مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 836|ئىنكاس: 24

خەلقىمىزدە ياغاچتىن ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات.ئۇ،نېمە؟

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 561
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9227
تۆھپە نۇمۇرى: 456
توردا: 2802 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

خەلقىمىزدە  ياغاچتىن ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى


(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)


مۇھەممەد توختى


ئەقىل-پاراسەتلىك،چېچەن،يىراقنى كۆرەر ئەجدادلىرىمىز،نەچچە ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا،‹‹تاش قوراللاردىن پايدىلىنىپ ياغاچتىن ھەرخىل ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرىنى ياساش بىلەن بادرا ۋە دەرەخ قوۋزاقلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى  بىر-بىرىگە چېتىپ ساتما،ئۆيلەرنى ياساپ ››.[1] ئۇنىڭدىن پايدىلانغان بولسا،كېيىنچە ئۆزلىرى ياشىغان ئىقلىم شارائىتىغا ئاساسەن ئاشلىق ،زىرائەتلەرنى تېرىپ،ئۇن تارتىپ،تاماق ئېتىپ يەيدىغان مەدىنى تۇرمۇشقا قەدەم قويدى.مۇشۇنداق ئېھتىياج تۈپەيلى،كۆپلىگەن ئويۇش،قىرىش ئەسۋاپلىرى(تۆمۈر ۋە مىس قاتارلىقلاردىن ياسالغان)ئىجاد قىلىنىپ،يىمەك-ئىچمەككە،دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىققائىشلىتىدىغان بىرتۇركۇم ياغاچتىن ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بارلىققا كەلدى ھەم ئاشۇ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساش كەڭ تۈردە ئۇمۇملاشتى.

ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياغاچتىن پايدىلىنىشى نەچچە ئەسىرلىك تارىخقائىگە بولۇپ،‹‹ئۇغۇزنامە››داستانىدا ياغاچتىن پايدىلىنىشنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەمۇنىلىرى ئۇچرايدۇ ،داستاندا مۇنداق بايانلار بار.‹‹ئۇ بەگ دەريا بويىدا نۇرغۇن تال ياغاچلارنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردى،بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى بەگ...ئاشۇياغاچلار...كەستى.ئۇنى سۇنىڭ ئۈستىدە لەيلىتىپ،ئۆزلىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ئىتىل دەرياسىدىن ئۆتتى››[2]‹‹ئوغۇزخاقاننىڭ لەشكەرلىرى ئىچىدە ياشانغان بىر چېۋەركىشى باربولۇپ،ئۇنىڭ ئىسمى بارماقلىق يوسۇن بىلىگ ئىدى.بۇ چېۋەر ئادەم بىر ئېگىز ھارىۋا ياسىدى.ھارۋا ئۈستىگە جانسىز غەنىمەتلەرنى قاچىلىدى.ھارىۋىنىڭ ئالدىغا جانلىق غەنىمەتلەرنى قوشتى،ئۇلارغا ھارىۋىنى تارتقۇزدى.ئېگىزھارىۋا ماڭغاندا ‹قانغا قانغا ›دېگەن ئاۋازچىقاتتى،شۇڭىلاشقا ئۇنىڭغا[قانغا]دەپ ئات قويدى››.[3]ئۇندىن باشقا،ئارخىلوگىيىلىك تېپىلمىلارۋە قىيا تاش رەسىملىرىمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياغاچتىن پايدىلىنىش تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بولۇپ‹‹بۇنىڭدىن3000-6000يىللار ئارىلىقىدا دەپ قارالغان ئالتاي قىياتاش سۈرەتلىرىدە ھارىۋا قېتىلغان ئات ئوبرازى››[4]سۈرەتلەنگەن.‹‹1979-يىلى،كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى3800يىللىق تارىخقا ئىگە گۇمۇگۇ قەبرىستانلىقىدىن  بىرتۈركۈم ياغاچ تەڭنىلەر تېپىلدى››[5]،‹‹1986-يىلى4-5-ئايلاردا،قۇمۇل يان بۇلاق قەبرىستانلىقىدىن بۇنىڭدىن 2550-3100يىللار بۇرۇنقى دەۋىرلەرگە تەۋە بولغان ئۈچ دانە ياغاچ تاۋاق قېزىۋېلىندى.››[6]،‹‹1959-يىلى  نىيە خارابىسىدىن بىرتۈركۈم ياغاچ چۆمۈچ تېپىلدى.››[7]دىمەك،قەدىمى ئەجدادلىرىمىز‹‹تۆمۈرتىغلىق قىرىش ئەسۋاپلىرى بىلەن ياغاچتىن  ھەرخىل بۇيۇملارنى،جۈملىدىن يېمەك –ئىچمەك جابدۇقلىرىنى ياساپ،ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرغان››[8] دىن سىرىت يەنە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە باشقا كەسىپلەردە ئىشلىتىدىغان بىرتۇركۈم ئەسۋاپ-ئۈسكىنىلەرنىمۇ ياساپ تۇرمۇشىنىڭ پاراۋان،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق،ھەرقايسى كەسىپلەرنىڭ راۋان تەرەققى قىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلىغان.ئارخىئولوگىيىلىك تېپىلمىلار بۇقارىشىمىزنى سۆزسىز ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.

تۆۋەندە خەلقىمىز ئىشلەتكەن ۋە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ياغاچتىن ياسالغان تۇرمۇش ۋە باشقا ساھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملىرىدىن بىر قىسىملىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن


بۆشۈك -ناھايتتى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلار ئويغۇرلارنىڭ بالا تەربىيىلىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن. بولۇپ، ئادەتتە بۆشۈكنىڭ ئېگىزلىكى 60 -70 سانتىمېتر ، ئۇزۇنلۇقى بىر مېتر ، كەڭلىكى 50 سانتىمېتر ئەتىراپىدا بولۇپ،ياغاچ ماتېرياللىرىدىن ياسىلىدۇ، قۇرۇلمىسى ئاساسەن شال، تىز، چېتىق، پوزا(بەل ياكى ئومۇرتقا). ناچا(ئارىلىق ئۆزەكلەر)، تەڭلە(تەڭلىك بالا ياتىدىغان قىسىمى) دىن تەشكىل تاپىدۇ.

تەڭلە — تەڭلىنىڭ ياسىلىشى ، شەكلى ، ماتېرىيالى كاسا بىلەن ئوخشاش بولۇپ،ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ:بىرخىلى،يىمەكلىكلەرنى تەييارلاش،قويۇش،ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان تەڭنە.ئۇ،ئادەتتە خېمىر يۇغۇرۇش،گۆش،نان قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى قويۇش ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.يەنە بىرخىلى تازىلىق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان تەڭنە.بۇ تەڭنىدە كىر يۇيۇش،يۇيۇنۇش ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ.كىر يۇيدىغان،يۇيۇنىدىغان تەڭنە چوڭ تەڭنە،ئارا تەڭنە دەپ ئاتىلىدۇ.تەڭنىلەر، يېزا – قىشلاقلاردىكى بىر قىسىم ئائىلىلەردە ھېلىھەم ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە .

كاسا — خېمىر يۇغۇرۇش،نان،قاچا-قۇچا ۋە كۆكتات ساقلاشقا ئىشلىتىدىغان قاچا بولۇپ ، ھازىرقى چوڭ داسنىڭ بۇرۇنقى شەكلى . كاسىنىڭ چوڭلىرىنىڭ ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 80 – 90 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ . كاسا سۆگەت ياكى ياڭاق ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . ئايلانمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىردىن ئارتۇقراق كېلىدىغان توم ياغاچنى 30 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ ، سىرتقى قىسمىنى ئاندىن ئىچىنى قىيدام كەكە دەپ ئاتىلىدىغان ئەسۋاپ بىلەن ئويۇپ سىلىقلىنىدۇ ، سىرتىغا نەقىشلەر ئويۇلىدۇ . بۇنداق كاسا ناھايىتى چىداملىق ، خېمىر يۇغۇرۇشقا ئەپلىك بولۇپ ، ھازىرمۇ ئىككى ، ئۈچ ئەسىر بۇرۇنقى كاسىلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ .

ئاياق — ئاياق،ئۇيغۇر ئويمىچىلىق سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ، تاماق يېيىشتە ئىشلىتىدىغان قاچا بولۇپ ، تۇرمۇشتە كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش ۋاستىسىدۇر . ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان فار – فۇر بۇيۇملار ياسىلىشتىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا ياغاچتىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرغان . ئاياق ساپ ، تەبىئىي ھېچقانداق خىمىيىۋى ماددا ئارىلاشمىغان تاماق قاچىسى بولۇپ ، كۆركەم ، چىداملىق ، چىرايلىق ، ئېغىزنى كۆيدۈرمەيدۇ . تاماق تېز سوۋۇيدۇ ، ھازىرمۇ نۇرغۇن دېھقان – چارۋىچلارنىڭ ئۆيلىرىدىن بۇنىڭدىن ئۈچ – تۆت ئەسىر ئىلگىرى ياسالغان ئاياقلارنى ئۇچرىتىشقا بولىدۇ . ئۇ ھازىر يېزا – قىشلاقلادا كەڭ ئىشلىتىلمەكتە .

جام — ئۇيغۇر ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ، ئالاھىدە ئىشلەنگەن تۇرمۇش ۋاستىسى بولۇپ ، ياساش ، ئىشلىتىش خام ماتېرىيالى جَەھەتتە ئاياق بىلەن تامامەن ئوخشايدۇ . پەقەت شەكلى جەھەتتىلا پەرقلىنىدۇ . جام ھەجىم جەھەتتىن ئاياقتىن كىچىك ، ئەمما ئاياقتىن ئېگىز بولۇپ گىرۋىكى تۈز بولىدۇ ، ئۇ تاماق ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ . ئەگەر جامغا تۇۋاق بېكىتىلسە تېخىمۇ ئەپلىك بولىدۇ . ھازىر بۇنداق جام تۇرمۇشتا خېلى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەكتە.

تاۋاق-ياغاچتىن ئويۇپ،قىرىپ ياسىلىدىغان پەتنۇس ياكى لىگەن شەكىللىك قاچا بولۇپ،ئۇ ئۈرۈك،تېرەك،توغراق ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ.ئۇنىڭ شەكلى يۇمىلاق،ئاستى تەرىپى تەگشى،يان تەرىپى قىيپاش،ئۈستى ئويۇلۇپ ياسىلىدۇ.ئادەتتە ئۇ گۆش قاتارلىق يىمەكلىكلەرنى قويۇشقا ئىلىتىلىدۇ.ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ چوڭ تاۋاق،ئارا تاۋاق،كىچىك تاۋاق دەپ ئايرىلىدۇ.

چۆمۈچ-چىلان ياغىچى،ئۆرۈك ياغىچى قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ،چۆمۈچنى مەخسۇس قوشۇق قىرىدىغان قىرمىچى ئۇستىلار قىرىدۇ.چۆمۈچ شەكىل جەھەتتىن قوشۇققا ئوخشايدۇ.چۆمۈچ،قوشۇقنىڭ چوڭايتىلغان شەكلى بولۇپ قىرىش ئۇسۇلى قوشۇق قىرىشقا ئوخشايدۇ.چۆمۈچ تاماق ياكى سۈيۈق نەرسىلەرنى ئۇسسۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.

قوشۇق — چىلان ياكى ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدىغان ، تاماق يېيىشتە ئىشلىتىدىغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاستىسىدۇر.ئۇيغۇرلارنىڭ قوشۇق ياساش ۋە ئىشلىتىش تارىخى 3000 يىلدىن ئاشىدۇ . ئۇ ئۇيغۇر ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتىدىكى مۇھىم نامايەندىلەرنىڭ بىرى . قوشۇق–قوشۇق ياسايدىغان ياغاچنى 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا كېسىپ ، ئوتتۇرىسىدىن يېرىپ ، سېپى تەرىپىنى ئىنچىكە قىلىپ ، باش قىسمىنى تەكشىلەپ ، ئىچى ئەگمە پىچاق بىلەن ئۇيۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كاشكات دەپ ئاتىلىدىغان ياي شەكىللىك يەنە بىر پىچاق بىلەن سىلىقلىنىپ ، سېپىغا تۈرلۈك نەقىشلەر ئويۇلىدۇ . ياغاچ قوشۇقنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئېغىزنى ئاسان كۆيدۈرمەيدۇ ، تاماق يېيىشكە قولايلىق ، چىداملىق ، بىر قوشۇقنى نەچچە ئون يىل ئىشلىتىشكە بولىدۇ . قوشۇق ھازىر تۇرمۇش بۇيۇمىدىن سەنئەت بۇيۇمى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى . باھاسىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولماقتا . چەت ئەللەرگە ئۇرۇق – تۇغقان يوقلاشقا ، ھەج – تاۋاپ قىلىشقا بارغان كىشىلەرمۇ يېقىن كىشىلىرىگە قىممەتلىك سوۋغا سۈپىتىدە قوشۇق ھەدىيە قىلماقتا .

نوگوي- چىلان ياغىچى،ئۆرۈك ياغىچى قاتارلىقلاردىن ياسىلىدۇ ئاساسلىقى سۇ ئۇسسۇشتا ئىشلىتىلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ، نوگوي، چۆمۈچنىڭ چوڭايتىلغان شەكلى بولۇپ ،قىرىش ئۇسۇلى قوشۇق ۋە چۈمۈچ قىرىشقا ئوخشايدۇ.
چۆچەك- ئۇ تېرەك، ياڭاق، سۆگەت، ئۈجمە ياغىچىدىن ياسىلىدۇ، ئۇ ئادەتتە كىچىك بالىلارنىڭ تاماق يېيىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، ھەجىم جەھەتتىن ھازىرقى پىيالىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ. كىچىك بالىلارغا چۆچەكتە چاي ۋە تاماق بەرسە ئېغىزىنى كۆيدۈرىۋېلىشتىن ساقلانغىلى ھەم تاماقنى تېز سوۋ ۇتۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

چىلاپچا-قول يۇغاندا ، ئېقىندى سۇنى چۈشۈرىدىغان داسسىمان ياغاچتىن ياسالغان تۇرمۇش بۇيىمىدۇر.چىلاپچىنىڭ ئۈستى قىسىمى يايپاڭ،ئاستى چۆچەك سىمان كېلىدۇ.بوغۇز قىسمى گۈل ۋە ھەرخىل نەقىش ئويۇلغان ياغاچ شال بىلەن توسۇلىدۇ.قول يۇغان سۇ ئويۇقلاردىن ئاستىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. چىلاپچا ئادەتتە يەڭگىل ۋە ئاسان سۇنۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قاپاق تېرەك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ.تۇچ،قەلەيلەردىن ياسالغان ئاپتۇۋا-چىلاپچالارنىڭ كەڭ ئۇمۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ياغاچ چىلاپچا تەدرىجى ھالدا ئىشلىتىلمىدى.

ھاۋانچا-دورا - دەرمەك ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى يانجىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئۆي سايمىنى بولۇپ،ئۆرۈك،چىلان ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ.ئالدى بىلەن ياڭاى ياغىچى توغرىلىپ،سىرتقى قىسمى سىلىقلانغاندىن كېيىن،ئىچى تەگشى ئويۇلۇپ،تېگىگە يەتكۈزلىدۇ.ئاندىن ئاستىن –ئۈستۈن گىرۋەكلىرىگە نەقىش ئويۇلۇپ،كۆركەم،چىرايلىق شەكىلگە كەلتۈرلىدۇ.بۇنداق ھاۋانچىلار ساپ،تەبىئىي بولۇپ،ئادەم بەدىنىگە ھېچ قانداق زىيىنى يوق.

تۈۋلۈك -چۈشۈرگۈدەپمۇ ئاتىلىدۇ.تۈۋلۈك ئاساسەن چەمبەر شەكلىدە، تىك تۆ ت بۇلۇڭ شەكلىدە ۋە كرېسىت شەكلىدە بولىدۇ. قازان چۈشۈرگۈنىڭ ئاستى تەرىپى تەكشى، ئۈستى يۈزى يانتۇ بولۇپ، بۇ خىل شەكىل قازانغا ماسلاشتۇرۇلغان بولغاچقا، قازان بىر تەرەپكە قېيىپ كەتمەيدۇ.

ئاشتاختا- ئۇزۇنلۇقى بىر مېتىر، قېلىنلىقى تۆت – بەش سانتىمېتىر، كەڭلىكى 20 سانتىمېتىر كېلىدىغان سىلىقلانغان تاختايدىن تەييارلىنىپ، ئۇنىڭغا نوغۇچ سەپلىنىدۇ. ئاشتاختا سۇپرا ئۈستىگە قويۇلۇپ، نوغۇچ بىلەن خېمىر يېيىلىدۇ، كەسمە چۆپلەر كېسىلىدۇ.

نانتاختا-دىيامېتىرى 40 – 50 سانتىمېتىرچىلىك كېلىدىغان دۈگىلەك، بىر چېتىدە تۇتقۇچى بار تاختاي بولۇپ، ئۇ نان زۇۋۇلا قىلىش، راسلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

پۇزا-ياغاچتىن ئىككى تەرىپى ئىنچىكە (تۇتقۇچلۇق) ، ئوتتۇرىسى توم قىلىپ ياسالغان ، مانتا ، سامسىلارنىڭ جىلتىسىنى ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ،ئۈرۈك،سۈگەت ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ. ئۇزۇنلىقى30-35سانتىمىتىر،دىئامېتىرى6سانتىمىتىرئەتراپىدابولىدۇ.

نوغۇچ-نوغۇچ ئۇزۇنلىقى70-80 سانتىمىتىر،دېيامىتىرى 3-4 سانتىمىتىر كېلىدىغان، سۈگەت،تېرەك،ئۈرۈك بەدرىلىرىدىن سىلىقلاپ ياسىلىدۇ.ئۇ،خېمىرنى يېيىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

چالغۇچ-چالغۇچ ئۇزۇنلىق50-60سانتىمىتىر،دىيامېتىرى3-4سانتىمىتىر كېلىدىغان سۈگەت،تېرەك،ئۈرۈك بەدرىلىرىدىن سىلىقلاپ، بىر ئۇچىنى كېرىست شەكىلدە يېرىپ چاقپىلەك شەكىلگە كەلتۈرلىدۇ.ئۇ،ئاساسەن ئۇماچ چېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

سوغا-ئەجدادلىرىمىز قول ھۈنەرۋەنچىلىككە تايىنىپ ياغاچتىن ياساپ چىققان،سۇتۇشۇش ھەم سۇساقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىرخىل تۇرمۇش بۇيۇمى. ئەڭ قەدىمكى سوغا توغراق،تېرەك ياغاچلىرىنىڭ پورلىشىپ ئىچى كاۋاك بولۇپ قالغانلىرىنى كېسىپ پورلىرىنى تازىلىۋېتىپ ئاستى قىسىمىغا توغراق،تېرەك تاختايلىرىدىن تەگلىك ئورنۇتۇپ،ياغاچ مىغ بىلەن مىغلاپ سۇئېقىپ ،تامچىلاپ قالمايدىغان قىلىپ ئېتىپ سۇتۇشۇش،سۇساقلاش ئىشلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش ۋاستىسى بولۇپ،قىرىش،يۇناش،تىلىش ھۈنەرلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ كەڭلىكى3-5سانتىمىتىر،قېلىنلىقى1.5سانتىمىتىر بولغان شالنى رەندىلەپ،سىلىقلاپ ئاستى تار،ئۈستى كەڭرەك قىلىپ قوراشتۇرۇپ ھەمدە بېلىنى ئوخشاش ئىككى يەردىن  سىم بىلەن باغلاش ئارقىلىق ياسايدىغان بولغان .

يېلىم چىلىغۇ- يېلىم چىلىغۇنىڭ شەكلى ھازىرقى غاز بويۇنلۇق ئەينەك رومكىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا جىگدە يېلىمىنىڭ چاچنى گۈزەللەشتۈرۈش رولىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ھەم يېلىمنى مەخسۇس ياسالغان يېلىم چىلىغۇغا چىلاپ  سۇيۇقلاندۇرۇپ ئىشلەتكەن. ئۇ چىلان ياكى ئۆرۈك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ.

رېھىل-رېھىل ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى مۇھىم تۇرمۇش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆركەم، نەپىسلىكى بىلەن ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇ مەخسۇس كىتاب ئوقۇشتا ئىشلىتىلىدۇ (كىتاب رېھىلنىڭئۈستىگە قويۇپ ئوقۇلى دۇ). ئۇ ئادەتتە ئۇزۇنلۇقى40cm ، كەڭلىكى 20cm، قېلىنلىقى 8cmكېلىدىغان تاختاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن تەكشى تىلىپ، تەبىئىي گىرە چىقىرىپ ياسىلىدۇ. ئۇنى ئاچقاندا قايچا ھالەتتە ئېچىلىدۇ. كىتابنى ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئوقۇسا، كىتاب بەتلىرى يېپىلىپ كەتمەيدۇ.

سەجۇۋا -سەجۇۋا ھازىرقى مېتال كىيىم ئاسقۇچىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى شەكلى بولۇپ،ئىككى خىل بولىدۇ بىرى:چىرايلىق، تۈز ئۆسكەن بوغۇمىدىن پۇتاق چىقىرىپ كۆپ شاخلىغان دەرەخ پۇتىقىنى كېسىۋېلىپ، ئۇنىڭ قوۋزاقلىرىنى ئېلىۋېتىپ سىلىقلاپ، چىرايلىق ئىشلەپ، كىيىم ئاسقۇچ قىلغان. يەنى ئوتتۇرىدىن چىققان شاخنى ئۇزۇنراق، ئەتراپلىرىدىن چىققانلىرىنى سەل قىسقىراق قىلىپ تەييارلاپ، ئۇنى ئۆينىڭ لىم ياغىچىغا ئورنىتىپ قويسا، ناھايىتى چىرايلىق كىيىم ئىلغۇچ بولىدۇ.يەنە بىرى:دىئامىتىرى 5-10سانتىمىتىر،ئۇزۇنلىقى1.5-2مېتىر كېلىدىغان بادرا ياغاچنىڭ ئىككى بېشىغا بوغماق شەكىلدە يول تارتىلىپ ياسىلىپ،ئىككى بېشى  تېشىلىپ  ۋە شوينا بىلەن باغلىنىپ،ئۆينىڭ قىبلە تەرىپىدىكى تامغا يېقىن جەگىگە ئېسىپ قويىلىدۇ.ئۇنىڭغا ئاساسەن چاپان،تون، كەمزۇل،كۆڭلەك قاتارلىق كىيىم كېچەكلەرئارتىلدۇرۇپ ئېسىپ قويىلىدۇ.ھازىرقى كىيىم ئاسقۇچ دەل سەجۇۋىنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىسىدۇر. سەجۇۋىنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك، پاكىزلىق ئېڭىنىڭ نامايەندىسى، كىيىم– كېچەكلەرنى سەجۇۋىغا ئېلىپ ساقلىغاندا پاكىز، رەتلىك ساقلىغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ناھايىتى بۇرۇنلا سەجۇۋىنىڭ رولىدىن ياخشى پايدىلانغان. سەجۇۋا ھازىرمۇ يېزا– قىشلاقلاردا تېگىشلىك ئورۇندا ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.

ساندۇق-ياغاچنى تىلىپ تاختاي قىلىدۇ. ساندۇق ئۆلچىمى بويىچە كېسىپ تاختاينىڭ بىر تەرىپى سىلىقلىنىدۇ. ئاندىن ئىككى بېشىغا ئەركەك – چىشى ئويۇق ئاچىدۇ ۋە ھەر بىر تەرتەپنىڭ تاختايلىرىنى يارا يېلىم بىلەن چاپلاپ پۈتۈنلەشتۈرۈپ، ئەركەك – چىشى ئويۇقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ يارا يېلىم بىلەن تۇتتۇرۇپ ساندۇق رامكىسىنى قۇراشتۇرىدۇ. ئاندىن ئاستىنى ياغاچ مىخ بىلەن مىخلاپ چەپچەك قويۇپ، ئاغزىنى گىرە بىلەن تۇتتۇرۇپ ئېچىلىپ – يېپىلىدىغان قىلىدۇ ۋە ئىككى يانغا تۇتقا، ئالدىغا قاغاتۇمشۇق بېكىتىدۇ.

دەم-دەم ،ئۆي ئىشىكلىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى،ئېگىز-پاكارلىقىغا قاراپ ياغاچتىن ياسىلىدىغان،كېچىلەردە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىشىك ئىچىدىن ئىشىك بىلەن زەگۈندە ئارىلىقىغا تىرەپ قويۇش ئارقىلىق،ئىشىكنىڭ خالىغان ئادەم ياكى بوران-چاپقۇننىڭ تەسىرىدە ئېچىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمىدۇر.دەم ئاساسلىقى ئۈجمە،ئۈرۈك بادرىلىرىدىن ياسىلىدىغان بولۇپ دىئامىتىرى5-6سانتىمىتىر،ئۇزۇنلىقى1-1.5مېتىر قىلىپ ياسىلىدۇ.

ئەپكەش –(لەڭگۈگ)-ئەپكەش تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان بۇيۇم بولۇپ،بۇرۇن سوغا،كېيىنچە بىر جۈپ چېلەكتە يىراق جايدىكى قۇدۇق،كۆللەردىن سۇ تۇشۇش ئۈچۈن كەشىپ قىلىنغان.ئەپكەش قارا سۈگەت ياغىچىدىن قېلىنلىقى3-5سانتىمىتىر،ئۇزۇنلىقى1.2-1.5مېتىر ئەتراپىدا رەندىلەپ سىلىقلاپ تەييارلىنىپ،ئىككى ئۇچىغا بوغماق چىقىرلىپ،ئۇچىغا ئۈجمە،ئۈرۈك شېخىنىڭ ئاچىماقلىق يېرىدىن  يېرىدىن چىقىرىلغان ئىلمەك باغلىنىپ،كەندىرنىڭ قوۋزىقىدا ئېشىپ ياسالغان شوينىنىڭ ئۈچىنى باغلاپ،ئىلمەكلەرگە سوغىنى ئىلىپ سۇ توشۇشقا ئىشلىتىلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى. سوغا ئورنىغا چېلەك.شوينا ئورنىغا سىم ئالماشتۇرۇلغان بولسىمۇئەپكەش ھازىرمۇ يېزا-قىشلاقلاردا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

سۆرەم-سۆرەمنىڭ ئۇزۇنلىقى 1.20- 1.30سانتىمىتىر،قېلىنلىقى 10سانتىمىتىر،كەڭلىكى20سانتىمىتىر بولۇپ،تېرىلغان يەرنىڭ ئۈستىدىن سۆرىتىپ چالمىلىرىنى ئېزىش ، يەرنى تۈزلەش ۋە شۇ ئارقىلىق نەملىكنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان دېھقانچلىق سايمىنى ،بولۇپ، ئۇ ئۈرۈك،جىگدە ياغاچلىرىدىن چاسلاپ،سىلىقلىنىپ،ئىككى بېشىدىن تۆشۈك ئېچىلىپ ياسىلىدۇ.يېزا قىشلاقلاردا،ھازىرمۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىۋاتىدۇ.

ئارا –دەستىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى cm150دىن cm160بولىدىغان،دەستىسىنىڭ ئىنىچكىرەك تەرىپىگە يۇلغۇندىن ياسالغان،ئۇچى ئۇچلانغان بەشتال چىش ئورنىتلغان .چىشلاربىلەن دەستىنى ۋە چىشلارغا قويۇلغان توغرا بالداقنى كالا،تۆگەقاتارلىق ھايۋانلارنىڭ پاتىڭىدا مەھكەم ئاجراپ كەتمىگۈدەك قىلىپ تېڭىپ دېھقانچىلىقتا(خامان سورۇش،بۇغداي ئەنچىسىنى قۇرۇتۇش،سامانلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن) ئىشلىتىدىغان ياغاچتىن ياسالغان چىشلىق سايمان.ئۇنىڭ ئۈچ چىشلىق، بەش چىشلىقلىرى بار.يېزا قىشلاقلاردا ھازىر مۇ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلمەكتە.

غەلۋىر — ئۇيغۇرلار چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن دېھقانچىلىق تۇرمۇشىغا قەدەم قويغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئىجاد قىلىنغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىسىدۇر .  غەلۋىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرنى پاكىزلەش ، دان ئايرىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ ، ياسىلىشى ئاددىي ، ئىشلىتىلىشى كەڭ ، غەلۋىر ساپ تېرەك ياغىچىدىن ياسىلىدۇ . ياغاچ نېپىزلىتىلىپ چەمبەر شەكلدە ياسىلىدۇ . ياغاچ نېپىزلىتىلىپ چەمبەر شەكلىدە ئېگىلىدۇ . ئاندىن ئۆچكە تېرىسىنى نېپىزلىتىپ ھازىرقى سىم تور شەكلىدە توقۇلىدۇ . ئەگەر توقۇلغان قىسمى ھۆل بولۇپ قالمىسىلا ئىككى ، ئۈچ يىل ئەتراپىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
   غەلۋىر دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پاكىزلاشتا ھازىرمۇ يېزا – قىشلارقلاردا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلمەكتە .

ئەگىرگۈ -(مۈرىۋەت) ئەگىرگۈ قوي، ئۆچكىلەرنى باغلاپ بېقىشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئەگىرگۈنىڭ شەكلى ياي (يېرىم ئاي) شەكلىدە بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىن تۆشۈك ئېچىپ، قىيىپ چىقىرىلغان بىر تال ئوق ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ قوي، ئۆچكىلەرنى باغلاپ بېقىشتا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ قوي، ئۆچكىلەر ھەر قانداق ھەرىكەت قىلسىمۇ ئارغامچىنىڭ ئۇچى ئايلىنىپ تۇرغاچقا، بوغۇلۇپ قالمايدۇ.

ئۇلاق-چارۋالارغا يەم-خەشەك بېرىشتە ئىشلىتىدىغان،ياغاچچى ئۇستلار ياسايدىغان چارۋىچىلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان تۇرمۇش ۋاستىسىدۇر.ئۇلاق توم تېرەك ياغىچىنى ئىككى مېتىر ياكى ئۇنۇڭدىن ئۇزۇن كېسىپ،ئىچىنى ئويۇپ،ياكى پورلاشقان تېرەك،توغراق ياغاچلىرىنىڭ بىر تەرىپىنى چانىۋېتىپ،ئىچىدىكى پورلاشقان قىسىمى ئېلىۋېتىلىپ ياسىلىدۇ،ئاستى تەرىپىگە پۇت ئورنىتىلىدۇ.


مۇشت-كىرگىزچى ياكى پاختا ئاتقۇچىلاردۇكاننىڭ زەي قىسمىغا ئۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان سايمىنى. مۇشتنى قىرمىچىلىق سەنئىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستىكارلار چىلان ياغ ىچىدىن ياسايدۇ. شەكلى جەھەتتە باش قىسمى يۇمىلاق، ئازراق قىر چىقىرىلغان، تۇتقىسى ئىنچىكە بولىدۇ. مۇشت نى زەيگە ئۇرغاندا پاختا ياكى يۇڭنى پاكىز يۇمشىتىدۇ.

چىغرىق- چىغرىق ئادەمنىڭ چوڭ بارمىقى توملۇقتىكى 2 تال چىلان ياكى ئۆرۈك ياغىچىنى سىلىقلاپ، 50cm ئەتراپىدا تەڭ كېسىپ، گىرەلەشتۈرگەندىن كېيىن 2 تەرەپنى 2 تال ئوق ياغاچقا بېكىتىپ، بىر تەرىپىگە قۇلاق چىقىرىپ ياسىلىدۇ. قول بىلەن ھەرىكەتلەندۈرگەندە، پاختا 2 تال چىشلىق ياغاچ ئوقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ چىگىتى ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلار يېقىنقى زامانلارغىچە بۇ خىل ياغاچ چىغرىقتىن پايدىلىنىپ كەلگەن. زامانىۋى چىغرىقلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئەگىشىپ ئىستېمالدىن قالدى.

لىڭگىرچاق-لىڭگىرچاق ئېشەك، توپاق قاتارلىقلارنىڭ توقۇمىنىڭ ئۈستى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرىلىدىغان جابدۇق بولۇپ، ئالدى تەرىپى تىك، ئارقا تەرىپى يانتۇ كەلگەن 2 تال ئەگمە ياغاچنىڭ ئاستى تەرىپىگە 2 تال تۈز تاختاينى تەكشى ئورنىتىپ، توقۇمنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى لىڭگىرچاقنىڭ ئىچىگە قىستاپ ئورناتقاندا ئېشەك ۋە توپاقلارنى زەخىملەندۈرميدۇ ھەم توقۇمنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەيدۇ. ئۇنىڭ ھەممە يېرىگە نەقىش ئويۇلۇپ ياسىلىدىغان بولغاچقا، تولىمۇ كۆركەم كۆرۈنىدۇ.

چاق _ قاناتلىق چاق ئارقىلىق يىكنى ئايلاندۇرۇپ يىپ ئېگىرىدىغان تانابلىق ئېگىرىش ئەسۋابى چاق ياغاچتىن ياسىلىدۇ. 80 سانتىمېتىرلىق تاختاينىڭ بىر بېشىغا 50 سانتىمېتىرلىق ئىككى ياغاچ 10 سانتىمېتىر ئارىلىق قويۇلۇپ ئورنىتىلىدۇ، يەنە بىر بېشىغا 20 سانتىمېتىرلىق ئىككى ياغاچ ئارىلىقتا يىپ تۇرغۇدەك قىلىپ تۇرغۇزۇلىدۇ. سەككىزدىن ئون ئالتە چىشلىق قىلىپ ياسالغان يۇمۇلاق ئىككى چاق پۇزا شەكىللىك ئوقنىڭ ئىككى تەرىپىگە بېكىتىلىپ، چاقنىڭ قارىمۇ قارشى چىشلىرى يىپ بىلەن ئۇدۇل چېتىلىدۇ ۋە چاق بىلەن يىك ئارىلىقىغا ئۆلچەم بويىچە تاناپ بېكىتىلىدۇ. بۇ تاناپ چاق بىلەن يىكنى ئايلاندۇرىدىغان تاسمىلىق رولىنى ئوينايدۇ.


ئىگەر-ئىگەر،ئالدى بىلەن ياغاچنى نېپىز، پارچە – پارچە تىلىپ ئاندىن ئۇنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىر – بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ توقۇلما شەكلىگە كەلتۈرۈپ، يەر يىلىمى بىلەن بىر – بىرىگە يەملەپ جىپىسلاشتۇرۇپ شەكىل چىقىرىلىدۇ. ئىگەرنىڭ ئالدى تەرىپى، ئىككى يان تەرىپى، كەينى يۆلەنچۈك تەرەپلىرىنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي پارچە تاختايلارنى يەر يىلىمى ئارقىلىق چاپلاپ قاتۇرۇپ ياسىلىدۇ. ئىگەر مۇقىم شەكىلگە كەلتۈرۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى ھۆل توپىغا كۆمۈپ تازا يۇمشىغاندىن كېيىن، تۈكلىرىنى پاكىز قىرىۋىتىپ ھۆل تېرە بىلەن ئىگەر قاپلىنىدۇ. ئاندىن بىر نەچچە كۈن ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇغاندىن كېيىن، ئىشلەتسە ناھايىتى مۇستەھكەم بولىدۇ.

ئەجدادلىرىمىز يۇقارقى بۇيۇملارنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشتىن تاشقىرى يەنە ياغاچتىن ياسالغان دەرۋازا،ئىشىك،رام،دېرىزە،جەگە،تۈبرۈك،پارامان ۋاسا،خەزنە،ئەگمىلىك ئاسما تاج،قوشقىراق ،كارىۋات ،كانتۇرا ،شىرە ،ئىشكاپ ،تۇگمەن ،جۇۋاز ،ئۈستەل – ئورۇندۇق ، چىراغ پاي ،ۋادەك ،تۇكۈچ ،لوڭقا ،زەمبىل،شوتا،سېۋەت ،ھارۋا،بوقۇسا ، چارەك،گۈرجەك،تاتقۇ ،رەت ،يالغۇزئوغۇل ،تۇقۇناق قاتارلىق كۆپلىگەن تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ياساپ ئىشلىتىپ كەلگەن. يېقىنقى يىللارغا كەلگەندە ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە قول-ھۈنەرۋەن،قىرمىچى ئۇستىلار بۇ،تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ تۈرى ۋە شەكلىنى تېخمۇ بېيىتىپ،ھەرخىڭ مېۋىلىك،مېۋىسىز دەرەخلەرنىڭ ياغىچىدا كۆركەم،نەپىس بولغان چۆچەك،پىيالە،تەخسە،قەلەمدان،چەينەك،لوڭقا قاتارلىق كۆپ خىل تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئىشلەپ چىقىرىپ،ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرى سۈپىتىدە بازارغا سېلىپ ياخشى بولغان ئىجدىمائىي ۋە ئىقدىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

ياغاچتىن ياسالغان تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ كۆركەم،چىداملىق،سالامەتلىككە پايدىلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشىپ،ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قىرمىچىلىق ھۈنەر-سەنئىتنىڭ يېڭى دەۋرىدىكى جۇلاسى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقماقتا.


ئىزاھلار:

[1]ئەزىزئاتاۋۇللا سارتېكىن:‹‹يادىكارلىقلاردىن مەدەنيىتىمىزگە نەزەر››شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى2005-يىلى 8-ئاي1-نەشىرى.51-بەت

[2]،[3]‹‹قەدمقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي داستانى ئوغۇزنامە››مىللەتلەر نەشىرياتى1997-يىل5-ئاي3-قېتىم بېسىلىشى.

[4]ئابلىز مۇھەممەت سايرامى:‹‹ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ھارۋىچىلىقى››،‹‹شىنجاڭ ئىقدىساد گېزىتى››،1995-يىلى10-ئاينىڭ25-كۈنىىدكى سانى.

[5]شىنجاڭ ئىجدىمائى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى:‹‹كۆنچى دەرياسى ۋادىسىدىكى گۇمۇگۇدىكى قېزىش ۋە دەسلەپكى تەتقىقات››،‹‹شىنجاڭ مەدىنيەت يادىكارلىقى –ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدىكى دەسلەپكى ھاسىلەت››،شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى 1995-يىل7-ئاي خەنزۇچە نەشىرى. مۆھتىرەم سۇلايمان: ‹‹ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشتا بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ قاچا-قۇچىلار توغرىسىدا مۇلاھىزە››،‹‹شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەرمۇنبىرى››دىكى ماقالىسىدە كەلتۇرگەن نەقىل

[6]،[7]،[8]مۆھتىرەم سۇلايمان: ‹‹ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشتا بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ قاچا-قۇچىلار توغرىسىدا مۇلاھىزە››،‹‹شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەرمۇنبىرى››80-بەت

پايدىلانغان ماتىرياللار:

[1] ئەزىزئاتاۋۇللا سارتېكىن:‹‹يادىكارلىقلاردىن مەدەنيىتىمىزگە نەزەر››شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى2005-يىلى 8-ئاي1-نەشىرى.

[2] مۆھتىرەم سۇلايمان: ‹‹شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەرمۇنبىرى››ژۇرنىلى.‹‹ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشتا بايقالغان ئەڭ بۇرۇنقى ياغاچ قاچا-قۇچىلار توغرىسىدا مۇلاھىزە››ناملىق ماقالىسى.

[3]مۇھەممەت يۈسۈپ،بېلقىز مۇسا ھاجى قەشقىرى:‹.ئۇيغۇرلاردا ساقلانغان يادىكارلىقلار››،شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشىرياتى،2008-يىلى 10-ئاي 1-نەشىرى.

[4]‹‹خويمۇ ئۇزخوتەن››،شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت-فوتوسۈرەت نەشىرياتى2010-يىلى 12-ئاي 1-نەشىرى.

[5]مۇھەممەدكامال خۇشخۇي:‹‹ئىستىمالدىن قالغان بەزى تۇرمۇش بۇيۇملىرى››،‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››2009يىللىق 2-سان



(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-4 10:39 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 159
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ   بولالماي  كۆزلىرىم  تىلىپ   كەتتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87065
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ر

بىر تال قوشوقنى 5 كوي  دەپ قىممەتلىكىنى شۇ،


ھازىرقى قىرمىچى ئۇستاملارغا ياغاچ ماتىرىيالى تەييار بولسا، 15 مىنۇتتىلا بىر ياغاچ قاچىنى ئويالايدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇقا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-4 09:46 PM  


ئەتىۋارىم ، ئاتا - ئانام

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7351
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 657 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرەققىيات ھامىنى كونىلىقنى باستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتىدۇ خالاس ~

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ ،

كۆرىمىز ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !

ANSWER   ( جاۋاب )

ياشىسۇن مۇسۇلمان ئۇيغۇر

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2186
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 24921
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2360 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ANSWER يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 09:59 PM
تەرەققىيات ھامىنى كونىلىقنى باستۇرۇپ ئۆتۈپ كىتىدۇ خال ...

  بەزىدە  شۇتەرەققىيات نى نى ئىسىل ئەنئەنىلەرنىمۇ  باستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئوغلۇم ، ئىسىڭدە چىڭ تۇت، ئاتاڭ ئۇيغۇر،ئاناڭ ئۇيغۇر.تۇمۇرۇڭدا ئېقىۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ  قېنى.........

ئەتىۋارىم ، ئاتا - ئانام

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7351
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 657 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hekmat-uyghur يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 06:14 AM
بەزىدە  شۇتەرەققىيات نى نى ئىسىل ئەنئەنىلەرنىمۇ  باس ...

ئاساسى بار

بىر كۈن شۇنداق ۋاقىت بولىدۇ كۆزگە - كۆزلەر قادىلىدۇ ،

كۆرىمىز ھىم ~ كىمنىڭ كۆزىدىن ياشلار ئاقىدۇ !

ANSWER   ( جاۋاب )

تويلار مۇبارەك!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1980
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 627 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ياخشى يىزىلىپتۇ.تېمىڭىزنىڭ ئۇتۇق قازنىشىغا تىلەكداشمەن.

ئەتىكى ئازاپنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بۈگۈنكى خۇشاللىقنىڭ نىمە كىرىگى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83018
يازما سانى: 172
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4545
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 207 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملارنىڭ كۆپىچىسىنى بىلمەيدىكەنمەن . تېمىڭىزنى ئوقۇپ بىلۋالدىم . كۆپ رەھمەت سىزگە ، ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 84076
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7439 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇقا يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 09:45 PM
بىر تال قوشوقنى 5 كوي  دەپ قىممەتلىكىنى شۇ،

تۆمۈر قوشۇقنىمۇ ئالىمىزغۇ ئون كويدىن.

سەن ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەر ئۈچۈن مىننەتدار بولۇپ باققانمۇ ؟ ھايات ساڭا شۇنى ئۇقتۇردىكى ، سەن يىغلاشقا يۈز سەۋەپ تاپقىنىڭدا كۈلۈشكە مىڭ سەۋەپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 84076
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7439 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-12-7
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىملەر بىلەن بىللە وشۇپ يوللىغان بولسىڭىز تېمىڭىزنى قىممىتى تېخىمۇ ئاشاركەنتۇق . لېكىن،خېلىلا ئىزدىنىپ رەتلەپ يازغان تېمىڭىزدىن،بىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك ئابىدىلەرنى تونۇتقان قەلمىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەندىمىز. رەھمەت.

سەن ئۆزۈڭدە بار نەرسىلەر ئۈچۈن مىننەتدار بولۇپ باققانمۇ ؟ ھايات ساڭا شۇنى ئۇقتۇردىكى ، سەن يىغلاشقا يۈز سەۋەپ تاپقىنىڭدا كۈلۈشكە مىڭ سەۋەپ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش