قايسى ئوتتا باساي پىراقنى
سەن گۈل بوپ ئېچىل باغلاردا ،
كىپىنەك بوپ سۈيەي بەرگىڭنى .
پۇراقلىرىڭ چېچىلسا ھەريان ،
ھەسەل ھەرىمەن يىغاي شىرنەڭنى .
سەن ئېقىن بول ئۆركەشلەپ ئاققان ،
مەن بېلىق بوپ كىزەي باغرىڭنى .
ئەل ئھرامدەك تىلسىمات بولساڭ ،
ئالىم بۇلۇپ ئاچاي سىرىڭنىى .
شامال بۇلۇپ سۆيسەڭ مەڭزىمنى ،
مەجنۇنتالدەك ئىگەي بېشىمنى .
سەن چاڭقىغان مىسالى كارۋان ،
شەربەت قىلىپ قۇياي يېشىمنى .
چىراق بۇلۇپ يېقىلساڭ تۈندە ،
پەرۋانىدەك ئاتاي ئۈزۈمنى .
سەن ئۇلۇغ سەن شىپالق سۈزۈڭ ،
تۇمار قىلىپ ئاساي سۈزۈڭنى .
ئىگىز تاغ بول كۆككە تاقاشقان ،
شۇڭقار بۇلۇپ قاقاي قاناتنى .
دولقۇن بولساڭ دېڭىزلاردىكى ،
ساڭا يانداش ئۇراي پالاقنى .
لەگلەك بولساڭ سامادا ئۇچقان ،
يىپىڭ بۇلۇپ كىزەي يىراقنى .
نادانمۇ سەن كىچىكمۇ ياكى ،
قايسى ئوتتا باساي پىراقنى .
مەنبە:ئۆز قەلمىم
2012-12-4
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 11:14 AM