شۇنداق، مۇسۇلمان دىگەنلىك، ئېغىزدىن مۇنداقلا چىقىدىغان ئېغىزنىڭ يېلى ئەمەس!
بەلكى مۇسۇلمان دىگەنلىك، ئۆزىنى ۋە پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقۇچى رەببى ئالدىدا،
ئۆزىنىڭ ۋە ئۆز ھامىلىقىدىكىلەرنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرىگە بولغان كۈچلۈك ئىنسانى
مەسئۇلىيەتچانلق ۋە جاۋاپكارلىقتىن ئىبارەتتۇر!
كۈچلۈك ئىمان ۋە ھەقىقى تەقۋادارلىق بولماي تۇرۇپ، بۇ خىل مەسئۇلىيەت
ۋە جاۋاپكارلىقتىن ھەقىقى سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس!!!
دۇنيادا مۇسۇلمانلارنى ھەقىقى مۇسۇلمانلار (Real Muslim) ۋە ئۆرىپ- ئادەت
تىپىدىكى مۇسۇلمانلار (Cultural Muslim) دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.
بىز زادى قايسىسىغا كىرىمىز؟
بىز ئەسلىدە ھەقىقى مۇسۇلمانلارنىڭ پۇشتى ئىدۇق، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە،
ئىسلامى ئەھكاملارنى ھەقىقى ئەمەس، پەقەت ئۆرىپ- ئادەت تۈسىدىلا ئىجرا قىلىدىغان
شەكلى (پەقەت نامدىلا بار) مۇسۇلمانلارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتماقتىمىز....
جانابى ئاللاھنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان رىزىقلىرى ئۈچۈن شۈكۈرلەر ۋە ھەمدىلەر ئېيىتماق،
ئۆز ھامىلىرىمىزگە ئىمكانىيىتىمىز يار بەرگەن دائىرىدە ئىگە چىقمىاق، ئۆزىمىزنىلا ئەمەس،
ھامىلىرىمىزنىمۇ ھارامدىن توسۇپ، قۇرئان ۋە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىغا
ھەقىقى راستچىللىق بىلەن ئەگىشىپ ماڭماق، بىزنىڭ-ئۆزىنى مۇسۇلمان
ئاتىغان ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر!