مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 165|ئىنكاس: 7

ئىئانە... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77386
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3419
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياش مۇدىر سەھنىدە زورۇقۇپ سۆزلىمەكتە. تۆۋەندە ئىككى يۈز نەچچە ئۇقۇتقۇچى...
_يولداشلار ، ئۆتكەن مەۋسۇم تىببى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كۈيۈك يارىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن يىققان ئۈچمىڭ نەچچە يۈز يۈئەننى ئىۋەرتەيلى دەپ تۇرساق شۇم خەۋەر كىلىپ ئۇ بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق، پۇل ئىگىسىز قالدى، بەلكىم ئۇنىڭ رىسقى پىشانىسى شۇنداق ئوخشايدۇ (بۇ گەپنى ئاڭلاپ پەگادا يىغىن ئاڭلاۋاتقان پېقىرنىڭ بۇغۇزىغا بىرنەرسە قاپلاشقاندەك بولدى... تەڭرىمگە مىڭ شۈكرى، مىنىڭ تىنىمنى سالامەت، ئۆمرۈمنى  ئۇزۇن قىپسەن، دىدىم ئىچىمدە)  
_يەنە  ئۆتكەندە مەكتىۋىمىزگە نۇتۇق سۆزلىگىلى تەكلىپ قىلغان دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئىنانە قىلغان مىڭ كوي پۇلمۇ تۇرۇپتۇ. مۇشۇنى ئۇقۇغۇچىلارغا تارقىتىۋىتىدىغان ئىش ئىدى، قارىسىام مۇشۇنداق سوغۇقتىمۇ بەزى ئوقۇغۇچىلار شۇنچە يىلىڭ، ئاياقلىرى يىرتىق ھالەتتە ئىكەن، ھەر سىنىپتىن بىرەردىن بالا چىقسىمۇ ئاتمىش نەچچە بالا بولىدىكەن، بىراق تۆتمىڭ نەچچە يۈز يۈەنگە ئىككى يۈز كويدىن كىيىم ئالسىمۇ ئاران يىگىرمە بالىغا  يىتىدىكەن، شۇڭا سىلەرمۇ ھىس قىلدىڭلار، ئاۋۇ ئىئانە ساندۇقىنى شۇڭا ئەكىرگەن، بۇ بىر ساۋاپلىق ئىش، شۇڭا ئاتىغىنىڭلارنى بەرسەڭلار بىز ئوقۇغۇچىلارغا ھېلىقى پۇل بىلەن قوشۇپ  يەتكۈزىۋەتسەك...
_ ھە راست نەچچە كۈن ئالدىدا مۇشۇنداق ئۇقۇغۇچىلارنى تىزىملاپ بىرىڭلار دىسەك خېلى بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلار تىزىملاپ بەرمەپسىلەر، بىز ئەلۋەتتە ئۇلارنى بىر يەرگە يىغىپ داغدۇغا قىلمايمىز، چۈنكى  ئۇلارنىڭمۇ غۇرۇرى بار، شۇڭا دۈشەنبە كۈنى چوقۇم تىزىملاپ بىرىڭلار.
_ ئەمىسە مەندىن باشلاپ ئاتىغىنىمىزنى سالايلى. بەرمىگەنلەر يىغىن زالىدىن  چىقمايدۇ ، (چاقچاق بولغاچقا كۈلكە كۆتۈرۈلدى...)
مۇدىر يانچۇقىدىن يىشىل رەڭلىك ئەللىك سومغا يەنە ئازراق قوشۇپ ساندۇققا سالدى.   
ئاندىن ئۇقۇتقۇچىلار بىردىن ئىككىدىن ساندۇق ئالدىغا سىلجىشقا باشلىدى.
ئىچىمدە ئويلىدىم: مەنغۇ تىلەمچىلەرنىڭ كۆپى ئالدامچى دەپ ئويلاپ ئۇلارغا ئادەتتە زادى بىرنىمە بەرمەيمەن. بەرگەنلەرنىمۇ تىلەمچىلىك كەسپىگە ھەسسە قوشقۇچى ئەخمەقلەر دەپ قارايمەن.  شۇڭا بۇ قېتىم چوقۇم بىر بىرەي...
نەچچە پۇل بەرسەم بولار؟ يۈز سوملا بىرەي.
شۇ  ئوي بىلەن ساندۇققا قاراپ سەپ تۈزۈپ سىلجىۋاتقانلارنىڭ قولىغا قارىدىم، ئۇلارنىڭ قولىدا ئون نەچچە كويدىن تارتىپ نەچچە ئون كويغىچە پۇل تۇراتتى، سىنچىلاپ قاراپ ماڭا يېقىن تۇرغانلارنىڭ قولىدا ئەللىك  كوي پۇل دىگەننى كۆرمىدىم، ساپلا ئون كوي ، بەش كويلۇق پۇللار سىقىمدىلىپ تۇراتتى.
توساتتىن بىر پىشقەدەم  ئۇقۇتقۇچى يېنىدىكى بىرىگە دىدى، ئاللانىڭ ھەققىدە ساۋاپ بولىدۇ جۇما باللا، ئۇنىڭ قولىغا قارىدىم، بەش كويلۇقتىن ئىككىسىلا تۇراتتى، ئۇنىڭ مەكتەپتە مۇئاشى يۇقۇرى ئۇقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم، بەلكىم ئايدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئالار، شۇنداق دىدى، سەل ياشراق بىرى خۇدا يولىدا سادىغات بەرگەنگە يەتمەيدۇ، ئۇنىڭ قولىغا قارىدىم، قولىدا يىگىرمە كويلا...
بۇلارنى كۈرۈپ بىر خىل ئۈمۈتسىزلىك ،  ئادەمنىڭ  ماھىيىتىگە قارىتا بىر خىل سوغۇق تۇيغۇ كاللامنى سىپاپ  ئۆتتى، بۇلار ئاللانى ، خۇدانى خوش قىلىش ئۈچۈن ئون يىگىرمە كوي سەدىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ ساندۇققا سالىدۇ، مەنچۇ، ئۇلاردىن كۆپرەك بىرىشىم كىرەك، چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ پىخسقلىغىنى كاللامدىن ئۆتكۈزەلمىدىم، ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى خۇدا ئون -يىگىرمە كويغا ئەرزىيىدىكەن، مەن تەڭرىنىڭ ھەققىدە ئۇلاردىن تېخىمۇ كۆپرەك بىرەي، ئۈچيۈز كوي بىرەيمۇ يا، ياق، باشقىلار مىنى مازاق قىلمىسۇن...
قولۇمدىكى ئىككى قىزىل قەغەزنى ناھايىتى كىچىك قاتلاپ ساندۇققا قاراپ سىلجىدىم، ئىچىمدە ئويلىدىم، تەڭرىم، بۇنى سەنلا كۆرگىن، باشقىلار كۈرۈپ قېلىپ مىنى مازاق قىلمىسۇن.........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 526
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6712
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1443 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى توغرا قىلىپسىز،ئاللاھ يۈشۇرۈن سەدىقە بەرگەنلەرنى دوست  تۇتىدۇ....

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13843
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7833 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوڭ قول بەرگەن سەدىقىنى سول قول كۆرمىسۇن دەيدىغان گەپ بار . ئاللا ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4884
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزمۇ سىزدىن ئۈگەنسەك بولغۇدەك مانا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76847
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3601
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ئەسلىدە دىنى كەيپىيات ئىنتايىن كۈچلۈك بىر مۇنبەرگە بىرىلىپتىكەن، لىكىن ئۇ يەردە يارتقۇچىنى ئەرەپچە ئاللا دىمەي تەڭرى دىدى، تېما ئىگىسى خىرىستىيانكەن، ئاقكەن، كۆككەن  دەپ ئېغىزغا ئالغۇسىز ئەڭ مەينەت،  سەت تىللار بىلەن ھاقارەت قىلىشىپ، تېما ئىگىسىنىڭ ئاغزى بۇرنىنى  يالاق قىلىۋىتىپتىكەن.
مىسرانىمدە نىمە كۈننى كۆرەر بۇ تېما...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87890
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىرشقان  تاغ  ئاشار ......غەيرەت قېل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86336
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 355
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-10-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 07:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە ئەڭ توغرا ئاتاش يەنىلا ئاللاھ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88136
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 33
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 سائەت ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوڭ قول بەرگەن سەدىقىنى سول قول كۆرمىسۇن دەيدىغان گەپ بار . ئاللا ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش