قىلالمىغان خىزمەتلەر جەرىمانە تىجارەت
(ئېزىز ئىمىنتوختى)
خىزمەت قىلىش بۇكۈندە بۇلۇپ قالدى تىجارەت ،
ھايا قىلماي كىشىدىن، ئىنسى-جىنمۇ ھاشارەت.
يېغىن ئېچىپ ھەركۈنى، قىلىپ بىرىگە بىشارەت،
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
تىللاۋىېرىپ ھەركۈنى قالماس غەيرەت-شىجائەت
دېقان،باشلىق ئالدىدا كادىر بولدى خىجالەت
ئىززەت-ھورمەت كام بۇلۇپ بىزدە يوقتۇر ئىناۋەت
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
خىزمەت قىلغان دەردىگە كۈندە قىلدى مالامەت
تاكى كىچە-كۈندىزى بىزدە يوقتۇر ھالاۋەت
ئاقتۇرالماي خىزمەتنى كۈندە ئاڭلاپ ئاھانەت
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
كىچە ياتساق چۈش كۈرۈپ قۇرقۇنۇشلۇق قاباھەت
كۈڭۈللەرنى نەس باستى دىللىرىمىز ھارارەت
ياخشى سۆزدىن بىرى يوق كۆڭۆل بولدى جاراھەت
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
تىللا ۋەرسە ئىنساننى بۇلۇپ قالۇر ھاماقەت
دىلغاچۈشەر سۇغاقلىق بولمايدىكەن ساداقەت
ئۇنتۇلماسلىق مەڭگۈگە تۈگۈمەيدۇ ئاداۋەت
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
سىياسەتكە بوي سۇنۇپ ئۆتكۇزمىدۇق جىنايەت
قانۇنسىسغا بىز قارىشى راساتاپتۇق ھىدايەت
خىزمەت قىلىپ ھەردائىم بىزكەتمەيلى بىتەرەت
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
چۈشۈرۈلدى مەركەزدىن ياخشى پەرمان سىياسەت
سىياسەتنىڭ روھىدىن چىقتى ئىللىق پاراسەت
شەپقەتچىمىز پارتىيەم قىلماس بىزگە مۇشاقەت
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
كۈندى ئىشلەپ جاپالىق كۈرەلمىدۇق ھالاۋەت
سۇكۈلدۇشۇپ دەم ئالماي،تەللەر بولماس سالامەت
تاتساق مەيلى جاپانى،قىلالمىدۇق ساياھەت
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
خىزمەت قىلىپ ھەركۈنى،بىزئىرىشتۇق تەنىگە
قاتتىق-قۇرۇق سۆزقىلىپ،بىز مۇتەكلەر شەنىگە
پۇل تاپالماي قەرىزئېلىپ،گۆرۆ قۇيۇپ رەنىگە
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
كۈندە ئۆيىگە بارىمىز،ئوقۇيدىغان بالىغا
ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇلتۇلەپ،كەلمەي قالغان چالىغا
ئوخشاپ قالدۇق تۇۋەندە،ھەلەپ يىگەن كالىغا،
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
ئاتا-ئانا قىستايدۇ،ئۇلار پاختا تەرمىسە
بارايدىسەمەكتەپكە،ياكى بىرپۇل بەرمىسە
ئاھانەتنى بىزئاڭلاپ،ئۇ مەكتەپكە بارمىسا
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
گىرەلىشىپ ئۆزئارا، بىر-بىرىنى قوللىغان
ئەگەشمىدىڭ بىزگەدەپ،تەشكىلاتقا يوللىغان
بىرەر چاغدا ھومۇيىپ،ئالار چاغدا گوللىغان
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
تەنقىت دىگەن كۆپ بولسا،ئاقمايدىكەن خىزمىتى
دېھقان قېشىغا بارغاندا،يوقتۇر ئۇنىڭ ھورمىتى
بەرگەن مۇئاش،ئازتۇرسا دائىم ئۇنىڭ مىننىتى
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
ئەدەپ-ئەخلاق سۆزقىلىش، ئىنسانلارنىڭ زىننىتى
ئالتۇندىنمۇ يۇقىرى، ئۇنىڭ باھا قىممىتى
ھۆرمەتلىسە ئاۋامنى، ئىككى ئالەم جەننىتى
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
كۈزلۇك بولسا ئالدىراپ، خام قۇناقنى چاپتۇرۇپ
رازى بولماس چېپىشقا، ئۆي بېغىنى ئاقتۇرۇپ
ئەدەپ سۆزدىن بىرى يوق ، كۈڭۈللەرگە ياختۇرۇپ
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
دېھقاندىگەن بىچارە، قىلالمايدۇ گىپىنى
ئۇنىڭ ئۈچۈن سۆزقىلىپ، ھېچكىم چالماي دېپىنى
كۇمپارتىيەمدىن باشقا، ئۇنىڭ يوقتۇر يېقىنى
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
دېھقاندىگەن بىر ئاجىز، ئۇنىڭ قازار كانى يوق
بەزىلىرى ئۆيىدە ، يەپ-ئىچكىلى نانى يوق
كۈندە پۇل دەپ بارغاندا نالى قىلىپ ھالى يوق
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
بەرمەسلىككە سىلىغنى، ئىلاجى يوق جانى يوق
تۇخا-تۇشقان ئۆردەكتەك كۈندە چاچار دانى يوق
كومپارتىيەم بولمىسا ،ئۇنىڭ شەرەپ-شانى يوق
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
دېھقان دىگەن پۇل كۆرمەس ، پاختا تىرىپ تاپمىسا
بوز يەر ئېچىپ يەر تېرىپ كۈندە كەتمەن چاپمىسا
چىققان ئاشنى يىگۈزۇپ، قوي كالىلار باقمىسا
قىلالمىغان خىزمەتلەر، جەرىمانە تىجارەت.
مەنبە: خوتەن ۋىلايىتى بۇيىچە تۇنجى ئون مۇنەۋۋەرياش :ئېزىز ئىمىنتوختى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aziz7242 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-4 11:33 PM