ئۇيغۇر سەن قىزىم
(قىزىمغا نەسىھەت)
مەقسۇت ئەمىن ئەركيار
ئۇيغۇرسەن قىزىم، بايراق ئەل ئۈچۈن ،
ئۇيغۇردەك ئۇزات باھار پەسلىڭنى.
قېرىيسەن بىركۈن،كۆرىسەن بىركۈن،
مېنىڭ قىزىمسەن،ئۇنۇتما ئەسلىڭنى.
ئۇيغۇرسەن قىزىم،مىللەتنىڭ تاجى،
ئۇيغۇرنەسلىگە بەرگىن سۆزۈڭنى.
سۆيىدۇ خەلقىڭ،مېھرىبان خەلقىڭ،
ياتلار قوينىغا ئاتما ئۆزۈڭنى.
ئۇيغۇرسەن قىزىم، كۆكلە، ماتلاشما،
ئانا يېرىڭدىن،ئەلدىن ياتلاشما.
تاۋۇتقا دەپنە، گۇەنسەيگەنەغمە-
ئويلان، كۆرگەنگە چىراينى ئاچما!
ئۇيغۇرسەن قىزىم،قاق چاڭ-توزلارنى،
تۇغقان قەۋم بىز باتۇر قىزلارنى.
«يېڭى دۇنيا»كەن تاغلار چۆكسىمۇ،
ئۆچۈرسەك نۇمۇس شانلىق ئىزلارنى.
ئۇيغۇرسەن قىزىم، دۇئادا قولۇم،
تىلەيمەن ئىنساپ- تەۋپىق بەرسۇن دەپ.
يۇرۇق قىل ئېسىل ئەۋلاتنى بېقىپ،
ئاتا-ئاناڭغا كەلتۈرمىگىن گەپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 11:16 AM