مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1762|ئىنكاس: 22

قۇمۇل نېمىشقا «سوفىيانە قۇمۇل » دېيىلىدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 05:04:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    1430-يىلدىن كېيىن ئىسلام دىنى ئەمدىلا تارقىلىشقا باشلىغان قۇمۇل رايۇنىدا تەرىقەت پىشىۋالىدىن مىرسەيىت جېلىل قاتارلىق ئىشانلار خەلق ئارىسىدا تەسەۋۋۇپچىلىقنى تەرغىب قىلغان . ئۇزاق مۇددەت بۇددا دىنى تەرىقەتلىرى ھۆكۇمرانلىقىدا بولغان قۇمۇل خەلقى ئىسلام دىنى تەسەۋۋۇپ پىكىر ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ، ئىشانلارغا ئىخلاس قىلغۇچىلار كۆپەيگەن. بۇ خىل قولاي شارائىتتىن پايدىلانغان خوجا ئەھمەت كاسانىينىڭ نەۋرىسى خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ قۇمۇلدا تەرىقەت سۈلۈكىنى يۈرگۈزگەن . بىر رىۋايەتتە ، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشان ئاپپاقمۇ قۇمۇلدا تۇغۇلغان.
     تۇرپاندىكى كېپەكبەگ تارخاننى ئۆلتۇرۇپ ، سىياسىي ھوقوقنى تارتىۋالغان ئىمىن سوپىمۇ تۇرپان، پىچان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تەسەۋۋۇپچىلىقنى كەڭ كۆلەمدە تارقاتقان.

    بەزى ماتېرىياللاردا ، قۇمۇلدىكى مۇسۇلمانلىق ئاساسەن ئىشانلار تەرىپىدىن ئوموملاشتۇرلۇپ پۇختىلانغان ، ھەتتا 16-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا كۆپلىگەن كىشىلەر تەرىقەت مۇرىتى بولغان . شۇڭا ، ئاھالە ئارىسىدا سوپىلارنىڭ كۆپلىكى ، خەلقنىڭ ياۋاش، مۇلاھىملىقىدىن قۇمۇل دىيارى " سوفىيانە قۇمۇل" دەپ ئاتالغان دېگەن گەپ بار.


مەنبە:  " ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات"  ( 2-قىسىم )، 246-بەت.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

القدس لنا ...!!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79844
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3520
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-5-7
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:44:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەزىزانە _ كاشىغەر
شەھىدانە _ خوتەن
غېرىبانە _ يەكەن
غازىيانە _ كۇچا
دەپ ئاڭلىغان ئىدىم چوڭلاردىن

ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سۇلتان قىلىدۇ.
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:56:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
hekmat-uyghur بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:56:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 08:02:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەكەن نېمىشقا پىرىيانە يەكەن دەپ ئاتالغان؟


شىنجاڭنىڭ يىقىنقى زامان تارىخدا ، بولۇپمۇ 15-ئەسىرنىڭ  ئالدىنقى يىرىمىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئارقىمۇ- ئارقا ئېقىپ كىرگەن ( قاراخانلار دەۋرىدىكىلەر بۇنىڭ سىرتىدا) تەسەۋۋۇرۇپ پىشىۋالىرىدىن سەمەرقەنتلىك خوجا مۇھەممەت شېرىپ بۇزرۈكۋار (ئابدۇرىشىتخاننىڭ پىرى) ، خوجا ئەخمەت كاسانى ( مەختۇم ئەزەم) ، خوجا ئەبەيدۇللا سۇرىددى ، مەختۇم ئەزەم ئوغۇللىرىدىن : خوجا مۇھەممەت ئىمىن ، خوجا مۇھەممەت يۈسۈپ ، خوجا ئاپپاق ؛ خوجا ئىسھاق نەۋېرلىرىدىن : خوجا دانىيال ، خوجا ياقۇپ ، خوجا ھاشىم ، خوجا قاسىم  قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق پىر-ئىشانلار جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ، قەشقەر ، يەكەن، خوتەن ھەتتا قۇمۇل رايۇنلىرىغا تارقىلىپ ، تەسەۋۋۇرۇپ تەرىقەتچىلىك پىكىر ئىقىمىنى كەڭ كۆلەمدە تارقارقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەكەن سەئىدىيە ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ  ئاستانىسى يەكەن شەھرىگە توپلىشىپ تەرىقەت سۇلۇكىنى يۈرگۈزگەن ، ھەتتا بەزىلىرى سىياسىي ئىشلارغا ئارىلىشىپ ئىنتايىن ئىچىنىشلىق ۋەقەلەرگە سەۋەپ بولغان ئىدى. بەزى خاتېرىلەردە ئاشۇ زاماندىكى يەكەننىڭ ھەر بىر كوچىسىدا بىر خانىقا ، ھەر مەھەللىدە بىر "ئىشان- پىركامىل" لار بار ئىدى. شۇڭا ، پۇتۇن پىر-ئىشانلار توپلانغان بۇ شەھەر "پىرىيانە يەكەن" دەپ ئاتالدى- دېيىلگەن رىۋايەت بار.



مەنبە: "ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات"  ( 2-قىسىم) ، 23-232-بەتلەر.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3792 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 08:17:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
.

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 08:26:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرپان نېمىشقا غېرىبانە تۇرپان دەپ ئاتالغان؟

تۇرپاندىكى يەرلىك خەلق ۋە پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىلى كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى "قۇرئان كەرىم"نىڭ "سۈرەكەھف" قىسمىدا بايان قىلىنغان "ئەسھەبۇلكەھف" ۋەقەلىكىنىڭ قاتناشچىلىرى تۇرپاندىكى تۇيۇق مازىرىدا (غارى) دا دەپ ئىخلاس قىلىشىدۇ.
تۇيۇق غارىدىكى "ئەسھابۇلكەھف" لار ئۇزاق جايلاردىن كەلگەن مۇساپىرلار بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى: يەملەيخا، ماكسىلىىمىنا، ئازارپەتۇنۇس، كاشاپەتۇنۇس، يۇۋانۇس يۇنۇس، قىتمىر قاتارلىقلار بولۇپ ، تاكى قىيامەتكىچە غاردا ئۇخلاپ ياتىدۇ ، دېيىلگەن. پۇتۇن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەر يىلى مىڭلاپ كىشىلەر بۇ مازارغا كىلىپ تاۋاپ ۋە دۇئا - تەلەپ قىلىدۇ. بىشىغا دەرت- ئەلەم چۇشكەنلەر يىغا-زارە بىلەن مەدەت سورايدۇ. مۇساپىر ئاتالغۇسى غىرىب مەنىسىنىمۇ بىلدۇرىدۇ . شۇڭا ، ئۇلۇغ كېشىلەر سىمۋۇلى بولغان " ئەھابۇلكەھف" تۇرپاندا بولغانلىقى ئۈچۈن "غىرىبانە تۇرپان" دەپ ئاتالدى دېگەن رىۋايەت بار.

يۇقارقى كىتاپ ، 251-بەت.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 08:27:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاقسۇ نېمىشقا غازىيانە ئاقسۇ دەپ ئاتالغان ؟

خەلق رىۋايەتلىرىدە ئىيتىلىشىچە ، ئاقسۇ شەھرى ئەتراپىدا ، قەدىمدىن ھەر خىل جەڭلەردە شېھىتلىك مەقامىغا يەتكەن ئاتاقلىق شەخىسلەر كەم ، تولاراق ئۇلار جەڭلەردە غەلبە قىلغان ، شۇڭا ، " غازىيانە ئاقسۇ" دەپ ئاتالغان . بىبى مەسۇم ئەزىزەم ئىپارخان 1759-يىلى ئۇرۇشتا ھايات قالغاچقا شۇ نام بىرىلدى ، دگۇچىلەر بار.

يۇقارقى كىتاپ ، 250-بەت.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 1199
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 17149
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1952 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 08:40:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۇچا نېمىشقا ۋەلىيانە كۇچا دەپ ئاتالغان؟

چىڭگىزخان بۇخارانى ئىشغال قىلغاندا ، بۇخارانىڭ مەشھۈر ئۆلىماسى شەيىخ ئىمام ھاپىز بۇخارى بىلەن مۇنازىرە ئىلىپ بارغان. ئىمام بۇخارى كەسكىن مۇنازىرە يۈرگۈزگەنلىكتىن چىڭگىزخان ئۇنى شېھىت، ئەۋلاتلىرىدىن 17 كىشىنى ئاق ئۆيلۇك قىلىپ قارابالاساغۇن يىنىدىكى كېلوران تىېغىغا سۇرگۇن قىلغان. 1227-يىلى چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كىيىن ، بۇخارىنىڭ ئەۋلاتلىرى چىڭگىزخاننىڭ ئىزباسارى قۇبلايخاننىڭ روخسىتى بىلەن ئازاد بولۇپ شىنجاڭغا كەلگەن. نەۋرىسى شەيىخ جاللىدىن دەسلەپ شەھرى كېتىككە، كىيىنرەك ئاقسۇ ئايكۆلدە ماكانلاشقان؛ تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ياردىمى بىلەن شىيىخ ئەرشىدىن بولسا كۇچادا ماكانلاشقان ، 1868-يىلى ياقۇپبەگ قۇشبېگى تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادى راشىدىن خان ئۆلتۈرلۇش بىلەن ئۇنىڭ نەسەبى ئاياقلاشقان.
ئىمام ھاپىز بۇخارىنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاساسەن كۇچاغا توپلانغانلىقى ئۈچۈن ، كۇچا « ۋەلىيانە كۇچا» دەپ ئاتالغان.


يۇقارقى كىتاپ ، 286-بەت.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87476
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 997
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 08:45:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بدر يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 07:44 PM
ئەزىزانە _ كاشىغەر
شەھىدانە _ خوتەن
غېرىبانە _ يەكەن
   
كاۋىيانە ئاقسۇ،
پاختىيانە ئاۋات،
تۈتەكيانە ئۈرۈمچى،
زارىيانە ئۈچتۇرپان،

دېگننىمۇ ئاڭلاپ قېلىڭ


   ھاھاھا..................

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش