ئاھ ، ئاتام!
ساپ-ساق تۇرۇپ يول ئالدىڭ ئاخىرەتكە توساتتىن،
ئاھ، ئاتا سەن خوشلاشتىڭ، شۇنچە تىز بۇ ھاياتتىن.
مۇسىبەتكە چۆمدى يۇرت، زار قاقشىدۇق-يېغلىدۇق،
نىمە چارە، ئايرىلدىم سەندەك يۆلەك-قاناتتىن.
ئەلھۆكمۈللا، ئەجەلگە يوقكەن ھېچكىم ئامالى،
ئەل كۆڭلىدە سەن ئىدىڭ پاكىزلىقنىڭ مىسالى.
ئون تۆت ياشتا مۇئەللىم بولدۇڭ زېرەك بولغاچقا،
يۇرتتىن چىققان دەسلەپكى سەن بىر كاتتا زىيالى.
ئەل-يۇرت بولغان ئەزەلدىن سېنىڭ ئوتلۇق قەلبىڭدە،
ئابدۇراخمان ئامان دەپ نامىڭ قالدى كەلپىندە.
شانلىق ئىزىڭ تېپىلار چىلان، ئاقسۇ، ئاۋاتتىن،
ۋەتەن مېھرى چاقنايتتى ئۆتكەن ھەربىر دەرسىڭدە.
ئىدى ساڭا خىزمەتداش، ئا.تالىپ ھەم ئا.روزى،
مائارىپتا پارلايتتىڭ بولۇپ يۇرتنىڭ يۇلتۇزى.
سەبىلەرنىڭ كۆڭلىگە ئېلىم سېلىش يۇلىدا،
تىنىم تاپماي تەر تۆكتۈڭ مەيلى كېچە-كۈندۈزى.
مائارىپتىن يۆتكۈلۈپ ئېختىسادى ئورۇنغا ـ
بارغىنىڭدا خەق دىدى: ‹‹ئامەت قوندى قولۇڭغا››،
قىلچە ئېزىپ قالمىدىڭ بۇ ‹‹ئامەت››تىن قايمۇقۇپ،
ئەسلى پاكلىق خىسلىتى، ئورناپ كەتكەچ دىلىڭغا.
توقسان يىللىق سەپىرىڭ، بولماي قالدى بەك راۋان،
يوللىرىڭنى بىر مەھەل توستى، ئاپەت تاغ-داۋان.
بوينۇڭغا تاش ئېسىلدى، قولۇڭ ئېگىز تۇرۇسقا،
ئۆگەيلىدى شۇ قەدەر تەتۈر قاراپ شۇ زامان.
ئەمما كۆڭلۈڭ ئاق ئىدى ،نوقسان يوقتى زىغىردەك،
ئارتۇق كەتمەس ھەرگىزمۇ تەرىپلىسەم:‹‹خىزىر››دەپ.
ئاسان ئۆلۈم تىلەيدۇ مويسىپىتلەر نامازدا،
شۇ مۇرادقا يەتكۈزدى تەقدىر سېنى ئەزىزلەپ.
دەيدۇ كۆپلەر ئەسلىشىپ: ‹‹ئېسىل ئادەم ئىدى››دەپ،
‹‹ ۋۇجۇدى پاك بىر ئۆمۈر ناننى ھالال يىدى››دەپ.
‹‹پاك بول ئوغلۇم››دىگىنىڭ مەڭگۈ چىقماس ئېسىمدىن،
دىيانەتتىن يول تاپتىم،ئاتام شۇنداق دىدى،دەپ.
يۈرەك باغرىم ئاھ ئاتا! كىتىپ قالدىڭ ئەلۋىدا !
ھەشەمەتسىز يول ئالدىڭ غىچ-غىچ ياغاچ ھارۋىدا.
قاپ-قاراڭغۇ گۆر يۇرۇق بولۇپ كەتكەي سەن بىلەن،
روھىڭ مەڭگۈ ياشنىغاي جەننەتنىڭ گۈلزارىدا.
*******
مەنبە:ئۆزقەلىمىم(ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 12:18 PM