***
‹ خوجايىن›لارغا سۆزۈم بار
ئاپتورى: ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
ھارام ھەققى ياماندۇر گالدىن ئالۇر خوجايىن .
ئۆلسىڭىز گەردەۋزەققە ئاللا سالۇر خوجايىن .
دەيمەن شۇڭا يەۋالماڭ ئىشلەمچىلەر ھەققىنى،
يەۋەرسىڭىز بىلمەس دەپ دەتتە قالۇر خوجايىن .
ئاللا سىزگە بېرىپتۇ شانۇ شەۋكەت ھەم بايلىق،
ئىشلەمچىلەر ھەققىنى بېرىپ تۇرۇڭ ھەر ئايلىق.
ئاتا-ئانىسى بالسى بار بەلكىم ئاڭا قاراشلىق ،
جۇلالىمسۇن شۇ مىسكىن قەلىبلەردە مۇڭ خارلىق.
مۇھتاج ئىكەن دىمەڭ سىز سىزمۇ مۇھتاج بولغانغۇ،
مۇھتاجلىقنىڭ ۋەجىدىن بەلكىم دەرتكە تولغانغۇ .
ئازار بەرمەڭ ھۆركىرەپ تاپقانلىرىڭىز يوق بولۇر ،
ئادەم لازىم دەپ قاتراپ سىزمۇ جىلە بولغانغۇ .
ئاللا قاچار كىشىنىڭ ھەققىنى يىگەن ئادەمدىن ،
كىشى ھەققى يىگەنلەر شادلىق تاپماس ئالەمدىن .
قىيامەتتە ئۇنداقلا كەچۈرۈلمەسمىش ئەبەدىي ،
قىينىلارمىش دوزاقتا ھەر تەرەپتىن ھەر دەمدىن .
پۇلۇم بار دەپ پو ئېتىپ مەيدە قاقماڭ خوجايىن ،
ئىشلەمچىلەر پۇلىنى بەرمەي ئاتماڭ خوجايىن .
ئىشلەمچىسىز تىجارەت ماڭامدىكىن بىر كۆرۈڭ ،
غۇرۇر ئىنساپ ئىماننى ھەرگىز ساتماڭ خوجايىن .
مىھرىڭىزدىن سۇ ئىچسۇن سىزگە مۇھتاج بولغانلار،
ئاغرىنمىسۇن سۆيۈنسۇن ھاجەتلەرگە تولغانلار .
ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىدىن چىقماق ئۇلۇغ ساۋاپتۇر،
جەننىتىدۇر پەقىرگە باشپاناھ بوپ تۇرغانلار .
2012-يىلى 5- دىكابىر چاھار شەنبە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 11:20 AM