە ئوخشاش ئەركىلەپ بوينىڭېزغا مىنەلىسەم،قۇچىغىڭېزدا ئولتۇرالىسام....  كاشكى شۇنداق بىر يامغۇر يىغىپ ، روھىمنى پاپ-پاكىز يۇيۇۋەتسە........

شەبنە قەلىمى




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 569 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 05:45:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ .
لېكىن توردىكى ئىسمىڭىزنىڭ مەنىسى نىمە بىلمىدىمغۇ ، شەبنەم دەپقۇ گەپ بار ، شەبنە دەپمۇ گەپ بارما ؟

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 05:47:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي..............                              راست  بولغانمۇ   يا؟

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14537
يازما سانى: 1244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7007
تۆھپە نۇمۇرى: 1582
توردا: 10547 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 05:52:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىگە خوشاللىق بېغىشلايدىغان ئەسەرلەرنىمۇ كۆپرەك يېزىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87519
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 480
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 256 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2014-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 05:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا  ھەربەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن

يا رەببىم! ئاز بىرىپ خار قىلما،
      جىق بىرىپ ئازدۇرما.

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1132
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1231 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 05:59:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەسىرلىك چىىقىپتۇ ..

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

نېمىلەرنى ئويلا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10870
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 1512 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 06:05:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ سەل گاڭگىراپ قالدىم................راس بولغان ۋەقەمۇ يا بۇ؟

جاھان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86870
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2853
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 471 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 06:33:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئەسەرنىىڭ لوگىكىلق باغلىشدا مەسلە بار دەپ قارايمەن،راستىىنى دىسەم بۇ ئەسەرنى چۈشۈنۈشكە كاللام يەتمىدى،ئالايلۇق، ئانا سەكراتتا دوختۇرخانىدا ياتتى،قىزمۇ يېىندا،دادىسىمۇ شۇ جايدا، دادىسى بىر سىرنى دىدى،‹‹بالام، سەن بىزنىڭ ئۆز بالىمىز ئەمەس.بىز سىنى پاراۋانلىق ئورنىدىن ئەكەگەن،›› ئاپسى دىدى‹‹ داداڭ مىنى ئەينى چاغدا ئوڭدا قويغان›› .  ئانسى يەنەدىدى‹‹داداڭ ساڭا يات بىر ئادەم››، قىز دىدى‹‹ دادا  مىنىڭ بىرلا دادام بار، بىراق سىزنىڭ يەنە باشقا باللىرىڭىز بار›› . ئۇنداقتا ‹‹مەن››نىڭ دادىسى بىلەن ئاپىسى نېمە مۇناسىۋەتتە.

ئەگەر باشقىلا ساڭا كۈلۈپ قارمى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85587
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 423
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-10-1
ئاخىرقى: 2014-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 06:41:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا  ھەربەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن

باشقىلانى سۆيۈشتىن بۇرۇن ئۆزڭىزنى سۆيۈشنى بىلىڭ !!!!

ئەگەر باشقىلا ساڭا كۈلۈپ قارمى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85587
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 423
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 80 سائەت
تىزىم: 2012-10-1
ئاخىرقى: 2014-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 06:42:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghardis يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 06:33 PM
مەن بۇ ئەسەرنىىڭ لوگىكىلق باغلىشدا مەسلە بار دەپ قاراي ...

راسمۇ نىمە ؟.......

باشقىلانى سۆيۈشتىن بۇرۇن ئۆزڭىزنى سۆيۈشنى بىلىڭ !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش