مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 998|ئىنكاس: 17

كۈندەشلىك ۋە قاتىللىق(قاراقاش) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61204
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9038
تۆھپە نۇمۇرى: 1990
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2011-10-19
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                                                                      كۈندەشلىك ۋە قاتىللىق






تۇرپاننىڭ توقسۇن دەپ بىر ناھىيەسى بار ،
شۇ يېزىدىن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ئادىل بىلەن رەنا شۇ يىللىق ئەسكەر قۇبۇل قىلىش پائالىيتىگە قاتنىشىپ.ئەسكەرلىككە بىرگە ماڭىدۇ ، ئۇلار تۇلۇق ، ئالىي مەكتەپلەرنى بىرگە ئۇقۇپ بىر يېزىدىن بولغاچ ئوبدانلا چىقىشىپ قالغان ئىدى .ئەسكەرلىتە ھەم جاپادا بىرگە بۇلۇپ ئۈچ يىللىق تەربىيلەشكە بەرداشلىق بىرىپ يەنە ۋەتەننى قوغداش ئىستىكى بىلەن شىنجاڭغا قايتىپ ، مەلۇم بىر چىگرا رايۇنغا بۈلۈنۈپ رەسمىي ئىشقا چۈشىدۇ ، ۋە بىر يىلدىن كىيىن توي قىلىشقا پۈتۈشۈپ ھەر ئىككىسىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن كىچىك بىر رايۇننى نۆۋەت بىلەن كۈزۈتىشكە قۇيىلىدۇ، كۈنلەر بىر - بىرىنى قوغلاپ ئۆتمەكتە . رەنا بىلەن ئادىلنىڭ مۇھاببىتىمۇ شۇنچە چوڭقۇر .بىر بىرىگە شۇنداق قىزغىن ئىدى.
چىگرا رايۇن ئەسكەرلىرىگە يۇقۇردىن كۈڭۈل بۈلۈپ ئۇلارنىڭ نىمە قىيىنچىلىقى، قانداق ئىھتىياجى بارلىقى بىلىش ۋە ئۇلاردىن ھال سوراش ئۈچۈن ، بىرسىنى ئەۋەتكەن ئىدى. كىم بىلسۇن بۇ ياخشى ئىش ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ئازاپ ئېپ كەپلا قالماي ئۇلارنى مەڭگۈلۈك ئايرىۋەتتى،
يۇقۇردىن كەلگەن بىرى كىرىپ كەلدى ، رەنا .ئادىل ئۇنىڭ ئالدىغا چىققان ئىدى . كىم بىلسۇن ئۇلاردىن ھال سورىغىلى ئۇلار بىرگە مەشىق قىلغان سەپدېشى ئىدى،بىر قاراپلا ئادىل دەپ تۇنۇشۇپ قول ئېلىشىپ كۈرۈشتى .ئۇنىڭ ئىسمى  ئەكبەر ئىدى، ئۈچەيلەن بىرگە تاماق يەپ بىرگە پاراڭلىشىپ كەيپىيات شۇنداق ياخشى ئىدى، كەچ سائەت 11 دىن ئاشتى . ئادىل؛ ئەكبەر بۈگۈنلا كەلدىڭ چارچاپمۇ قالغانسەن بالدۇرراق ئارام ئالغىن دىدى، ئەكبەر ؛ شۇنداق ئىدى لېكىن ھازىر كۆڭلۈم شۇنداق خوش لېكىن ئۇيقۇممۇ كەپ قالدى ، ئارام ئالاي دىدى،رەنا مەن ئۇرۇن تەييارلاي سىز ئادىل بىلەن يېتىپ تۇرۇڭ بىر كىچە، بىزنىڭ چىدىردا ئىككىلا كارۋات بار ئىدى ، خاپا بولماسسىز ، ئەكبەر ياقەي مىنىڭمۇ ئادىل بىلەن قىلىشىدىغان نۇرغۇن پاراڭلىرىم بار. دىدى ،
...........................................................................
ئىككىنجى كۈنى . ئادىل بۇرۇنقىدەپ چىگرا كۈزۈتىشكە ماڭدى ، ئادىل بارىدىغان يەر 15 كىلومىتىر كىلەتتى ، ئۇ رەنا ۋە ئەكبەرگە مەن ماڭدىم دەپ قۇيۇش ئۈچۈن كىرگەن ئىدى . دەل شۇ ۋاقىتتا ئەكبەر ئەتتىگەنلىك يۈگۈرۈشنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كەلگەن ئىدى. رەنا ئەكبەرگە چاي ئەكەلدى ، ئەكبەر توختىماي مەشىق ئىشلەۋاتاتتى ، رەنا چاينى ئۈستەلدە قۇيۇپ ئۇنى كۈزۈتۈپ تۇردى ، رەنا بىز قايتىپ كەلگىلى 8 ئاي بولدى لېكىن سىزنىڭ تېخنىكىڭىز شۇ پېتى تۇرۇپتۇ ، سىز ئۈگەنمەپسىزدە ؟ ئەكبەر ؛ شۇنداقمۇ قېنى ئەمسە چىقىڭە رەنا ئەكبەر بىلەن ماھارەت سىنىشىۋاتاتتى ، تۇساتتىن رەنانىڭ پۇتى قايرىلىپ كىتىپ يىقىلاي دەپ قالغاندا ئەكبەر چاققانلىق بىلەن تۇتىۋالدى، دەل شۇ پەيىتتە ئادىل كىرگەن ئىدى. ئادىل ئۇلارنى قۇچاقلىشىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالدى دە ، ئۇلارغا دىمەستىن كىتىپ قالدى ، ئادىلنىڭ كۈزىگە ھېچ نىمە كۈرۈنمەي ۋاتاتتى ، ماشىنىنى ئۇچقانداق ھەيدەپ نەچچە مىنۇتتىلا ئىش ئورنىغا كەلدى ، ئۇ ئاچچىقىدا ئۈزىدىن ئۈزىگە سۆزلەۋاتاتتى ، خەپ ... ئىسىت سىنى رەنا،   
ئادىل شۇ ئاچچىقى بىلەن چىدىرنى قۇراشتۇرۇپ ئەمدى ئىچىگە كىرىشىگە ، بەك قاتتىق بۇران چىقىپ كەتتى ، ئادىل چىدىردىن چىقىپ ئۈلگۈرمەي بۇران ئۇنى چىدىر بىلەن قۇشۇپ ئۇياق - بۇياققا دۇمۇلۇتۇپ ئادىلنىڭ بېشى قېيىپ نەپسى قىيىنلاشتى ۋە ھۇشىدىن كەتتى ، ئىككى - ئۈچ سائەتتىن كىيىن بۇران توختىدى . ئادىل ھۇشىغا كەلدى ئاستا چىدىردىن ئۆمىلەپ ئاران چىقتى ، كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ رەناغا تېلىفۇن ئۇردى ، مانا تاماششا رەنانىڭ تېلىفۇنى توكتا ئىدى ، تېلىفۇن ئۇلاندى لېكىن ئېلىنمىدى ، ئادىل قايتا-قايتا ئۇردى ئېلىنمىدى ، شۇ ۋاقىتتا ئادىلنىڭ كۆڭلىگە مۇنۇ ئىشلار كەلگەن ئىدى . رەنا چۇقۇم ئەكبەر بىلەن بىرگە شۇ مەن تېلفۇن قىلسام ئالمىدى دەپ ئويلىغان ئىدى، لېكىن ئۇ ئۈزىنى تۇتىۋالدى ئامالسىز ماشىنىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى ، كەچ كىرشىگە يېقىن ماشىنىنى ئاران تاپتى ، ئادىل ئۇدۇل ئامبارغا باردى ، بىردانە چوڭ خالتا بىرتال بولقا ئېلىپ ياتاققا ماڭدى ،
ئەسلىدە رەنا ناھىيە مەركىزىگە نەرسە كىرەك سېتىۋېلىشقا كەتكەن ئىدى ، ئەكبەر يالغۇز كىتاپ كۈرۈپ ئۇخلاپ قالغانئىدى ئادىل كىرىپلا ئەكبەرنىڭ مىڭىسىگە بىر نەچچىنى ئۇردى ئەكبەر كۈزىنى ئېچىشقا ئۈلگۈرمەي جان ئۈزدى، ئادىل ئەيمىنمەستىن ئۇنى خالتىغا سولاپ ماشىنىغا سالدى . ماشىننى دەريا تەرەپكە ھەيدەپ ئۇچۇرۋەتتى ، دەل شۇ ۋاقىتتا رەنا كەلگەن ئىدى ئۇ ئادىلنىڭ ئۈزىگە قارىماي كىتىۋاتقىنىغا ئاچچىقى كىلىپ نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز دەپ سوراش ئۈچۈن كەينىدىن ماڭغان ئىدى،  ئادىلنىڭ ماشىنىسى دەريا كۆۋرۈكى ئۈستىدە توختىدى ۋە بىر خالتىنى دەرياغا تاشلاپ كەينىگە ياندى رەنا ھەممىنى كۆرگەن ئىدى ، ئۇمۇ دەرھال ماشىننى ياندۇرۇپ ياتاققا قايتىپ تاماققا تۇتۇش قىلدى ، ئادىل قايتىپ كىلىپ ماشىنىسىغا ماي قاچىلىۋاتاتتى ، رەنا ئەكبەرنىڭ يوقلىقىنى سورىۋىدى ، تېلفۇن كەپتىكەن مەن ناھىيگىچە ئەكىرىپ قويدۇم دەپ جاۋاپ بەردى . لېكىن رەنانىڭ كۆڭلىگە بىر شۇملۇق كەلگەندەك بولدى ، رەنا كىچىچە ئۇخلىيالمىدى ، ئۇلارنىڭ ياتاق ئەتىراپىنىڭ 30 كىلومىتىر ئەتراپىدا ئادەم يوق ھەم ئەكبەردىمۇ تېلفۇن يوق ئىدى ، ئىش باشقىچە رەنا بىركىچە ئۇخلىيالمىغان ئىدى ، ئادىلمۇ رەناغا باشقىچە كۈرۈنىۋاتاتتى ، ئادىل بۈگۈنمۇ ئۈزىنىڭ چارلاشقا بارىدىغانلىقىنى رەنانىڭ ئارام ئېلىشىنى دەپ قۇيۇپ كىتىپ قالدى . رەنانىڭ كۆڭلى جايىدا ئەمەس ئىدى ، رەنا ئادىلنىڭ كەينىدىنلا دەريا تەرەپكە ماڭدى ، رەنا ئادىلنىڭ ماشىنى توختىغان كۆۋرۈك ئۈستىدە توختىدى . سۇدا ھېچ نىمە كۈرۈنمەيتتى ، رەنا دەريانىڭ ئاياغ تەرپىدە كىشىلەرنىڭ بىر نەرسىنى سۈزىۋاتقانلىقى كۆۋرۈك ئۈستىدە تۇرۇپ كۆردى ۋە شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدى ، قارىسا 10 نەچچە ئادەم بىر قان تامچىغان خالتىنى سۇدىن ئالدى ، رەنا مەن كۈرۈپ باقاي دىدى باشقىلار ئۇنىڭ ھەربىيچە ماشىنىسى ۋە كىيىمىگە قاراپ ئۇنىڭغا يول بەردى ، رەنا قۇلى تىتىرگەن ھالدا خالتىنى ئاچتى ، ئاھ تەڭرىم ئۇ دەل ئەكبەر ئىدى ، رەنا پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى ، نىمە ئۈچۈن؟؟؟ بۇ زادى نىمە ئۈچۈن ؟؟ يەرلىكلە شۇ يەرنىڭ ساقچىخانىسىغا مەلۇم قىلدى رەنامۇ بىرگە بېرىپ ئەبەرنى تۇنۇيدىغانلىقىنى ۋە باشقا ئىشلارنى ئېيتىپ بەردى ، لېكىن ھېچكىم ئادىلدىن گۇمان قىلمىدى ، رەنا قايتىپ كەلدى كۆڭلى بەكلا يېرىم ئىدى . ئادىل قايتىپ كىلىشىگە رەنا يۈگۈرۈپ چىقىپ ئۈزىنى تۇتالماي يىغلىۋەتتى ، ئادىل ؛ نىمىش بولدى رەنا نىمىگە يىغلايسەن رەنا بىر ئازدىن كىيىن ئۈزىنى بېسىۋېلىپ ئەكبەر ئۈلۈپتۇ ، سىز قىلدىڭىز شۇنداقمۇ ، نىمىشقا........؟ زادى نىمىشقا ئۇنداق قىلىسىز  ، ئادىل   نىمە دەۋاتىسەن مەن نىمە قىلدىم ؟؟ رەنا ؛ مىنى بىلمەيدۇ دىمەڭ ئامبادىكى خالتا نەگە كەتتى ، نىمىشقا ئەكبەرنىڭ ئۈستىدىكى خالتا بىزنىڭ ئامباردىكى خالتا بىلەن ئوخشاش مىنى بىلمەيدۇ دىمەڭ ، دەپ توختىماي يىغلاۋاتاتتى ، ئادىل ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلدى ، ۋە رەنا ئەكبەر ھازىر نەدە دەپ سورىدى، رەنا ئۇنى ساقچىخاتا تەكشۈرۈشكە ئېلىپ كەتتى دىدى، ئادىلنىڭ بېشى قايغاندەك بولدى ، رەنا لېكىن ساقچىلا سىزدىن گۇمان قىلمايدىكەن سىزنىڭ قىلغانلىقىڭىزنى مەنلا بىلىمەن سىزدىن ئۈتىنەي ئادىل ، ئۈزىڭىزنى مەلۇم قىلىڭ دىدى، ئادىل تېخى بۇنداق ئىشلارنى ئويلىمىغان ئىدى ھەم ئۈزىنىڭمۇ قانداق ئاقىۋەتلەرگە قالىدىغانلىقى ئۈزىگە مەلۇم ئىدى، ئادىل ماشىنىغا ماي قاچىلىدى ، ۋە چىگرا رايۇنغا قاراپ ماڭدى رەنانىڭ تىزلىنىپ يالۋۇرغانلىرى بىكار بولدى ، ئادىل ئۈزىچە چىگرادىن چىقىپ كەتمەكچى ئىدى . رەنا بىر كىچە يىغلاپ چىقتى ، ئەتىسى ياق ياق . چۇقۇم مەلۇم قىلىشىم كىرەك چۈنكى مەن بىر ھەربىي دىگەنلەرنى ئويلىدى دە ، ناھىيلىك جامەت خەۋپىزىسلىك ئورنىغا ئەھۋالنى ئىنىق ئېيتتى، ئۇلار چىگرا رايۇن ساقچىخانىسى ۋە ناھىيە ئىچىدىكى ئالاھىدە قىسىمنى ئادىلنى تۇتۇشقا بۇيرۇق چۈشۈردى . ۋە دۆلەت ئىچىدە توردا ھەم ھەرقايسى بىكەتلەر ۋە ئاممىڭى سورۇنلارغا ئادىلنىڭ سۈرىنى ئەۋەتكەن ئىدى . ئادىل شۇ ماڭغانچە ماشىنىنىڭ مېيى تۈگىگىچە ماڭدى ، ماشىنا توختىدى ئادىل ئارغانچە ۋە قول چىراغ ئېلىپ يولنى داۋاملاشتۇردى . ئۇ باشقا دۆلەت چىگرا يېنىغا بېرىپ ئۈتۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدى ۋە ماشىنا توختىتىلغان جايغا كىلىپ ماشىنىنى ئۈزى ئىتتىرىپ بىر چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈرۋەتتى، ۋە كەنىت تەرەپكە قاراپ ماڭدى ، كەچ كىردى ئادىل باشقىلارنىڭ ئۈيىگە كىرىشكە پېتىنالمىدى ، ئۇيان ئويلاپ - بۇيان ئويلاپ بىر دېھقاننىڭ گەمىسىگە كىرىپ ياتتى ، 4    5   كۈننى گەمىدە ئۆتكۈزدى ، قۇرسىقى ئاچسا تۇرۇپ بىلەن سەۋزە يەپ كۈن ئۆتكۈزدى ، ساقچىلا ئادىلنىڭ ماشىنىسىنى تاپتى لېكىن ئۇنىڭ جەسىدىنى تاپالمىدى ۋە ئادىلنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى چۇقۇم مۇشۇ 30 كىلومىتىر ئارلىقتا ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ ئىزدەش رايۇنىنى بىكىتىپ چىقتى . پۇتۇن كۈچى بىلەن ئىزدەشكە باشلىدى ، ئادىل بولسا گەمىدە بىرسىنىڭ ئاياق ئاۋازىنى ئاڭلىدى ۋە سەي كۆكتات ئارىسىغا يۇشۇرىندى ، لېكىن دېھقان دەل ئادىل يۇشۇرىنغان يەرنى كولىدى ئادىلنىڭ پۇتى كۈرۈندى دېھقان ئوغرى.....ئوغرىنى تۇتۇڭلا دەپ ۋاقىرۋەتتى ، ئادىل قورققۇنىدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتى ، دە دېھقاننىڭ بېشىغا بىرنى قۇيۇپ ئايلاندۇرۇپ قېچىپ كەتتى  ، ئۇ يۇرتىغا قايتىپ پاناھلىنىشنى ئويلىدى ، ئادىلمۇ ھەربى بولغاچقا ئەپچىللىك بىلەن نەچچە بىكەتتىن ئۈتۈپ كەتتى  لېكىن ئۈرۈمچىگە كىلىشىگە تىلكامىراغا چۈشۈپ قالدى دە. توردىكى سۈرىتىگە سېلىشتۇرۇپ دەرھال تۇتۇشقا ئاتلانغان ساقچىلار 1 سائەتتىلا ئادىلنى قولغا چۈشۈردى ، سوت ئېچىلدى ئادىل ئادەم ئۆلتۈرۈشتىكى سەۋەبىنى ئېيتتى ، رەنامۇ يىغلاپ تۇرۇپ ئەھۋالنى بايان قىلدى . ئادىل پۇشايمان ئىلكىدە سوت مەيدانىدىن چىقىۋاتاتتى، رەنا ئادىلغا ئېسىلدى ، قاراۋۇل ئاجىرتىپ ئادىلنى ئېلىپ كەتتى،  رەنانىڭ كۈزىدىن ياش قۇرمىدى. ئادىل مەڭگۈلۈك پۇشايمان بىلەن كەتتى،،
كۈنلەر بۇرىنقىدەك ئۆتمەكتە دۇنيا تۇلىمۇ گۈزەل لېكىن رەنا يەنىلا دەرتتە ئىدى ، لېكىن دەردىنى كىممۇ بىلسۇن.

بۇ ھىكايەم ئۈچ نەپەر ھەربىينىڭ سەزگۈرەشتىسى. لېكىن ئويدۇرما،

مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر  سەھىپىسىگە،

مەنبە- ئابلىكىم قاراقاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 748
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5071
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ  . لىكىن سەل تومتاق بوپ قاپتۇ .  تىل ئىشلىتىلىشى جانسىزراقكەن . خۇددى دىكتور خەۋەر ئۇقۇغاندەكلا بوپ قاپتۇ . يەنىمۇ تىرىشىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87134
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 196
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىيالۇگلار جايىدا قۇيۇلماپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87502
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىدىمۇ مەلۇم مەسىلىلەر ساقلانغاندەك تۇرىدۇ. ئۇلار تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئوتتۇز كېلومىتىر ئەتراپىدا ئادەم يوق دەپسىزۇ ئەمما ئەكبەرنى دەريانىڭ ئاياغ ئېقىنىدىن سۈزۈۋاتقان يەرلىك ئادەملەرنى ۋەقە ئىھتىياجى سەۋەبىدىنلا پەيدا قىپسىز، بۇ يەرگە رەنا بېرىپ قالسا بولىدۇ. مۇمكىن بولسا مۇكاپاتقا ئېرىشىش ۋەسۋەسىدىلا پىشمىغان، خام ئەسەرلەرنى ئىۋەرتمەي ئالدى بىلەن ئوبدان پىششىقلاپ ئاندىن ئىۋەرتسەك. سەمىمىي ئەسكەرتىش.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 5307
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35174
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 6718 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راسىت گەپ قىلسام سىزگە ياقمايدۇ.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

قايىل قىلىش قۇرق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1016
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13305
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5109 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  80 - يىللاردىكى يېزىقچىلىق  ھەۋەسكارلىرىنىڭ نېفىت ئىشچىللىرى ھەققىدە يېزىلغان تەشۋىق خاراكتىرىنى ئالغان ئويدۇرمىلىرىغا ئوخشايدىكەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   albax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-5 12:30 PM  


كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 246
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 442
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكى ياخشى بوپتۇ لىكىن ئاپتۇر تىلىنى 1-شەخىس تىلدا يازغان بولسىڭىز ياخشى چىقاركەن . يەنى ئۆزئارا دىئالوگلارنى قېتىپ ..

كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بولايمۇ يىلتىز مۇ  !

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1358
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6877
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
doslar
yazguqi sidikjan gopur kisal bilan jan talaxmakta yardam kilayli
13279039407

13999649893
qq819950144


工商银行: 6222023015001378608斯迪克江。吾甫尔

农业银行:6228483700643695317斯迪克江。吾甫尔  




سىزنىڭ تېخى ھىلىقى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى بىرىسز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32621
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4821
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6256 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خام ماتىريالنى ياخشى تاللاپسىز ياخشىراق  پىششىقلانغان بولسا ئادەمنى جەلىپ قىلغۇدەك ياخشى ھىكايە چىقاتتىكەن،ئەتراپتىكى مۇھىت تەسۋىرى ،پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى ھىسسيات تەسۋىرلىرىمۇ ھىكايىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.ئۆزىڭىز قايتا-قايتا ئوقۇپ بېقىڭ ئادەمگە ئامانلىق ژورنىلىدىكى بىر قاتىللىق ۋەقەسىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقاندەكلا تۇيغۇ بېرىدىكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3003
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zakir يوللىغان ۋاقتى  2012-12-5 02:19 PM
خام ماتىريالنى ياخشى تاللاپسىز ياخشىراق  پىششىقلانغان ...

مەنمۇشۇ بۇ بىر راست بولغان قاتىللىق ۋەقەسى ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن ، باشتىن ئاخىرى خەۋەر ئوقىغاندەكلا بولدۇم .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش