جۇڭگو ئاخارات تورى : شۇ يەر ۋاقتى 3- دىكابىر ، مىكسىكا كانسوندا ، دۇنيا بوكىس كىڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئېلىپ بېرىلدى ، پائالىيەتتە  بىشقەدەم بوكىس شاھى { مۇھەممەد ئەلىيگە } مەڭگۈلۈك بوكىس شاھى دىگەن ئالىي نام بىرىلىپ بوكىس شاھلىق تاجى كەيدۈرۈلدى ، 
بوكىس شاھى مۇھەممەد ئەلىي توغرىسىدە قىسقىچە چۈشەنچە : 
ئەسلى ئىسمى : Cassius Marcellus Clay Jr 
مۇسۇلمان بولغاندىن كىيىن ئۈزگەرتكەن ئىسمى  : 
مۇھەممەد ئەلىي
چەتئەلدە ئۇنى { 
ئەلىي مۇھەممەد } دەپ چاقىرىدۇ . 
دۆلەت تەۋەلىگى : ئامېرىكا
تۇغۇلغان ۋاقتى : 1942- يىلى 1 -ئاينىڭ 7 - كۈنى 
مۇسۇلمان بولغان ۋاقـتى : 1964-يىلى  9 - ئاي
مۇھەممەد ئەلىي  20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدا دۇنيا بوكىس ساھەسىدە ئاجايىپ شۆھرەت قازانغان مۇسۇلمان بوكىس شاھى. ئۇ دۇنيا بوكىس شاھى دىگەن نامدىن ھالقىپ{ دۇنيا بوكىس ساھەسىدىكى ئۇلۇغ بوكىسچى} دىگەن نامغا ئېرىشكەن بىردىن-  بىر بوكىس ئاتىسى .
ئۇنىڭ بوكىسچىلىق تالانتى 12 - يېشىدىن باشلاپ مەلۇم بولغان . شۇندىن تارتىپ 
مۇھەممەد ئەلىي ئىزچىل تۈردە بوكىس مەشىق قىلىپ 18 ياشقا كىرگەندە بىردىن-  بىر ياۋرۇپا چىمپىيۇنى دىگەن شەرەپلىك نامنى ئالغان ،
بوكىس ساھەسىدە ھازىرغىچە 
مۇھەممەد ئەلىيگە ئوخشاش چەبدەس بوكىسچىدىن يەنە بىرىنىڭ چىققىنى يوق .
ئىلگىركى بوكىس شاھلىرىدىن . مەيىك تەيسىن . خولىپپېردو . لېۋىس . كىلىچىنكى ، قاتارلىق بوكىس شاھلىرىمۇ . مۇھەممەت 
ئەلىينىڭ بوكىس تالانتىغا قايىل بولماي تۇرالمايدۇ .
ئۇ ئۈز زامانىسىدا ئاجايىپ دەۋىر سۈرگەن تەنھەركەتچى بولۇپ . ھەرقانداق بىر رەقىبى مۇسابىقە ئالدىدىكى ئۇچرۇشىشتا 
ئەلىي نىڭ كۈزىگە تىكىلىپ قارىيالمايتتى ،
ھازېرقى دەۋېر بوكېس ساھەسىدىكى مەشھۇر بولغان كېپىنەك پۇت ھەركىتىنى دەل مۇھەممەد ئەلىي ئىجاد قىلغان ،
مۇھەممەد ئەلىي ھازېر بوكىسچىلارنىڭ كەسپى كېسىلى دەپ ئاتالغان پاركىنسون كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بۇلۇپ ، كۈنلىرىنى ئىبادەت قىلىش . ئېسلام دىنى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلەش . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئېسلام ئالىملىرى بىلەن ھەم سۆھپەت بۇلۇش قاتارلىقلار  بىلەن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ .....  
مەنبە : ئاخپارات تورى ۋە مەن