قەلبىم ئاللاھدىن قانچىلىك يىراقتا؟
(مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە)
سەھەر ، بامدات نامىزىدىن كىيىن ، قۇرئاننى ئۇقۇماستىن ياستۇقۇمنىڭ ئاستىغا باسۇرۇپ قۇيۇپ، تېلىفۇنۇمنى قۇچاقلىغىنمچە غەپلەتكە ماڭغىنىمدا ، قەلبىم مىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.
قېرىنداشلرىم ئېغىر كۈنلەرگە قالغاندا،ئۇلارنى تاشلىۋەتكىنىمدە ، ئۇلاردىن يىراقلىشىش ئۈچۈن تۈرلۈك باھانە سەۋەب ئىزدەۋاتقىنىمدا،ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرۇپمۇ چىن قەلبىمدىن چىقىرىپ كۈلەلمىگىنىمدە ،قەلبىم مىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمنى ئېيىتتى.
كوچىدا كىتىۋاتىمەن،ئۆزۈمنى ئۇنتىغانچە قاقاھلاپ كۈلۈپ، ئەشۇ مەززىسىز كۈلكىلەر ،مىنىڭ مەنزىلگاھىمنى ئۆچۈرمەكتە ئىدى، ئاللاھ ئاتا قىلغان نازۇ نىممەتلەردىن خالىغانچە بەھىرلىنىۋاتىمەن،تەييار لوقمىغا كۆنگەن ئارسىز نەپىسىم ئاللاھقا بولغان ھەمدۇ سانالارنى ئەقلىمدىن سۈپۈرۈپ تاشلىماقتا ئىدى، مەنزىلىم ئۇنتۇلغان،شۈكۈرلۈك يۈرىكىم بۇلغانغان ..... ھەم شۇ دەم قەلبىم مىنىڭ ئاللاھدىن يىراقلىشىۋاتقانلىقىمى ئېيىتتى.
ئالدىمدا تالاي مۇھتاج قوللار ئېچىلغان، تالاي سۇنۇق دىللار تەلمۈرگەن.... بىراق، نەپ ئۈچۈن سوقىۋاتقان يۈرىكىم،ئۇلارنى سەزمەيدۇ، بىراۋنىڭ قۇلدىكىگە تەلمۈرۈپ كۆنگەن كۆزۈم ئۇلارنى كۆرمەيدۇ، ھەقنىڭ يولى مىنى چاقىرىدۇ، ئاڭلىمايمەن، نەپىس ئەقلىمنى شۇنچىلىك كەسكەنكى، ئويلايمەن، ئەشۇ جەننەتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولسا ئىدى، ئەسلى ئىنسانلىقىم ئاندىن چىقاتتى، شەيتانغا دەرىس بېرەتتىم شۇ چاغ....
ئەشۇ دەم قەلبىم مىنىڭ ئاللاھدىن يىراقىلىشىۋاتقانلىقىمنى ئېيىتتى.
نامازدا تۇرۇۋاتىمەن،تىلىمدا ئاللاھنىڭ ئىبارىللىرى توختىماي يادلىناتتى،ئەمما يۈرۈكىم ھېچقانداق تىۋىشسىز،لەرزىسىز . تالاي مۆئمىنلىرىنىڭ يۈرىكىنى لەرزىگە سالغان ، كۆزۈدىن، يۈرىكىدىن دەريا ياشلارنى ئاققۇزغان ،زىمىندىكى بار مەۋجۇداتلارغا ھايات بېغىشلاۋاتقان ئۇلۇق ئىبارىلەر،قۇرئانلار ،ماڭا تەسىرسىز ،كۆزۈمدە بىر تامچىمۇ ياش يوق... دىمەك يۈرىكىم تاش كەبى قېتىپ قالغان، ۋۇجۇدۇم ئاللاھدىن يىراقىلىشىۋاتقان ئىدى. مەن ئۈچۈن ئاللاھنى ياد ئىتىش ،بىر خىل شەكىل ، ۋەزىپە بۇلۇپ قالغان . بىلدىمكى مەن قىلغان ئىبادەتلەر ھەقىقىي قەلبىمدىن چىققان ئەمەس، ئاللاھقا بولغان چىن مەنىدىكى ياد ئېتىش، سېغىنىش ئەمەس ، يۈرىكىمنىڭ چاقىرىقى ئەمەس ئىدى. شۇنداق قەلبىم ئاللاھدىن يىراقلىشىۋاتاتتى.
قېرىنداشلىرىم بىلەن جەننەتتە ئۇچرىشىشىقا قەسەملەشكەن ئىدىم، ھەم شۇنىڭغا يىتىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشىشقا نىيەت قىلغان ئىدىم. لىكىن شەيتاننىڭ قۇلى بۇلۇپ ، قەسىمىمنى ئۇنۇتقىنىمدا ، قەسىمىم ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن باش تارىتقىنىمدا، ۋۇجۇدۇم ،يۈرىكىم ئاللاھدىن ئاستا- ئاستا يىراقلىشىۋاتاتتى.
شۇنداق ، ئاللاھدىن ھەر كۈنى ھەر ۋاقىت يىراقىلىشىۋېتىپتىمەن، لىكىن ، ئەڭ قورقىنچلىق بولغىنى مەن ئۇنى قىلچىمۇ ھىس قىلالماپتىمەن،مانا بۈگۈن تۇيۇقسىز ھىس قىلغىنىمدا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم، جان جېنىم ئوتتا كۆيگەندەك پۇچۇلۇنىپ كەتتى، مەن خۇددىي ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان گۆدەك بالىدەك، جايناماز ئۈستىدە توختىماستىن سەجىدە قىلىپ، قەلبىمنىڭ ئاللاھدىن زادى قانچىلىك يىراقلىقتا قالغانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم. لىكىن.....لىكىن مەن ھېچنىمنى بىلەلمىدىم، قەلبىمنىڭ ئاللاھدىن قانچىلىك يىراقلىقىنى بىلىشكە مەندەك بىر ئاجىز بەندىنىڭ قۇدىرىتى يەتمەيدۇ ئەلۋەتتە. ئەي ھەممىنى بىلگۈچى ئۇلۇق ئاللاھ!!مەن ھىس قىلىشقا قادىر بۇلالمىغان ئەشۇ ئارىلىق زادى قانچىلىك؟!
ئىسىمدە، ئاللاھ ماڭا توغرا يولنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى، ئەمما مەن شەيتان قايمۇقۇشلار ئىچىدە، ئۇ يولدىن چەتنىدىم. ھەقنىڭ يۇلىنى ئۇنۇتتۇم،مەن ئۆزۈمدىن توختىماي سۇرايتتىم، " مەن نىمە ئۈچۈن بۇنداق بۇلۇپ قالىمەن؟" لىكىن ماڭا قىلچە جاۋاب يوق. ئەگەر ئۇ دۇنيادا ئاللاھ مەندىن مۇشۇنداق سۇرىسا مەن نىمە دەپ جاۋاب بىرەرمەن، ئەشۇ چاغدا قانچىلىك ئازاپلىنارمەن،قانچىلىك پۇشايمەن قىلارمەن، مەن ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.... قەلبىم ئاللاھدىن يىراقلىشىپ كەتكەن ئىدى.
ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر. ئۇلۇق ئىگەمدىن ئەشۇ ئىمانلىق قىز -ئوغۇللىرىغا ھەر ئىككى دۇنيالىق بەخىت سائادەت تىلەيمەن، ئاللاھىم پەقەت ساڭىلا ئىمان ئېيتىمىز، پەقەت سەندىنلا تىلەيمىز،سىنىڭ ئىلىملىرىڭنى تارقاتقان ۋە ئۆگەتكەن بەندىللىرىڭنى ئۆز پاناھىڭدا ساقلىغىن! قەلبىمىزنى مەڭگۈ سەن بىلەن يېقىن قىلغىن!
ئاللاھ، سىز ھەم بىزنىڭ ، بارىمىزنىڭ ئىمان ھەم ساداقىتىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن،ئامىن!!
ئىلھام ئەنۋەر نۇر ئوغلى
2012-يىل4-دىكابىر
شەھرى ئۈرۈمچى
(تەرجىمە ئاسىسدا ئۆزگەرتىپ يېزىلدى.)
( سەۋىيەم چەكلىىك ، كەم قالغان ،ياكى چولتا بۇلۇپ قالغان يەرلەر بولسا تورداشلارنىڭ تۇلۇقلاپ قۇيۇشىنى ، ھەمدە پىكىر تەكلىپ بىرىشىنى سۇرايمەن.)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilam20 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-4 07:12 PM