ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۇچۈن نەچچە يىل چەتئەللەردەيۈرگەن بىر دوكتور قېرىندىشىمىزنىڭ يۈرەك سۆزى .سۆيۈملۈك ئەزىز قېرىنداشلىرىم ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى !
ۋەتەنسىز،مۇساپىرلىق يامانكەن شۇنداق،
ئايرارئىكەن ئىنساننى ھەممە ھەممىدىن،،.
يۇرەكىنى قان يىغلىتىپ چۈشلىرىمدىمۇ،
ھۆۋلىتارتى بۆرىلەرنى كۆكنىڭ قەھرىدىن.
مىنى ئۆستۈگەن خۇش ئىللىق چىرايلار،
قالغان خوش دەپ شۇندا يىراق- يىراقتا.
يۈرۇكۈم تىپىرلايتى ئۈنسىز ئۆزگىچە،
قالغاندەك گوياكى ئېغىر- ئېغىر سۆراققا.
بىرەتتى ماڭائۆزگىچە تۇيغۇئۆزگىچەغەم،
ناتونۇش چىراي ۋە ناتۇنۇش شەھەر.
سەزمىگەن ئىدىم ئۆزۇمنى بۇنچە بىچارە،
چوڭ بولۇپ تاكى مۇشۇكەملەرگە قەدەر.
تۇرمۇشنىڭ ئىغىر مۇشكۇلاتلىرىغا،
تىزپۇكۈپ ئەگمىگەن ئىدىم مەن باش.
بالام دىگەندە ئۇيغۇرنى ‹ئۇلغۇي>،
كۆزۇمدىن سىرغىدى تارام تارام ياش.
يىراق دىڭىز-ئوكيان قىرلاردىن ئىشىپ،
ياماشتىم ئىلم-پەننىڭ يۇقىر پەللىسىگە.
بولساممۇگەرچە كۆپ تىللىق تىلماچ،،،
چىدالمىدىم ھىچ ئاناتىلنىڭ سەبرىسىگە.
قانغۇچە مۇڭدىشاي ئاناتىلىمدا تازا،
قايتىپ بىرىپ جەننەت كەبى يىزامغا.
ئۈگۈتەي يىڭى باشتىن قىتىر قىنىپ،
كۆزقارچۇقۇم، ئۇمۇدۇم سەبىي بالامغا.
بىرى دىدى نىمە ئۇچۈن كەلدىڭ قايتىپ،
ھەشەمەت تۇرمۇش ئۆي ماكاننى تاشلاپ.
ئۆتەرمۇكۈنلىرىڭ چەتئەلدىكىدەك ئەمدى،
يا،قالارسەنمۇ؟پۇشايمانداكۆزۇڭنى ياشلاپ.
مەنمۇ دىدىم ؛شۇندا غەزەپتەچايقىلىپ،
مەن نەقىلاي ئەمدى بۇ شۆھرەت ئاتاقنى.
بۇغداي نانلىرىڭنى سۇركۈپ كۆزلۈرۇمگە،
ئۆزلۈك قوينىغا باشلاپ باراي سەبى بالامنى.
بىلىپ قويغىن سەنمۇئەي گۆدەك دوستۇم ،
يىغلىسامۇئانايۇرتۇمدايىغلاي دەپ كەلدىم.
باغرىمنى يىقىپ باغرىغائەزىز خەلقىمنىڭ،
قانغۇدەك ئۇيغۇرچە سۆزلەي دەپ كەلدىم،،!
ئاپتور: سۈپۈرگى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 11:24 AM