داۋامى....
ئۆيگە مېڭىۋېتىپ ئاپامنىڭ گۆش ئالماي كەلگەنلىگىمنى كۆرۈپ ماڭا كايىپ كىتىشىدىنمۇ سەل ئەنسىرىدىم،بۇ گەپلەرنى دەپ بەرسەم بەلكىم ئارتۇق ئىشلارغا ئارلىشىپ نىمە قىلاتتىڭ دەپ دوق قىلىشىمۇ مۇمكىن....شۇ خىياللار بىلەن ئۆيگىمۇ كىلىپ قالدىم-دە،قوڭغۇراقنى باستىم...
ئاپام ئىشىكنى ئېچىپ بىرىپ ھەيرانلىق بىلەن سورىدى،
-سىز كەتكىلى نەۋاق قىزىم،ھايال بولۇپ قالدىڭىزغۇ؟ گۆش قېنى؟
مەن،دۇدۇقلاپ تۇرۇپ،قاسساپ تېخى كەلمەپتىكەن،گۆش يوقكەن -دىدىم.
ئاپام نىمانچە جىددىلىشىسىز،بولمىسا يېنىپ كىلىۋەرمەي سوغۇقتا،بولدى ھېچقىسى يوق،دادىڭىز سويۇغان قوينى ئېلىپ چىققىلى چۈشۈپ كەتتى،تاماق تەييارلىقىنى قىلايلى،ئاپاملارنى سىلەر بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگە جەم بولۇڭلار دىگەن،ئۇلار كىلىدۇ -،دىدى.
مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ ،ئاپامغا ياردەملەشكىلى ئاشخانىغا كىردىم.....
مىنىڭ گەپ -سۆز قىلماي ئىش قىلغان ھالىتىم ئاپامنى ھەيران قالدۇردىمۇ بىلمىدىم ،ئاپام سوراپ قالدى.
-نىمە ئىش بولدى قىزىم،قاپاقلىرىڭىز تۇرۇلۇپ كىتىپتىغۇ؟ مىجەزىڭىز يوقمۇ -يە؟
-ياق ئاپا،مىجەزىم بار،ئاپامغا بايا كۆرگەنلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم.
-ئاپام ئاچىقلىنىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن،كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆككىنىچە،
-ناھايىتى توغرا قىلىپسىز قىزىم ،مۇشۇنداق قۇتلۇق كۈنلەردە،كۆمۇر ئالغىلى پۇلى يوق،ھېيتمۇ ئۆتكىزەلمىگەن شۇ سوغۇق ئويدىكى بىچارىلەرگە ئۇۋال بوپتۇ...
ئۇ ،شۇنداق دىگىنىچە ئاسقۇغا ئىلىپ قويغان پەلتۇسىنى ئالدى-دە،يۈرۈڭ قىزىم،شورپا قايناپ تۇرسۇن،توڭلاتقۇدىكى بىر پۇت گوشنى ئاپىرىپ بەرگەچ ئۇ بىچارىدىن ھال سوراپ كىلەيلى....
مەن ئاپامغا ئۈنسىز ئەگەشتىم.بىز بارغاندا،مىھرىگۈل ھەدەم،توكلۇق موتوسىكىلىتقا بېسىلغان ئۈچ -توت خالتا كۈمۈرنى ھويلىسىغا ئېلىپ كىرىۋېتىپتىكەن،ئۇنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ ئازراق ھەيرانلىق ھىس قىلدىم،چۈنكى قورو جاي خېلىلا ھەشەمەتلىك ئىدى،بۇىڭغا قاراپ مىھرىگۈل ھەدەمنىڭ بايامقى بىچارە تۇرقىغا ھەيران قالغان ئىدىم.
ئۇمىنى كۆرۇپ خوشال بولۇپ كەتتى،ۋە بىزنى دەرھال ئۆيگە باشللىدى،ئۇنىڭغىچە چوڭ ئوغلى مەشكە ئوت يېقىپمۇ ئۈلگۈردى،كىچىك ئوغلى بولسا،خوشاللىقتىن، ئەمدى قېلىن كىيىملىرىمنى كەيمىسەممۇ توڭلىمايدىغان بولدۇم،دەپ توختىماي ۋىچىرلايتتى....
-ئاز بولسىمۇ بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىز،بالىلارغا تاماق قىلىپ بىرەرسىز ،دىدى ئاپام گۆشنى مىھرىگۈل ھەدەمگە ئۇزۇتۇپ تۇرۇپ،ۋە يانچۇقىدىن يېڭى پۇل ئېلىپ بۇ ئىككى ئۇماق بالىغا ھېيتلىق بەردى.
-مىنى نىمانچە خىجىل قىلىدىغانسىلەر؟سەھەردە تېخى ماۋۇ سىڭلىم 200كوي بەرگەنتى ئۇنىڭدىن خىجىل بولۇپ تۇرسام....
ئۇخىجىللىق بىلەن گۆشنى ئاپامنى قولىدىن ئالدى...
ئاپام سورىدى-سىڭلىم بالىلارنى دادىسى يوقما؟ياكى يىراق بىر يەرگە كەتكەنمىدى؟
مىھرىگۈل ھەدەمنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تامچىلىدى...
-بىز ئاجىرشىپ كەتكەن،بۇ ئىككى بالىنى مەن ئۆزەم ئېلىپ قالغان،ئۇ ئىسەدەپ تۇرۇپ شۇ سۆزلەرنى دىيەلىدى،ئىككى ئۇماق بولسا بىزنىڭ سۆزلىرىمىزگە قولاق سالماي تىلۋۇزۇردىن كارتۇن فىلىم كۆرىۋاتاتتى،ئۇلارنىڭ غەمسىز كۈلكىلىرىدىن،دادا مىھرىگە نائىل بولالمىسىمۇ،ئانا مىھرىدىن قانغۇچە بەھىر ئېلىۋاتقانلىغىنى بىلمەك تەس ئەمەس ئىدى.
بىز ئەسلى شۇنداق بەخىتلىك ئائىلە ئىدۇق دەپ سۆز باشلىدى،ئۇ...
مەن دادامنىڭنىڭ ئارزۇلۇق بىرلا قىزى ئىدىم ھەر ئىككىلىمىز ئۆتتىرا تېخنىكۈمدا بىرگە ئوقىغان، ھەم خىزمەتكىمۇ تەڭ بۈلۈنگەن ئىدۇق،ئىككىلىمىز باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەت قىلاتتۇق،كىيىن چوڭلارنىڭ قوشۇلىشى بىلەن خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلدىن كىيىن توي قىلدۇق،كۈنلىرىمىز شۇنداق خوشال،بەخىت ئىچىدە ئۆتىۋاتقان شۇ ۋاقىتلاردا چوڭ بالامنىڭ بويۇمدا قالغانلىغىنى بىلدىم،يولدىشىممۇ بۇنىڭدىن قەۋەتلا خوش بولۇپ كەتتى،بالىمىزمۇ تۇغۇلدى،ئۇ بىزگە يېڭى خوشاللىقلارنى ئاتا قىلدى،ئۇنىڭ تاتلىق قىلىقلىرى،چۈچۈك تىلدا سۆزلەشلىرى بىزنى تېخىمۇ بەخىت قوينىغا چومۇلدۇرەتتى...
كىيىن ئىكىنچى بالامغا ئېغىر ئاياق بولدۇم بۇ ۋاقىتلاردىمۇ ئۇ شۇنداق خوشال بولدى ،بىزنىڭ شادلىقىمىزغا شادلىق قوشۇلدى،كىچىك ئوغلۇمنىمۇ ئوڭۈشلۇق يەڭگىۋالدىم،بۇ ۋاقىتلاردا يولدىشىم ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇنلانغاچقا تۇرمۇشىمىز گۈلدەك ئۆتىۋاتاتتى،ھازىرقى بۇ قورۇ جايىمىزنى يېڭىلاپ سالدۇق،يەنە بىر يۈرۈش بىنا ئۆي سېتىۋالدۇق...
ئۇنىڭ سودىسى بارغانچە روناق تېپىۋاتاتتى،شۇڭلاشقا ئۇ خىزمەتنى تاشلاشنى قارار قىلدى،مىنىڭ دادام قارشى تۇرغان بولسىمۇ ئۇ يالغۇز ئانىسىنى قايىل قىلغان ئىدى،مەنمۇ ئۇنىڭ تىجارەتتىكى قابىلىيىتىنى بىلگەچكە ئارتۇق قارشىلىق قىلمىدىم،ئۇ خىزمەتنى تاشلاپ پۇل تېپىشقا چۈشۈپ كەتتى،تىجارەت جەيرانىدا باشقىلاردىن ئاڭلىغىنى بويىچە،ئيال كىشىنىڭ تاپقان پۇلى ھارام ئىكەن ،سەنمۇ ئىشلىمە ،سىلەرنى گۈلدەك باقىمەن ،دېدى.
مەنمۇ بىكار قالساملا دىننى كىتاپلارنى كۆرەتتىم،شۇڭلاشقا ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى ئۇرۇنلۇق دەپ ئويلاپ خىزمىتىمنى تاشلىۋەتتىم.
دادام شۇنچە قارشى تۇرغان بولسىمۇ لىكىن پەرۋاقىلمىدىم،مەن خىزمەتنى تاشلاپ بىر يىلدىن كىيىن مىھرىبان دادام يۈرەك مۇسكۈل تىقىلمىسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى،مەن شور پىشانە تىكەندەك يالغۇز قالدىم،چۇنكى مەن يالغۇز قىز ئىدىم ،ئانام مەن بەش ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا توغۇتىدا ئۇلۇپ كىتىپتىكەن.
كىچىك بالام ئىككى ياشتىن ئاشقاندا ئىرىمدە ئۆزگۈرۈش بولدى،ئۇ پات-پات ئۆيگە قايتمايتتى،گەپلىرىمۇ شۇنداق قوپال بولۇپ قالغان ئىدى،بالىلارغىمۇ بۇرۇنقىدەك مىھرىنى بەرمەس بولدى،شۇندىمۇ شۈكرى قىلىپ ئولتۇردۇم،لىكىن قوشنىلارنىڭ كۇس-كۇس پاراڭلىرىدىن ئۇنىڭكى ئىككىنچى خوتۇنلۇق بولغانلىقىنى بىلدىم،بۇنىڭغا بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي،ئۇنىڭ ئىچكىردىن چىقىشىنى كۈتتۈم....
ئۇ كەلدى،مىن تاماقنى ئالدىغا چاندۇرمەي ئېلىپ كەلدىم،ئۇ تاماق يەپ بولغۇچە بالىلارنى ئۇخلاتتىم.ئاندىن ئولتۇرۇپ ئۆزىمنى بېسىۋېلىپ ،تەمكىنلىك بىلەن بۇ ئىشنىڭ راس،يالغانلىغىنى سورىدىم،ئۇ خىيالىدا يوق،شۇنداق بولسا نىمە بوپتۇ ؟دېدى.
كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى،پۇتۇن يەر -جاھان چۆرگىلەۋاتقاندەك بىلىندى،لىكىن ئۇنىڭ ئالدىدا بىر تامچە ياش تۆكمىدىم،بارلىق غەيرىتىمنى يېغىپ ئۇنىڭغا ئاجىرشىپ كىتىش تەكلىۋىنى قويدۇم،ئۇمۇ قوشۇلدى،بالىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغىنىمىزنى سورىدى،مەن ھەر ئىككىلىسىنى ئۆزۇم باقىدىغانلىغىمنى ئېيتتىم،ئۇ بىرىنى ئۆزىگە بىرىشىمنى ،بولمىسا تۇرمۇش خىراجىتى ئۈچۈم ئۆزىدىن بىر موچەن ئالالمايدىغانلىغىنى ئېيتتى،مەنمۇ ئۆزۇمنىڭ بېقىپ كىتەلەيدىغىنىمنى ئېيتىپ چىڭ تۇردۇم،شۇنداق قىلىپ ئەتىسى بېرىپ ئاجراشتۇق ،ئۇ ئىنساپ قىلىپ ئولتۇرىدىغان ئۆينى بىزگە بىرىپ كىتىپ قالدى...
مەن ھەركۈنى كىچىسى يىغلايتتىم ،لىكىن بالىلىرىمغا بىلدۇرمەيتتىم،ئۇلارنىڭ دادام قېنى؟دەپ سورىغان سۇئاللىرىغا يالغان ئېيتىپ جاۋاپ بىرەتتىم،تۇرمۇشنىڭ غېمى بىلەن بىر تاماقخانىدا قاچا يۇغۇچى بولۇپ ئىشلىدىم،ئىشتىن چۈشۈپ كەلگەندە بولسا،بىچارىلەرچە ئۇخلاپ قالغان بالىلىرىمغا قاراپ يۈرۈگۈم ئېچىشاتتى،ئۇلارنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ بىر ئاي ئىشلەپلا ئىشلىمىدىم،چۈنكى ئۇلار بەك كىچىك ئىدى...
ئۇيدىكى گىلەم ،سافا...ئىشقىلىپ پۇلغا يارايدىغانكى نەرسىلەر بىر-بىرلەپ سېتىلدى،ئويمۇ قورۇغدىلىپ بولدى،بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بىلگەن ئاھالە كومىتىتىدىكىلەر تۇۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئاھالىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ قويغاندىلا ئاندىن ئۇھ ...دىدىم،كۆندە سەھەردە بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىۋېتىپ كىلىپ ،گۈل كەشتىلەيمەن،ئۇنى ئالغىنىغا سېتىپ تۇرمۇش غېمىنى غەملەپ كەلدىم....
دەپ سۆزىنى تۈگەتتى ئۇ.
ئاپاممۇ ،مەنمۇ ياشلىرىمىزنى توختىتىۋالالمىغان ئىدۇق،مەن سورىدىم،-بايا كىچىك ئوغلىڭىز ئۇكامنى باقىدۇ دادام دىدىغۇ؟ئۇكىسى قايسى ؟
يولدىشىمنىڭ ئىككىنچى ئايالىدىن بولغان بالىسى،قايسى كۈنى بالىلىرىمنى مەكتەپتىن ئېلىپ كىلىۋاتسام،ئۇ 18ياشلاردىكى بىر قىز بىلەن قولىدىكى بۇۋاقنى كۆتۈرۈپ ماشىنىدىن چۈشۈپ تاماقخانىغا ماڭغان ئىدى،كىچىك ئوغلۇم كۆرۈپ قېلىپ ،دادا....دەپ ۋاقىرىدى،ئۇ بالىغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ ،ئىچىگە كىرىپ كىتىۋەردى،مەن ئۇنى ئاران تارتىپ ئۆيگە ئېلىپ كەلدىم،ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ دادام نىمىشقا ماڭا قارىمايدۇ،كۆتىرىۋالغىنى كىمنىڭ بالىسى دەپ سورىدى،مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ،سىزنىمۇ كىچىك ۋاختىڭىزدا كۆتۈرۈپ باققان ئۇ سىزنىڭ ئۇكىڭىز كىچىك بولغاچقا دادىڭىز كۆتۈپ باقىدۇ دىدىم......
ئۇنىڭ ھىكايىسنى ئاڭلاپ بولغۇچە كۈن خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان ئىدى،بىز ئۇنىڭقا تەسەللى قىلىپ خوشلاشتۇق.ئۆيگە قايتىپ كەلگۈچە ئىككىمىز بىر ئېغىزمۇ گەپ كىلمىدۇق...
كۆز ئالدىمدا،پەرزەنىت غېمى ئۈچۈن تۇرمۇش يالقۇنىدا تاۋلىنىۋاتقان،شامدەك كۈيۈپ پەرزەنىتلىرىگە،ھارارەت ۋە ۋە يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىۋاتقان،.....يەنى ئوت ئىچىدىكى بۇ ئانىنىڭ سىماسى ....
تامام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 05:51 PM