ئاخشامقى ئايال
تۇمتۈرك
تۇيۇمسىز كۆزىدە بۆرە ھۇۋلىغان
لىۋىدە ئۆت چېچېپ ناخشا توۋلىغان
كۆزلىرى ياش يۈقى مۇلايىم ئايال
ناخشىنى باشلىدى شۇنداق ئىھتىمال
ئەركەكلەر
كېلەتتى كۈڭۈلگە تونۇش يول ئارا
ئىسقىرتىپ شامالدا ئۆڭگەن مۇقامغا .
تېشىەتتى ئۆگزەمنى ياۋۇز كۈچ بىلەن ،
كۆكسىدىن ۋاھ... ئاتقان ياۋايى چالما .
چالمىدا ئۈركۈيتى تاتلىق چايقىلىپ
قوينۇمدا قىزارغان بىر جۈپ ئاق ئالما ...
پىچاقسىز ئەرلەرنىڭ سىدام باغرىدا،
چۈشەيمەن تولغۇنۇپ بۆرە بەدەننى .
چۈشەيمەن ئوغۇزنىڭ تۈكلۈك بەستىدە
ئانىدىن ياۋايى تۇغۇلغان ئەرنى
چۈشەيمەن قىزغىنىپ ئايال قوينىدا
دەپ بىلگەن ئانا دەپ ئۇلۇغ ۋەتەننى
ئائىلىدىكى ئايال
ئىمانلىق ئەركەكتىن توغۇلغان ئانا
تالادىكى ئايال
ۋەتەنسىز، ئىپپەتسىز، پىچاقسىز ئەرنىڭ-
كۆزىدە ياپرىقى تۈكۈلگەن قامقاق.
2012.12.5
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 12:38 PM