مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1717|ئىنكاس: 39

قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ ھەق ئالسا توغرا بولامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4211
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ ھەق ئالسا توغرا بولامدۇ؟
(بۇ مەسىلىنى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بالىلار سورىغانلىقى ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللاندى)
97500- نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
مەن ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ تۇل تاپىمەن، قۇرئان ئوقۇپ بېرىپ پۇل تېپىش مېنىڭ تۇرمۇشتىكى بىردىن بىر چىقىش يولۇم، مەن بۇ پۇل بىلەن پەرز ھەج ئادا قىلسام بولامدۇ؟ .
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھغا مەنسۇپتۇر.
قۇرئان ئوقۇش ئەڭ ياخشى ئىبادەتلەردىن بولۇپ بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:«شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار، كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى( ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغان كىشىلەرگە ئاللاھ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« قۇرئاندىن بىر ھەرپ ئوقۇغان كىشىگە بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىققا شۇ ياخشىلىقنىڭ ئون ھەسسىسىگە باراۋەر ئەجىر بېرىلىدۇ، مەن “ ا ل م ”(ئەلىف، لام، مىم) نى بىر ھەرپ ھېسابلىمايمەن، ئەلىف بىر ھەرپتۇر، لام بىر ھەرپتۇر، مىم بىر ھەرپتۇر».
قۇرئاننىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلىپ، ئويلىنىپ ئوقۇش ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ۋە كاتتا ئىبادەت بولۇپ، بۇنى پۇل ئېلىپ ئوقۇش توغرا ئەمەس، ئىنسان قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىدۇ. دېمەك؛ قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىش ئىبادەت بولۇپ، پۇل ئۈچۈن ئىبادەت قىلىش توغرا ئەمەس . ئۆلۈكلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇش دېگەن دىندا ئەسلى بولمىغان بىدئەت ئىشلاردىن، قۇرئان ئوقۇشنى پۇل تاپىدىغان كەسىپ قىلىۋېلىش توغرا ئەمەس . قۇرئاننى پۇل ئۈچۈن ئوقۇسا ئۇ كىشىگە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ھېچقانداق ساۋاپ بولمايدۇ . ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:« قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت ھاياتى دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇ – زىننىتىنى( يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بىرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ، بۇنداق كىشىلەرگە ئاخىرەتتە دوزاختىن باشقا نەرسە يوقتۇر، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى يوققا چىقىرىلىدۇ، قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ھېسابقا ئېلىنمايدۇ».
ئاخىرەتلىك ئەمەللەر بىلەن دۇنيا ھاياتىنى مەقسەت قىلغۇچى كىشىلەر ۋە ئىبادەتنى مال-دۇنيا يېغىش ئۈچۈن قىلىدىغان كىشىلەرگە ئازاپ ۋەدە قىلىنغان، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ باتىل ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان، سۇئال سورىغۇچىنىڭ بۇندىن كىيىن بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرۇشى توغرا ئەمەس، بۇرۇن قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئاللاھغا تەۋبە قىلىشى كېرەك، قۇرئان ئوقۇپ تاپقان پۇل بىلەن ھەج قىلىشى توغرا ئەمەس.
ئەپسۇس! مۇشۇ ئەسىردە كۆپلىگەن كىشىلەر قۇرئان ئوقۇشنى پۇل تاپىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇۋالدى، ئۇلار ماتەم مۇراسىمىدا، قەبرىستانلىقتا ئۆلۈكلەرنىڭ ھەققىدە قۇرئان ئوقۇپ ئۇنىڭ بەدىلىگە كۆپلەپ پۇل توپلاشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ خاتا ئىش بولۇپ، پۇلنى دەپ ئۆلۈكلەر ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇپ بېرىشنى كەسىپ قىلىۋېلىش توغرا ئەمەس .
1ـ پۇل ئالمىغاندىمۇ قەبرىستانلىقتا ئۆلۈكلەرنىڭ ھەققىدە قۇرئان ئوقۇش توغرا ئەمەس.
2ـ قۇرئان ئوقۇغانغا پۇل ئىلىش توغرا ئەمەس، بۇ مالنى ھارام يېگەنلىكتۇر.
بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ۋە قۇرئان ئوقۇغۇچى قارىلىرىمىز ئۈچۈن بۇنداق قىلماسلىق ۋە بۇنىڭدىن يىراق تۇرۇشنى، ئۇلار رىزقىنى ياخشى پاكىزە كەسىپلەرنى قىلىش ئارقىلىق ھالال بولغان يوللار بىلەن تېپىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز . ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى يول باشچى قىلىپ قۇرئاننى دۇنيا مەنپەتىنى تاما قىلىپ ئوقۇماستىن، بەلكى خالىس نىيەت بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئوقۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھ ھەممەيلەننى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن!.
( دېمەك؛ قۇرئان كەرىمنى پۇل ئىلىش نىيىتى بىلەن ( بەزى ئاتالمىش قارىلار مۇسىبەت ساھىبى بىلەن سودىلىشىپ بىرتامام قىلسام يۈز يۈئەن دېگەن ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس) خەتمە قۇرئان قىلىش، مېيىتنى يەرلىكتە قويۇپ بولغاندىن كېيىن قۇرئان كەرىمنى، ئۈچ كۈن ياكى يەتتە كۈنگە قەدەر قەبرە بېشىدا تىلاۋەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار ئۇيغۇر دىيارىمىزنىڭ بەزى يۇرتلىرىدا خىلىلام ئېغىر بولۇۋاتقان ئەھۋاللارنىڭ بىرى بولۇپ، پېشقەدەم دىنى ئۇستازلىرىمىزدىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىپلاس نەپسىنى يىغالماستىن، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشتا باشقا چىقىش يولى يوقلىقى، ئاللاھنىڭ بۇ ئارقىلىق رىزق ئاتا قىلىشى تەقدىرگە پۇتىلىپ كەتكەنلىكى، تىجارەت ياكى بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسا، دىنى خىزمەتكە كۆرۈنەرلىك تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى قاتارلىق ئورۇنسىز باھانىلارنى توقۇپ چىقتىيۇ ئەمما نەزىر چىراقلاردىكى توخۇ پاچىقىدىن كىچەلمىدى . سەلەپ ئالىملىرىنىڭ دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىرگە ئىلىپ بارغانلىقىنى ئۆرنەك قىلمىدى. دىنى خىزمەتنىڭ ماھىيىتىنى ۋە ئۇلاردىن كۈتۈلىدىغان تەقەززانى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، مۇسۇلمان جامائىتىنى بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن توسۇشقا يېتەكچى بولماستىن، بەلكى باشلامچى بولۇپ، ئاخىرەتلىك نېسى پايدىنى دۇنيادىكى نەخ پايدىغا تىگىشىۋاتقانلارمۇ جەمئىيىتىمىزدە ئانچە ئاز ساننى ئىگەللىمىسە كېرەك. ئاللاھنىڭ كالامىنى پۇل ئۈچۈن تىلاۋەت قىلىپ مال-دۇنيا توپلاۋاتقانلارغا ئاللاھ مۇنداق دېگەنلىكىنى يادلىتىپ ئۆتىمىز: « ئاللاھ كىتابتا ( يەنى تەۋراتتا ) نازىل قىلغان نەرسىلەرنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى ئازغىنە پۇلغا ساتىدىغانلارنىڭ قارنىغا يېگىنى ئوتتىن ئىبارەت بولۇپ، چۈنكى ئۇلارنىڭ يېگەن شۇ ھارام مىلى ئۇلارنى دوزاخقا ئىلىپ بارىدۇ، قىيامەت كۈنى ئاللاھ تائالا ئۇلار خوشال بولىدىغان سۆزلەرنى قىلمايدۇ، ئۇلارنى گۇناھلىرىدىن پاكلىمايدۇ، ئۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ. ئەنە شۇلار ھىدايەتنى گۇمراھلىققا، مەغپىرەتنى ئازابقا، جەننەتنى دوزاخقا تېگىشتى، ئۇلار دوزاخ ئازابىغا نېمىدېگەن چىداملىق!». سۈرە بەقەرە 174-175- ئايەتلەر.
ئەمما بىچارە مۇسىبەت ئىگىسى بولسا، ئاتالمىش موللىلارنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەپ يوق بولسا قەرز قىلىپ يۇرۇپ، ئۇ ئاخۇنۇمنىڭ ئالدىغا لىپاپا قويۇشنىڭ غېمىدە، ئاللاھنىڭ نارازى بولۇشىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، يەنە ئائىلىسىدە مۇسىبەت بولۇپ قالسا موللىلارنىڭ كەلمەي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، موللىنىڭ نازۇك كۆڭلىنى ئىلىشنىڭ ئەپچىل چارىسىنى ئىزدەپ تۇرۇۋاتقان پەيتنىڭ ئۆزىدە، ئۇ ئاتالمىش ئالىمنىڭ يېتەرسىزلىكىگە ھەمكارلاشقانلىق بولۇپ، ئاللاھ تەرىپىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى سەزمەيۋاتقان بولسا كېرەك. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: « …ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق» سۈرە مائىدە 2-ئايەتنىڭ بىر قىسمى .
ئۇلار بۇ ھەقتە يېتەرلىك مەلۇماتقا ئىگە ياكى دىنى مەسىلىلەردە ئىزدىنىش پۇرسىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزرىلىك ھېسابلىنىپ ئاللاھنىڭ ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلىشى ئۈمىت قىلىنىدۇ. ئەمما بىلىپ تۇرۇپ ئەمەل قىلمىغانلار دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ.

http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=22243

ئالتۇننىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلەكچى بولسىڭىز ‹‹ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى ›› غا كىرىڭ !!!
www.1miskal.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4211
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەشقەردە توي-تۆكۈن بولسا ئىمام-مەزىنلەر تويغا بىرىپ پولو يەپ بولغاندىن كىيىن توي ئىگىسى  20---30يۈەننى لىتاپنىڭ ئىچىگە سىلىپ  قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ .

ئالتۇننىڭ كۈندىلىك باھاسىنى بىلەكچى بولسىڭىز ‹‹ بىر مىسقال ئىقتىسات تورى ›› غا كىرىڭ !!!
www.1miskal.com

ئاللاھ يولىداشاتۇتدەك سۆزلەيمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82545
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5603
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1miskal يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 11:28 AM
قەشقەردە توي-تۆكۈن بولسا ئىمام-مەزىنلەر تويغا بىرىپ پو ...

ئاز تۇتقۇزىدىكەن تېخى ، بىز خوتەندىن نەچچە يىلنىڭ ئالدىددا ،قەشقەردىن قىز كۆچۈرۈپ ئەكىرگەن ، نىكاھ ئۇقۇغان  دامۇللامغا 100 كوي ، باشقا يېنىدىكى 3  موللامغا 50 كويدىن پۇل قۇيۇپتۇ ئۆيدىكىلەر

دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
بۇدۇنيادىكى ھەممە ئىشلار ئۆتكۈنچىدۇر،بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ.
شۈكرى ئاللاھ!

ئاللاھ يولىداشاتۇتدەك سۆزلەيمە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82545
يازما سانى: 315
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5603
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى تىمىكەن ، بولسا مۇشۇنداق ئىشلار ئەتراپىمىزدىن يوق بولسىكەن

دىللار پەقەت ئاللاھنى ياد ئىتىش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
بۇدۇنيادىكى ھەممە ئىشلار ئۆتكۈنچىدۇر،بۇكۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتىدۇ.
شۈكرى ئاللاھ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87065
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 123
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 34 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەندەك موللاملاردىن يۈز - تۇرانە سوراپ باققانلار بارمۇ؟

پۇل  قويسا ئەلۋەتتەئالىدۇ. (شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا )  مەسچىت ياردەم پۇلى دەپ ئىلىپ خەجلەيدىغان چىغىۋا.  بايام بىرسىدىن سورىسام ئاشۇنداق دەيدۇ.

مەسچىتكە شۇنداق كۆپ كىشى  پۇل بىرىۋاتىدۇ، ھەر يىلقى قۇربان ھىيىتتا شۇنچە كۆپ تىرىلەرنى يىغىۋاتىدۇ.

ھەر قانچە چوڭ مەسچىت بولسىمۇ، يىللىق چىقىم 50مىڭدىن ئىشىپ كىتەرمۇ - يوق؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇقا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-5 12:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59309
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1717 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئىنىمغا كەسىپ ئۆگىتىپ قويۇڭ دېسەم 10 مىڭ يۈئەن كېتىدۇ دەيدۇ. بەك كۆپ بوپ كەتتى سىزگە ھالال بولامدۇ دېسەم ھالال دەيدۇ. لېكىن شۇ ئادەم ئوغلىنىڭ نىكايىنى ئوقۇپ قويۇپ  100 يۈئەن ئالسا ھارام پۇل ئالدى دەپ، ئىماماخۇنۇمنىڭ كەينىدىن غەيۋەت قىلىشقا ئۆتۈپ  مۇناپىققا چىقىرۋېتىدۇ. بۇ يەردىكى ھەقىقىي مۇناپىق زادى كىم؟ كەسىپ ئۆگىتىپ بىر ئادەمگەچىقىش يولىغا سەۋەبچى بولۇش بىلەن ئىماملىق قىلىش ۋە نىكاھ ئوقۇشلار ئو
خشاشلا ساۋابلىق ئىش. ھەقاسىڭىز باشقا يوللار بىلەن يېنىڭىزنى توملىسىڭىز بولىدىكەنيۇ نىكاھ ئوقۇپ ۋە نەزىرلەردە پولو يەپ، ئاز تولا كىرىم قىلىپ قويسا بىرەر يەرلىرىڭلار ئېچىشىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ؟ يۇرۇتلاردا ھازىرغىچە مانچە پۇل بەرمىسەڭ، ئالدىمغا پولو ئەكەلمىسەڭ نىكايىڭنى ئوقۇمايمەن دېگەن ئىماملارنى ئۇچىراتمىدىم. ئۇلارمۇ ئايەتنى ۋە نىكاھ ئوقۇشنى پۇلغا ساتتىم دېمەيدىكەن .ھەممە ئىشنى بىدىئەت دەپ ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان مۇناپىق ئىماملار دەپ تىللاپ كەتكەنلەر ھازىر قارىسام  دادىسىنى ۋە ئانىسىنىڭ بەشتە كاپالەت پۇلىنى
سوغۇقتا دۇغدۇيۇپ ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئاران تەسلىكتە ئېلىپ تۇرمۇشىنى قامداۋاتقىنىنى كۆردىم.  نەدىكى ئاقماس پەتىۋالارنى سۆرەپ ئەكىلىپ ئۆزەڭلار ئوغرى تۇرۇپ ئوغرىنى تۇت دېيىشتىن نۇمۇس قىلىشساڭلار بولمامدۇ؟

ئۇرۇش ئۇ رەھىمسىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تېما بوپتۇ بۇ، مۇشۇ ئىشنى قىلسا توغىرا بولامدۇ يوق كاللامدا بىر ئىككىلىنىش بار ئىدى، ئەمدى چۈشنىۋالدىم، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت، ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.

دۇنىيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1365
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 24773
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8485 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقۇرىدىكى سۇئالغا جاۋاب بەرگۈچى قۇرئاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەت، ھەدىسلەردىن نەقىل ئېلىپ ياخشى جاۋابلارنى بېرىپتۇ. (ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!)

بىراق شۇ جاۋابلارنى بەرگۈچىلەرنىڭ نامرات، يوقسۇل ئىكەنلىكىدىن تولىمۇ گۇمانلىنىمەن.

بىر ئادەمنىڭ دىندىن ئىلىم تەھسىل قىلىشى ئۈچۈن ۋە قۇرئاننى قىرائەت قىلىش دەرىجىسىگە يېتىشى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت، كۈچ ۋە ئەقىل كېتىدۇ. دېمەك شۇ كىشى دىنىي بىلىمگە ئېگە بولۇش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر قىلدى دېگەن گەپ.

دىيارىمىزدىكى موللىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا كەلسەك ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بەكمۇ باياشات ئەمەس، يېزىلاردىكى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن كۈزەتكەندىمۇ ئۇلارنىڭ ئەھۋالى باشقا دېھقانلارنىڭكىگە قارىغاندا خېلىلا نامرات.

تورداش  kizzik99  ئېيتقاندەك مەنمۇ ھازىرغىچە 1000 گە يېقىن توي-تۆكۈن ۋە نەزىرگە قاتناشتىم. ئەمما بىرمۇ توي، نەزىردە پۇل بەرمىسەڭ نىكاھ ئوقۇمايمەن، قىرائەت قىلمايمەن دېگۈچىلەرنى ئۇچراتمىدىم. ئۇلار پەقەت ئۆي ئېگىسىنىڭ بەرگىنى ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن شۇنىڭغا شۈكرى قىلىپ رەخمىتىنى بىلدۈرۈپ ماڭدى.
بۇنى ئۇلار ئۆز ئەجرىگە لايىق ھەق ئالدى دەپ چۈشەنسەك توغرا بولىدۇ.

مەن تورلاردا پەتىۋالارغا ئىزچىل جاۋاب بېرىۋاتقانلارنىڭ ئارخىپىنى تەخمىنىي كۈزىتىشىمچە ئۇلار چەتئەللەردىكى مەلۈم مەكتەپلەرنىڭ دوكتۇرلىرى ياكى تۇرمۇش سەۋىيىسى ھاللىقلار قاتارىغا ئۆتكەن ئىكەن، مۇشۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ مائاش ۋە باشقا كىرىملىرىدىن كاپالەتكە ئىكەنلىكى ، نىكاھ ھەققى، قىرائەت ھەققى قاتارلىقلارغا قىلچىمۇ ئېھتىياجى چۈشمەيدىغانلىقىنى تامامەن پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

بىز نېمىشقا شۇلارنىڭ دېگىنىنىلا راست دەپ قارايمىز ؟ ئوبىكتىپ رىئاللىقنى نېمىشقا كۆزدە تۇتمايمىز؟ نۇرغۇن موللىلىرىمىز مائاش ئالمايدۇ، ئۇلارنىڭ يېرىمۇ ئاز . ئۇلارغىمۇ ياشاش ئۈچۈن تىرىكچىلىك كېرەك . ئۇلارنىڭ ئۆز ئەجرىگە لايىق ئالغان ئاشۇ ئازغىنە ھەققىمۇ بىرمۇنچە گۇناھلارنى ئاتساق سېلەرچە توغرىمۇ؟ مۇشۇ نامرات موللىلىرىمىزنىڭ ئائىلىسىدە بەخىتسىزلىك بولسا، كېسەل ئاغرىقلار بولسا شۇ پەتىۋا پىچقۇچىلار ياردەم قىلالامدۇ؟ ھەرگىزمۇ قىلالمايدۇ. مەن دوختۇرخانا قوروسىدا سوغۇق تۇربا سۈيىگە نان چىلاپ يەۋاتقان موللىلارنى تولا ئۇچرىتىمەن.

  ھەممە نەرسىگە پۇل كېتىدىغان مۇشۇ ۋاقىتتا شۇ كىشىلەرنىڭ ئازغىنە ئەجىر ھەققىگە بولسىمۇ يامان كۆزدە قارىمايلى.   

<<تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ>>. خەق نېمە دىسە ئىشىنىپ ئۆز موللىلىرىمىزغا گۇناھنى ئارتىۋەرمەي، ئاۋۇ چەتئەللىك موللىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى قانداق؟ بىزنىڭ موللىلارنىڭ تۇرمۇشىچۇ؟ دېگەننىمۇ ياخشى ئويلاپ بېقىڭلار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-5 01:28 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
JOKER + 300 ئەكەك خو.
rivayat1986 + 11 باشلىق توغرا دەيدۇ !
jahankuz + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 411   باھا خاتىرىسى

قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئۇرۇش ئۇ رەھىمسىز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 403
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئىنىمغا كەسىپ ئۆگىتىپ قويۇڭ دېسەم 10 مىڭ يۈئەن كېتىدۇ دەيدۇ. بەك كۆپ بوپ كەتتى سىزگە ھالال بولامدۇ دېسەم ھالال دەيدۇ. لېكىن


بۇ دېگەن مۇنبەر ئېغىزىمغا كەلدى دەپ سۆزلەۋەرمەڭ، تېما ئىگىسى قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى مېسال ئېلىپ چۈشەندۈرۈپتىغۇ، شۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ يەنە شۇنداق دېسىڭىز قاملاشمايدۇ،  بەك قىززىپ كەتكەن بولسىڭىز ئۆزىڭىزنى سەل پەسەيتىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MiRul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-5 01:19 PM  


دۇنىيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر.

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 1237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13515
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 8938 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇل بىرىپ نىكاھ ئوقۇتقاننىڭ نىمە پايدىسى . نىكاھنى ئوقۇپ قويسىلا نىكاھ بولمايدۇ .
رايىىپلارمۇ پۇل ئالسا پوپمۇ پۇل ئالسا نىمە پەرقى قالدى ئۇلار بىلەن ......

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش