مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر سەھىپىسىگە
رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
ھەشەمەت
(ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن)
مەلىمىزدە بىر توي بولدى ھەشەمەت،
باغاق كۈنى ئون قوي سويدى،جامائەت.
سازچىلارمۇ كەپتۇدەكمىش يىراقتىن،
ياخشى بولدى ئۇلارغىمۇ تاپاۋەت.
ئۈچ كۈن بۇرۇن باشلاپ نەغمە-ناۋانى،
ھىرىپ قالدى ياشلار ئويناپ سامانى،
تالاشماستىن نېمە ئالسا باھانى،
سېخى قىلدى بىخىلنىمۇ ھەشەمەت.
مەلىمىزنى باشقا كەيدى سازچىسى،
تۆگىمەيدۇ ياكى ئىيتقان ناخشىسى،
شۇنىڭ ئۈچۈن كەتتى تالاي ئاقچىسى،
ئەلنى بىزار قىلدى بۇنداق ھەشەمەت.
دەۋران سۈرەي دەپ ئۆزىچە بىر مەھەل،
ئامال قىلىپ بارى-يوقنى قىلدى تەل.
ئاتا-ئانا كەتتى تۈلەپ كۆپ بەدەل،
شۇلارنىمۇ قان يىغلاتتى ھەشەمەت.
يۈتكەش ئۈچۈن كەتتى يۈزچە ماشىنا،
سەيلىگاھى بولدى ئىگىز ھەر بىنا.
قۇدا ئۆيى گەر بولسىمۇ تام قوشنا،
يىراق قىلدى ئارلىقىنى ھەشەمەت.
كىلىن قىزنى رىستۇرانغا يۈتكىدى،
رىستۇرانسىز كىلىن قىزمۇ كۈلمىدى.
ھەشەمەت دەپ ئەنئەنىنى سۆيمىدى،
نادانلارنىڭ ئارزۇسىكەن ھەشەمەت.
ئۈچ كۈن قىلدى كېچە-كۈندۈز تۇيىنى،
سورىۋەتتى تاپقان بىسات پۇلىنى.
بىلەلمىدۇق ئۇنىڭ تۇتقان يۇلىنى،
بىزنى شۇنداق قۇل قىلارمۇ ھەشەمەت.
تويدىن كىيىن توينىڭ چىيى دەپ تېخى،
رىستۇرانداچاي بەردىغۇ شۇ سېخى،
بايلىقىنىڭ قېقىلدىغۇ كۆپ شېخى،
يۇقسۇزلۇققا سەۋەب بولدى ھەشەمەت.
تويغۇ كەتتى ئاردىن ئۆتتى نەچچە ئاي،
ئەمما يىگىت يېشى ئىقىپ بولدى ساي.
شۇ ھەشەمەت قىلدى ئۇنى بىر گاداي،
پۇشمان يىدى يىغلاتقاندا ھەشەمەت.
رۇستەم قاراسۇ.....ئاتۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-4 08:12 PM