ئەسسالام شىمالدىن ئۇچۇپ كەلگەن قۇش.
سىدىقجان غۇپۇر _________شىئىرىيەت ئۈچۈن گۇيا كۈيىۋاتقان شام،ئۇنىڭ ئىشقىدا بارلىقىنى ئاتىغان بىر پەرۋانە ئىدى .ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئاۋال كۈيۈكتاغ مۇنبىرىدە ئاندىن كىيىن يازغۇچىلار مۇنبىرىدە تۇنۇشقان ئىدىم .ئۇ مۇشۇ قەدەملىرى بىلەن تۇختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسە كىينكى دەۋىردىكى ئۇيغۇر شىئىريىتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بۇلۇپ قالاتتى. بۇگۇن مۇنبەردىن تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كىسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۈرۈپ ئولتۇرۇپلا قالدىم ۋە ئۇنىڭغا ئاللاھتىن شىپالق تىلەپ بۇ شىئىرنى يېزىپ چىقتىم.
ئابلىكىم مۇھەممەت ۋارىسى
ئەسسالام قەدىردان قەلەم ساھىبى،
ئىجاتنى بەختىم دەپ بىلگەن سىدىقجان.
ئازاپلار چىكىپسەن، يۈرەك يىغلىدى،
باسقاندەك قەلبىمنى گۇيا زىمىستان.
ئەسسالام شىمالدىن ئۇچۇپ كەلگەن قۇش،
تىنجىماس روھىغا يۇكسەكلىك ئىزلەپ.
كەڭ قۇچاق ئاچقىنە دىمەي ناتۇنۇش،
باغرىمغا باسايمەن سىنى ئەزىزلەپ.
بىشىڭغا كىلىپتۇ قارا قىسمەتلەر،
گۇيا باغ قوزغۇنغا ماكان بولغاندەك.
بورانغا يىقىندۇر رەڭدار چىچەكلەر،
ئاھ ئۇرما،مۇشكۇلدە تاۋلىنىار ئەركەك.
بۇ بەلكىم ھاياتتا ساڭا بىر سىناق،
ئەزىزلەر بېشىغا ياغار كۆپ كۆلپەت.
<<ھايات بىر سەپەردۇر،مۈشكۈل ياشىماق>>،
دىگەنغۇ ئۇلۇغلار ئۇنى شەرىھلەپ.
سانىما ئۈزۈڭنى يالغۇز،يىگانە،
تىكىلدى سەن تامان ساناقسىز كۆزلەر.
قىسمەتتىن يۈرەكلەر بولسىمۇ پارە،
ئالەمچە مىھىردىن ھايات پۇرەكلەر.
روھىمدا چىچەكلەپ كەتتى سېغىنىش،
ھەرياقتىن سەن ئۈچۈن ئىزلەيدۇ باھار.
ئھ.. ئاللا شىپالىق بەر دىگەن تىۋىش،
زىكرى بوپ تىلىمغا ئۇرۇلار تەكرار.
مەنبە:يۈرەك.