مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3192|ئىنكاس: 40

چۇمادونىڭ خەتىرىنى بىلەمسىز؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 466
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 119 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 05:00:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چۈمادونى قالايمىقان جىق ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۆزى زەھەر چەككەنلىك

   

چۈمادونىڭ ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى: Tramadol Hydrochloride، ئورتاق ئاتىلىشى: گىدروخلورىد چۈمادو. چۈمادونىڭ رولى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، جىددىي ئاستا خاراكتىرلىك ئاغرىقلارنى توختىتىشتا ئۈنۈمى زور، بىردىنبىر ئاساسىي نېرۋا خاراكتىرلىك ئاغرىقنى توختىتىش دورىسى بولۇش سۈپىتى، ئۇنىڭ ئاغرىقنى توختىتىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى ۋە خۇمار بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش بىلەن مېدىتسىنادا كۆپلەپ ئىشلىتىشكە ئېرىشكەن. كۆپ ھاللاردا ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى ئاغرىقنى توختىتىش، راك كېسىلىنىڭ ئاغرىقى، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئاغرىقلارنى توختىتىش قاتارلىقلاردا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ، تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش داۋامىدا، سوغۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇشى، يۆتەل توختىتىش ۋە يەنە باشقا داۋالاش قاتارلىقلاردا، چۈمادونىڭ رولى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.


    ئەمما چۈمادونىڭ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى بىلەن بىرگە، چۈمادوغا خۇمار بولۇپ قېلىش مەسىلىسىمۇ دىققەتنى قوزغىدى. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، نورمال ئادەم كۈندە 200 مىللىگىرامدىن چۈمادونى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تەخمىنەن يېرىم يىلدىن كېيىن دورىغا بېقىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر كۈندە 300 دىن 400 مىللىگىرامغىچە (6 دىن 8 تابلىتقىچە) ۋە ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە خۇمار بولۇپ قالىدۇ. ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئاساسىي نېرۋىنى روھلاندۇرۇپ، نەپەسنى تورمۇزلايدۇ، ھەمدە چىداشلىق، خۇمار بولۇش ۋە باشقا ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ. گىدروخلورىد چۈمادوغا خۇمار بولۇش ھادىسىسى، يېقىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بايقالغان بولۇپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ دورىنى دۇنيادىكى بەش چوڭ قالايمىقان ئىشلىتىلىدىغان دورا قاتارىغا كىرگۈزدى.


    ئەگەر قالايمىقان ئىشلەتسە، گىدروخلورىد چۈمادو ئۆزى بىر زەھەر، خۇمار بولۇشتىن باشقا، يەنە كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىگەر-بۆرەك ۋە نېرۋا سىستېمىسىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنلۇققا ئۇچىرىتىپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىپ ئىنكاسىنى ئاستىلىۋېتىدۇ؛ ئىشتىھاسى ئاجىزلاپ، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشىدۇ؛ قەۋزىيەت، سۈيدۈك يولى توسۇلۇپ قالىدۇ؛ جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلايدۇ. يەنە، «تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغىلىش» مۇ چۈمادوغا خۇمار بولغاندىن كېيىنكى ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر كېسەللىك ئالامىتى. شۇڭلاشقا تۇتقاقلىق كېسىلى تارىخى بار بولغان ئائىلىلەردىكى ياش-ئۆسمۈرلەردە تۇتقاقلىق كېسىلى قوزغالغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى ئەڭ ئالدى بىلەن بالىنىڭ چۈمادونى قالايمىقان ئىشلەتكەن-ئىشلەتمىگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشى كېرەك. چۈمادوغا خۇمار بولغاندىن كېيىن يەنە پىسخىكىسى نورمال بولماسلىق ۋە مىجەزىدە ئۆزگۈرۈشلەر كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن يالغان سۆزلەش، ئالداپ پۇل ئېلىش، مىجەزى سەپرا بولۇش، باشقىلار بىلەن ئالاقە قىلغىسى كەلمەسلىك، ئۆزىنى كەمسىتىش، ئۆزىنى خورلاش، ئۆلۈۋېلىش قاتارلىقلار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئائىلە مۇناسىۋىتى ۋە جەمئىيەت فۇنكىسىيەسىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ، چۈمادوغا خۇمار بولغاندىن كېيىن داۋالاتمىسا ياكى داۋالاش نامۇۋاپىق بولسا، ئاسانلا زەھەر چېكىش ياكى بۇلاڭچىلىق قىلىش دېگەندەك جىنايەت يولىغا مېڭىپ قالىدۇ.


    دۆلەتلىك يېمەكلىك-دورىلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دورىلارنى باھالاش مەركىزىدىكى پروفېسسور سۈن جۇڭشې مۇنداق تونۇشتۇردى،  «گىدروخلورىد چۈمادو» يېنىك چىداشچان ۋە بېقىنىشچان بولۇپ، ئەگەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلەتمەي ياكى قالايمىقان ئىشلەتكەندە دورىغا بولغان بىر خىل بېقىنىش كېلىپ چىقىدۇ. يەنە بىر خىل مەنىدىن ئېيتقاندا خۇمار بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، قاتتىق ئاغرىغاندىن باشقا ۋاقىتتا، مېدىتسىنادا ئادەتتە دوختۇرلار «گىدروخلورىد چۈمادو» ئارقىلىق ئاغرىق توختىتىشنى تەۋسىيە قىلمايدۇ.



  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى 1964- يىلى مۇنداق ئېنىقلىما بەرگەن، دورىغا بېقىنىشچانلىق بولسا دورا ۋە ئادەم تېنى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشلىتىلىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل روھىي ھالەت بولۇپ، ئىزچىل ياكى قەرەللىك مەجبۇرىي ھالدا دورىنى ئىشلىتىش قىلمىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئاساسلىق مەقسىتى دورىنىڭ ئېلىپ كەلگەن روھىي تەسىرىدىن ھوزۇر ئېلىش، بەزىدە بولسا دورا ئىستېمال قىلىشنى توختاتقاندىن كېيىنكى بىئاراملىقتىن ساقلىنىشتۇر. «دورىغا بېقىنىشچانلىق بولسا دورىنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، گەرچە نورمال مىقدار ۋە ئۇسۇل بىلەن ئىشلەتكەندىمۇ زىيانلىق تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بۇ دورىنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.» سۈن جۇڭشې مۇنداق كۆرسەتتى، گىدروخلورىد چۈمادوغا بولغان بېقىنىشچانلىق دورىنىڭ بىر خىل بىر قەدەر ئېغىر بولغان  ئەكس تەسىرى بولۇپ، دوختۇر ۋە بىمارلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىشى  كېرەك، ھەرگىزمۇ قالايمىقان ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

    مەن ناھىيە دەرىجىلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىدىكى زەھەر چەكلەش خىزمەتچىسى، تۇنجى بولۇپ چۈمادوغا خۇمار بولىدىغانلىقنى بىلگەن ۋاقتىم ئۆزۈمنىڭ تۇغقىنىدىن باشلانغان، 2006- يىلى، بىر تۇغقىنىم مېنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ نەۋرىسىنىڭ كۈندە چۈمادو يەيدىغانلىقى، ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان، مىجەزىنىڭ غەلىتە، بەدىنىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ، مەسلىھەت سورىغىلى كەلگەن. مەن ئۇ چاغدا چۈمادىنىڭ خەتىرىنى كىتابتىن بىلگەن، لېكىن بىزنىڭ ناھىيىدە تېخى بۇ خىل مىسال يوق (مېنىڭ تۇغقىنىم بىزنىڭ ناھىيىدىن ئەمەس)، لېكىن چۈمادو يەنىلا رېتسىپلىق دورا، تېخى روھىي كېسەللىك دورىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى. مېنىڭ ياردىمىم ئاستىدا تۇغقىنىمنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دورا خۇمارىنى داۋالاش ئورنىغا ئاپىرىپ داۋالاتتۇق.
    ئىككى يىلدىن بۇيان مەن ئىزچىل مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى توپلاپ، بۈگۈن كۈندە ئاخىرى ماقالە قىلىپ يېزىپ چىقتىم، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىزىقىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى چۈمادوغا ئۆگىنىپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، دۆلىتىمىز 2008- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، گىدروخلورىد چۈمادونى دۆلەت ئىدارە قىلىدىغان ئىككىنچى دەرىجىلىك روھىي كېسەللىك دورىلىرى قاتارىغا كىرگۈزدى، چۈمادىنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ئۆزى زەھەر چېكىش ھېسابلىنىدۇ؛ چۈمادونى زەھەر چەككۈچىلەرگە سېتىپ بېرىشنىڭ ئۆزى زەھەر ئەتكەسچىلىكى ھېسابلىنىدۇ.



مەنبەسى: يارپ زەھەر چەكلەش ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تورى





ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
aptap104 + 50 يارايسىز .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21242
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8954
تۆھپە نۇمۇرى: 402
توردا: 1322 سائەت
تىزىم: 2010-12-7
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:26:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن كىچىك باللار كىچىسى تورخانىدا تۇنەيمىز دەپ ئەتىسى قارىسا نەچىسسى قىتىپ قىلۋاتقان ھەممسى مۇشۇ نىجىسنىڭ كاساپىتى ، ھازىر يەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇنداق تورخانىغا كىرۋىلىپ كىچىسى ئىستىمال قىلدىكەن ، بىر نەچچە قىتىم  ناھىيمىزدىكى تورخانلاردىن مۇشۇنداقلارنىڭ جەسىدى ئاچىققىنى كۆردۈم !!
ئۆزىمىزگە ھەم ئۇرۇق تۇققان ئىنىلىرىمىزگە دىققەت قىلايلى كىچىسى بالا چاقا ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ باللىرىنىڭ تورخانىدا تۈنەشنىڭ ئالدىنى ئالايلى !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87898
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1180
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2012-11-30
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:28:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت قىرىندىشىم.ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك تىمىكەن.ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

نۇر ئەھمەدجان روزى سۇلتاننۇر http://www.65933.cn/136183

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2682
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 28468
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   يېقىندا بىزنىڭ مەلىدىكى بىر بانكىر ئايالنىڭ  ئەمدىلا ئون سەككىزگە كىرگەن يالغۇز ئوغلى چۇمادونى كۆپ ئىستىمال قىلىپ قويۇپ  ئۇ ئالەمگە تولىمۇ بىھۇش كېتىپ قالدى.
         چىلىم، نەشە، چۇمادو دېگەن نىجىسلارنى ئىستىمال قىلىدىغان نىجىسلار  ئۆزىچە دورىلىق دەپ قويىدىكەن، مەنچە  بولغاندا  دىيارىمىزدا  ئۇنىڭ ئورنىنى باسىدىغان  ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ياخشى مىللى  تىبابەت دورىلىرى ۋە يېشىل مەھسۇلاتلار يوق ئەمەس.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47689
يازما سانى: 2682
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 28468
تۆھپە نۇمۇرى: 1286
توردا: 2527 سائەت
تىزىم: 2011-7-13
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:31:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مۇنبىرىمىزدە ئىلگىرى چۇمادو  قېپىنى باش سۆرەت  قىلىۋالىدىغان بىرى  بولىدىغان.

ئىتقاد مىللەتتىن ئۇلۇغ،چۈنكى   ئىتقاد   چېچىلىپ كەتكەن  مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرەلەيدۇ،ئىتقادىنى  يۇقاتقان ئىنسان  ھامان بىر كۈنى مىللىتىنىمۇ  ئۇنتۇپ كېتىدۇ.....

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشنى قىلىپ بەدەن چىرىيدىغان ئىشنى قىلماڭلار . بەدەن ساپاسى تۆۋەن مىللەتنى ، مۇش بىلەن ، ئەقىل ساپاسى تۆۋەن مىللەتنى ھىلە بىلەن ، تەرەققىي قىلمىغان مىللەتنى مىلتىق بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش . بۇ دىگەن ھەرقانداق ئەقىللىق ئادەم چۈشۈندىغان سۆز ...

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YAZR + 30 تېتىملىق

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 30   باھا خاتىرىسى

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:31:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشنى قىلىپ بەدەن چىرىيدىغان ئىشنى قىلماڭلار . بەدەن ساپاسى تۆۋەن مىللەتنى ، مۇش بىلەن ، ئەقىل ساپاسى تۆۋەن مىللەتنى ھىلە بىلەن ، تەرەققىي قىلمىغان مىللەتنى مىلتىق بىلەن ئۇجۇقتۇرۇش . بۇ دىگەن ھەرقانداق ئەقىللىق ئادەم چۈشۈندىغان سۆز ...

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئىللەت تۇزەلمەي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13343
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:39:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە  زەھەر چەكلەش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى

ئىللەت تۇزەلمەي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15457
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13343
تۆھپە نۇمۇرى: 552
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:39:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە  زەھەر چەكلەش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87606
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-11-23
ئاخىرقى: 2013-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:46:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aptap104 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 07:31 PM
ئىشنى قىلىپ بەدەن چىرىيدىغان ئىشنى قىلماڭلار . بەدەن س ...


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش